تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئىلغارلارنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن سەييارە دوكلات بېرىش ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى

لى پېڭشىن كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئىلغارلارنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن سەييارە دوكلات بېرىش ئۆمىكى 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن 24 - كۈنىگىچە ئاپتونوم رايونىمىزدا سەييارە دوكلات بېرىشنى قانات يايدۇرىدۇ. 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچىدە گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر شيا گېڭشېڭ باشچىلىقىدىكى دوكلات بېرىش ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن لى پېڭشىن، جاڭ بو كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ھەم پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن، مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئىلغارلارنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن سەييارە دوكلات بېرىش ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ لېكسىيە سۆزلەش، دوكلات بېرىشنى قانات يايدۇرغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە مۇھىم ئورۇنغا قويدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى جەڭگە ئاتلىنىپ، ئۆزى جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن نامراتلار سانىنى ئازايتىش مۇساپىسىنى باشلاپ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى «ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھېكايىسى»نى يېزىپ چىقتى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك، ھەرقايسى تارماقلار ۋە ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بۇ قېتىمقى ئىلغارلارنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن سەييارە دوكلات بېرىشنى پۇرسەت بىلىپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئىلغار تىپلارنىڭ تەسىرلىك ئىش ئىزلىرى ۋە كۈرەش قىلىش روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللىرىنى ئەستايىدىل ئۆرنەك قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئۈلگىنىڭ كۈچىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشتىكى ئاڭلىق ھەرىكەت ۋە ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھالىتىنى ساقلاپ، ئىشنى ياخشى باشلاپ، ياخشى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئىشنى ياخشى قىلىپ، ياخشى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى زورايتىش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى چىڭ تۇتۇپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەكشۈرۈش - ئۆلچەش ۋە ياردەم بېرىش - يۆلەش تۈزۈم - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سىياسىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

شيا گېڭشېڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. دوكلات بېرىش ئۆمىكى ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھىنى ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەجرىبىلىرىدىن ياخشى تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىشقا يەنىمۇ رىغبەتلەندۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ تاماملاش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.