بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ بىڭتۇەندە كەم - كوتسىز جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ شياۋيەن خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، بىڭتۇەننىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، جېڭۋېي ۋاڭ جۈنجېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن. يىغىننىڭ ئېچىلىشى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ ۋە بىڭتۇەن خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، شىنجاڭ ۋە بىڭتۇەندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا سەمىمىي غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قىلغان مۇھىم سۆزى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېيىتتى ۋە راۋاجلاندۇردى، ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ئىنتايىن كۈچلۈك سىياسىي خاراكتېرگە، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرىگە، ئىستراتېگىيەلىك خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى شىنجاڭ ۋە بىڭتۇەن خىزمىتىنىڭ يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ۋە بىڭتۇەن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.
بىڭتۇەندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى كاپالەت قىلىپ، ئۇزاق كەلگۈسى پىلان ئۈستىدە كۆپرەك ئىزدىنىپ، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى كۆپرەك قوللىنىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بىڭتۇەننىڭ تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تونۇش كېرەك. چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، كاللىنى ئومۇميۈزلۈك قوراللاندۇرۇش كېرەك. كۆڭۈل قويۇپ تەشۋىق قىلىپ، لېكسىيە سۆزلەپ، ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك. چوڭ ۋەزىيەتنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت، بۇرچنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ئىستىلنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.
بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن پېڭ جيارۇي قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.