تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش يولىدا «تەپتىشلەر خىسلىتى»نى نامايان قىلىش

− مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇكاپاتىنىڭ تۆھپە مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى لۇڭ خۇي توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ شياۋيەن

10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، بېيجىڭدا مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇكاپاتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشقان لۇڭ خۇي ھەم ھاياجانلاندى، ھەم پەخىرلەندى، بىڭتۇەن تەپتىش سىستېمىسىنىڭ بىر كادىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس قىلىپ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە ليەندە تۇرۇش خىزمىتىگە قاتناشقان، يۇرتداشلارنى بېيىشقا يېتەكلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش يولىدا «تەپتىشلەر خىسلىتى»نى نامايان قىلغانىدى.

2018 - يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ 3 - شى 51 - تۇەن 9 - ليەنىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، ليەن پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 1 - شۇجىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، لۇڭ خۇي ليەن پارتىيە ياچېيكىسىنى يېتەكلەپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇش ئارقىلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىلگىرى سۈردى، مۇقىملىقنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈردى، ئامما خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈردى، ليەندۈينىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

2020 - يىلى، پۈتۈن ليەندىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاممىسى يېڭىدىن سېلىنغان ئەمىن ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرىپ، روھىي قىياپىتى ۋە تۇرمۇش شارائىتى يېپيېڭى تۈسكە كىردى.

ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىدىكى «باشلامچى ياۋا غاز» بولۇش

9 - ليەنگە ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، لۇڭ خۇي پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بىرىنچى ۋەزىپە قىلىپ، ئاممىنى پۈتۈن تۇەندىكى مەسئۇلىيەتچان، بىلىملىك، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغان ياشلارنى ئىش ئورنىغا كۆرسىتىشكە سەپەرۋەر قىلدى.

خىزمەت ئەترىتى ليەن «ئىككى كومىتېت»ىغا قولمۇقول «ئۆگىتىپ، ياردەم بېرىپ، يېتەكلەپ»، بىر قاتار خىزمەت تۈزۈملىرىنى تۈزۈپ، پارتىيە سىياسىتىنىڭ ئاساسىي قاتلامدا جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. لۇڭ خۇي بېيىش ماھىرلىرى، مەدەنىيەت ئەترىتى ئەزالىرى قاتارلىق كىشىلەر توپىدىكى مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا ياش، ياشلارنى تەربىيەلەش، كۆزىتىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىشقا ئەھمىيەت بەردى. ئىككى يىلدىن بۇيان، پارتىيە ياچېيكىسى پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسىدىن 87 پارچىنى تاپشۇرۇۋالدى، پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپلىرىدىن 20نى تەربىيەلىدى، پارتىيە ئەزاسىدىن ئالتىنى تەرەققىي قىلدۇردى.

پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، 9 - ليەندە ئاممىۋى پائالىيەتلەر جانلىق قانات يايدۇرۇلدى. پارتىيە ياچېيكىسى بىلەن ئاممىنىڭ قەلبى بارغانسېرى يېقىنلاشتى، ئاممىنىڭ ليەن «ئىككى كومىتېت»ىدىن رازى بولۇش دەرىجىسى بارغانسېرى ئۆستى، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش قىزغىنلىقى بارغانسېرى ئاشتى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ياخشى «يۆلەنچۈك» بولۇش

لۇڭ خۇي ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى چوڭ ئىش قاتارىدا چىڭ تۇتتى. 2018 - يىلى 3 - ئايدا، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، ئابدۇرېھىم مەمەت 51 - تۇەندىكى تۇنجى ئەمگەك مۇلازىمىتى شىركىتىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ قۇرۇپ، شۇ يىلىلا 422 ئادەم قېتىم سىرتقا ئەمگەك كۈچى چىقاردى.

لۇڭ خۇي يەنە يېشى چوڭراق ياكى مېيىپ ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشىك ئالدىدا كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا قانداق ياردەم بېرىش توغرىسىدا ئويلىنىشقا باشلىدى. 2018 - يىلى 10 - ئايدا، لۇڭ خۇي بىر شىركەتنىڭ 51 - تۇەندىكى نامراتلارنى يۆلىمەكچى بولغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، دەرھال ئالاقىلەشتى. شىركەت 200 مىڭ يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ، 15 نامرات ئائىلىگە كۆپ تۆللەيدىغان ساغلىقتىن 150نى ئېلىپ بەردى. ھازىرغىچە، 233 قوزا تۇغۇلۇپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى ئائىلە بېشىغا 16 مىڭ يۈەندىن ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

2019 - يىلى 8 - ئايدا، خىزمەت ئەترىتى 300 مىڭ يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ كوللېكتىپ ئىگىلىككە پاي قوشۇپ، جيۇجيۇ دېھقانلار كەسپىي باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشقا ياردەم بەردى. ئۇزاق ئۆتمەي، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلىدىكى كۈندە يىغىۋالىدىغان تۇخۇم مىقدارىلا 1500 كىلوگىرامغا يەتتى.

9 - ليەننىڭ يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسى بىر خىللا بولۇپ، يەردىن پايدىلىنىش نىسبىتى تۆۋەن، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ تېرىقچىلىقتىن ئېرىشكەن پايدىسى بىرقەدەر ئاز ئىدى. خىزمەت ئەترىتى يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسسىسلىرىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈشكە تەكلىپ قىلىپ، نەق مەيداندا تەدبىر بەلگىلىدى. پارتىيە ياچېيكىسى 9 - ليەندە ئۆرۈك، ئالۇچا دەرىخىنىڭ ئارىسىغا سەبدەرگۈلنى سىناق تەرىقىسىدە كىرىشتۈرۈپ تېرىشنى تەۋسىيە قىلىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

لۇڭ خۇي ليەن پارتىيە ياچېيكىسى بىلەن بىللە، «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئاساس، باقمىچىلىقنى قوشۇمچە قىلىش، ئىجتىمائىي كاپالەت بىلەن تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش»تىن ئىبارەت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرىنى تۈزۈپ چىقىپ، 9 - ليەننىڭ 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى، نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىشى بېشى يىللىق كىرىمى 12 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاممىسىنىڭ سىردىشىغا ئايلىنىش

9 - ليەنگە دەسلەپ كەلگەندە، لۇڭ خۇي بىر قىسىم ئاممىدا «ساقلاپ تۇرۇش، تايىنىۋېلىش، تەلەپ قىلىش» ئىدىيەسىنىڭ ئېغىرلىقىنى بايقىدى. ئۇ بۇ ھالەتنى ئۆزگەرتىشكە ئىرادە باغلىدى.

لۇڭ خۇينىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنى رېھىم راخماننىڭ تۇرمۇشى قىيىنچىلىقتا ئىدى، دادىسى ئاغرىق بولغاچقا ھالىدىغان خەۋەر ئېلىشقا توغرا كېلەتتى. لۇڭ خۇي ئۇنىڭغا: «ئەر - خوتۇن ئىككىڭلاردىن بىرىڭلار داداڭلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، بىرىڭلار سىرتقا چىقىپ ئىشلىسەڭلار بولىدۇ، مەن سىلەرگە خىزمەت تېپىپ بېرىمەن» دېدى، يەنە ھەر خىل سورۇنلاردا ئۇنى ماختاپ، ئۇنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى. رېھىم ئاخىر مائاشلىق بولۇپ، ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىلغارغا ئايلاندى.

لۇڭ خۇي «نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يۇلتۇزى»لىرىنى تاللاپ، ئۇلارنى ئامما يىغىنىدا ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى مىسال قىلىپ سۆزلەشكە تەشكىللەپ، ليەندۈيدە ئەمگەك ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلىدىغان ياخشى كەيپىياتنى ياراتتى. نۇرغۇن نامرات ئائىلىلەر ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغاندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۆۋەن كاپالەت پۇلىنى ئەمدى ئالماسلىقنى ئوتتۇرىغا قويدى.

نامرات ئاھالە زورىگۈل تۇرسۇننىڭ ئېرى يىللاردىن بۇيان كېسەل سەۋەبلىك ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان بولۇپ، مۇقىم كىرىم مەنبەسى يوق ئىدى. لۇڭ خۇي زورىگۈلگە ياردەملىشىپ ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق تازىلىق خىزمىتىنى ئىلتىماس قىلىپ بەردى، نامراتلارنى يۆلەۋاتقان شىركەتمۇ ئۇنىڭغا بوغاز ساغلىقتىن ئوننى ئېلىپ بەردى، ئىككىنچى يىلى بۇ ساغلىقلار ئون نەچچىنى قوزىلىدى. 2019 - يىلى، زورىگۈل ئائىلىسىدىكىلەر يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، ئائىلىسىنىڭ يىللىق كىشى بېشى كىرىمى 20 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

لۇڭ خۇي 140 مىڭ يۈەن ئوقۇشقا ياردەم بېرىش ئىئانە پۇلىنى قولغا كەلتۈرۈپ، 26 داشۆ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئوقۇشىنى تاماملىشىغا ياردەم بەردى؛ خىزمەت ئەترىتىنى باشلاپ 2 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ توپلاپ ئۆستەڭ رېمونت قىلدى، يول چىرىغى ئورنىتىپ بەردى...

بۈگۈنكى كۈندە، 46 ياشلىق لۇڭ خۇي ئەسلىدىكى خىزمەت ئورنىغا قايتىپ كەلدى، شۇ جايدىكى ئامما ھېلىمۇ ئۇنىڭ بىلەن دائىم ئالاقىلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىشلىرى توغرىسىدا پاراڭلىشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.