تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم كادىرلار سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 71 يىللىق دۆلەت بايرىمى ۋە جۇڭچيۇ بايرىمى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايون دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم كادىرلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايوننىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە بولغان پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىندا بۇ يىلدىن بۇيانقى ئاپتونوم رايوننىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، شۈ خەيرۇڭ، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، جاڭ چۇنلىن، ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

چېن چۈەنگو سۆزىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن، ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى تۈرلۈك ئىشلىرىغا مۇھىم تۆھپە قوشقان پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلارغا چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتتى، ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى، بايراملىق گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بۇ يىلدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى تۈپتىن ئېيتقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يول باشلاپ، رولچى بولۇشى ۋە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن بولغان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىشى ۋە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىشىدىن بولغان، ئۇنىڭغا يەنە ھەرقايسى پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ يۈرەك قېنى ۋە قان - تەرى مۇجەسسەملەنگەن.

چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىشى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا بولغان غەمخورلۇقى ۋە كۆيۈنۈشىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى، قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى، ئۇ، يېڭى دەۋردە شىنجاڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، شىنجاڭ خىزمىتىدە توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش، غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكچىلىك قىلىدىغان قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال. ھازىر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت ياراتماقتا. پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، خاس ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئىلگىرىكىدەكلا ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە مەدەت بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ تۆھپە - نەتىجىسىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ ئەۋزەل رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللىشى كېرەك. ئىدىيەدە كۆڭۈل بۆلۈش، تۇرمۇشتا ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، مەنىۋى جەھەتتە غەمخورلۇق قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتى توغرىسىدىكى تۈرلۈك فاڭجېن - سىياسەتلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەل قىلىپ، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنەلەيدىغان بولۇشى، ياشانغاندا يۆلەنچۈكى بولۇشى، ياشانغاندا ئۆگىنەلەيدىغان بولۇشى، ياشانغاندا خۇشاللىقى بولۇشى، ياشانغاندا خاتىرجەملىكى بولۇشىغا ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەك.

پېشقەدەم كادىرلار بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، شىنجاڭ خىزمىتىدە مۇھىم، زور نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، جەمئىيەت مۇقىم بولغان، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كېلىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە يۈرۈش قىلىشقا مۇستەھكەم ئاساس سېلىندى. بىز 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، شاد - خۇراملىققا چۆمدۇق، چىن قەلبىمىزدىن خۇشال بولدۇق ۋە پەخىرلەندۇق. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ ئەۋزەل رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتىنى پائال قوللاپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسىتىمىز ۋە كۈچىمىزنى قوشىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.