تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە، جۇڭگوچە خاسلىققا، جۇڭگوچە سالاپەتكە ئىگە ئارخېئولوگىيە ئىلمى بەرپا قىلىپ، ئۇزاق تارىخقا ئىگە، مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنلۇق جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى تېخىمۇ ياخشى تونۇش كېرەك

شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 23- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى

جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە، جۇڭگوچە خاسلىققا، جۇڭگوچە سالاپەتكە ئىگە ئارخېئولوگىيە ئىلمى بەرپا قىلىپ، ئۇزاق تارىخقا ئىگە، مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنلۇق جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى تېخىمۇ ياخشى تونۇش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن كېيىن دۆلىتىمىز ئارخېئولوگىيەسىدىكى ئەڭ يېڭى بايقاشلار ھەم ئۇنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا 23 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۈگۈنكى جۇڭگو كەڭ ھەم چوڭقۇر جەمئىيەت ئۆزگىرىشىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، شۇنداقلا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق ياراتماقتا. بىزنىڭ ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشىمىز جەزمەن تارىخىي تەرەققىيات قانۇنىيىتى ئۈستىگە قۇرۇلۇشى، جەزمەن تارىخىي توغرا يۆنىلىش بويىچە ئىلگىرىلىشى كېرەك. ئارخېئولوگىيە خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە، جۇڭگوچە خاسلىققا، جۇڭگوچە سالاپەتكە ئىگە ئارخېئولوگىيە ئىلمى بەرپا قىلىپ، ئۇزاق تارىخقا ئىگە، مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنلۇق جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى تېخىمۇ ياخشى تونۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مەنبەسىنى ئىزدەش قۇرۇلۇشى ۋە «جۇڭگو ئارخېئولوگىيەسى» مۇھىم، زور تۈرىنىڭ مۇتەخەسسىسى چېن شىڭسەن بۇ مەسىلە توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىپ، پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئارخېئولوگىيە خىزمىتى بىر تۈرلۈك مۇھىم مەدەنىيەت كەسپى، شۇنداقلا بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور ئىجتىمائىي، سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە خىزمەت. ئارخېئولوگىيە خىزمىتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ گۆھەرلىرىنى نامايان قىلىدىغان ۋە بەرپا قىلىدىغان مۇھىم خىزمەت. تارىخنى تونۇش ئارخېئولوگىيە ئىلمىدىن ئايرىلالمايدۇ. تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئۆتمۈشنى جانلىق بايان قىلىپلا قالماي، يەنە ھازىر ۋە كەلگۈسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ بىزگىلا مەنسۇپ بولۇپ قالماي، كېيىنكى ئەۋلادلارغىمۇ مەنسۇپ. تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ياخشى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىش تارىخقا مەسئۇل بولغانلىق، خەلققە مەسئۇل بولغانلىق. بىز ئارخېئولوگىيە خىزمىتى ۋە تارىخ تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، مۇزېيدا ساقلانغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، كەڭ زېمىندا ساقلىنىپ قالغان مىراسلار، قەدىمكى كىتابلاردا يېزىلغان يېزىقلارنىڭ ھەممىسىنى جانلاندۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت ئوزۇقىنى بېيىتىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىرنەچچە ئەۋلاد ئارخېئولوگىيە خادىملىرىنىڭ داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىشى ئارقىلىق، دۆلىتىمىزنىڭ ئارخېئولوگىيە خىزمىتىدە مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، تارىخنىڭ ئوق سىزىقى ئۇزارتىلدى، تارىخنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسى ئاشۇرۇلدى، تارىخنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى بېيىتىلدى، تارىخىي مەنزىرىلەرگە جان كىرگۈزۈلدى. ئارخېئولوگىيەلىك بايقاشلار جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مەنبەسى ۋە تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي تومۇرىنى نامايان قىلدى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى نامايان قىلدى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ دۇنيا مەدەنىيلىكىگە قوشقان مۇھىم، زور تۆھپىسىنى نامايان قىلدى. ئۇزاقتىن بۇيان، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى دۇنيادىكى باشقا مەدەنىيلىكلەر بىلەن بار - يوقىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇپ، تەجرىبە ئالماشتۇرۇپ ۋە ئۆرنەك ئېلىپ، دۇنياغا چوڭقۇر ئىدىيە سىستېمىسى، مول پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەنئەت نەتىجىلىرى، ئۆزگىچە تۈزۈم ئىجادىيىتىنى تۆھپە قىلىپ قوشۇپ، دۇنيانىڭ مەدەنىيلىك مۇساپىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى.

شى جىنپىڭ ئارخېئولوگىيە ۋە تارىخ تەتقىقاتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا تۆت نۇقتىلىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى، داۋاملىق تۈردە نامەلۇم مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مەنبەسىنى ئېچىپ بېرىش كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ قەدىمكى زامان تارىخىدا يەنە نۇرغۇن نامەلۇم ساھەلەر بار، ئارخېئولوگىيە خىزمىتىدە ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق. «جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مەنبەسى ۋە دەسلەپكى مەزگىلدىكى تەرەققىياتى ئۇنىۋېرسال تەتقىقاتى»، «جۇڭگو ئارخېئولوگىيەسى» قاتارلىق مۇھىم، زور تۈرلەرنى ياخشى يولغا قويۇپ، ئارخېئولوگىيە بايلىقىنى تەكشۈرۈش ۋە سىياسەت ئېھتىياجىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئارخېئولوگىيە خىزمىتى يىرىك پىلانى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بەزى مۇھىم، زور تارىخىي مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ ئومۇمىي جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ئىككىنچى، ئارخېئولوگىيە نەتىجىلىرىنى قېزىش، رەتلەش، شەرھلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئارخېئولوگىيە ئىلمى ساھەسىدىكىلەر ئىقتىساد، قانۇن، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە، پەن - تېخنىكا، تېبابەت قاتارلىق ساھەلەردىكى تەتقىقات خادىملىرى بىلەن بىرلىكتە، قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە خارابىلىكلەرنى تەتقىق قىلىش، شەرھلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئېلىمىز مەدەنىيلىكىنىڭ مەنبەسى ۋە تەرەققىياتى شۇنداقلا ئىنسانىيەتكە قوشقان مۇھىم، زور تۆھپىسىنى تېخىمۇ ئېنىق، تېخىمۇ ئەتراپلىق نامايان قىلىپ، تارىخ ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. ئۈچىنچى، تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئارخېئولوگىيەلىك خارابىلەر ۋە تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تارىخنىڭ گۇۋاھچىسى، جەزمەن ياخشى قوغداش، ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بايلىقى مۈلۈك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى جىنايىتىگە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. تۆتىنچى، ئارخېئولوگىيە ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى ۋە پەن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. دىيالېكتىك ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزمدا چىڭ تۇرۇپ، نەزەرىيە جەھەتتە چوڭقۇر ئىزدىنىپ، جۇڭگو ئارخېئولوگىيە ئىلمىنىڭ خەلقئارا ئارخېئولوگىيە ئىلمى ساھەسىدىكى تەسىر كۈچى، سۆز قىلىش ھوقۇقىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئارخېئولوگىيە قوشۇنىنى پائال يېتىشتۈرۈپ، زورايتىپ، تېخىمۇ كۆپ ياشلارنى ئارخېئولوگىيە ئىشلىرىنى قىزغىن سۆيۈش، ئارخېئولوگىيە ئىشلىرىغا ئاتلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئارخېئولوگىيە ئىشلىرىنىڭ ۋارىسى بار بولۇش، ئىختىساسلىقلار تۈركۈملەپ يېتىشىپ چىقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تارىخنىڭ ئۇزاق ئېقىنىدا، جۇڭخۇا مىللىتى ئۇلۇغ مىللەت روھى ۋە مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى شەكىللەندۈرگەن، بۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشى، ئۇزاققىچە گۈللىنىپ خارابلاشماسلىقىدىكى مەدەنىيەت گېنى، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مەنىۋى كۈچ، شۇڭا يېڭى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. تارىخنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ئارقىلىق ئارخېئولوگىيە نەتىجىلىرى ۋە تارىخ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى تارقىتىشنى كۈچەيتىپ، كەڭ كادىرلار، ئامما، بولۇپمۇ ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مەنبەسى ۋە تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي تومۇرىنى تونۇشقا، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تونۇشقا، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىگە قوشقان مۇھىم، زور تۆھپىسىنى تونۇشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى، مىللەتنىڭ پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ ئارخېئولوگىيە نەتىجىلىرى ۋە تارىخ تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ مۇھاكىمە قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، خەلقئارا جەمئىيەتكە مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنلۇق جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى نامايان قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىگە قوشقان مۇھىم، زور تۆھپىسىنى ئېنىق سۆزلەپ، دۇنيانى جۇڭگو تارىخىنى چۈشىنىش، جۇڭخۇا مىللىتى روھىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، بۇ ئارقىلىق بۈگۈنكى جۇڭگوغا بولغان بىلىش ۋە چۈشىنىشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ياخشى خەلقئارا ئاممىۋى پىكىر مۇھىتى يارىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشتا مەسئۇلىيىتىمىز ئېغىر، زور دېگەن قاراشنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئارخېئولوگىيە خىزمەتچىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇلارنى ئاسراپ، ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ، مالىيە كۈچى قاتارلىق جەھەتلەردىن پائال قوللاپ، ئارخېئولوگىيە ئىشلىرى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، تارىخ تەتقىقاتى ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.