تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارتىيەنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتەيلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 3- قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش - ياخشى ئىشلىيەلمەسلىكنىڭ ئەڭ تۈپ ئاساسى پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ قەتئىي كۈچلۈك بولۇش - بولماسلىقىدا. 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى چوڭقۇر كۆرسەتتى: پارتىيەمىزنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش. باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىدىن يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە توغرىلىنىپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ كۆزىتىپ، پىلانلاپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇش ۋە ئىگىلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلەپ، شىنجاڭ خىزمىتىدە مۇھىم، زور نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى، شىنجاڭدا جەمئىيەت مۇقىم بولغان، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كېلىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە يۈرۈش قىلىشقا مۇستەھكەم ئاساس سېلىندى. بىر قاتار نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى، پارتىيەنىڭ پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتىكى رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى تولۇق نامايان قىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر نامايان قىلدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرساق، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا ماڭساق، قەتئىي تەۋرەنمەي مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرساق ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرسەك، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىك ۋەزىيىتىنى يارىتالايمىز، ئەبەدىي ئەمىنلىك ئىشلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايمىز.

ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە ئىختىساسلىقلارنى تاللاش مۇھىم. پارتىيەنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتە، كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇش كېرەك. قەتئىي بوشاشماي غايە - ئېتىقاد تەربىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتىكى چېنىقىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كادىرلارنىڭ سىياسىي ساپاسىنى پەرقلەندۈرۈشنى دائىملاشتۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك ھوقۇقىنى باشتىن - ئاخىر سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان كادىرلارنىڭ قولىدا مەھكەم تۇتقۇزۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېتىشتۈرۈش، تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭ كادىرلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈش، تەربىيەلەش يىرىك پىلانىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، نەزەرىيە ئاساسى پۇختا، سىياسەتنى جايىدا ئىگىلىگەن، ئەمەلىيەت ئىقتىدارى كۈچلۈك كادىرلار قوشۇنىنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك. پارتىيەگە سادىق، ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك يۇقىرى ساپالىق ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار قوشۇنى قۇرۇشنى مۇھىم ۋەزىپە سۈپىتىدە بوشاشماي دائىم تۇتۇپ، روشەن ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشى تۇرغۇزۇپ، سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان مۇنەۋۋەر ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىغا تولۇق ئىشىنىش، ئۇلار بىلەن چىڭ ئىتتىپاقلىشىش، ئۇلارنى يۈرەكلىك تاللاپ ئۆستۈرۈش، دادىل ئىشلىتىش كېرەك. دەل باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەندەك: «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ئىشىنىشكە ئەرزىيدۇ، جەڭگىۋارلىققا ئىگە»، ئۇلارنى سىياسىي جەھەتتە رىغبەتلەندۈرۈپ، خىزمەت جەھەتتە قوللاپ، تەمىنات جەھەتتە كاپالەتلەندۈرۈپ، تۇرمۇش جەھەتتە كۆڭۈل بۆلۈپ، پىسخىك جەھەتتە غەمخورلۇق قىلىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ قوللىنىپ، شىنجاڭنىڭ كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى مىللەت روھى ۋە دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، توغراق روھى ۋە بىڭتۇەن روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋردە چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىشقا، چېگرا رايونغا ئۆزىنى بېغىشلاشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ زور ئىشى، جەزمەن پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، مەركەز تارماقلىرى قوللايدىغان، يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەر ياردەم بېرىدىغان، ماسلىشىدىغان، شىنجاڭ سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، مەركەز شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ خىزمىتىگە قارىتا ۋەزىيەتنى تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلىش، سىياسەت تەتقىق قىلىش، ماسلاشتۇرۇش - يېتەكچىلىك قىلىش، ھەيدەكچىلىك قىلىش - تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە قارىتا خىزمەت پىكرىنى ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك؛ مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، زىچ ھەمكارلىشىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، نازارەتچىلىك قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ، قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىشى كېرەك. شىنجاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرىنچى سەپتە تۇرۇپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك؛ ئىچكىرى رايونلاردىكى ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر شىنجاڭغا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوللىشى كېرەك؛ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەر شىنجاڭ بىلەن ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك؛ بىڭتۇەننىڭ تەشكىلىي ئەۋزەللىكى ۋە سەپەرۋەرلىك ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالاھىدە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، بۇرچ شەرەپلىك، مەسئۇلىيەت مۇھىم، زور، تۆھپىسى ھازىرقىلارغا، پايدىسى كېيىنكىلەرگە بولىدۇ. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇزاق كەلگۈسى پىلان ئۈستىدە كۆپرەك ئىزدىنىپ، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى كۆپرەك قوللىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى ئورتاق يارىتايلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.