تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

3- قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى يۇقىرى سەۋىيەدە قوغداش كېرەك

چېن چۈەنگو قارامايلى تېغىدىكى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ۋە شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

3- قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى يۇقىرى سەۋىيەدە قوغداش كېرەك

9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو قارامايلى تېغىدىكى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ۋە شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: چېن چۈەنگو شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا كارخانا مەسئۇللىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىمەكتە. (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو قارامايلى تېغىدىكى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ۋە شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى بىلەن بىرتۇتاش پىلانلاپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

قارامايلى تېغىدىكى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ياۋايى ھايۋانلارنى قۇتقۇزۇش مەركىزى ۋە ياۋايى ھايۋانلار يەم - خەشەك ئامبىرىدا، چېن چۈەنگو باشقۇرۇش - مۇھاپىزەت قىلىش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ سانى، تۈرىنىڭ ئۆزگىرىشى، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تۈزەش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى قەتئىي ساقلاپ، قۇمنى تىزگىنلەش، سۇنى تىزگىنلەش ۋە ئورمان، ئوتلاقنى قوغداش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ قانات يايدۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلىش كېرەك. مەنبەدىن قوغداش، سىستېمىلىق تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، زىيادە ئېچىش ۋە قىسمەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىش مەسىلىلىرىنى قەتئىي توسۇپ، ئېكولوگىيە توسۇقىنى ھەقىقىي پۇختىلاش كېرەك. تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، تەرەققىي قىلدۇرۇش داۋامىدا قوغداش، قوغداش داۋامىدا تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق تەرەققىي قىلىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ ئارقىلىق غايەت زور ئېكولوگىيە ئۈنۈمى، ئىقتىسادىي ئۈنۈم، جەمئىيەت ئۈنۈمى ھاسىل قىلىش كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشتىكى بىرىنچى مەسئۇل كىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزى تۇتۇشى، باش مەسئۇل بولۇشى كېرەك؛ ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئىش تەقسىماتى بويىچە ھەمكارلىشىپ، ئورتاق كۈچ چىقىرىشى كېرەك؛ نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، نازارەت قىلىش، جاۋابكارلىققا تارتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى يۇقىرى سەۋىيەدە قوغداش ئارقىلىق، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا، چېن چۈەنگو كارخانىلارغا كىرىپ، سېخلارغا كىرىپ، كارخانا مەسئۇللىرى ۋە ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، تېخنىكا دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن مۇھىتنى قوغداشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا، ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئايلانما ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭى ھۈنەر - سەنئەت، يېڭى تېخنىكىنى قوللىنىپ كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، يېشىل رەڭنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى يارقىن رەڭگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي نۇقتىسىنى يېڭىلىق يارىتىشقا قويۇپ، سانائەتنىڭ ئاساسىنى كۈچەيتىپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىكلەشكەن، توپلاشقان، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، بايلىق، ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئېچىۋېتىشنى پائال كېڭەيتىپ، رايون ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تۈرتكە قىلىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋاسىتىسىنى بېيىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش قاتلىمىنى ئۆستۈرۈپ، ئوچۇق ئىقتىساد تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. يەرلىككە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈپ، پائال تۈردە كەسىپ ئاساسىنى پۇختىلاش، قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى نەتىجە يارىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى يەرلىكنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىغا نەپ يەتكۈزۈش كېرەك. مۇلازىمەت كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەپ، سىياسەت تىرىكى، مۇھىم ئامىل مەدىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات داۋامىدا يولۇققان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا پائال ياردەم بېرىپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىشنى سىجىل قوزغىتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.