تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ سېنېگال زۇڭتۇڭى سال بىلەن بىرلىكتە تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

شى جىنپىڭ سېنېگال زۇڭتۇڭى سال بىلەن بىرلىكتە تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ ئافرىقا تەرەپ ئورتاق رەئىس دۆلىتى سېنېگال زۇڭتۇڭى سال بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ بىلەن سال تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى قۇرۇلغانلىقىغا 20 يىل بولغان پەيتتە، جۇڭگو بىلەن سېنېگال مۇنبەرنىڭ جۇڭگو تەرەپ ۋە ئافرىقا تەرەپ ئورتاق رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كەڭ ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە بۇ مۇھىم ھەم ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە پەيتنى تەبرىكلەشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ بىلەن سال مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 20 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - ئافرىقا ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى جۇڭگو - ئافرىقىنىڭ كوللېكتىپ سۆزلىشىشنى قانات يايدۇرۇشتىكى مۇھىم، جانلىق سۇپا ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقنىڭ ئۈنۈملۈك مېخانىزمىغا ئايلاندى، شۇنداقلا جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقىنىڭ بىر مۇھىم بايرىقى بولۇپ قالدى. جۇڭگو - ئافرىقا ئىككى تەرەپ باشتىن - ئاخىر خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك جۇڭگو - ئافرىقا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ چىقاردى، مۇنبەر ھەمكارلىق نەتىجىلىرى جۇڭگو - ئافرىقا خەلقلىرىگە نەپ يەتكۈزدى. 2018 - يىللىق مۇنبەر بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىپ، جۇڭگو - ئافرىقا ئىككى تەرەپ تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو - ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى بىردەك قارار قىلىپ، جۇڭگو - ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

شى جىنپىڭ بىلەن سال مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئىنسانلار دۇچ كەلگەن كەسكىن خىرىس بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىغا غايەت زور زەربە ئېلىپ كەلدى. جۇڭگو - ئافرىقا ئىككى تەرەپ ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق روھىغا داۋاملىق ئەمەل قىلىپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىقىنى كۆپ تەرەپچىللىك ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندۇرۇپ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ بىلەن سال مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز مۇنبەرنىڭ ھەرقايسى ئەزالىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، «ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش» پىرىنسىپىغا داۋاملىق ئەمەل قىلىپ، مۇنبەر مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇنبەرنىڭ جۇڭگو - ئافرىقا مۇناسىۋىتىدىكى يېتەكچىلىك رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگونىڭ «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى بىلەن ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ «2063 - يىل قارالمىسى»نى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، مۇنبەر بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى ۋە جۇڭگو - ئافرىقا ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنى نەتىجىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو - ئافرىقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈپ، تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو - ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، جۇڭگو - ئافرىقا خەلقلىرىگە بەخت يارىتىپ، ئىنسانىيەتنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشنى خالايمىز. بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، 2021 - يىلى سېنېگالدا ئېچىلىدىغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى يىغىنى ئىككى تەرەپ ئورتاق نىشانىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.