تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

2 مىليون 923 مىڭ 200 كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە شىنجاڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى. 2019 - يىلىغا قەدەر، پۈتۈن شىنجاڭدا جەمئىي 2 مىليون 923 مىڭ 200 كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 3107 نامرات كەنت نامراتلىقتىن چېكىنىپ چىقتى، 22 نامرات ناھىيە قالپىقىنى ئېلىۋەتتى، نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى %1.24كە چۈشتى. «13 - بەش يىل» نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش يىرىك پىلانىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات نوپۇسنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش» تاماملىناي دەپ قالدى، «نامراتلىق يۈز بېرىش نىسبىتىنى %3تىن تۆۋەنگە چۈشۈرۈش» مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملاندى.

«13 - بەش يىل» مەزگىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش باسقۇچى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون دىققەتنى «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»كە مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، مائارىپ، داۋالاش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق كەمتۈكلۈكلەرگە كۈچەپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى دەل جايىدا ئالغا سىلجىتتى.

ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى ۋە تۇرالغۇ بىخەتەرلىكىدىكى كەمتۈكلۈكلەر كۈچەپ تولۇقلاندى. «13 - بەش يىل»دىن بۇيان، شىنجاڭ يېزىلاردا بىخەتەر ئىچىدىغان سۇ قۇرۇلۇشى تۈرىدىن 400دىن ئارتۇقنى يولغا قويدى، بارلىق نامرات نوپۇسنىڭ ئىچىدىغان سۇ مەسىلىسى ھەل قىلىندى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قۇملۇقنىڭ كىندىك رايونىغا، چەت - ياقا، ئېگىز ھەم سوغۇق تاغلىق رايونلارغا جايلاشقان سۇ يەتكۈزۈلمىگەن 67 كەنتنىڭ ھەممىسىگە سۇ يەتكۈزۈلدى، يېزىلاردا تۇرۇبا سۈيىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %90كە يېتىپ، مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئاشتى.

خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇلدى. 2019 - يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە قېپقالغان 9355 نامرات ئائىلىنىڭ بىخەتەر تۇرالغۇسى تولۇق پۈتۈپ ھەممىسى كۆچۈپ كىردى. شۇ يىلى، شىنجاڭ «13 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈش ئارقىلىق يۆلەش بويىچە ئۆي قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى مۇددەتتىن بىر يىل بۇرۇن تاماملىدى، 40 مىڭ 146 ئائىلىدىكى 169 مىڭ 400 كىشى خۇشال - خۇرام يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى.

كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش گەۋدىلەندۈرۈلدى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست 1 - كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، سورتلۇق ئۇرۇقلۇقنى كېڭەيتىش، باغ - ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە چارۋا، ئۆي قۇشلىرىنى كۆلەملىك بېقىشنى قانات يايدۇرۇپ، ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك كەسىپ بويىچە «قوش قاپلاش» «قوش سۇغۇرتا»نى پائال كېڭەيتتى. ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى قۇراشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر ئارقا - ئارقىدىن قەد كۆتۈردى، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى.

نۆۋەتتە، شىنجاڭدىكى نامرات ئاممىنىڭ «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» مەسىلىسى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىندى. نامرات ئائىلىلەردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى بالىلارنىڭ نامراتلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشسىز قېلىش، ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشىنى ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش ئىشقا ئاشتى؛ نامرات نوپۇسنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، چوڭ كېسەل سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى بىردەك %100كە يەتتى، نامرات ئاغرىقلار دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشتا «ئالدى بىلەن داۋالاش، ئاندىن ھەق تۆلەش» بىر كۆزنەكتە راسچوت قىلىش يولغا قويۇلدى، يېزا - كەنت شىپاخانىلىرى (داۋالاش ئۆيى)نىڭ ئۆلچەملىشىش نىسبىتى بىردەك %100كە يەتتى؛ بارلىق نامرات كەنتلەرگە قاتتىقلاشتۇرۇلغان يول تۇتاشتۇرۇلدى، ئېنېرگىيە توكى يەتكۈزۈلدى؛ بارلىق كۆچۈرۈلگەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەمگەك ئىقتىدارى بار ئائىلىلەردىن ئاز دېگەندە بىر ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

بۇ يىل «13 - بەش يىل» تاماملىنىدىغان يىل، شىنجاڭ تېخىمۇ زور ئىرادە، تېخىمۇ كۈچلۈك سالماق بىلەن نامراتلىققا ئەڭ ئاخىرقى ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغاپ، قېپقالغان 165 مىڭ نامرات نوپۇسنى قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، 560 نامرات كەنتنى نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈش، ئون نامرات ناھىيەنىڭ قالپىقىنى ئېلىۋېتىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبە قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.