تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دېھقان كەشپىياتچى يۇرتداشلارنى باشلاپ ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلاندى

− مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇكاپاتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى ئابدۇسالام ياسىن توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى رايىدە

«مەن پەقەت جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىر ئاددىي دېھقان، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى ماڭا ئىلگىرى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان ياخشى تۇرمۇش ئاتا قىلدى، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، بۇنىڭدىن كېيىن مەن پەن - تېخنىكىنى تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى بېيىشقا يېتەكلەيمەن» دېدى 2020 - يىللىق مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇكاپاتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى، مارالبېشى ناھىيەسى سېرىقبۇيا بازىرى بەشتۈپ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابدۇسالام ياسىن 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ھاياجانلانغان ھالدا.

مانا مۇشۇنداق بىر ئاددىي دېھقان ئاكتىپلىق بىلەن پەن - تېخنىكا ئۆگىنىش ئارقىلىق، ئۆز ئالدىغا يېڭى مەھسۇلاتلارنى كەشىپ قىلىپ، قىسقىغىنا ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، 500 مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلىپ، 150كە يېقىن كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يىراق - يېقىنغا داڭلىق ياش بېيىش باشلامچىسىغا ئايلاندى.

دېھقاندىن كەشپىياتچىغا ئايلىنىش

سېرىقبۇيا بازىرى قەشقەر ۋىلايىتىدىكى قوغۇن - تاۋۇز تېرىشنى ئاساس قىلىدىغان جايلارنىڭ بىرى. «قوغۇن - تاۋۇز تېرىشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدا ئىلگىرى پۈتۈنلەي قولدا مەشغۇلات قىلىشقا تايىناتتۇق، ۋاقىت، كۈچ كۆپ سەرپ بولاتتى، ئەمگەك سىجىللىقى زور ئىدى» دېدى ئابدۇسالام.

2017 - يىلى 2 - ئايدا، شىنجاڭ چارۋىچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنتتە ياش دېھقان پەن - تېخنىكا ماھىرلىرى ۋە بېيىش باشلامچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئورناتتى، ئابدۇسالام تۇنجى تۈركۈمدىكى ياش پەن - تېخنىكا ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسىغا تىزىملىتىپ قاتناشتى.

خىزمەت ئەترىتىنىڭ قوللىشى، ياردىمىدە ئابدۇسالام قوغۇن - تاۋۇز تېرىش ئۈسكۈنىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساشقا باشلىدى. بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، 2018 - يىلى ئابدۇسالام ھەربىر ئۈسكۈنىدە ھەر كۈنى 100 مودىن 200 موغىچە قوغۇن - تاۋۇز تېرىغىلى بولىدىغان يېڭى ئۈسكۈنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىپ، قوغۇن - تاۋۇز تېرىيدىغان دېھقانلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، ئۈسكۈنىلەر شۇ جايدا ۋە ئەتراپتىكى بىرنەچچە ناھىيەدە ناھايىتى بازار تاپتى.

ئابدۇسالام يەنە دوۋيىن قاتارلىق ئالاقە تورى سۇپىلىرىدىن پايدىلىنىپ تونۇشتۇرۇپ سېتىشنى ئۆگىنىپ، شىمالىي شىنجاڭدىكى خېرىدارلار ھەمدە ئىچكى موڭغۇل، گەنسۇ قاتارلىق جايلاردىكى خېرىدارلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك جەلپ قىلىپ، قىسقىغىنا ئىككى يىلدا قوغۇن - تاۋۇز تېرىش ئۈسكۈنىسىدىن 163نى سېتىپ، مۇشۇ بىر كەشپىياتتىنلا 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پايدا ئالدى.

ھازىر ئابدۇسالام كەنتتىن چىقىپ، سېرىقبۇيا بازىرىدىكى بازاردا 1700 كىۋادرات مېتىرلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى ياساش زاۋۇتى قۇرۇپ، ئەڭ كۆپ بولغاندا 15 دېھقاننى تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتتى، ھەربىر كىشىگە ئايدا 2000 يۈەندىن 4000 يۈەنگىچە مائاش بەردى.

كەنت ئاھالىلىرىنى باشلاپ ئىگىلىك تىكلەش يولىدا مېڭىش

بەشتۈپ كەنتىدە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر ئاران 1.85 مو بولۇپ، ئوتتۇرىچە كىرىم تۆۋەن ئىدى. بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا، ئابدۇسالام ئىزچىل بىرەر ئىش قىلىشنى ئويلاپ كەلدى.

ئابدۇسالام كەنتتە ئېچىلغان دېھقانلار كەچلىك مەكتىپى ۋە پۈتۈن كەنت يىغىنىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى ۋە ئىگىلىك تىكلەش تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇردى. ئۇنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى ۋە خىزمەت ئەترىتىنىڭ ۋەزىيەتكە قاراپ يېتەكچىلىك قىلىشى بىلەن، كېرەم ئابدۇۋەلى كالىنى ھاۋالىلىك بېقىش ئورنى ۋە قېتىق پىششىقلاش زاۋۇتى قۇردى، ناسىر ھوشۇر ئاشخانا ئاچتى، مامۇت ھۈسىيىن قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى دۇكىنى ئاچتى، ئەمەت ئابدۇرېھىم ھەسەل ھەرىسى بېقىش مەيدانى قۇردى...

بەلگىلىك ئىگىلىك تىكلەش تەجرىبىسى بولغاچقا، ئابدۇسالام ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە ھەقسىز يېتەكچى بولۇپ، ئۆزى توپلىغان تەجرىبىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، كۆپچىلىكنى يېتەكچىلىك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدا يولۇققان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى.

نۆۋەتتە، ئۆگىنىش، تەربىيەلىنىش ئارقىلىق، پۈتۈن كەنتتىكى مىڭدىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچى ئىشقا ئورۇنلاشتى، 50 نەچچە ئادەم ئۇششاق ئىگىلىك تىكلەش باغچىسى ۋە نامراتلارنى يۆلەش بازىرىغا بېرىپ ئىگىلىك تىكلىدى، ئىشقا ئورۇنلاشتى ھەم ھەممىسى شۇ يىلى پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

باتۇرلۇق بىلەن يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنىڭ ئاۋانگارتى بولۇش

كەچلىك مەكتەپتىكى بىر قېتىملىق تەربىيەلەشتە، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆگىنىشنىڭ كۈچى ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرى ئابدۇسالامنى يەنە بىر قېتىم ئويلاندۇرۇپ قويدى.

بۇ قېتىمقى كەشپىيات ئىلھامى گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىدىن كەلگەنىدى. ئابدۇسالام مۇنداق ئويلىدى: گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىدا نۇرغۇن ھاجەتخانىلارنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدۇ، ئەگەر ھەم چىداملىق، ھەم كۆركەم، ھەم تازىلاش قولاي بولغان ھاجەتخانا ياساپ چىقىپ، يۇرتداشلارنى ئاز پۇل خەجلەتكەن، شۇنداقلا تۇرمۇشتىن تېخىمۇ ياخشى بەھرىلەندۈرەلىگەن بولسام، نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى.

بىر مەزگىل تىرىشىش ئارقىلىق، ئابدۇسالام چاسا پولات + رەڭلىك پولات قۇرۇلمىلىق ئاسان تازىلىغىلى بولىدىغان ھاجەتخانىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ، خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى، بىراقلا نەچچە يۈزنى سېتىپ چىقاردى.

ئارقىدىن ئابدۇسالام يەنە ياڭاقنى ماشىنىدا ئۈزۈش ئۈسكۈنىسى ئۈستىدە ئىزدەندى. بىر ئايدىن كۆپرەك تىرىشىش ئارقىلىق، يېڭى ياڭاق ئۈزۈش ماشىنىسى بارلىققا كەلدى، ئۇنى كىچىك تۆت چاقلىق تىراكتورغا چېتىش قولاي، ئۈزۈش ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرى بولغاچقا، تېزلا جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

تەرەققىياتنى كۆزلەپ بېيىش جەريانىدا، ئابدۇسالامنىڭ ئىدىيەسىدىمۇ ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولدى، ئۇ خوتۇنى بىلەن بىرلىكتە پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى يېزىپ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىغا رەسمىي يوسۇندا تاپشۇردى. «مېنىڭ بۈگۈنكىدەك نەتىجىلەرگە ئېرىشەلىشىم پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن بولدى. مەن بىر پارتىيە ئەزاسى بولۇشنى، كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىش قىلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى ئابدۇسالام.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.