تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھۈنىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىتىش ياخشى كۈنلەرگە ئورتاق ئاتلىنىش

− مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇكاپاتىنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى بەلىمجان ئەيسا غوجا توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى خەن چىنيەن

«پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇش مېنىڭ كىشىلىك ھايات ئېتىقادىم» دېدى 10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى تاغارما يېزىسى سەرەلە كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بەلىمجان ئەيساغوجا.

10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇكاپاتى تەقدىرلەش يىغىنى ۋە ئىلغارلارنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن دوكلات بېرىش يىغىنىدا، بەلىمجان ئەيساغوجا «2020 - يىللىق مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇكاپاتىنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى.

ھۈنەرنى ياخشى ئۆگىنىپ نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىش

پامىر ئېگىزلىكىدە تۇغۇلغان بەلىمجان ئىلگىرى ئاتا - بوۋىلىرىغا ئوخشاش سۇ، ئوت - ئوتلاق قوغلىشىپ ياشايدىغان كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشى كەچۈرەتتى.

2014 - يىلى، بەلىمجان ئائىلىسى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە دەپ ئايرىلدى، نامرات ئائىلە قالپىقىنى كىيىپ ياشاشنى خالىمىغان بەلىمجان كۆڭلىدە مۇنداق قەسەم قىلدى: «مەن تىرىشىپ ماھارەت ئۆگىنىپ، ئەمگەكچان ئىككى قولۇمغا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىيمەن».

نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش سىياسىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بەلىمجان ئۇستاز تۇتۇپ ياغاچچىلىق ھۈنىرىنى ئۆگەندى، قىسقىغىنا ئىككى يىلدا ئۇنىڭ ياغاچچىلىق ماھارىتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، ئەتراپتىكى يېزا - كەنتلەردىكى دېھقان - چارۋىچىلار بەس - بەستە ئۇنى ئۆي جاھازلىرىنى ياساشقا تەكلىپ قىلدى، ئۇنىڭ كىرىمى كۈندىن - كۈنگە كۆپەيدى.

ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئەنئەنىۋى كىچىك ئۈستەل، ئىشكاپ قاتارلىق ئۆي جاھازلىرىنى ياساش بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالمىغان بەلىمجان سىرتقا چىقىپ زامانىۋى ياغاچچىلىق ماھارىتىنى ئۆگىنىپ، زامانىۋى ئۆي جاھازلىرى ياساش ۋە بېزەكچىلىك جەھەتتە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىدى. «مىللىي ئەنئەنىۋى ياغاچ ئويما، نەقىش تېخنىكىسىنى زامانىۋى ئائىلە بېزەكچىلىكىگە سىڭدۈرگەندە، بازىرى كەڭ بولىدۇ» دېدى ئۇ.

بەلىمجان ئۆيىدىكى يىغقان پۇللىرىنى چىقىرىپ، ياغاچ ئويما ئەسۋابى ۋە تورۇسقا نەقىش ئويۇش ماشىنىسى سېتىۋېلىپ، ناھىيە بازىرىغا كېلىپ بۇ يەردىكى ئۇستاملاردىن بېزەكچىلىك، ياغاچ ئويمىچىلىق، نەققاشلىق قاتارلىق تېخنىكىلارنى ئۆگەندى.

«پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ ياردىمى، يۆلىشى بولغاچقا، تىرىشىپ ئىككى قولىمىزغا تايانساقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىيالايمىز» دېدى بەلىمجان. پۇختا تېخنىكىغا ئىگە بولغان ئۇ شۇ يىلى 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىپ، نامرات ئائىلە قالپىقىنى بىراقلا ئېلىۋەتتى.

يۇرتداشلارنى يېتەكلەپ بىرلىكتە بېيىش

سىرتتا تىرىكچىلىك قىلىپ يۈرگەن بەلىمجان كەنتكە قايتقاندىن كېيىن، بىر قىسىم كەنت ئاھالىلىرىنىڭ «ساقلاپ تۇرۇش، تايىنىۋېلىش، تەلەپ قىلىش» ئىدىيەسىنىڭ ئېغىرلىقىنى كۆرۈپ، سىرتقا چىقىپ ئىشلەشنى خالىماي، سۆز - ھەرىكەتتە ئۆگىتىش - يېتەكلەش ئارقىلىق ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىدىيەۋى قارىشىنى ئۆزگەرتتى.

بەلىمجان «ئوكسىگېن كەمچىل بولسىمۇ روھ كەمچىل بولماسلىق»تەك قىران بۈركۈتكە خاس ئىرادە بىلەن، ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرىگە ياغاچچىلىق ھۈنىرىنى ئۆگىتىپ، كەنتتىكى نامرات ئائىلىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلىدى.

نامرات ئاھالە قۇداق رۇستەمبۇل مېيىپ بولۇپ، ئائىلىسىدە بەش جان بار ئىدى، كىرىم مەنبەسى بىرلا خىل بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش بېسىمى ئېغىر ئىدى. بەلىمجان بۇنى كۆرۈپ تىت - تىت بولدى، قۇداق ئائىلىسىنى بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، ئۇ تەشەببۇسكار ھالدا قۇداق ئائىلىسى بىلەن ياردەم بېرىش - يۆلەش بويىچە قوشماقلىشىپ، قۇداقنىڭ چوڭ ئوغلى رۇستەم قۇداققا ئۆزىنىڭ ياغاچچىلىق ھۈنىرىنى ئايىماي تولۇق ئۆگەتتى.

بىر يىلدىن كېيىن، رۇستەم بېزەكچىلىك ۋە ياغاچچىلىق بىلەن مۇستەقىل شۇغۇللىنالايدىغان بولدى، ئايلىق ئىش ھەققى 4000 يۈەن بولۇپ، قۇداق ئائىلىسىدىكىلەر نامراتلىقتىن ئوڭۇشلۇق قۇتۇلدى.

بۇ يىللاردا، بەلىمجاننىڭ يېتەكچىلىكىدە كەنتتىكى بەش نامرات ئائىلە پەرزەنتى ياغاچچىلىق ھۈنىرىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇش

بەلىمجان ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلانغاندىن كېيىن، ئۇ يۇرتداشلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىدى.

2018 - يىلى بەلىمجان تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلەپ قىلىپ، سايمانلارنى ئېلىپ كەنت ئاھالە كومىتېتىغا كېلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كارىۋات، سافا، تاماق ئۈستىلى قاتارلىق ئۆي جاھازلىرىنى ياسىشىغا ياردەم بەردى.

بەلىمجان كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەملىشىپ ئۆي جاھازلىرىنى ياساپ بەرگەندە پەقەت تەننەرخ ھەققىنىلا ئالدى. بىرنەچچە ئاي ئىچىدە، بەلىمجان 63 نامرات ئائىلە ۋە ئەمگەك ئىقتىدارى يوق توققۇز ئائىلىنىڭ ئۆي جاھازلىرىنى ياساپ بولدى.

بۇ يىللاردا، بەلىمجان يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە قاتنىشىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 23 مىڭ يۈەن پۇل - مال ئىئانە قىلدى.

بەلىمجان سەمىمىي ساپ قەلبى، چىن ھېسسىياتى بىلەن تاشقورغاندىن ئىبارەت بۇ تۇپراقنى قوغداپ، بۇ يەردە ياشاۋاتقان كىشىلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئېتىقادىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.