تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەيمىز

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى −

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەيمىز

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ كادىرلار، ئامما 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەيمىز؛ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز؛ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى خىزمەتلەرنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرىمىز.

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزىمىز

شىنجاڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، نەشرىيات باشلىقى شۈ جياڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى كىشىلەر قەلبىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ. بىز سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نەشرىياتچىلىق كەسپىدە مەدەنىيەتنىڭ كەيپىياتنى يېتەكلەش، خەلقنى تەربىيەلەش، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى، راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئىجادىي ئايلىنىشى، ئىجادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇشىمىز كېرەك.

دۆلەت بايرىمىلىق، جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ۋېنبويۈەن (مۇزېي) ياشلار، ئۆسمۈرلەر تەتقىقات - ئۆگىنىش پائالىيىتى قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى سۆزلىتىپ، تارىخنى سۆزلىتىپ، تەربىيەنى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە سىڭدۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى جۇڭخۇا تارىخىي مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىش، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى كۈچەيتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ۋېنبويۈەننىڭ مۇئاۋىن يۈەنجاڭى تاڭ شيا مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ۋېنبويۈەن (مۇزېي) كۆرگەزمە، نامايەندىلەر ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىغا شىنجاڭ تارىخىنى ئېنىق چۈشەندۈرىدىغان تەشۋىقات - تەربىيە بازىسى. بىز 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بايلىقىنى ياخشى قوغداپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ تارىخىي ئىسپاتلىق، ئەمەلىي ئىسپاتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى باش تېما كۆرگەزمىلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇيۇشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك.

ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز

ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى چىماشەن تەۋەلىك رايونى شىشېڭ مەھەللىسىدە 2208 ئائىلىلىك ئاھالە بار بولۇپ، كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ مەھەللە تەۋەلىكىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تىپلىرىنى تولۇق قېزىپ، مول مەزمۇنلۇق «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيەتلىرىنى قەرەللىك قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنىڭ خەلق رايى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىدى. «بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، يادرولۇق مەزمۇنى ۋە روھىي ماھىيىتىنى ھەقىقىي ئىگىلىشىمىز كېرەك. مەھەللە خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى تەربىيەسىنى مەھەللە خىزمەتچىلىرى تەربىيەسى، جەمئىيەت تەربىيەسى، ياشلار، ئۆسمۈرلەر تەربىيەسىگە كىرگۈزۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەربىيەسىنىڭ تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى، مەكتەپ، كارخانىلارغا كىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز» دېدى بۇ مەھەللە پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى يې جىنرۇڭ.

«كۆپ يىللاردىن بۇيان، يېزا ئىگىلىك 7 - ئەترىتىدىكى ھەر مىللەت ئامما ئۆزئارا ھەمدەمدە بولۇپ، بىر - بىرىگە تايىنىپ ياشاپ كەلمەكتە.» 9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، جىڭ ناھىيەلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ جىڭ ناھىيەسى باجياخۇ دېھقانچىلىق مەيدانى يېزا ئىگىلىك 7 - ئەترىتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى شېرىنئاي شىرمەمەت مۇنداق دېدى: بىز باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئاساسىي قاتلام خىزمىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

«مەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ياشلار كوماندىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولغان، كوماندىدىكى ھەر مىللەت تىرېنېر ۋە ۋاسكېتبولچىلار بىللە ياشاپ، بىللە ئىلگىرىلەيتتۇق، كۆپچىلىك ئۆزئارا ئىشىنىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، سېنىڭ - مېنىڭ دېيىشمەيتتۇق.» شىنجاڭ يىلىتې ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ كوماندا باشلىقى ئابدۇسالام ئابدۇرېشىت مۇنداق دېدى: «كوماندا باشلىقى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۆزۈم ئۈلگە بولۇپ، ھەر مىللەت كوماندا ئەزالىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئۇيۇشتۇرىمەن».

شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرىمىز

«شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، <بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش>نى كۈچەيتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش قىزغىنلىقىنى قوزغاش شىنجاڭدىكى ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى.» ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى دېڭ شۈەنبىن مۇنداق دېدى: بىز شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشتا ئاكتىپ رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، دەۋرنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويمايمىز. نادىر ئەسەرلەرنى تۇتۇش، يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش ۋە پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى چۆرىدەپ، تارىخىي يۈكسەكلىكنى نامايان قىلىدىغان، دەۋر روھىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىر تۈركۈم ئەدەبىيات - سەنئەت نادىر ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزىمىز. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ ئالاقىلىشىش، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇش، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇش ھېكايىلىرىنى ياخشى سۆزلەپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق كىشىلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرىمىز.

شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، «مىللەت ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى تەھرىراتىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى دىلمۇرات تەلئەت مۇنداق دېدى: كۆپ يىللاردىن بۇيان، مەن ئەدەبىيات ئالماشتۇرۇشىنىڭ ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدىكى قەلب رىشتىنى باغلاش، ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشتا جارى قىلدۇرۇۋاتقان غايەت زور رولىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم. باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىدە شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمەت قىلىپ تۇتۇش تەكىتلەندى، ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسى ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشىپ خىزمەت قىلىشىمىز كېرەك.

شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى دىراما ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى ۋاڭ فاڭ مۇنداق دېدى: دىراما ئۆمىكى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، داۋاملىق تۈردە جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى سەنئەت ئىجادىيىتىگە سىڭدۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىدۇ. «ئىككى ئۈچۈن» يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئەدەبىيات - سەنئەتنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش» پائالىيىتىنى تېخىمۇ كۆپ قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىدۇ.

(مۇخبىرىمىز جىڭ بو، قاتناشقان مۇخبىرلار جاڭ جىلى، سۇ لۇپىڭ، سۇڭ ياۋېن، جياڭ داۋېي، مايگۈل. ھېيتقازى، لى لى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.