− شىنجاڭ خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇردى
خەلق گېزىتى مۇخبىرلىرى
«ھازىر، كىچىك كېسەلنى كەنت ياكى بازاردىلا كۆرسىتەلەيمىز، چوڭ دوختۇرخانىغا بېرىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق، كۆپ قولايلىق بولۇپ كەتتى!» دېدى شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ يوپۇغا بازىرى ئەۋەلقۇم كەنتىدە شەندۇڭدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇرغا كېسەل كۆرسىتىۋاتقان پاشاگۈل راخمان. پاشاگۈلگە ئوخشاش، بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭدا ئاساسىي قاتلام ئاممىسىنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆسمەكتە.
2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغان ئالتە يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش»نى پۇقرالار تۇرمۇشىنىڭ ئىنچىكە ھالقىلىرىغىچە كىرگۈزدى.
ھەربىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتتا خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئىللىقلىق دەرىجىسى يەتكۈزۈلمەكتە: شىنجاڭ مالىيە خامچوتىنىڭ %70تىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا ئىشلىتىشتە سىجىل چىڭ تۇردى؛ ئاپتونوم رايوندىكى شەھەر، بازارلار ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەرنى 24 سائەت ئىچىدە ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈپ، ئاز دېگەندە بىر كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلدى؛ 2011 - يىلىدىن بۇيان، جەمئىي 2 مىليون 687 مىڭ 700 ئائىلىلىك يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسى تاماملاندى، 10 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت دېھقان - چارۋىچىنىڭ ئەمىن ئۆيدە ئولتۇرۇشى، ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان يەردە ئولتۇرۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ بۇ يىل 346 مىڭ نامرات نوپۇسنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ھەل قىلىندى ...
تەرەققىيات خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈشتە، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ھەر مىللەت ئامما پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى، ئۇششاق، ئىنچىكە ئىشلاردىكى ئۆزگىرىشلەر داۋامىدا تولۇق ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ھېس قىلدى.
بالىلار ھاۋالىلىك بېقىلىدىغان، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولدى، مەھەللە مۇلازىمەت ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى
ئىلى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىدە، خۇڭشىليۇ مەھەللىسىدىكى «سائەت 6دىكى كىچىك دەرسخانا» مۇقامەت ئادىلجان ھەر كۈنى مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندە چوقۇم بارىدىغان جايغا ئايلاندى. «كىچىك دەرسخانا» ئەمەلىيەتتە كىچىك ئەمەس، ئۇ مەھەللە خىزمەت بىناسىنىڭ 2 - قەۋىتىدە، تولۇق 94 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، دەرسخانا ۋە پائالىيەت ئۆيىدىن ئىبارەت ئىككى بۆلەكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دەرسخانا ئىشىكىنى ئاچقىنىمىزدا، 15 نەپەر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى پۈتۈن زېھنى بىلەن تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتاتتى، يەتتە ياشتىن 12 ياشقىچە ھەرقايسى يىللىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى بار ئىدى.
«بۇ يەردە كەسپىي ئوقۇتقۇچىلار تاپشۇرۇق ئىشلەشكە يېتەكچىلىك قىلىپلا قالماي، يەنە ھەر خىل قىزىقىش بويىچە تەربىيەلەش بار.» مۇقامەت بۇ يىل توققۇز ياشتا بولۇپ، بۇ يەردە ئۆگىنىش قىلىۋاتقىنىغا بىر يىلدىن ئاشقانىدى. ھەر كۈنى كەچ سائەت 6دىن سائەت 8گىچە بۇ يەرگە چوقۇم كېلىش ئۇنىڭ ئادىتىگە ئايلىنىپ كەتكەنىدى.
خۇڭشىليۇ مەھەللىسىدە كۆچمە نوپۇس كۆپ، تاغلىق رايون يېزا ئىشلەمچى خادىملىرىدىن 505 ئائىلە، 1782 كىشى بار. مەھەللىنىڭ 1 - شۇجىسى گۇەن شياۋجۈ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، بالىلار «مەكتەپتىن قايتقاندا خەۋەر ئالىدىغان ئادەم بولماسلىق» مەسىلىسى ئىشلەمچىلەرنىڭ قىيىن مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن مەھەللە «سائەت 6دىكى كىچىك دەرسخانا»نى تەسىس قىلىپ، ئىككى كەسپىي ئوقۇتقۇچى ۋە بىر مەھەللە كادىرىنى مەكتەپتىن قايتقان بالىلاردىن خەۋەر ئېلىش ۋە ئۇلارنىڭ دەرسلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىشقا ماسلاشتۇرۇپ، ئىشلەمچىلەرنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگەتتى.
مەھەللىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، بالىلار ھاۋالىلىك بېقىلىپلا قالماي، ياشانغانلارمۇ كۈتۈنەلەيدىغان بولدى.
«ئەمگەكچى خەلق پۈتۈنلەي بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ، گۈزەل چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكى بېلىق - گۈرۈچ ماكانىنى سىزىپ چىقتى...» يېقىملىق ئەرخۇ ساداسى تەڭكەش قىلىنغان جىڭجۈ تىياتىرى «شاجياباڭ»دا ئېيتىلىۋاتقان ناخشا بۆلىكىنى يىراقتىنلا ئاڭلىغىلى بولاتتى. ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى 1 - ئاۋغۇست كوچىسى گوداۋ مەھەللىسىدىكى كۈندۈزلۈك خەۋەر ئېلىش مۇلازىمەت مەركىزى پائالىيەت ئۆيىگە كىرگىنىمىزدە، بىرنەچچە ياشانغان كىشى كۆتۈرەڭگۈ ۋە خۇشال كەيپىياتتا مەشىق قىلىۋاتاتتى.
ياندىكى كىتاب ئوقۇش ئۆيىدە، مۇخبىرلار كىتاب كۆرۈۋاتقان لى بىڭرۇڭ بوۋاي بىلەن پاراڭلاشتى. لى بىڭرۇڭ بۇ يىل 75 ياشقا كىرگەن بولۇپ، 2002 - يىلى پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن خوتۇنى بىلەن بىللە گوداۋ مەھەللىسىگە كۆچۈپ كېلىپ كۈتۈنۈۋاتقان ئىكەن. مەھەللە مۇلازىمىتى تىلغا ئېلىنغاندا، بوۋاي ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى: «بۇ يەرگە كېلىپ چاڭچىلە ئوينىيالىغان، كىتاب كۆرەلىگەندىن باشقا، يەنە تېخى مەخسۇس ئوزۇقلۇق تامىقىمۇ بار. ئالدىنقى مەزگىلدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە، مەھەللە پىدائىيلىرى گۈرۈچ، ئۇن، بېلىق، گۆشلەرنى بىۋاسىتە ئۆيلىرىمىزگىچە ئاپىرىپ بەردى. بولۇپمۇ قىيىنچىلىقى بار يالغۇز تۇرىدىغان ياشانغانلارغا يەنە مەخسۇس ئادەم دورا يەتكۈزۈپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى».
«گوداۋ مەھەللىسى تەۋەلىكىدە 60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلاردىن 376 كىشى بار، مەھەللە ئالدىنقى باسقۇچتىكى ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىپ ئەھۋال ئىگىلەش ئاساسىدا، مۇلازىمەت سېتىۋېلىش شەكلى ئارقىلىق، كەسپىي كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ ياشانغانلار كۈندۈزلۈك خەۋەر ئېلىش مۇلازىمەت پونكىتىنى ئورتاق قۇردى» دەپ تونۇشتۇردى مەھەللە شۇجىسى شاڭگۇەن ئەيفاڭ.
بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭدا، بالىلارنى ھاۋالىلىك بېقىش ئورنى، كۈندۈزلۈك خەۋەر ئېلىش مەركىزى ئاساسىي قاتلام مەھەللىلىرىدە، يېزىلاردا يېڭىلىق ھېسابلانمايدىغان بولدى، تېخىمۇ كۆپ ياشانغانلار ۋە بالىلار يېقىن ئەتراپتا ھالىدىن مۇۋاپىق خەۋەر ئېلىنىشقا ئېرىشتى.
ئۈسكۈنە، ئىختىساسلىقلار بار بولدى، ئىشىك ئالدىدا داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇندى
72 ياشلىق جېڭ جۇشۈن بوۋاينىڭ يېقىندا قان بېسىمى سەل ئۆرلەپ قالغاچقا، بىڭتۇەن 2 - شىسى باشئەگىم شەھەرلىك دوختۇرخانىدا يېتىۋاتاتتى. ئۆيىگە يېقىن بولغاچقا، چۈشتە ئۆيدىكىلەر يەنە ئۇنىڭغا تاماق ئاپىرىپ بېرەلەيتتى.
ئىلگىرىكى يىللاردا، باشئەگىم شەھەرلىك دوختۇرخانا تەكشۈرۈشكە ئامالسىز ئىدى، كىچىك كېسەللەرنىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ، ئاندىن قايتىپ كېلىپ داۋالىنىشقا توغرا كېلەتتى، بەزىدە دورا سېتىۋېلىش ئۈچۈنمۇ يىراققا قاتراشقا توغرا كېلەتتى. بۇ يەردە خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا نەچچە ئون يىل بولغان دوختۇرخانا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى دۇ بىڭشۈن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە: خىراجەت يېتەرلىك بولمىغاچقا، دوختۇرخانىدا يۇقىرى دەرىجىلىك، سەرخىل، مەخسۇس ئۈسكۈنىلەر يوق ئىدى، ئىختىساسلىقلارنى تەكلىپ قىلىپ ئەكەلگىلى بولمايتتى. ئاران تەستە قوبۇل قىلغان ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنىمۇ تۇتۇپ قېلىش تەسكە چۈشەتتى.
2019 - يىلى 9 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، خېبېي تېببىي داشۆسى 3 - دوختۇرخانىسى بىڭتۇەن 2 - شىسى باشئەگىم شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، باشئەگىم شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىنى رەسمىي ۋاكالىتەن باشقۇرۇپ، خېبېي ئۆلكىسىدىن توققۇز داۋالاش مۇتەخەسسىسىنى ھەرقايسى بۆلۈملەرنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشقا تاللاپ ئەۋەتتى. نۆۋەتتە، ئىختىساسلىقلارنى نىشانلىق تەربىيەلەش ئارقىلىق، جەمئىي 30دىن ئارتۇق دوختۇر - سېسترا تەربىيەلەندى، دوختۇرخانىنىڭ ئوپېراتسىيەخانىسىمۇ پات ئارىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئاھالە ئىشىك ئالدىدىلا ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالايدىغان بولدى.
ئالتاي ۋىلايىتىدە، كۆكتوقاي ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدىمۇ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن بىر دوختۇرنىڭ كېلىشى بىلەن غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى. ئون يىل ئىلگىرى، ۋۇ يەنبىن خېيلۇڭجياڭ چىچىخار شەھەرلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسىدىن كۆكتوقاي ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا كەلگەندە، بۇ يەرنىڭ داۋالاش شارائىتى تېخى بىرقەدەر ناچار ئىدى. ئاغرىقلارنىڭ كېسىلى سەل مۇرەككەپرەك بولسىلا، ئۈرۈمچىگە بېرىشىغا توغرا كېلەتتى، بىر بېرىپ كېلىشى 1000 كىلومېتىرغا يېقىنلىشىپ، پۇل ھەم ۋاقىت ئىسراپ بولاتتى. «ھازىر، كۆكتوقاي ناھىيەسىلا ئەمەس، ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەرلەردىكى ئاغرىقلارمۇ دوختۇرخانىمىزغا كېسەل كۆرسەتكىلى كېلىدۇ.» ۋۇ يەنبىننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ مەسئۇل بولغان رادىئاتسىيە بۆلۈمىدە ھازىر كۈندىلىك قوبۇل قىلىپ داۋالايدىغان كىشىلەرنىڭ سانى ئۇ يېڭى كەلگەن چاغدىكىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولغان.
ۋۇ يەنبىن يەنە يېزىغا چۈشۈپ سەييارە كېسەل كۆرۈشتە چىڭ تۇردى. ھەر قېتىم يېزىغا چۈشكەندە، ئۇ ھەمىشە ۋاقىت چىقىرىپ يېزىلىق دوختۇرخانىدا كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇپ، يېزا - كەنت دوختۇرلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ رېنتىگېنلىق دىياگنوز قويۇش - داۋالاش تېخنىكىسى ۋە تەجرىبىسىدىن ھەمبەھرىلىنىپ، بىر «ئېلىپ كەتكىلى بولمايدىغان قوشۇن»نى يېتىشتۈرۈپ چىقتى.
داۋالاش قوشۇنىنىڭ ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلۈش بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى داۋالاش كاپالىتى سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى. ئۆتكەن بىر يىلدا، شىنجاڭدا ناھىيە ھەم ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دوختۇرخانىلاردا يىراق مۇساپىلىك داۋالاش بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، يېزا - بازارلىق دوختۇرخانىلار، كەنت داۋالاش ئۆيلىرىنىڭ ئۆلچەملىشىش نىسبىتى %100كە يەتتى. ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، چوڭ كېسەل سۇغۇرتىسى، داۋالاش ياردىمىدىن ئىبارەت ئۈچ قاتلاملىق كاپالەت تۈزۈمى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، سۇغۇرتىغا قاتنىشىش نىسبىتى %95تىن يۇقىرى بولۇپ مۇقىملىشىپ، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇش، كېسەل كۆرسىتىش قىممەت بولۇش مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىندى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يېزا نوپۇسىدىكى كىشىلەر ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق رايوندىكى ھەمكارلىق دوختۇرخانىسىدا يېتىپ، ئاۋۋال داۋالىنىپ ئاندىن ھەق تۆلەش ۋە بىر بېكەتلىك راسچوت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.
ئوقۇتقۇچىلار بايلىقى كىرگۈزۈلۈپ قۇرۇلما تەڭشەلدى، ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقى بارغانسېرى كۆپەيتىلدى
جۇڭگوچە رەسىم سىنىپى، خور سىنىپى، مۇزىكا ئەترىتى، 3Dلىق بېسىش... ھەر ھەپتىنىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بىڭتۇەن 2 - شىسى باشئەگىم شەھەرلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 2 - يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قىزىقىش سىنىپىغا كىرىش ۋاقتى.
چەت - ياقا رايونلاردىكى تۇەن - مەيدان مەكتىپىدىن، تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈندىكى كۆلەمگە يېتىش ئۈچۈن، پەقەت ئىككى يىلدىن كۆپرەكلا ۋاقىت سەرپ قىلىندى − 2018 - يىلى خۇاشەن مائارىپ ئىتتىپاقى ئەزا مەكتىپىگە ئايلانغاندىن كېيىن، بۇ مەكتەپ ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىغا تاياندى، قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار بايلىقى سەۋىيەسىنىڭ ھەممىسى زور دەرىجىدە ئۆستى.
نەپكە ئېرىشكىنى بۇ بىرلا مەكتەپ ئەمەس. بىڭتۇەن 2 - شىسى خۇاشەن ئوتتۇرا مەكتىپى 15 ئاجىز مەكتەپكە چوڭقۇر ياردەم بەردى، يۆلىدى. «مۇشۇنداق ياردەم بېرىش، يۆلەش بىڭتۇەننىڭ كەلگۈسى مائارىپ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئېيتقاندا بىر بايلىق ھېسابلىنىدۇ» دېدى ياردەم بېرىش، يۆلەشكە ئېرىشكەن باشئەگىم شەھەرلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى تاۋ شۇبىڭ.
مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىدىن بەھرىمەن بولدى. بۇلتۇر، شىنجاڭدا ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپى بويىچە يەسلىگە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %95.95كە، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %99.9كە، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى %95تىن كۆپرەككە يەتتى.
ئالىي مائارىپنىڭ تەرەققىياتىمۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. 2019 - يىلى، شىنجاڭدىكى ئادەتتىكى ئالىي مائارىپ بويىچە مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى 453 مىڭ 800گە يېتىپ، 2014 - يىلىدىكىدىن 146 مىڭ 200 ئوقۇغۇچى كۆپەيدى؛ ئوتتۇرا دەرىجىلىك مائارىپ بويىچە مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى 1 مىليون 843 مىڭ 600گە يېتىپ، 2014 - يىلىدىكىدىن 147 مىڭ 600 ئوقۇغۇچى كۆپەيدى. شىنجاڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانى، ئاساسىي قاتلامدا ئۆسۈپ يېتىلىش پىلانى، «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش» پىلانى، ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاتلىنىش پىلانى قاتارلىقلارنى يولغا قويۇپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش، كارخانىلارغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلىدى ۋە رىغبەتلەندۈردى.
قۇملۇقنىڭ كىندىك رايونىغا جايلاشقان تارىم داشۆسىدە، مەكتەپ دىققەتنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پەن - كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، ئەلالاشتۇرۇپ، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتقان تۈركۈم - تۈركۈم ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى يېتىشتۈردى.
بۇ يىل 24 ياشقا كىرگەن ياسىنجان تۇرسۇنجان تارىم داشۆسىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسىدىكى جىنكېن چارۋىچىلىق شىركىتىدە خىزمەت قىلىشنى تاللىدى. «مېنىڭ كەسپىم يېزا ئىگىلىك ئىلمى، ھازىر زاۋۇتتا تېخنىك. مەن ماڭا ئەڭ ئېھتىياجلىق جايدا ئۆز رولۇمنى جارى قىلدۇرۇشنى ئارزۇ قىلىمەن».
ياسىنجانغا ئوخشاش ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتقانلاردىن يەنە ئاقسۇ شەھىرى بەشتۈگمەن يېزىسىنىڭ يېزا باشلىقى قىيۇم ئەخەتمۇ بار. 2002 - يىلى، ئۇ تارىم داشۆسىنىڭ چارۋىچىلىق - مال دوختۇرلۇق كەسپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ خىزمەت قىلدى، گەرچە مال دوختۇرلۇق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا يىل بويى دورا ساندۇقى قويۇلغان بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى دائىم ئۇنى ئىزدەپ چارۋا ماللىرىنىڭ كېسىلىنى كۆرسىتەتتى.
«توغراق روھى ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، چېگرانى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش.» تارىم داشۆسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ گۇاڭخۇي مۇنداق دېدى: مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان، تارىم داشۆسى 70 مىڭغا يېقىن ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىنى يېتىشتۈردى، يەتكۈزۈپ بەردى، ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ %85ى شىنجاڭدا يىلتىز تارتتى، ئىچكىرى رايونلاردىن كەلگەن ئوقۇغۇچى مەنبەسىنىڭ %52ى شىنجاڭدا قېلىپ خىزمەت قىلدى.
(مۇخبىرلار لى يانەن، چاڭ چىن، ياڭ شۈ، چېڭ لۇڭ، ئارداق)
(9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى «خەلق گېزىتى»گە بېسىلغان)