ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا 3- قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى
يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك
چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: دۆلىتىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان باسقۇچتا، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى پات ئارىدا باشلىنىدىغان تارىخىي پەيتتە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى، باش شۇجىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا رىشتە باغلىغان داھىيلىق مېھىر - مۇھەببىتىنى تولۇق نامايان قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ مەزمۇنى يۈكسەك، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول بولۇپ، ئۇنىڭدا 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان شىنجاڭ خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم، زور نەتىجە - ئۈنۈم ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىنىپ، ھازىر شىنجاڭ خىزمىتى دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى شەرھلىنىپ، ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، نىشان - ۋەزىپىلىرى، فاڭجېن - سىياسەتلىرى، ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تۈرتكە بولىدىغان نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيۋىلىككە، ئىدىيەۋىلىككە، نەزەرىيەۋىلىككە ئىگە بولۇپ، ماركسىزم ھەقىقىتىنىڭ نۇرىنى جۇلالاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەشكە ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى، قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى، بۇ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، شىنجاڭ خىزمىتىدە توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش، غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكچىلىك قىلىدىغان قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال. بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، زۇڭلى لى كېچياڭ، رەئىس ۋاڭ ياڭنىڭ سۆزىنىڭ تەلىپى بويىچە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى كاپالەت قىلىپ، ئۇزاق كەلگۈسى پىلان ئۈستىدە كۆپرەك ئىزدىنىپ، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى كۆپرەك قوللىنىپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ياخشى تۇتۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن ياخشى پۈتۈشى كېرەك.
بىرىنچىدىن، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى ئاچقانلىقىنىڭ مۇھىم، زور رېئال ئەھمىيىتى ۋە چوڭقۇر-ئۇزاق تارىخىي ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى ۋە روھىي ماھىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىپ، ئىگىلەپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يۈكسەك ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىق، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى بىلەن يىغىننىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش، خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە، ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك.
ئىككىنچىدىن، كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ شەكىلدىكى، قاتلاملارغا ئايرىلغان، تولۇق قاپلىغان ئۆگىنىش - تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار بىر قەدەم ئالدىدا ئۆگىنىش، كۆپرەك ئۆگىنىش، چوڭقۇرراق ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، قەلبىگە سىڭدۈرۈپ، ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈشى، باشلامچىلىق بىلەن تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، باشلامچىلىق بىلەن تەشۋىق قىلىشى - لېكسىيە سۆزلىشى، باشلامچىلىق بىلەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى، باشلامچىلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇشى - ئەمەلىيلەشتۈرۈشى؛ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى(پارتىيە گۇرۇپپىسى) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىلىرى يىغىن روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى مۇھىم مەزمۇن قىلىپ، سىستېمىلىق ئۆگىنىش، تەربىيەلەش پىلانىنى تۈزۈپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى كوللېكتىپ ئۆگىنىش، مەخسۇس تېمىدا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇپ مۇھاكىمە قىلىشقا قاتنىشىشقا پائال تەشكىللەپ، ماھىيەتلىك جەۋھىرىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەتراپلىق ئىگىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى؛ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلات تارماقلىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپلىرى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنلىرى) قارار، تۈركۈمگە بۆلۈپ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى مەخسۇس تېمىدا تەربىيەلەپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.
ئۈچىنچىدىن، كەڭ تەشۋىق قىلىپ، لېكسىيە سۆزلەپ، ھەممە ئادەم بىلىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك ئاخبارات تاراتقۇلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تور ۋە تور سىرتىدىكى تۈرلۈك بايلىقلارنى ياخشى ئىشلىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسى ياقتۇرىدىغان شەكىللەرنى قوللىنىپ، يىغىن روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلامدىن تەشۋىق قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش قىزغىنلىقىنى تېزدىن قوزغاپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قويۇق كەيپىياتى يارىتىش كېرەك. مول، رەڭدار، شەكلى خىلمۇخىل لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇرۇپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەنتلەرگە، ئائىلىلەرگە كىرىپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، يۈزتۇرا لېكسىيە سۆزلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىشەنچى، ئىرادىسىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملەش كېرەك.
تۆتىنچىدىن، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، خىزمەت يېڭى ۋەزىيىتى يارىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار قەتئىي بوشاشماي باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت، بۇرچنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى جۇشقۇنلۇق ۋە ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى كاپالەت قىلىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشى كېرەك. قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلىشى؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى تەربىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى؛ شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى؛ رايون ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنى تېزدىن قۇرۇپ چىقىپ، سانائەت ئاساسىنى كۈچەيتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ۋە تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، شەھەر - بازارلاشتۇرۇش سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا سىجىل تۈرتكە بولۇشى؛ سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، قار - مۇزلۇقنىڭ ئۆزىمۇ بىر بايلىق ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى قەتئىي ساقلاپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلىشى؛ دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى زور ئىشنى ئۇزاققىچە ياخشى تۇتۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشى؛ غايە - ئېتىقاد تەربىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتىكى چېنىقىش ۋە سىياسىي ساپانى پەرقلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يېتىشتۈرۈش، تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايىتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان كادىرلار قوشۇنىنى قۇرۇشى؛ بىڭتۇەن ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەشكىلىي ئەۋزەللىكى ۋە سەپەرۋەرلىك ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئالاھىدە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.
شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.