شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەممە جاي قىزغىن، خۇشال بايرام كەيپىياتىغا چۆمدى، قىزىل بايراقلار جەۋلان قىلىپ، مەدھىيە ناخشىلىرى ياڭرىدى... پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما تولۇپ تاشقان خۇشاللىق بىلەن، كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى ۋە بەخت تىلىدى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.
كۆركەم «جۇڭگو قىزىل رېڭى» چوڭ - كىچىك كوچىلاردىكى ئەڭ يارقىن مەنزىرىگە ئايلاندى. 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ تاشقورغان بازىرى شۈدۇڭ مەھەللىسىدە، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقلار شامالدا لەپىلدەپ تۇراتتى، مەھەللە كادىرلىرى تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەر بىلەن بىرلىكتە بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا پاراڭلاشتى. ئاھالە مەمەتيارى سىلام مۇنداق دېدى: «كادىرلارنىڭ 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدىكى تەشۋىقاتىنى ئاڭلاپ بىز ناھايىتى روھلاندۇق، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭغا بولغان چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز، بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلىرىمىز بارغانسېرى گۈزەل بولىدۇ!»
9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، گۇما ناھىيەسىنىڭ قوشتاغ بازىرى تۈگمەنبويى كەنتىدىكى ھەممە ئائىلىلەرنىڭ ئىشىكى ئالدىدا بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق جەۋلان قىلىپ تۇراتتى. ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىدىن تۈگمەنبويى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە بارلىق كەنت ئاھالىلىرى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، كۆپچىلىك بەس - بەستە دۆلەت بايرىقى بىلەن سۈرەتكە چۈشتى. «دۆلەت بايرىقى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ، قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن چىققان تەبەسسۇم بىلەن ۋەتەن ئانىمىزغا بەخت تىلىدۇق» دېدى كەنت ئاھالىسى ياسىن توختى.
9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ لوپنۇر بازىرى شىڭفۇ مەھەللىسى «دۆلەت بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش، جۇڭچيۇنى تەبرىكلەش» بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، نەق مەيداندا ياسىغان يۆبىڭنىڭ مەززىلىك پۇرىقى پائالىيەتكە قاتناشقان ھەربىر ئاھالىنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى. شىڭفۇ مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ياقۇپ مەمەت مۇنداق دېدى: «يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، تۇرمۇشىمىز كۈندىن - كۈنگە ياخشىلاندى، بىز مېھىر - شەپقەتنى بىلىپ، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ھازىرقى گۈزەل تۇرمۇشنى قەدىرلەپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز».
بىر ئالاھىدە بايراملىق سوۋغات ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ قارا كېچىك يېزىسى بىنام كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىگە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى. بىنام كەنتىدە نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرىنىڭ پايدىسى تەقسىملەندى، سەرخىل مېۋىلىك باغقا يېرىنى پاي قىلىپ قوشقانلارغا پايدا تەقسىملەپ بېرىلدى، پۈتۈن كەنتتىكى 60 نامرات ئائىلە، 20 ئادەتتىكى ئائىلە پايدا ۋە ياردەم پۇل مەبلىغىنى تاپشۇرۇۋالدى. «ئائىلىمىز 3500 يۈەن پايدا تەقسىملەندى.» نامرات ئاھالە ياسىن روزىنىڭ ھاياجان ئىلكىدە ئېيتىشىچە، ئائىلىسىنىڭ يېرىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا پاي قىلىپ قوشۇپتۇ، كالىسىنى ھاۋالىلىك بېقىشقا بېرىپتۇ، ئۆزى كەنتتىكى ياغاچ ماتېرىياللىرى زاۋۇتىدا ئىشلەپتۇ، «ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، كوممۇنىستىك پارتىيەگە رەھمەت، باش شۇجى شى جىنپىڭغا رەھمەت».
قابا ناھىيەسى ھەرقايسى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى ۋاقىت بۆلىكىگە ئايرىپ تەشكىللەپ «بېيجىڭغا تەلپۈنۈش. دۆلەت بايرىمىنى قىزغىن كۆتۈۋېلىش» باش تېما پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. پائالىيەت مەزگىلىدە، ھەرقايسى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى، يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش باش تېما باغچىسى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ كوللېكتىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىش، باش تېمىلىق تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش، جەمئىيەت ئەمەلىيىتى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى. قابا ناھىيەلىك تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ 8 - يىللىق 2 - سىنىپ ئوقۇغۇچىسى لى مېڭياۋ مۇنداق دېدى: «پائالىيەت داۋامىدا، بىز ئەجدادلارنىڭ قەھرىمانلىق ھېكايىلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدۇق، ۋەتىنىمىزنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى ئارقىسىدىكى جاپالىق كۈرەش مۇساپىسى بىلەن تونۇشتۇق، بىز تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، شى جىنپىڭ بوۋامنىڭ ئۆسمۈر بالىلاردىن كۈتكەن سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماي، مىننەتدارلىققا تولغان قەلبىمىز بىلەن، ۋاقىتنى قەدىرلەپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە دۆلەتكە، خەلققە، جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىمىز».
9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى سەھەردە، جىڭ ناھىيەسىنىڭ باجياخۇ دېھقانچىلىق مەيدانى دېھقانچىلىق 7 - ئەترىتىنىڭ خىزمەتچىسى ياڭ ۋېيدۇڭ دۆلەت بايرىمىغا سوۋغا قىلىش ئۈچۈن كەنتتىكى بىر قورشاۋ تامنى ئەستايىدىل ئۆلچەپ، «كەنتتىكى بەختلىك تۇرمۇش» ناملىق رەسىمنى سىزىشقا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. «ھازىر ھەممە ئائىلە ئەمىن ئۆيدە ئولتۇرۇۋاتىدۇ، كەنتنىڭ مۇھىتى بارغانسېرى گۈزەللەشتى، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى بەختكە تولدى، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىگە رەھمەت ئېيتىمىز، مەن قەلىمىم بىلەن قەلبىمدىكى مىننەتدارلىقىمنى سىزىپ چىقىمەن» دېدى ياڭ ۋېيدۇڭ كۈلۈپ تۇرۇپ.
(مۇخبىر جاڭ تىڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار خەن چىنيەن، سۇڭ ۋېيگو، سۇڭ ياۋېن، ئىختىيارىي مۇخبىر خې داۋېي)