ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى قاتارلىقلار يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى
پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنىنى كۈتۈۋېلىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك
چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى، يىغىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى قاتارلىقلار يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى بېسىپ تارقاتقان «<ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش> باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر» يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرى تەتقىق قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشنى پۇرسەت، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، رايون ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى قەتئىي ساقلاپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى زور ئىشنى ئۇزاققىچە ياخشى تۇتۇپ، غايە - ئېتىقاد تەربىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان كادىرلار قوشۇنى قۇرۇپ، بىڭتۇەن ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئالاھىدە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى ئىلمىي پىلانلاپ ياخشى تۈزۈش كېرەك. يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىستېمىلىق قاراشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىلمىي پىلانلاش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىش بىلەن خەلقتىن ئەقىل سوراشتا چىڭ تۇرۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرنى تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانغا ئەقىل - چارە كۆرسىتىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە جەمئىيەتنىڭ ئارزۇسى، ئاممىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكىرلىرى، ئاساسىي قاتلامنىڭ تەجرىبىلىرىنى «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈشكە تولۇق قوبۇل قىلىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ياخشى تۈزۈش كېرەك. يىرىك پىلاننى ئىلمىي پىلانلاپ، ئاساسنى كۈچەپ مۇستەھكەملەپ، ئەۋزەللىكلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى ياخشى پىلانلاپ، تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر بولغان تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت نىزامى»نى قەتئىي قوغداپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «نىزام»نىڭ روھى ۋە تەلىپىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي، كەسكىن قوغداپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك. نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشكە كۈچەپ كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دىققەتنى مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، قەتئىي بوشاشماي ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىن ئىشلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپىسى)لىرى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، دائىملاشقان مەخسۇس تۈزەشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.
شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.