تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

كۆزىتىشكە يېتەكچىلىك قىلىش - ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەلەش يىغىنى ئېچىلدى

ۋاڭ خۇڭجىن تەربىيەلەشكە يېتەكچىلىك قىلدى، چېن چۈەنگو سۆز قىلدى، ۋاڭ رۇڭجۈن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، مەركەز 6 - كۆزىتىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزغا كىرىپ ئورۇنلىشىپ كۆزىتىشنى قانات يايدۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، 5 - كۆزىتىشكە يېتەكچىلىك قىلىش - ھەيدەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ماس قەدەمدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆزىتىش - تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قارىتا يېتەكچىلىك قىلىش - ھەيدەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇردى. 10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، كۆزىتىشكە يېتەكچىلىك قىلىش - ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەلەش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. مەركەز كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئىشخانا مۇدىرى ۋاڭ خۇڭجىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا مەخسۇس تېمىدا تەربىيەلەشكە يېتەكچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، مەركەز 6 - كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ۋاڭ رۇڭجۈن يىغىنغا قاتناشتى.

مەركەز 6 - كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقلىرىدىن چىن بىن، مېڭ لىشېڭ، 5 - كۆزىتىشكە يېتەكچىلىك قىلىش - ھەيدەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى يوۋ مېيپىڭ ۋە مەركەز 6 - كۆزىتىش گۇرۇپپىسى، 5 - كۆزىتىشكە يېتەكچىلىك قىلىش - ھەيدەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار؛ ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، لى يىفېي يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ياڭ شىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

ۋاڭ خۇڭجىن مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەلەشكە يېتەكچىلىك قىلغاندا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى، بولۇپمۇ پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى يېڭى ئورۇنلاشتۇرما، يېڭى تەلەپلەرنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، بەش جەھەتتىن چوڭقۇر شەرھلەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى سىجىل چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشى ئۈچۈن جانلىق دەرس ئۆتتى.

ۋاڭ خۇڭجىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەرنىڭ كۆزىتىش خىزمىتىگە قارىتا يېتەكچىلىك قىلىش - ھەيدەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆزىتىش - تەكشۈرۈش خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تەدبىر، شۇنداقلا كۆزىتىش - تەكشۈرۈشتە يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئەندىزە بەرپا قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە كۆزىتىش - تەكشۈرۈشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇشنىڭ رېئال ئېھتىياجى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، كۆزىتىش خىزمىتى فاڭجېنى ۋە سىياسىي كۆزىتىش تەلىپىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، سىياسىي كۆزىتىشنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى، قىممەت يۈزلىنىشى، نازارەت قىلىش مۇھىم نۇقتىسى، نازارەت قىلىش ئۆلچىمى ۋە نازارەت قىلىش يولىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، دىققەتنى پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەلەپلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى نازارەت قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش، تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، دەرىجىگە ئايرىپ مەسئۇل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە كومىتېتىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىدىن ئىبارەت بۇ «مۇھىم تۇتقا»نى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە كومىتېتىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە شۇجىنىڭ بىرىنچى جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتى، كۆزىتىش - تەكشۈرۈش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ تەشكىللەپ يولغا قويۇش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەھەر، ناھىيەلەرنىڭ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش - ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، دەرىجىمۇدەرىجە تۇتۇپ، قاتلاممۇقاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، نەتىجە - ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك؛ كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە نەتىجىلەردىن پايدىلىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنىڭ سىياسىي تەلىپى، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەت تەلىپى، كۈندىلىك نازارەت قىلىش مەسئۇلىيەت تەلىپى، ئۇسۇل، يول تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىش بىلەن نۇقتىلىق تۈزىتىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈزەشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، «كېيىنكى باسقۇچتىكى ئىشلار»نى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك؛ يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش، بىرلەشتۈرۈش - يۇغۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆزىتىش - تەكشۈرۈش سىستېمىسىنىڭ رولى ۋە تەشكىلىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆزىتىش ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىش سۇپىسىنىڭ رولى ۋە ئامما بىلەن ئالاقە قىلىش ۋاسىتىسىلىك ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىستېما بايلىقىنى ئومۇميۈزلۈك قوزغاپ، خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، كۆزىتىش بىلەن باشقا نازارەت قىلىشنىڭ ھەمكارلىشىشى، ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، كۆزىتىش - تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك؛ كۆزىتىش - تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشى، ئاپپارات قوشۇنى قۇرۇلۇشى، ئىنتىزام ئىستىلى قۇرۇلۇشى، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان كۆزىتىش - تەكشۈرۈش قوشۇنىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك.

چېن چۈەنگو سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۆزىتىشكە يېتەكچىلىك قىلىش - ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇھىم سۆز قىلىپ، مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، كۆزىتىشكە يېتەكچىلىك قىلىش - ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانلىرىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. مەركەزنىڭ كۆزىتىشكە يېتەكچىلىك قىلىش - ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاش ۋە ئۇنىڭغا ماسلىشىشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، يېتەكچىلىك قىلىش - ھەيدەكچىلىك قىلىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، يېتەكچىلىك قىلىش - ھەيدەكچىلىك قىلىشقا قەتئىي ماسلىشىپ، يېتەكچىلىك قىلىش - ھەيدەكچىلىك قىلىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، كۆزىتىشكە يېتەكچىلىك قىلىش - ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتىگە ياخشى مۇھىت يارىتىش، قولايلىق مۇھىت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. كۆزىتىشكە يېتەكچىلىك قىلىش - ھەيدەكچىلىك قىلىش نەتىجىلىرىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، كۆزىتىش - تەكشۈرۈش خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، سىياسىي كۆزىتىش - تەكشۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆزىتىش - تەكشۈرۈش خىزمىتى سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، دائىملاشقان تۈزەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كۆزىتىش - تەكشۈرۈشتە يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىدىغان ئەندىزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆزىتىش - تەكشۈرۈش ئاپپاراتى ۋە قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ كۆزىتىش - تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەركەزنىڭ كۆزىتىشكە يېتەكچىلىك قىلىش - ھەيدەكچىلىك قىلىشىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە (شەھەر، رايون)لەردە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ بارلىق ئەزالىرى، تەكشۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇۋاتقان ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار ھەم كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە ھەرقايسى ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە(شەھەر، رايون)لەردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.