تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىمىز

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى −

خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىمىز

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ كادىرلار، ئامما 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تەرەققىيات شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ مۇھىم ئاساسى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى تۈپ مىزان قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرىمىز. تەرەققىياتنى تۇتۇش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش ئارقىلىق، ئاممىنى قىلىدىغان ئىشى بولۇش، پۇل تاپالايدىغان بولۇش، ئۈمىدۋار بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، پارتىيەنىڭ ھەر مىللەت ئامما ئارىسىدىكى ئۇيۇشتۇرۇش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمىز، ۋەتەننى سۆيىدىغان، شىنجاڭنى سۆيىدىغان ئاكتىپ كۈچنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىمىز.

رايون ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىمىز

«شىنجاڭنىڭ رايون ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تۈرتكە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىغا كىرگۈزۈشىمىز كېرەك.» 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى كۆپچىلىكنى ھەسسىلەپ ئىلھاملاندۇردى. بۇ نازارەت پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، نازىر رۇڭ جۈن مۇنداق بىلدۈردى: سودا تارماقلىرى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر ۋە رايونلار بىلەن بولغان ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشى كېرەك.

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ.» ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ شاۋخۇا مۇنداق دېدى: قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە دۆلەت سىرتى بىلەن بولغان ئالاقەسى، ھەمكارلىقىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ئەشيا ئوبوروتى تورىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قۇرۇقلۇق پورتى رايوننى ئوتتۇرا، غەربىي، جەنۇبىي ئاسىيا ھەم شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىگە يۈزلەنگەن ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى، خەلقئارا سودا مەركىزى ۋە سىرتقا يۈزلەنگەن كەسىپ بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ.

بۇلتۇر، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىشىدا ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغ ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %42.3 ئاشتى، تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى %8.9 ئاشتى. قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى پەرھات روزى مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئوچۇق ئىقتىساد تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ۋە چېگرا بويىنى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىشى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

ئاساسنى كۈچەيتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرىمىز تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىنى ئۆستۈرىمىز

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: سانائەتنىڭ ئاساسىنى كۈچەيتىپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

«بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ياسىمىچىلىقنىڭ رەقەملەشكەن، تورلاشقان، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭ سانائىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا سىجىل كۈچ بېغىشلايمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىنىڭ نازىرى نىجات ئىسمايىل.

ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى شۈ شياۋنىڭ مۇنداق بىلدۈردى: «بىز باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، شىنجاڭنىڭ رايون ئاممىۋى سۈپەت سۈپەتلىك ماركىسىنى يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشى، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىمىز».

شىنجاڭ ئاۋكاڭ ئالاھىدە جابدۇقلار چەكلىك شىركىتى دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى يېڭى تېخنىكا كارخانىسى بولۇپ، بۇ شىركەت ئىشلەپچىقارغان ھاۋادا لەيلىتىپ يۆتكەش ئۈسكۈنىسى بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان ئىنتايىن «قارشى ئېلىش»قا ئېرىشتى. شىركەت باش دىرېكتورى ليۇ خۇڭبو ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق غەيرىتىمىز تېخىمۇ تولۇپ تاشتى. بىز چوقۇم پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، كارخانىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش كۈچى، رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمىز».

خوتەن ناھىيەسى باغچى بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ بۇچيەن مۇنداق دېدى: «بىز باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، پۇقرالارنىڭ كىرىمىنى مۇقىم، سىجىل ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز».

ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى قەتئىي ساقلايمىز

ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى بەرپا قىلىش خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك، مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك.

ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى ۋاڭ گاڭ مۇنداق بىلدۈردى: قەتئىي تەۋرەنمەي «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق»دېگەن تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، چۆللىشىشنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، سىستېمىلىق تۈزەش، مەنبەدىن تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك.

ھازىر، ئۇنسۇ ناھىيەسى كۆكيار بازىرى كۈزلۈك كۆچەت تىكىش پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلماقتا. بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ليۇ جيې مۇنداق بىلدۈردى: بىز «كۆكيار روھى»نى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد ئىز بېسىپ ئىشلەپ، ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ئېلىپ كېلىشىمىز كېرەك.

«بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى قەتئىي ساقلاپ، تەبىئىي بايلىقنى خورىتىش، مۇھىتقا زىيان يەتكۈزۈشنى بەدەل قىلىدىغان تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تەلتۆكۈس چۆرۈپ تاشلاپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرىمىز» دېدى ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ۋىلايەتلىك تەبىئىي بايلىق ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى جېڭ خۇڭچۈەن.

(مۇخبىر لى چۇنشيا، قاتناشقان مۇخبىرلار خېي خۇڭۋېي، شى شىن، خەن چىنيەن، ما يىنىڭ، جاۋ يۆ، پەرىزات ئابدۇل، ليۇ دۇڭلەي، جاڭ جىلى، جاڭ تىڭ، رېن خۇا، ئىختىيارىي مۇخبىر خۇ جۈنشيۇ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.