تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

يىغىپ توپلاش - يىغىپ توشۇش جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ قاتنىشىغا ياردەم بەردى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 2016 - يىلىدىكى 223 نۆۋەت قاتناشتىن 2019 - يىلىدىكى 1102 نۆۋەت قاتناشقىچە، «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭدىن يولغا چىققان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يىلىغا ئوتتۇرىچە %170لىك ئېشىش سۈرئىتى بىلەن، چىرايلىق ئۆرلەش ئەگرى سىزىقىنى ياراتتى.

2014 - يىلى 3 - ئايدا، ئۈرۈمچى − ئالماتا يۈك توشۇش نۆۋەتچى پويىزى قاتنىدى، شىنجاڭ چۇڭچىڭ، خۇبېي، سىچۇەن، خېنەن، شەنشىدىن كېيىن، غەربكە قاتنايدىغان خەلقئارا يۈك توشۇش نۆۋەتچى پويىزى قاتناش سېپىگە رەسمىي كىردى.

2016 - يىلى 5 - ئايدا، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، يىغىپ توپلاش - يىغىپ توشۇش ئەندىزىسىنى قوللىنىش ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلىدى. 11 - ئايدا، شىنجاڭ جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (شىنجاڭ − ئوتتۇرا ئاسىيا)نىڭ قاتناش كۆلىمى كۈنىگە بىر نۆۋەتكە يەتتى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئوتتۇرا ئاسىياغا توشۇلىدىغان ماللار ئاساسلىقى ئۈرۈمچىدە يىغىلىپ توشۇلدى.

2017 - يىلى 11 - ئايغىچە، شىنجاڭ جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى جەمئىي 1000 نۆۋەت قاتناش چوڭ ئۆتكىلىنى بۆسۈپ ئۆتتى؛ 2018 - يىلى 10 - ئايغىچە، شىنجاڭ جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى جەمئىي 2000 نۆۋەت قاتناپ، شۇ يىللىق قاتناش نۆۋەت سانى تۇنجى قېتىم 1000 نۆۋەتنى بۆسۈپ ئۆتتى، «جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يىغىپ توپلاش - يىغىپ توشۇش ئەندىزىسى» ئەركىن سودا سىناق رايونى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تەجرىبىسى سۈپىتىدە مەملىكەت دائىرىسىدە كۆپەيتىلىپ كېڭەيتىلدى؛ 2020 - يىلى 8 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى جەمئىي 3903 نۆۋەت قاتنىدى، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىنىڭ قاتناش لىنىيەسى 21گە يېتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ھەم ياۋروپادىكى 23 دۆلەت ۋە رايونغا تۇتاشتۇرۇلدى.

جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى زىچلاشتۇرۇلۇپ، دائىملاشتۇرۇلۇپ قاتناپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانىنىڭ شىنجاڭدا ماكانلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ «يول ئىقتىسادى»دىن «كەسىپ ئىقتىسادى»غا قاراپ تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.