تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىشەنچنى چىڭىتىپ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش يېڭى ۋەزىيىتى يارىتىش

− ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئورۇنلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

لېكسىيە قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىدى، يېشىپ چۈشەندۈرۈش ئاممىباب، چۈشىنىشلىك بولدى... يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ھەرقايسى نازارەت، ئىدارىلەر، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ لېكسىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى چوڭقۇر تەربىيەگە ئىگە قىلدى، ئىلھاملاندۇردى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ھېسسىيات بىلەن، مەسئۇلىيەت بىلەن چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىشەنچى، ئىرادىمىزنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، دادىللىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىمىز.

10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ سىفەن داشۆسى پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى سۈن شيۇلىڭ كۇچا شەھىرىگە كېلىپ، كۇچا ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىدە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى. لېكسىيە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرگە بىرمۇ بىر جاۋاب بەردى، نەق مەيدان كەيپىياتى قىزغىن بولدى.

«لېكسىيەنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مەن 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈردۈم.» كۇچا ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى تېببىي شىسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى قەدىرىيە ئەخمەت مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشىمىز، ئازادە ئوقۇش مۇھىتىمىز ۋە ياتاق شارائىتىمىزنىڭ ھەممىسى شىنجاڭدا بۇ بىرقانچە يىلدا بولغان غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ئىسپاتلايدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە قىلغان غەمخورلۇقىدىن ئايرىلالمايدۇ، بىز چىن كۆڭلىمىزدىن پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز، ئۇلۇغ ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز. مەن مىننەتدارلىق ھېسسىياتىمنى يۇرتۇمنى قۇرۇش، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشتىكى ئاڭلىق ھەرىكىتىمگە ئايلاندۇرۇپ، كەسپىي بىلىملەرنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن يۇرتۇمنىڭ داۋالاش - سەھىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىمەن».

10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گاۋ جيەنلۇڭ باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدە لېكسىيە سۆزلىدى. چۈشتىن كېيىن، ئۇ باركۆل بازىرى شىنشى يولى مەھەللىسىگە كېلىپ، مەھەللە كادىرلىرى، ئامما بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. كۆپچىلىك لېكسىيە دوكلاتىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق بىلدۈردى: ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى يىغىننىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچىمىزنى يىغىندا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرگە مۇجەسسەملەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچىمىزنى تەقدىم قىلىمىز.

«لېكسىيە ئىنتايىن جانلىق بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى مەھكەم رام قىلىۋالدى، نەزەرىيەدە ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، مىساللار ئىنتايىن جانلىق بولۇپ، مېنى 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدا تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇش، چۈشەنچىگە ئىگە قىلدى» دېدى بۇ ناھىيەنىڭ شىرىنزى يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى كۇڭ يۆلىڭ.

10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى (شۆيۈەننىڭ مۇئاۋىن باشلىقى) دۈەن لياڭ لوپنۇر ناھىيەسىدە لېكسىيە سۆزلىدى.

لوپنۇر ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سۈن خۇي مۇنداق دېدى: «بۇ مەيدان لېكسىيەنىڭ بىزنىڭ 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشىمىزگە بولغان ياردىمى ئىنتايىن چوڭ بولدى. بۇنىڭدىن كېيىن، ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى ئامما ياقتۇرىدىغان شەكىللەرنى قوللىنىپ، يىغىننىڭ روھىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىدىن ھەممە ئائىلىنىڭ خەۋەردار بولۇشىغا، كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ».

(مۇخبىر لياڭ لىخۇا، قاتناشقان مۇخبىرلار شيا چىڭ، بايىنغولىن مۇخبىرلار پونكىتىدىن لى لىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار پەن تىڭ، تيەن تېڭشەن، جوۋ فېڭ، جاڭ شىنلۇڭ، نۇربولات، چاڭ شۆخۇي)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.