تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى ، كۈرەش قىلغۇچىلار

چوڭ تىپتىكى ھۆججەتلىك فىلىم «قەھرىمان ئوغۇل-قىزلار» 10-ئاينىڭ 21-كۈنى كۆرسىتىلىدۇ

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، مەركىزىي رادىيو ـ تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى سۈرەتكە ئالغان ئالتە قىسىملىق تېلېۋىزىيە ھۆججەتلىك فىلىمى «قەھرىمان ئوغۇل-قىزلار » 10 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنىدىن باشلاپ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال قانىلىدا كۆرسىتىلىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ فىلىم «ۋەتەن چاقىرىقى»، «چېكىدىن ئاشقان ئۇرۇش»، «ئىسسىق قاندىكى ساداقەتمەنلىك»، «ئۇرۇش قىلغانسېرى شۇنچە كۈچىيىش»، «ھەممە بىر نىيەتتە بولۇش»، «مەڭگۈ ئەستە ساقلاش»تىن ئىبارەت ئالتە قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەر بىر قىسمى 52 مىنۇت، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىنىڭ تارىخىي مۇساپىسى بويىچە، جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ قەھرىمان شەخسلىرى ۋە قەھرىمانلىق ھېكايىلىرى بايان قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ بىر نىيەتتە ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش، يۇرتنى مۇھاپىزەت قىلىپ ۋەتەننى قوغداش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشتەك تارىخىي كارتىنىسى قايتا نامايان قىلىنىپ، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش روھىنىڭ چوڭقۇر مەزمۇنى ۋە رېئال ئەھمىيىتى نامايان قىلىنغان.

  ھۆججەتلىك فىلىمدە پىدائىي قىسىمنىڭ 101 نەپەر پېشقەدەم جەڭچىسى جىددىي قۇتقۇزۇش شەكلىدە زىيارەت قىلىنىپ، قىممەتلىك تارىخىي ئۈن-سىن ماتېرىياللىرى ئاشكارىلاندى، مول، جانلىق، تەسىرلىك تارىخىي پاكىتلار شۇنى چۈشەندۈرۈپ بەردىكى، پىدائىي قىسىم جۇڭگو خەلقىنىڭ قەھرىمان پەرزەنتى بولۇشقا مۇناسىپ بولۇپلا قالماستىن ۋەتەننىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە دۇنيا تىنچلىقىنى قوغدايدىغان قەيسەر قوغدىغۇچىلار، «ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر».

  ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىنىش جەريانىدا، «مېنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ھېكايەم» ناملىق يۈز پېشقەدەم جەڭچىنىڭ مىكرو ھۆججەتلىك فىلمى، شۇنداقلا ئالدىنقى نۇسخىدىكى مىكرو سىن، تېز كۆرۈش نۇسخىسىدىكى مىكرو سىن، دوۋيىن يۈرۈشلۈك قىسقا سىنى قاتارلىقلار ئالاھىدە ئىشلىنىپ، كۆپ ئۆلچەملىك كۆزىتىش نۇقتىسى، كۆپ خىل تۈردىكى مەھسۇلاتلار ئارقىلىق تەرتىپلىك تارقىتىلدى.

  بۇ فىلىمنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ئىنقىلابىي قەھرىمانلىق روھى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە يەنىمۇ ئىلھاملاندۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.