تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ روھىنى جەزمەن مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇپ ۋارىسلىق قىلىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەۋج ئالدۇرايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ھەققانىيەتنىڭ غەلىبىسى، تىنچلىقنىڭ غەلىبىسى، خەلقنىڭ غەلىبىسىدۇر. بۇ ئۇلۇغ غەلىبە جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرغاندىن كېيىن دۇنيانىڭ شەرقىدە قەد كۆتۈرگەنلىك خىتابنامىسى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشكە قاراپ ماڭغانلىقىنىڭ مۇھىم ئابىدىسى بولۇپ، جۇڭگو ۋە دۇنياغا نىسبەتەن مۇھىم، زور ھەم چوڭقۇر، ئۇزاق ئەھمىيەتكە ئىگە.

10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسى ۋە غايەت زور تۆھپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتتى، خۇلاسىلىدى، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش روھىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى ۋە دەۋر قىممىتىنى چوڭقۇر شەرھلىدى، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىنىڭ تارىخىي ئىلھامىنى مۇپەسسەل كۆرسىتىپ بەردى، دۆلەتنىڭ زېمىنى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىرلىكىنى قوغداش، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى قەتئىي مەيدانى ۋە ئىرادىسىنى تەنتەنىلىك جاكارلىدى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېڭى دەۋردە ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى ۋە رىغبەتلەندۈردى.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ھەممە ئىشنى قايتىدىن باشلاشقا، ھەممە كەسىپ - ساھەنى قايتىدىن گۈللەندۈرۈشكە توغرا كەلدى، جۇڭگو خەلقى تىنچلىق، خاتىرجەملىكنى چەكسىز ئارزۇ قىلاتتى. لېكىن، جۇڭگو خەلقىنىڭ بۇ ئارزۇسى قوپاللىق بىلەن خىرىس قىلىشقا ئۇچرىدى، جاھانگىر تاجاۋۇزچىلار ئۇرۇشنى جۇڭگو خەلقىگە مەجبۇرىي تاڭدى. خەتەرلىك جىددىي پەيتتە، چاۋشيەن پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى ئادەتتىن تاشقىرى جاسارەت ۋە شىجائەت بىلەن ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش، يۇرتنى مۇھاپىزەت قىلىپ ۋەتەننى قوغداشتەك تارىخىي خاراكتېرلىك تەدبىرنى چىقاردى. جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئوغۇل - قىزلىرىدىن تەشكىللەنگەن جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمى خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقى، مىللەتنىڭ ئۈمىدىنى زىممىسىگە ئېلىپ، تىنچلىقنى قوغداش، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەققانىيەت بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، چاۋشيەن خەلقى ۋە ئارمىيەسى بىلەن بىرلىكتە، ئىككى يىل توققۇز ئاي مىسلىسىز مۇشەققەتلىك قان كېچىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى. ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ ئۇرۇشى جاھانگىرلىكنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى، كېڭەيمىچىلىكىگە تاقابىل تۇردى، يېڭى جۇڭگونىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغدىدى، جۇڭگو خەلقىنىڭ تىنچ تۇرمۇشىنى قوغدىدى، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇردى، ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغدىدى. ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخ سەھىپىسىگە مەڭگۈلۈك ئويۇلىدۇ! ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق، تەرەققىيات، ئالغا بېسىش تارىخ سەھىپىسىگە مەڭگۈلۈك ئويۇلىدۇ!

ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشى ئۇرۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ كۈچىدە ئىنتايىن چوڭ پەرق بولغان شارائىتتا ئېلىپ بېرىلغان بىر مەيدان زامانىۋى ئۇرۇش. ئىنتايىن تەڭپۇڭ بولمىغان، ئىنتايىن مۈشكۈل ئەھۋالدا، جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمى چاۋشيەن ئارمىيەسى، خەلقى بىلەن زىچ ماسلىشىپ، ھەيۋەتلىك ۋە قۇدرەتلىك ئۇرۇش ئۇلۇغ نەتىجىسىنى ياراتتى. ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشى مەزگىلىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىر نىيەتتە بولۇپ دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بۇ مەيدان ئۇلۇغ كۈرەشكە تىرەك بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلۇغ غەلىبە ئارقىلىق دۇنياغا «غەرب تاجاۋۇزچىلىرى نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان پەقەت شەرقتىكى بىر دېڭىز قىرغىقىغا بىرنەچچە زەمبىرەك ئورناتسىلا بىر دۆلەتنى زورلۇق بىلەن ئىگىلىۋالىدىغان دەۋر كەلمەسكە كەتتى» دەپ جاكارلىدى! بۇ ئۇرۇش، تاغ - دەريالارنى ئامان ساقلاپ، ئائىلە دۆلەتكە ئەمىنلىك ئېلىپ كېلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ زوراۋانلاردىن قورقمايدىغان پولاتتەك ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى. بۇ ئۇرۇش، جۇڭگو خەلقىنىڭ كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھىنى ئۇرغۇتۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ھەممە بىر نىيەتتە بولىدىغان قەيسەر خىسلىتىنى تولۇق نامايان قىلدى. بۇ ئۇرۇش، پۈتۈن دۇنيانى جۇڭگوغا يېڭىچە نەزەردە قارايدىغان قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى. بۇ ئۇرۇش، خەلق ئارمىيەسىنىڭ جەڭگىۋارلىقى ۋە ھەيۋىسى بىلەن دۇنيانى زىلزىلىگە سېلىپ، باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ جەزمەن غەلىبە قىلىدىغان قەيسەر ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى. بۇ ئۇرۇش، ھەققانىيەتنىڭ جەزمەن زوراۋانلىق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى، تىنچلىق، تەرەققىياتنىڭ توسۇۋالغىلى بولمايدىغان تارىخ ئېقىمى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ روھى زامان - ماكاندىن ھالقىپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلىنىپ تۇردى، ئۇنى جەزمەن مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇپ ۋارىسلىق قىلىش، ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك.» قاينام - تاشقىنلىققا تولغان ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىدا، قەھرىمان جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمى باشتىن - ئاخىر ۋەتەن ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان، ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتى ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن كۈرەش قىلىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى، باتۇر، قەيسەر، پىداكارلىق كۆرسىتىدىغان ئىنقىلابىي قەھرىمانلىق روھىنى، جاپا - مۇشەققەتتىن قورقمايدىغان، باشتىن - ئاخىر كۆتۈرەڭگۈ جەڭگىۋارلىقنى ساقلايدىغان ئىنقىلابىي ئۈمىدۋارلىق روھىنى، ۋەتەن ۋە خەلق يۈكلىگەن بۇرچنى تاماملايدىغان، مەردانىلىك بىلەن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى بېغىشلايدىغان ئىنقىلابىي سادىقلىق روھىنى، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق ۋە ھەققانىيەت ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتەك ئىنتېرناتسىيونالىزملىق روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ روھىنى تاۋلالىدى. بۇ ئۇلۇغ روھ تولىمۇ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق بولۇپ، جەزمەن جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنى بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارنى يېڭىپ، بارلىق كۈچلۈك دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. مەيلى دەۋر قانداق تەرەققىي قىلسۇن، بىز ھەممىمىز زوراۋانلاردىن قورقمايدىغان، زوراۋانلىققا قارشى تۇرىدىغان مىللەتنىڭ خىسلىتىنى تاۋلىشىمىز كېرەك، ھەممىمىز ھەممە بىر نىيەتتە بولىدىغان، بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىدىغان مىللەتنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك، ھەممىمىز پىداكارلىق كۆرسىتىدىغان، ھاياتلىق ئۈچۈن ئۆلۈمدىن باش تارتمايدىغان مىللەتنىڭ قەيسەرلىكىنى تاۋلىشىمىز كېرەك، ھەممىمىز توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىدىغان، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان مىللەتنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى ئۇرغۇتۇشىمىزكېرەك.

70 يىل ئىلگىرىكى ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ ئۇرۇشىنى ئەسلىسەك، نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ باردۇق، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىغا نەزەر سالساق، بىز چەكسىز قەيسەرلىككە، چەكسىز ئىشەنچكە تولىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز شۇنى چوڭقۇر بىلىمىزكى، ئالغا ئىلگىرىلەش يولى ئوڭۇشلۇق بولۇۋەرمەيدۇ، يەنىلا تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا دۇچ كېلىمىز، تۈرلۈك ئەگرى - توقايلىقلارغا دۇچ كېلىمىز. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەردانە، غەيرەت - شىجائەتلىك بولۇپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، قىيىنچىلىققا پىسەنت قىلماي ئىلگىرىلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىش يېڭى مۇساپىسىگە قاراپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ داۋاملىق جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.