تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

تارىخىي خاراكتېرلىك ھالقىش ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەت

− يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگونىڭ «13- بەش يىل» مەزگىلىدىكى تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

«بىز پات ئارىدا <13 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلاندىكى ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى غەلىبىلىك تاماملاپ، پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىش يېڭى مۇساپىسىنى باشلايمىز».

2016 - يىلدىن 2020 - يىلغىچە، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە قويۇق، رەڭدار سەھىپە پۈتۈپ چىقىلدى.

ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى 100 تىرىليون يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلگە يېقىنلاشتى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GDP ئون مىڭ دوللاردىن بۆسۈپ ئۆتتى، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچ، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى يېڭى چوڭ پەللىگە كۆتۈرۈلدى.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا پات ئارىدا ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتى مەزمۇت قەدەم بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلاندى، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانى پات ئارىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

بەش يىل مابەينىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېگىزدە تۇرۇپ، يىراققا نەزەر سېلىپ، پىلان تۈزۈپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، تارىخىي خاراكتېرلىك ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

دولقۇننىڭ بېشىدا مەزمۇت تۇرۇپ، يول باشلاپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ يېڭى چوڭ پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش

نەچچە مىڭ مۇنارسىمان كىران، 100 مىڭدىن ئارتۇق قۇرغۇچى... بۇ يىل كۈزدە خۇابېي تۈزلەڭلىكىدىكى شيۇڭئەن يېڭى رايونى پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئەڭ چوڭ قۇرۇلۇش ئورنىغا ئايلىنىپ، ھەر كۈنى غول تارتىپ باراقسانلىدى.

2017 - يىلى 2 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭنەنخەيدىن يولغا چىقىپ، ئاپتوموبىللىق 100 كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈرۈپ، بۇ تۇپراققا كەلدى.

«شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى قۇرۇش بىر تۈرلۈك تارىخىي خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش»، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ئېنىق ئورۇن بەلگىلەپ بەردى.

بۈگۈنكى كۈندە، مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار پىلان، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى يۈكلەنگەن كەلگۈسىدىكى شەھەردە قاينام تاشقىنلىققا چۆمگەن قۇرۇلۇش مەنزىرىسى بارلىققا كەلدى.

شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ جەنۇبىدىن 2000 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتا شېنجېن چيەنخەي بار.

ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايوندىكى «ئالاھىدە رايون» ساھىلدىن يېڭى شەھەرگە ئۆزگەردى، 200دىن ئارتۇق ئىمارەت قەد كۆتۈردى، يېڭى قۇرۇلغان 173 مىڭ كارخانا ماكانلاشتى، 50 نەچچە تۈرلۈك تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە كۆپەيتىلىپ كېڭەيتىلدى.

شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يەردە دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكىلەرگە: جۇڭگو تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدىن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىدۇ، دەپ جاكارلىدى.

21 - ئەسىرنىڭ ئۈچىنچى ئون يىلىنىڭ باشلىنىشىدا، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى - شىمالىغا نەزەر سالساق، جۇڭگونىڭ بىپايان زېمىنىدا ھەربىر ئۇلۇغۋار پىلان رېئاللىققا ئايلىنىۋاتىدۇ، ھەربىر يۆگىمە رەسىم ئاستا - ئاستا ئېچىلىۋاتىدۇ.

بەش يىل ئىلگىرى، پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى. «كەلگۈسى بەش يىللىق دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى ياخشى تۈزۈش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ ماس ئالغا سىلجىتىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك، دۆلىتىمىز ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى چوڭ ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاراڭلىق، كۈچلۈك سۆزلىرى كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ.

بەش يىل ۋاقىتتا پەيتنى قولدىن بەرمىدۇق.

توختىماي سەكرەۋاتقان سان - سېپىرلار، سىجىل يېڭىلىنىۋاتقان رەت تەرتىپى چوڭ دۆلەتنىڭ قەدىمىگە گۇۋاھ بولماقتا، بارغانسېرى ئېشىۋاتقان ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى تۇرمۇشتىكى ئۆزگىرىشلەرنى نامايان قىلماقتا −

ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى 2015 - يىلىدىكى %15.5تىن 2019 - يىلىدىكى %16.3كە ئۆرلىدى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 70 مىڭ 892 يۈەنگە يېتىپ، دۇنيادا ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى ئوتتۇراھال كىرىملىك كىشىلەر توپىنى شەكىللەندۈردى؛ يېزا ئىگىلىكىدىن يۆتكەلگەن 100 مىليوندىن كۆپرەك نوپۇس يېڭى شەھەر ئاھالىسىگە ئايلاندى، 50 مىليوندىن كۆپرەك نامرات نوپۇس نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان جۇڭخۇا مىللىتىنى قىيىن ئەھۋالدا قويۇۋاتقان مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىنىدۇ...

ھەربىر نۇر چېچىۋاتقان ۋاقىت، قالتىس پەيتلەر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش مۇساپىسىدىكى ئاچقۇچلۇق تۈگۈنلەرنى بەلگە قىلىپ، تارىخنى ئۇنتۇماسلىق، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىشتىن ئىبارەت شەرەپلىك بۇرچنى زىممىسىگە ئالماقتا −

2017 - يىلى، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك ئېچىلىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ 2018 - يىلى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى داغدۇغىلىق تەبرىكلىنىپ، دۇنياغا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسى جاكارلاندى؛ 2019 - يىلى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كاتتا مۇراسىمىدا جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان دەۋر ئېقىمى مۇجەسسەملەندى...

جۇڭگو ياسىمىچىلىقى، جۇڭگو ئىجادىيىتى، جۇڭگو قۇرۇلۇشى بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ كۈچەپ، جۇڭگونىڭ يېپيېڭى قىياپىتىنى ئۈزلۈكسىز ياراتتى −

ياسىمىچىلىق قوشۇلما قىممىتى يەر شارىۋى نورمىنىڭ %30كە يېقىننى ئىگىلەپ، ئۇدا ئون يىل دۇنيا بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى؛ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 35 مىڭ كىلومېتىرغا يەتتى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول 150 مىڭ كىلومېتىرغا يېقىنلاشتى، ھەرىكەتچان جۇڭگونىڭ ھاياتىي كۈچى ھەممە تەرەپكە تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ؛ شياڭگاڭ - جۇخەي - ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكى ئۈچ جاينى تۇتاشتۇردى، بېيجىڭ داشىڭ خەلقئارا ئايروپورتى «سۇمۇرغ كەبى قانات قاقتى»، ھەربىر مۇھىم، زور قۇرۇلۇشلار دۇنيانى ھەيران قالدۇردى؛ C919 چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانى كۆك ئاسماندا پەرۋاز قىلدى، «جۇڭگو تيەنيەن» پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسى رەسمىي ئېچىلدى، 5G تورى تېز شەكىللەندى، يېڭىلىق يارىتىش ئۇلۇغ كۈچى سىجىل ئۇرغۇدى...

بەش يىل مابەينىدە، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچ، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى يېڭى زور پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، نەتىجىلىرى كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولغان جۇڭگو مۆجىزىسى داۋاملىق يارىتىلىپ، قالتىس جۇڭگو كۈچى نامايان قىلىندى.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يىراقنى كۆزلەپ پۇختا پىلان تۈزۈپ، چوڭ ۋەزىيەتنى كۆزلەپ، خەلقئارا، دۆلەت ئىچى تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى چوڭقۇر كۆزەتتى.

مەيلى «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپى بولسۇن، ياكى «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى بولسۇن، مۇقەددىمىنىڭ ھەممىسىدە دىققەت بىر ئاچقۇچلۇق سۆز − يېڭى نورمال ھالەتكە مەركەزلەشتى.

سۈرئەتنىڭ ئۆزگىرىشى، قۇرۇلمىنىڭ ئەلالىشىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنىڭ يۆتكىلىشى، بۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنىڭ يېڭى باسقۇچقا كىرگەنلىكىنىڭ قانۇنىيەتلىك نامايەندىسى، تېخىمۇ يۇقىرى تەرەققىيات مەنزىلىگە قاراپ مېڭىشتىكى مۇقەررەر تارىخىي جەريان.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى نورمال ھالەتكە كىرگەندىن كېيىنكى بىرىنچى بەش يىللىق يىرىك پىلان بولۇش سۈپىتى بىلەن، جەزمەن يېڭى نورمال ھالەتكە ئۇيغۇنلىشىشى، يېڭى نورمال ھالەتنى ئىگىلىشى، يېڭى نورمال ھالەتكە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

يېڭى نورمال ھالەتتە تەرەققىيات يولى قاياققا تۇتىشىدۇ؟

«<13 - بەش يىل> مەزگىلىدە دۆلىتىمىز تەرەققىياتتا ھەم سۈرئەتنى كۆزلەپ، ھەم ئېشىش مىقدارىنى كۆزلەپ، تېخىمۇ مۇھىمى سۈپەتنى كۆزلەپ، سۈپەتلىك، ئۈنۈملۈك، ھەقىقىي، ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېشىشنى كۈچەپ ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك»، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھۆكۈمى ئېنىق ھەم قەتئىي.

«ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە بولۇشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش ھەم ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك» − پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا بېكىتىلگەن يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى قانداق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش، تەرەققىياتنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇش مەسىلىسىگە ئىلمىي جاۋاب بەردى، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قېتىملىق چوڭقۇر ئۆزگىرىش.

پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادى يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا ئۆتكەنلىكى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

2017 - يىلى 12 - ئايدا، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى تەكشۈرۈشتە جياڭسۇ شۈيجوۋغا كەلدى. شۈگۇڭ گۇرۇھىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كارخانىنى دۇنيانىڭ ئالدىنقى سېپىنى كۆزلەپ، يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىياتنىڭ ياخشى ئەندىزىسى، ياخشى تەجرىبىسى ئۈستىدە تىرىشىپ ئىزدىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «يېڭىلىق يارىتىش كارخانىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنىڭ مەنبەسى، نۇرغۇن يادرولۇق تېخنىكىلارنى تاپقىلى بولمايدۇ، سېتىۋالغىلى بولمايدۇ».

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى نىشان قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى يۆنىلىش قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى تەرەققىيات دىرىژورلۇق تايىقى سۈپىتىدە، باشتىن - ئاخىر «13 - بەش يىل»لىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈلدى.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەۋقەنى يىراق كەلگۈسىگە قويۇپ، ئىستراتېگىيەلىك پىلاننى ياخشى تۈزۈپ، بىر ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاداققىچە تۈزۈشتە چىڭ تۇردى.

بەش يىلدىن بۇيان، كېچە - كۈندۈز ئومۇم ئۈچۈن ئىشلەپ، بوران - چاپقۇنلۇق مۇساپىنى باشتىن كەچۈردى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەكشۈرۈشتە بولغاندىكى ئاياغ ئىزلىرى كەڭ شەھەر، يېزا - كەنت، كارخانىلارنى قاپلىدى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى يىغىنى، مەركەز مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتى يىغىنى قاتارلىق مۇھىم يىغىنلارنى بىر - بىرلەپ رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، مۇتەخەسسىس - ئىلىم ئەھلىلىرى، كارخانىچىلار، ئالىملار، ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، «13 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا قارىتا بىر قاتار مۇھىم، زور ھۆكۈملەرنى چىقاردى، بىر قاتار مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلدى.

تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەپ، ۋەزىپە، تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش»قا تۈرتكە بولۇشتا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى؛

دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت ئۆزگىرىشىنى چىڭ ئىگىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى نىشانلاپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تىزگىنلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى؛

بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتى، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتى، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى، خەينەننىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، خۇاڭخې دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش، چېڭدۇ - چۇڭچىڭ رايونىنىڭ قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇلۇشى، دۆلەتنىڭ ھەربىر مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىرى رايونلار ماس تەرەققىياتىدىكى «يول»نى راۋانلاشتۇردى، ھەرقايسى چوڭ رايون بۆلەكلىرى ياخشى ھەمتۈرتكە بولدى؛

ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بازارلارنى يۇقىرى سەۋىيەدە ئېچىۋېتىپ، تۇتاشتۇرۇپ، شېنجېندىن ئىبارەت جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئالدىن يولغا قويۇلغان ئۈلگە رايونى ۋە خەينەن ئەركىن سودا پورتى لەڭگەر كۆتۈرۈپ يىراققا يۈرۈش قىلدى...

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قەتئىي سالماق بولۇپ، ئىرادىنى ساقلاپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى يېتەكلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆز ئىشىنى ياخشى بېجىردى.

«پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش» − بۇ، «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا جەزمەن ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ئالتە چوڭ پىرىنسىپنىڭ بىرى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئايرىم بىر باب ئېچىلىپ «پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش» توغرىسىدا تەپسىلىي ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

2018 - يىلى پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ قىسمەن ئاپپاراتلىرى بىرلەشتۈرۈلۈپ قايتا تەشكىللەندى، پارتىيەنىڭ پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئىگىلىشى، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشى تۈزۈلمە - مېخانىزم جەھەتتە يەنىمۇ كۈچەيتىلدى، يۆنىلىشنى ئىگىلەش، چوڭ ۋەزىيەتنى كۆزلەش، سىياسەتنى بېكىتىش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى يەنىمۇ گەۋدىلەندى.

بۇ بەش يىلدا، قانچىلىك بوران - چاپقۇن، ئوڭۇشسىزلىق، قىيىنچىلىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر پارتىيەمىز خەلققە مەھكەم تاياندى. «يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەش»، «ھەممە بىر نىيەتتە غەيرەت بىلەن ئىشلەش»، «بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ»... باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چاقىرىقى بىلەن پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىرلىكتە جان تىكىپ ئېلىشتى، بىرلىكتە كۈرەش قىلدى.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، دۇنيا داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە كىردى، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشى قارشى ئېقىمغا ئۇچرىدى، قورۇقچىلىق، يەككە تەرەپچىللىك كۈچىيىپ، دۇنيا ئىقتىسادى پەسكويغا چۈشۈپ قالدى، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا سۈركىلىشى كۈچەيدى، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى زورايدى، تەرەققىيات يولى تەكشى بولمىدى.

بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ سىياسىي كېڭەش ئىقتىساد ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: ئەتراپلىق، دىيالىكتىكىلىق، يىراقنى كۆرىدىغان نەزەر بىلەن ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ كىرىزىس ئىچىدە يېڭى پۇرسەت يېتىلدۈرۈش، ئۆزگىرىش ئىچىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

بۇ بەش يىلدا، مەيلى تاشقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىدىكى دەھشەتلىك دولقۇنلارغا جەڭ ئېلان قىلىش بولسۇن ياكى دۆلەت ئىچى تەرەققىياتىدىكى قىيىنچىلىق، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش بولسۇن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى باشتىن - ئاخىر تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، خەۋپ - خەتەرنى پۇرسەتكە ئايلاندۇردى.

2016 - يىلى ئېچىلغان مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمى پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى مۇھىم پىرىنسىپى قىلىپ بېكىتىلدى.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم بولۇشتىن ئاستىلاش ئاساسىدا مۇقىملىشىشقا، يەنە مۇقىملىق ئاساسىدا ئۆزگىرىشكە قاراپ يۈزلىنىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى باشتىن - ئاخىر مۇقىم بولۇشتىن ئىبارەت ئاساسىي رىتىمنى ساقلاپ، ئاساسىي تەرەپنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئاساسىي گەۋدىنى مۇستەھكەملىدى، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ئاساسىي يۈزلىنىشى ئۆزگەرمىدى، مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان دۇنياغا مۇقىملىق ۋە ئېنىقلىق قوشتى.

4.9%! بۇ يىلنىڭ 3 - پەسلىدە، جۇڭگو ئىقتىسادىدا ئۇدا ئىككى پەسىلدىن بۇيانقى مۇسبەتكە ئايلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، قايتا جانلىنىش تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدىكى يىغىندىدا مۇسبەت ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى يېقىنقى مەزگىلدە دوكلات ئېلان قىلىپ، 2020 - يىلى يەر شارىۋى ئىقتىسادنىڭ %4.4 چېكىنىدىغانلىقىنى، جۇڭگونىڭ يەر شارىدىكى مۇسبەت ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرغان بىردىنبىر ئاساسىي ئىقتىسادىي گەۋدە بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى.

«يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا مېڭىش جۇڭگونىڭ قۇدرەتلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارى ۋە تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى!» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاراڭلىق، كۈچلۈك سۆزى جۇڭگونىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئىشەنچى ۋە كۈچىنى نامايان قىلدى.

ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىش، ۋەزىيەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ يول ئېچىش جۇڭگو ناملىق غايەت زور پاراخوتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات مۇساپىسىگە يېتەكلىدى

«ئەينى چاغدا كۆپچىلىك بېلىق تۇتۇشتىن توختاپ قىرغاققا چىقىدىغانلىقىنى بىلىپ، ئىنتايىن تىت - تىت بولغان، تىرىكچىلىكىدىن ئەنسىرىگەنىدى. قىرغاققا رەسمىي چىققاندىن كېيىن، ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم بېرىشى، يۆلىشىدە، نۇرغۇن ياش ھۈنەر ئۆگىنىپ خىزمەت تاپتى» دېدى ئەنخۇي ئۆلكىسى ما ئەنشەن شەھىرىدىكى ئەسلىدىكى شۆجياۋا كەنتىنىڭ ئاھالىسى سەن گۇنياڭ.

سەن گۇنياڭنىڭ ئائىلىسىدە بەش كېمە بار ئىدى، چاڭجياڭ دەرياسىدا بېلىق تۇتۇش مەنئى قىلىنغاندىن كېيىن، بېلىقچىلىق كېمىسىنى چۇۋۇپ تۆلەم پۇلى ۋە ئۆتكۈنچى مەزگىللىك تۇرمۇش ياردەم تولۇقلىمىسىغا ئېرىشتى. بىر ئائىلە كىشىلىرى يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، ئېرى بېلىق قوغدايدىغان تازىلىقچى بولدى.

بۇ يىل 8 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەنخۇيدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا: «چاڭجياڭ دەرياسىدا بېلىق تۇتۇشنى مەنئى قىلىش بىر چوڭ ئىش، بۇ، 300 مىڭدىن ئارتۇق بېلىقچىنىڭ تىرىكچىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بەدەل ئاز ئەمەس، لېكىن پۈتۈن ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداشقا سېلىشتۇرغاندا يەنىلا ئەرزىيدۇ» دەپ تەكىتلىدى.

چاڭجياڭ دەرياسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئانا دەرياسى، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىدىكى مۇھىم تىرەك، ئىقتىسادنىڭ مۇھىم نۇقتىسى.

2016 - يىلى 1 - ئايدا، چۇڭچىڭدا چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان ئورۇنغا قويۇپ، كەڭ كۆلەمدە قوغداشنى ئورتاق تۇتۇش، كەڭ كۆلەمدە ئېچىش بىلەن شۇغۇللانماسلىقنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەزىم دەريا ئۆركەشلەپ ئاقتى، تاغ - دەريالار يېپيېڭى تۈسكە كىردى.

بەش يىلدا، دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ سالمىقى مىسلىسىز زور بولدى، 2019 - يىلى بىرلىك GDPنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى 2015 - يىلىدىكىدىن %13.2 تۆۋەنلىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 337 ۋىلايەت دەرىجىلىك ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك شەھەرلەرنىڭ ھاۋا سۈپىتى ئەلا بولغان كۈن سانى نىسبىتى %82كە يەتتى، يەر ئۈستى سۈيىنىڭ سۈپىتىⅢتۈردىكى سۇ نىسبىتىنىڭ %74.9ىگە يەتتى ياكى ئۇنىڭدىن ياخشى بولدى، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ باسقۇچلۇق نىشانى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلاندى.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇنۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى «بولۇش - بولماسلىق»تىن «ياخشى بولۇش - بولماسلىق»قا ئۆزگەردى.

بەش يىلدىن بۇيان يېڭىلىق يارىتىش يېتەكچى قىلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى ئالماشتۇرۇشنىڭ دەرۋازىسى ئېچىلدى −

«بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئالدىڭلارغا تەتقىق قىلىپ ئاچتىڭلارمۇ؟ بازار ئىگىلەش نىسبىتى قانداقراق؟» 2020 - يىلى 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭدۇڭدا چاۋجوۋ سەنخۇەن(گۇرۇھ) پاي چەكلىك شىركىتىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، بىر پارچە فارفۇر ئاساس تاختىسىنى قولىغا ئېلىپ كۆرگەچ سورىدى.

كارخانا مەسئۇلى باش شۇجىغا شىركەت قۇرۇلغان 50 يىلدىن بۇيان كۆڭۈل قويۇپ بىر ئىشنى قىلغانلىقىنى، يەنى ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرغانلىقى ۋە كەسىپنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولغانلىقىنى، نۆۋەتتىكى %90تىن كۆپرەك ئۈسكۈنىنى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئاچقانلىقىنى، نۇر كابېللىق خەۋەرلىشىش ئۇلىغۇچىغا ئىشلىتىدىغان فارفۇر قىستۇرما ئۆزەكنىڭ پۈتكۈل يەر شارى بازىرىدىكى ئىشلىتىلىش مىقدارىنىڭ %75تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

«كارخانىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئىقتىسادنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ھەممىسى ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىدۇ.» بۇ، باش شۇجىنىڭ سەمىمىي ئۈمىدى، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى.

2018 - يىلى 3 - ئايدا، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا گۇاڭدۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭىلىق يارىتىشنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

بەش يىلدىن بۇيان، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىدىن ئالىي مەكتەپلەرگىچە، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كارخانىلىرىدىن يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونلىرىغىچە باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭىلىق يارىتىش مۇھىم ئامىللىرى ئەڭ جانلانغان جايلارغا قايتا - قايتا باردى؛ مەركەزنىڭ يىغىنلىرىغا قاتنىشىشتىن ئاكادېمىكلار يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىشقىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى باشتىن - ئاخىر ئەستىن چىقارمىدى.

«جۇڭگوچە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇش»، «تېخىمۇ كۆپ ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلارنى ئىگىلەش»، «تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كارخانىنىڭ جان تومۇرى»... بەش يىل مابەينىدە، جۇمھۇرىيەتنىڭ تەدبىر بەلگىلىگۈچىسى باشتىن - ئاخىر پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى يادرولۇق ئورۇنغا قويدى.

ۋەزىپە دائىرىسىدىكى پەن - تېخنىكا نەتىجىسىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى ياكى ئۇزاق مۇددەت ئىشلىتىش ھوقۇقىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش قانات يايدۇرۇلدى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بۆلىكى تەسىس قىلىندى، پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئالاقىدار سىياسەت - تەدبىرلەر تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى؛

بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىدا خەلقئارا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، 50تىن ئارتۇق مۇھىم، زور پەن - تېخنىكا ئۇل ئەسلىھە تۈرى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، قۇرۇلۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بوشلۇقى ئورۇنلاشتۇرمىسى سىجىل ئەلالاشتۇرۇلدى؛

ئادەملىك ئالەم قاتنىشى ۋە ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىلىرى مول بولدى، سىپاللاتسىيەلىك نېيترون مەنبەسى قاتارلىق دۆلەتنىڭ بىر تۈركۈم مۇھىم قوراللىرى ئارقا - ئارقىدىن پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، سائەتلىك سۈرئىتى 600 كىلومېتىرغا يېتىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك ماگنىتلىق لەيلىمە سىناق پويىزى ياساپ چىقىلدى... بەش يىل مابەينىدە دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم، زور يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى ئارقا - ئارقىدىن بارلىققا كەلدى، بىر قىسىم ئالدىنقى سەپ ساھەلىرى تەڭ يۈگۈرۈش، يېتەكلەپ يۈگۈرۈش باسقۇچىغا قەدەم قويدى.

«كىرىزىس ئىچىدە پۇرسەت يېتىلدۈرۈش، ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتا جەزمەن پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن جاۋاب ئىزدىشىمىز كېرەك.» 2020 - يىلى 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى كىۋانت پەن - تېخنىكىسى تەتقىقاتى ۋە ئۇنى ئەمەلىي قوللىنىشنىڭ ئىستىقبالى توغرىسىدا كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلغاندا باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم شۇنداق دەپ تەكىتلىدى.

بەش يىلدىن بۇيان ئىسلاھات ۋەزىيىتىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سىجىل چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى −

«پۇرسەت سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا.» بۇ يىل 8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ماگاڭ ئەلا سۈپەتلىك قېتىشما تاياقچە ماتېرىيال سېخىدا تۆمۈر ئۇچقۇنلىرى چاچراپ تۇراتتى، سېخ ئىچى ئالدىراشلىققا تولغانىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، كارخانىنى تەرەققىياتنى تېزلىتىشكە ئىلھاملاندۇردى.

2016 - يىلىدىن ھازىرغىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ نۇرغۇن پولات - تۆمۈر كارخانىلىرىدا تەكشۈرۈشتە بولدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ھەم بىرىكىش ئارقىلىق دۇنيا دەرىجىلىك كارخانا قاتارىغا كىرگەن ما گاڭ گۇرۇھى بار، ھەم سىرتقا چىقىپ تەرەققىي قىلىپ زورايغان خېگاڭ گۇرۇھى بار؛ ھەم تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرغان شوۋگاڭ گۇرۇھى بار، ھەم پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قەدىمىنى تېزلەتكەن تەيگاڭ گۇرۇھى بار.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىزنىڭ پولات - تۆمۈر كەسپى ساھە بويىچە ئومۇميۈزلۈك زىيانغا پېتىپ قېلىشتىن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقىچە، يەنە ساھە ئۈنۈمىنى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزۈشكىچە، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى كۈچلۈك ئىسپاتلىدى.

بۇ بەش يىلدا، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقنى تۈگىتىش، قالدۇقنى تۈگىتىش، پىشاڭنى تۈگىتىش ئارقىلىق، دۆلىتىمىزنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىش نىسبىتى 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا %76.6كە يېتىپ، ماكرولۇق پىشاڭ نىسبىتىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش ۋەزىيىتى تىزگىنلەندى؛

تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق، 66 يىل ئېلىنغان تىجارەت بېجى تارىخ سەھنىسىدىن چېكىندۈرۈلدى، كارخانىلارنىڭ باج - ھەق يۈكى يەنىمۇ تۆۋەنلىدى، 2016 - يىلىدىن 2020 - يىلىغىچە يېڭىدىن كۆپەيگەن باج كېمەيتىش، ھەق تۆۋەنلىتىش سوممىسى جەمئىي 7 تىرىليون 600 مىليارد يۈەن ئەتراپىغا يەتتى؛

تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ۋەكىل قىلغان ھالدا، «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئومۇميۈزلۈك كۈچەلدى، كۆپ نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىندى، مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتلاردا ھەل قىلغۇچ نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

بەش يىلدا، بىر قاتار بەلگە خاراكتېرلىك، ئاچقۇچلۇق، يېتەكچى خاراكتېرلىك ئىسلاھاتلار ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتتى: دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتى يولغا قويۇلدى، دەريا باشلىقى تۈزۈمى، كۆل باشلىقى تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىلدى، مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا «كىشىلەرنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى قوغدالغاندىلا، ئۇلارنى خاتىرجەم قىلغىلى بولىدۇ» دېگەن سۆز مەركەزنىڭ ھۆججىتىگە كىرگۈزۈلدى، يېزا يەرلىرىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى، ھۆددىگەرلىك ھوقۇقى، باشقۇرۇش ھوقۇقىدىن ئىبارەت «ئۈچ ھوقۇقىنى ئايرىش» مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، سوت قىلىشنى مەركەز قىلغان جىنايى ئىشلار دەۋا تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئالغا سىلجىتىلدى، كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى مەركەز تەڭشەش تۈزۈمى ئورنىتىلدى...

يېقىندا، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى پەيتىدە، مەركەز تىزىملىك بويىچە تۈركۈملەپ ھوقۇق بېرىش شەكلى ئارقىلىق شېنجېنغا مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتتا تېخىمۇ كۆپ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ھوقۇقى بەردى، 27 ئىسلاھات تەدبىرى ۋە تۇنجى تۈركۈمدە ھوقۇق بېرىلگەن 40 ئىش تۈرىنى بىراقلا ئوتتۇرىغا قويدى.

بەش يىلدىن بۇيان ئېچىۋېتىش، يۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا ئۈزلۈكسىز يېڭى بوشلۇق ئېچىلدى −

«ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگونىڭ ئۆتكەن 40 يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئېچىۋېتىش شارائىتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن، كەلگۈسىدە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشمۇ جەزمەن تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن شارائىتتا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك».

2018 - يىلى 4 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2018 - يىلىدىكى يىللىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەپ، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىرادىسىنى شەرھلىدى.

138 دۆلەت ۋە 30 خەلقئارا تەشكىلات بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىق ھۆججىتىدىن جەمئىي 200ى ئىمزالاندى، 21 ئەركىن سودا سىناق رايونى تەسىس قىلىندى، يەر شارىۋى تىجارەت - سودا مۇھىتى رەت تەرتىپى 2019 - يىل 31 - ئورۇنغا ئۆرلىدى، ئىككى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى... بەش يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يۈزلەندى، ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىش تېزلىتىلدى.

بۇ يىل پۈتۈن يەر شارىدا يۇقۇم يامرىغان ۋەزىيەتتە، گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسى بۇلۇت تېرمىنالىغا چىقىرىلغاندىن تارتىپ مۇلازىمەت - سودا يەرمەنكىسى، ئىمپورت كۆرگەزمىسى قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلگەنگە قەدەر، جۇڭگو ئارقا - ئارقىدىن مۇھىم، زور خەلقئارا ئىقتىساد - سودا پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

«دۆلىتىمىزنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكى ۋە ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك»، بۇ يىل 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ئېچىلغان مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا، يېڭى مۇھىم، زور تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىچكى - تاشقى تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىنى ئىلمىي ئىگىلەپ چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر.

«دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلىش ھەرگىزمۇ ئىشىكنى تاقىۋېلىپ بېكىنمە ھالەتتە يۈرۈشتۈرۈش ئەمەس، بەلكى ئىچكى ئېھتىياجنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق، دۆلەت ئىچى بازىرى ۋە خەلقئارا بازارنى تېخىمۇ ياخشى تۇتاشتۇرۇپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.» بۇ يىل 7 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنىدا بايرىقى روشەن ھالدا قەتئىي تەۋرەنمەي ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلىدى.

خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، خەلققە بەخت يارىتىش، ئومۇمىي خەلقنى يېتەكلەپ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشقا قاراپ ئاتلىنىش

بىر تاغدىن ھالقىپ ئۆتۈشكە قانچە يىل كېتىدۇ؟

سىچۇەننىڭ دالياڭشەن تېغىدىكى تىك يار ئۈستىگە جايلاشقان ئاتۇلېر كەنتىدىكىلەر بۇ يەردە ئەۋلادمۇئەۋلاد نەچچە يۈز يىل ياشىغان. 2016 - يىلى 11 - ئايدىن بۇرۇن، كەنت ئاھالىلىرى سىرتقا چىققاندا پۈتۈنلەي «پەلەك شوتىسى»غا تايىناتتى.

«كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سىرتقا چىقىش ھالىتىنى كۆرۈپ، ناھايىتى بىئارام بولدۇم.» 2017 - يىلى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ لياڭشەن ئوبلاستىدىكى «تىك قىيا كەنتى»گە ئالاقىدار تېلېۋىزىيە خەۋىرى ئۈستىدە توختالغاندا، ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا بۇ سۆزنى قىلدى.

2020 - يىلى 5 - ئايدا، كەنت ئاھالىلىرى ئاخىر تاغدىن چۈشتى.

84 ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە، جەمئىي 344 ئادەم ئارقا - ئارقىدىن جاۋجۆ ناھىيەسى بازىرىغا جايلاشقان نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىكى يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈرۈلدى.

نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېشىدىن بېسىپ تۇرغان «نامراتلىق چوڭ تېغى»دىن ئاخىر ھالقىپ ئۆتۈلدى.

پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا «جەزمەن خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش، ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەرەققىياتنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىش كېرەك» دەپ تەكىتلەندى.

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش، ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەۋقە ۋە مەقسەت.

بەش يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى باشتىن - ئاخىر ئېغىشمايدىغان كۈرەش نىشانى قىلىپ، تەرەققىيات خەلق ئۈچۈن بولۇش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلق ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش جەريانىدا تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرىنى ياخشى قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.

− يۈگۇڭ ئىرادىسىنى تىكلەپ، ئاتاكا سىگنالىنى ياڭرىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ھەل قىلغۇچ جەڭ باسقۇچىغا كىرىشكە يېتەكلىدى.

نامراتلىق «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىز تەرەققىياتىدىكى ئەڭ گەۋدىلىك كەمتۈكلۈك.

2015 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، دۆلىتىمىز يېزىلىرىدا يەنە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 54 مىليون 330 مىڭ نامرات نوپۇس بولۇپ، غەربىي قىسىمدىكى كۆپ ساندىكى ئۆلكىلەردە نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى %7تىن ئاشاتتى، نامراتلىق دەرىجىسى ئېغىر، نامراتلار سانىنى ئازايتىش تەننەرخى يۇقىرى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى چوڭ ئىدى.

بىرلا غەيرەتكە كېلىپ، پۈتۈن كۈچلەر جەڭگە ئاتلاندى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى جەڭگە ئاتلىنىپ، ئۆزى جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلدى. بەش يىلدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ زېھنىي كۈچىنى ئەڭ كۆپ سەرپ قىلغىنى نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى بولۇپ، ھەر يىلى بىر قېتىم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەخسۇس تېمىلىق سۆھبەت يىغىنى ئېچىشتا چىڭ تۇردى، نامرات رايونلارغا سىجىل، داۋاملىق چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈردى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، نامرات كەنتلەرگە بىر - بىرلەپ بېرىپ نامراتلارنى زىيارەت قىلىپ، ھال - ئەھۋال سورىدى، نامرات ئاممىغا ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلدى.

شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىمنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىقى ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ياخشى ئىشلەشتىن تارتىپ ئېغىر نامرات رايونلاردا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تېز ئالغا سىلجىتىشقىچە، يەنە «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىشقىچە، ھەر قېتىم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدىكى مۇھىم تۈگۈن، ئاچقۇچلۇق پەيتكە كەلگەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ تېخىمۇ ئېنىق پىكىر يولىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تېخىمۇ دەل جايىدا تەدبىرلەرنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

مەركەز بىرتۇتاش پىلانلايدىغان، ئۆلكە باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان، شەھەر، ناھىيە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتىدىغان خىزمەت مېخانىزمىنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، 2017 - يىلىدىن باشلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەر يىلى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈپ باھالاش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى.

ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 2020 - يىلى 3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئەڭ چوڭ كۆلەملىك يىغىنغا قاتنىشىپ، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن ناھىيە دەرىجىلىككىچە بولغان كادىرلارغا بىۋاسىتە تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بەش يىلدا جەمئىي 2 مىليون 900 مىڭدىن ئارتۇق 1 - شۇجى ياكى كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلدى؛

باش شۇجى باشتىن - ئاخىر غېمىنى يەپ كېلىۋاتقان «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»تا، نامرات نوپۇس 2017 - يىلىدىكى 3 مىليون 50 مىڭدىن 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى 430 مىڭغا ئازايدى؛

باش شۇجى كۆڭۈل بۆلگەن «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» مەسىلىسى ئومۇمىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى ۋە ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىندى...

«13 - بەش يىل»نىڭ ئالدىنقى تۆت يىلىدا، دۆلىتىمىزدە نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى 2015 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى %5.7تىن 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى %0.6كە تۆۋەنلىدى. ھازىر، قالپىقى ئېلىۋېتىلمىگەن 52 نامرات ناھىيە ۋە 1113 نامرات كەنت ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، نامراتلىق قورغىنىغا ئەڭ ئاخىرقى ھۇجۇمنى قوزغىماقتا.

بۇ يىل 9 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ 75 - نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسىدە پۈتۈن دۇنياغا تەنتەنىلىك مۇنداق جاكارلىدى: «بىزنىڭ قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇشقا، <بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى>دىكى نامراتلار سانىنى ئازايتىش نىشانىنى مۇددەتتىن ئون يىل بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىشەنچىمىز بار».

− دىققەت خەلق تۇرمۇشىدىكى «كىچىك ئىشلار»غا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى كەمتۈكلۈكلەر تولۇقلىنىپ، ئادىللىق، ھەققانىيلىق ئىلگىرى سۈرۈلدى، تىرىشىپ خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى سۈپىتى تېخىمۇ ئاشۇرۇلدى، بەخت تۇيغۇسى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىندى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.

شىمالدىكى رايونلاردا قىش پەسلىدە پاكىز ئىسسىنىش ئالغا سىلجىتىلدى، ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىش يولغا قويۇلدى، ياشانغانلار ساناتورىيەلىرىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتى ئۆستۈرۈلدى...

2016 - يىلى 12 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت مالىيە - ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 14 - قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، «13 - بەش يىل» يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا بېكىتىلگەن 165 تۈرلۈك مۇھىم، زور قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ ئىلگىرىلىشى ۋە خەلق ئاممىسى ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەتقىق قىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ساقلاش بىلەن بىللە، تېخىمۇ مۇھىمى خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئامما ئويلىغاننى ئويلاپ، ئامما ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ئىشلىگەنلەر ھەق ئالالايدىغان بولۇش، ئاغرىقلار داۋالىنالايدىغان بولۇش، ياشانغاندا كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ئۆيسىزلەرنىڭ تۇرىدىغان جايى بولۇشتا سىجىل يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك».

دىققەت ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەنسىرەۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، «كىچىك ئىش»لارمۇ چوڭ ئىش قاتارىدا بېجىرىلدى.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلق ئاممىسى ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان، قايتا - قايتا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ تەدبىر تۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ زېھنىي كۈچ سەرپ قىلىپ، بىر - بىرلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتتى:

بەش يىلدىن بۇيان، شەھەر - بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار جەمئىي 60 مىليوندىن ئاشتى، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى، يېڭى كەسىپلەر ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلدى؛

بەش يىلدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە كەپە ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا تەخمىنەن 23 مىليون يۈرۈش ئۆي سېلىش باشلىنىپ، 50 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ «كەپە ئۆيدىن چىقىپ بىناغا كىرىشى»گە ياردەم بېرىلدى، 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، 38 مىليوندىن ئارتۇق قىيىنچىلىقى بار ئامما ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيلىرىگە كۆچۈپ كىردى، 22 مىليونغا يېقىن قىيىنچىلىقى بار ئامما ئىجارە ياردەم تولۇقلىمىسى ئالدى؛

بەش يىلدىن بۇيان، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە %99.8 مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى ئۆلچەمگە يەتتى، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا ئوقۇشتىن توختاپ قالغان ئوقۇغۇچىلار نۆللەشتۈرۈلدى؛

بەش يىلدىن بۇيان، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش سالمىقى ئۈزلۈكسىز زورايدى، مۇلازىمەت ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئورۇنلىرىنىڭ كارىۋات سانى 7 مىليون 610 مىڭدىن ئاشتى، 30 مىليونغا يېقىن ياشانغان كىشى ياشانغانلار ياردەم تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولدى؛

بەش يىلدىن بۇيان، ساغلام جۇڭگو ئىستراتېگىيەسى پۇختا قەدەم بىلەن يولغا قويۇلدى، 2019 - يىلى دۆلىتىمىز كىشىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمرى 77.3 ياشقا يەتتى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشنىڭ قاپلاش نىسبىتى مۇقىم ھالدا %95تىن يۇقىرى بولدى، ئاساسلىق ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى ئومۇمىي جەھەتتىن ئوتتۇرا، يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.

بەش يىلدىن بۇيان، دېموكراتىيە، قانۇنچىللىق دەۋر بىلەن تەڭ قەدەمدە، ئىسلاھات بىلەن ماس قەدەمدە ئىلگىرىلىدى، بىر تۈركۈم مۇھىم قانۇنلار ۋە قانۇن مەسىلىلىرىگە ئالاقىدار قارارلار ئارقا - ئارقىدىن تۈزۈلدى، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى ماقۇللاندى، ۋاكسىنا باشقۇرۇش قانۇنى ئېلان قىلىندى، مۇھىت ئاسراش قانۇنى، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى...ئىلمىي قانۇن چىقىرىش، دېموكراتىك قانۇن چىقىرىش، قانۇن بويىچە قانۇن چىقىرىش چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى.

− خەلق ھەممىدىن ئەلا، ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، چوڭقۇر خەلقچىل ھېسسىيات نامايان قىلىندى.

بۇ يىل 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى سائەت نۆلدە، چىڭداۋ شەھىرىدىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئاساسەن تاماملاندى، بەش كۈندە ئېلىنغان ئەۋرىشكە 10 مىليون 890 مىڭدىن ئاشتى.

«خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، بىز ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن يانمايمىز!» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى قەتئىي، كۈچلۈك بولدى.

ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان، تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ مەيدان ئىس - تۈتەكسىز ئۇرۇشنى كەسكىن باشلىدى.

10 مىليون نوپۇسى بار چوڭ شەھەر ۋۇخەندىن ئايرىلىش يولىنى تاقىدى؛ 40 مىڭدىن ئارتۇق تېببىي خادىم كېچىلەپ تېز بېرىپ ياردەم بەردى؛ 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگولۇق ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلدى.

تۇغۇلغىنىغا ئەمدىلا 30 نەچچە سائەت بولغان بوۋاقتىن 108 ياشلىق ياشانغان كىشىگىچە، ھەربىر ئاغرىقتىن ۋاز كەچمىدى؛ مەملىكەت بويىچە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىقلارنىڭ كىشى بېشى داۋالىنىش خىراجىتى 23 مىڭ يۈەن، بىر قىسىم خەتەرلىك ئېغىر ئاغرىقلارنىڭ داۋالاش خىراجىتى نەچچە يۈز مىڭ يۈەنگە يەتتى ھەتتا مىليون يۈەندىن ئاشتى، ھەممىسىنى دۆلەت ئۈستىگە ئالدى...

سەمىمىي مۇھەببەت ئەسلىي مەقسەتنى نۇرلاندۇردى.

«14 - بەش يىل» مەزگىلى پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلايدىغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىدىغان تۇنجى بەش يىل، دۆلىتىمىز يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىدۇ.

پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان يىراق كەلگۈسى نىشانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ قاراپ چىقىلىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى جۇڭگونىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا يۆنىلىش ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلىدۇ، پىلان تۈزۈلىدۇ.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەڭگۈ بوشاشمايدىغان روھىي ھالەت ۋە توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتىنى باشتىن - ئاخىر ساقلىساقلا، بىز جەزمەن يېڭى، تېخىمۇ زور مۆجىزە يارىتىپ، يېڭى، تېخىمۇ زور غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.

(مۇخبىرلار جاۋ چاۋ، چى جۇڭشى، ئەن بېي، چېن ۋېيۋېي، خۇ شۆجىڭ)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.