تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 3- قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

تەرەققىيات شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ مۇھىم ئاساسى. 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىگە، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچەيگەنلىكىگە يۈكسەك باھا بەردى، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى شىنجاڭنى مۇقىم، ئەمىن قىلىش ئىستراتېگىيەسى يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ، «قەتئىي تەۋرەنمەي شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەزمەن خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، كىشىلەر قەلبىنى ئۇتۇشنى زىچ چۆرىدەپ ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى، «تەرەققىياتنى تۇتۇش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش ئارقىلىق، ئاممىنى قىلىدىغان ئىشى بولۇش، پۇل تاپالايدىغان بولۇش، ئۈمىدۋار بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، پارتىيەنىڭ ھەر مىللەت ئامما ئارىسىدىكى ئۇيۇشتۇرۇش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ۋەتەننى سۆيىدىغان، شىنجاڭنى سۆيىدىغان ئاكتىپ كۈچنى ئۈزلۈكسىز قوشۇش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى، «ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم ياشىشى، خۇشال - خۇرام ئىشلىشىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايدىغان تۈرلەرنى كۆپرەك يولغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك بېجىرىپ، ھەر مىللەت ئامما دائىم غەم قىلىدىغان مەسىلىلەرنى كۆپرەك ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك» دەپ تەلەپ قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقلىرىدا «كىم ئۈچۈن، كىمگە تايىنىش كېرەك»تىن ئىبارەت بۇ چوڭقۇر تېما چوڭقۇر شەرھلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن تىرىشىش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بېرىلدى.

ھەيۋەتلىك تىيانشان، گۈزەل كوئېنلۇن شىنجاڭدىكى تارىخىي زور ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا باھار دولقۇنى مەۋج ئۇرۇپ، ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ، كونا قىياپەت يېڭىلىنىشتەك تەرەققىيات مۆجىزىلىرى بىر - بىرلەپ پۈتۈلدى. 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 919 مىليارد 590 مىليون يۈەندىن كۆپىيىپ 1 تىرىليون 359 مىليارد 710 مىليون يۈەنگە يەتتى، ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى كىشى بېشى كىرىمى يىلىغا ئوتتۇرىچە %9.1 ئاشتى، نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى %19.4تىن %1.24كە تۆۋەنلىدى، مەركەز مالىيەسىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە قىلغان يۆتكىمە چىقىمى 263 مىليارد 690 مىليون يۈەندىن كۆپىيىپ 422 مىليارد 480 مىليون يۈەنگە يەتتى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەر جەمئىي 96 مىليارد 400 مىليون يۈەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) سالدى، 10 مىڭدىن ئارتۇق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىنى يولغا قويدى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەردىن كىرگۈزۈلگەن كارخانىلارنىڭ نەقلەشتۈرگەن مەبلىغى 1 تىرىليون 684 مىليارد يۈەن بولدى، مەركەز كارخانىلىرى سالغان مەبلەغ 700 مىليارد يۈەندىن ئاشتى. بىر گۇرۇپپا سانلار شىنجاڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى پۇختا تەرەققىيات قەدىمىنى گەۋدىلەندۈرمەكتە، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈللىنىش، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىدىغان، گۈزەل تۇرمۇشتىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان يېڭى مەنزىرىنى نامايان قىلماقتا.

«14 - بەش يىل» مەزگىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئاساسىدا ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلايدىغان بىرىنچى بەش يىل، دۆلىتىمىز يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىدۇ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش تېزلىتىلىدۇ. شىنجاڭنىڭ رايون ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تۈرتكە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋاسىتىسىنى بېيىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش قاتلىمىنى ئۆستۈرۈپ، ئوچۇق ئىقتىساد تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ۋە چېگرا بويىنى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىش كېرەك. سانائەت ئاساسىنى كۈچەيتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ۋە تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە پائال تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىلمىي پىلانلاپ قۇرۇلۇش قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، شەھەر - بازارلاشتۇرۇش سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى قەتئىي ساقلاپ، قۇمنى تىزگىنلەش، سۇنى تىزگىنلەش ۋە ئورمان، ئوتلاقنى قوغداش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ قانات يايدۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلىش كېرەك.

ھازىر، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى زور ئىشنى ئۇزاققىچە ياخشى تۇتۇش كېرەك. قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەكشۈرۈش - ئۆلچەش ۋە ياردەم بېرىش - يۆلەش تۈزۈم - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن تەرەققىي قىلالايدىغان بولۇشقا، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، تۈزۈلمە - مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش بىلەن تەرتىپلىك يۆتكەپ، سىرتقا چىقىرىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا جەمئىي 2 مىليون 511 مىڭ 600 كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 2683 نامرات كەنت نامراتلىقتىن چېكىنىپ چىقتى، 16 نامرات ناھىيە قالپىقىنى ئېلىۋەتتى، نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى %29.1تىن %2.21كە تۆۋەنلىدى. مۇشۇ ئاساستا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا داۋاملىق زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك. شىنجاڭ ھېكايىسىنى كۆپ قاتلاملىق، ھەر تەرەپلىمە، ئىستېرېئولۇق ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىم بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى، خەلق خاتىرجەم ياشاۋاتقان، خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتقان بەختلىك تۇرمۇشنى مەردانىلىك بىلەن تەشۋىق قىلىش كېرەك.

خەلقنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش پارتىيەمىزنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا ئەمەلىيلەشتۈرگەندە، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرگەندە، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرگەندە شىنجاڭنىڭ ئەتىسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.