تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىستاتىستىكا ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىستاتىستىكا كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىستاتىستىكا خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى كوللېكتىپ ئۆگەندى

ئىستاتىستىكا ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىستاتىستىكا كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك

چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى

شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىستاتىستىكا خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئۆگىنىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، ۋاڭ مىڭشەن يىغىنغا قاتناشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بۇ قېتىمقى كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. يىغىندىن بۇرۇن، يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار ئالاقىدار ھۆججەتلەرنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى.

چېن چۈەنگو سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىستاتىستىكا خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىستاتىستىكا باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ چىنلىقىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىقلار توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىپ، دۆلىتىمىز ئىستاتىستىكا ئىشلىرىنىڭ يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىكى ئىستاتىستىكا خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق ۋە تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى ئىستاتىستىكا ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىغا ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجىنىڭ ئىستاتىستىكا خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، توغرا تەرەققىيات قارىشى، سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىستاتىستىكىنىڭ كەسكىن، دەل جايىدا، چىن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىستاتىستىكا خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىستاتىستىكا قانۇن - نىزاملىرى ۋە سىياسەت ھۆججەتلىرىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمەت تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ چىنلىقى، توغرىلىقىنى ئۆستۈرۈش تەلىپىنى تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئىستاتىستىكا مەسئۇلىيەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، ھۆكۈمەتلەرنىڭ رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى، ئىستاتىستىكا ئاپپاراتلىرىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى قاتلاممۇقاتلام چىڭىتىپ، ئىستاتىستىكا ئىسلاھاتى تەرەققىياتىنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار ئىستاتىستىكا تارماقلىرى بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىستاتىستىكا تارماقلىرىنىڭ قانۇن بويىچە ئىستاتىستىكا خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاپ، ئىستاتىستىكا نازارەتچىلىكى ۋە ئىستاتىستىكا قانۇن ئىجراسىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن ماسلىشىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىستاتىستىكا ئاپپاراتلىرى ئىستاتىستىكا خىزمىتى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، زامانىۋى ئىستاتىستىكا ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىستاتىستىكا ھوقۇق - مەنپەئىتى كاپالەتكە ئىگە بولىدىغان، ئىستاتىستىكا ھوقۇقى چەكلىمىگە ئۇچرايدىغان، ئىستاتىستىكىدا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقى جەزمەن سۈرۈشتۈرۈلىدىغان ياخشى مۇھىتنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.