تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

بايراق تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا يېتەكچىلىك قىلدى تەرەققىياتنىڭ يېڭى سەھىپىسى پۈتۈلدى

− يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى توغرىسىدا خاتىرە

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى لى دادۇڭ، ۋاڭ چى، ليۇ بىڭ، يۈ تاۋ

بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل −

ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمال بۇرجىكى 1 مىليون 660 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق كېلىدىغان گۈزەل شىنجاڭ. بۇ تۇپراقتا ياشاۋاتقان 56 مىللەت، 25 مىليون جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، گۈزەل يۇرت - ماكانىنى ئورتاق گۈللەندۈرمەكتە.

«پۈتۈن پارتىيە شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىنى ئىستراتېگىيە ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ تونۇشى كېرەك». پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، شىنجاڭ ۋەزىيىتىنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىدىكى بىر قاتار مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

بۈگۈنكى شىنجاڭدا، بىپايان تارىم ئويمانلىقىدىن ئېگىز ئالتاي تېغىغىچە، ھەيۋەتلىك پامىر ئېگىزلىكىدىن مۇنبەت تۇرپان ئويمانلىقىغىچە، ھەممە جاي جۇشقۇن ئۈمىدكە تولدى.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقماقتا.

ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى شەكىللەندۈردى

بىپايان قۇملۇقلار، كۆز يەتكۈسىز چۆل - جەزىرىلەر، 1000 چاقىرىمغا سوزۇلغان تاغلار، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان بوستانلىقلار −

تىنچ ئازاد قىلىنغاندىن بۇيان، ھەر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ قاقاسلىقتىن ئاۋاتلىشىشقا، نامراتلىقتىن بېيىشقا، بېكىنمىلىكتىن ئېچىۋېتىشكە، قالاقلىقتىن ئىلغارلىققا قاراپ ئىلگىرىلىدى.

شىنجاڭنىڭ ئەھۋالىنى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىنتايىن پىششىق بىلىدۇ. 20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىنىڭ باشلىرىدىلا، يولداش شى جىنپىڭ شىنجاڭغا كەلگەن. جېجياڭدا ئاساسلىق رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن مەزگىلدە، يولداش شى جىنپىڭ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، جېجياڭ ۋە شىنجاڭدىن ئىبارەت ئىككى ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا شىنجاڭدىكى يولداشلار بىلەن كۆپ قېتىم پىكىر ئالماشتۇرغان، ئىزدەنگەن. 2003 - يىلى، يولداش شى جىنپىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ سەككىز كۈن تەكشۈرۈشتە بولۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا قەدەم ئىزنالىرىنى قالدۇرغانىدى.

مەركەزگە بېرىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، يولداش شى جىنپىڭ 2009 - يىلى شىنجاڭغا كېلىپ بەش كۈن تەكشۈرۈشتە بولدى، بايىنغولىن، قەشقەر، قاراماي، شىخەنزە، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردىكى يېزىلار، كارخانىلار، مەھەللىلەر، مەكتەپلەردە سىيماسى قالدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپ قېتىم مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنى ئېچىپ شىنجاڭ خىزمىتىنى تەتقىق قىلدى. بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتنىشىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ كۆزىتىپ، پىلانلاپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېيىتتى ۋە راۋاجلاندۇردى.

− شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەش كېرەك.

شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق چوڭ ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك.

خېلى ئۇزاق بىر مەزگىلدە، شىنجاڭ مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر، زوراۋان - تېررورچى كۈچلەرنىڭ گىرەلەشمە تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچراپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو(ۋەقە)لىرى ئۈزۈلمەي يۈزبېرىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئىنتايىن زور خەۋپ يەتكۈزدى.

شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش، ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. بۇ ھەقتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مۇقىملىقنى قوغداشنى سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى بالدۇر تۇتۇش، كىچىكتىن تۇتۇش، تېز تۇتۇش، ياخشى تۇتۇشقا قويۇپ، ئۇزاق كەلگۈسى پىلان ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش، ئەبەدىي ئەمىنلىك ۋەزىيىتى يارىتىش، ئەبەدىي ئەمىنلىك ئىشلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش كېرەك.

− شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، شىنجاڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى يېتەكچى قىلىش كېرەك.

شىنجاڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتا، پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىگە تايىنىش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاچقۇچ پارتىيەدە»؛ 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «تىرىشىپ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان، مۇقىملىقنى قوغدايدىغان، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىدىغان مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، پارتىيە بايرىقىنى ھەربىر ئاساسىي قاتلام بازىسىدا ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇش كېرەك».

شىنجاڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتا، جەزمەن سىياسىيدا قەتئىي، ئىقتىدارى يۇقىرى، ئىستىلى دۇرۇس يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: توغرا ئۆلچەم، مۇۋاپىق قۇرۇلما بويىچە كادىرلارنى تاللاپ، بەنزە سەپلەپ، ھەر دەرىجىلىك، ھەر تۈرلۈك كادىرلارنى قابىلىيىتىنى تولۇق نامايان قىلىدىغان سەھنىگە ئىگە قىلىش، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىنى ئومۇمىي فۇنكسىيەسىنى جارى قىلدۇرالايدىغان قىلىش كېرەك.

− شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاساس قىلىش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى شىنجاڭنى مۇقىم، ئەمىن قىلىش ئىستراتېگىيەسى يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ، «تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شۇ جايغا نەپ يەتكۈزۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك»؛ «ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم ياشىشىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايدىغان تۈرلەرنى كۆپرەك يولغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك بېجىرىپ، ھەر مىللەت ئامما دائىم غەم قىلىدىغان مەسىلىلەرنى كۆپرەك ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك» دەپ تەلەپ قىلدى.

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست مەملىكەت بويىچە «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»تىكى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ بىرى، شىنجاڭنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشىدىكى يېڭىشكە تېگىشلىك قاتتىق قىيىنچىلىق.

«نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى قىلىش كېرەك». باش شۇجى شى جىنپىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ۋە كۆچمەن چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، شەھەر - بازارلاردىكى كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى ياخشى يولغا قويۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى ۋە چېگرا رايونلاردىكى ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىرىشىپ ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

− شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىش كېرەك.

دۆلىتىمىز بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئۇيۇشۇش، ئورتاق جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش تارىخى.

شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، قەشقەردىن ئۈرۈمچىگىچە، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشتىن ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىشكىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ قايتا - قايتا مۇنداق تەكىتلىدى: «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىيات - ئىلگىرىلەشنىڭ ئۇل تېشى»، «شىنجاڭ مەسىلىسىدە ئەڭ قىيىن، ئەڭ ئۇزاققا مۇناسىۋەتلىك بولغىنى يەنىلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەسىلىسى».

قانداق قىلغاندا شىنجاڭدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى قانات يايدۇرغىلى بولىدۇ؟ باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى: «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى سىجىل ياخشى قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈندىلىك تۇرمۇشتا، خىزمەتتە، ئۆگىنىشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەكتەپ تەربىيەسى، ئائىلە تەربىيەسى، جەمئىيەت تەربىيەسىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرى، ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى دائىم پورەكلىتىپ ئۇزاققىچە ئېچىلدۇرۇش كېرەك.

...

بايراق كۆتۈرۈپ يۆنىلىشنى بېكىتتى، رولچى بولۇپ يول باشلىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم بايانلىرى شىنجاڭ خىزمىتىنى چوڭقۇر ياخشى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ بەردى، ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. شىنجاڭدىكى كادىرلار، ئامما قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا باھار دولقۇنى مەۋج ئۇرۇپ، ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇدى.

خەلق رايىنى ئىگىلىدى، خەلق قەلبىنى ئىللىتتى

باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلىرىنى دائىم ئەسلەپ تۇردى، ئۇلارنىڭ چىن قەلبىدىن قەدىرلىشىگە ئېرىشتى

«باش شۇجى جاۋاب خەت قايتۇرۇپتۇ!» بۇ يىل ئوقۇش پۈتكۈزۈش مەزگىلىدە، جۇڭگو نېفىت داشۆسى(بېيجىڭ)نىڭ قاراماي مەكتەپ رايونى خۇشاللىققا ۋە قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى.

مەكتەپتىكى ئوقۇش پۈتكۈزگەن 118 ئوقۇغۇچىغا قايتۇرغان جاۋاب خېتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇلارنىڭ «شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلىمىغا بېرىپ خىزمەت قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ چوڭ ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان، ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىگە ئالالايدىغان غەربىي قىسىم قۇرغۇچىلىرىدىن بولۇش ئىرادىسىگە كەلگەن» كىشىلىك ھايات تاللىشىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، فېڭ ۋېيگاڭ جۇڭگو نېفىت - خىمىيە سانائىتى شىركىتىنىڭ غەربىي شىمال نېفىتلىكىدە نېفىت ئىشچىسى بولۇشنى تاللىدى. «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتى بىزگە ئىنتايىن زور ئىلھام بەردى. بىز شىنجاڭغا كېلىپ ئۆگىنىش ۋە خىزمەت قىلىشنى تاللىدۇق، بۇ يەردە يىلتىز تارتىپ، كەسپىي بىلىمىمىزدىن پايدىلىنىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشنى خالايمىز» دېدى فېڭ ۋېيگاڭ.

باھار يامغۇرىدەك كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتتى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلىرىنى دائىم ئەسلەپ، چوڭقۇر مۇھەببىتى، غەمخورلۇقىنى يەتكۈزۈپ، بۇ تۇپراقتا ياشاۋاتقان خەلقنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى.

− باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلىنىش يولىدىكى يۇرتداشلارغا غەمخورلۇق قىلدى.

شىنجاڭ كونا شەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازىرى ئاياغمەنگەن كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى ئابدۇقېيۇم روزى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆيىگە كەلگەن چاغدىكى ئىللىق مەنزىرىنى ئېنىق ئەسلىيەلەيدۇ: باش شۇجى ياتاق ئۆي، ئاشخانا، كالا، قوي قوتىنى، باغ، دېھقانچىلىق ماشىنا - سايمانلىرىنى بىر - بىرلەپ كۆزدىن كەچۈردى، كەنت كادىرلىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرى بىلەن پاراڭلاشتى، يەنە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ پارتىيەنىڭ سىياسىتىنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىدە تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

«بۇ بىرنەچچە يىلدا ئائىلىمىز پارنىك سالدى، گۈل - گىياھ ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئەزا بولدى.» ئابدۇقېيۇم روزى مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ يەنە كېلىپ كۆرۈپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، باش شۇجىنى ئائىلىمىزنىڭ تاتلىق، يېيىشلىك قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋىلىرىگە ئېغىز تېگىشكە تەكلىپ قىلغۇم بار.

− باش شۇجى شى جىنپىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

«ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىڭلار». 2017 - يىلى 1 - ئايدا قۇربان تاغىنىڭ ئەۋلادلىرىغا قايتۇرغان جاۋاب خېتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ داۋاملىق قۇربان تاغىغا ئوخشاش، يۇرتداشلار بىلەن بىللە پارتىيەنى قىزغىن سۆيۈش، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

رۇقىيە مەتسەيدى قۇربان تاغىنىڭ تۆتىنچى ئەۋلادى بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ تۇنجى ئاۋىياماتكىسى «لياۋنىڭ ئاۋىياماتكىسى»دا ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن. بۈگۈنكى كۈندە، قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ قۇربان تاغىنىڭ ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بارماقچى بولغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىنى تۈركۈم - تۈركۈم ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە سۆزلەپ بەرمەكتە.

«قۇربان تاغىنىڭ ئەۋلادى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەش بىزنىڭ قېنىمىزدىكى گېن، ئۇنىڭغا ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىمىز» دېدى رۇقىيە مەتسەيدى.

− باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنىڭ دىن خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، كەڭ دىن ساھەسىدىكى زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا كۆڭۈل بۆلدى.

قانداق قىلىپ پارتىيەنىڭ دىن سىياسىتىنى شىنجاڭدا تېخىمۇ ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىزچىل ئويلىنىۋاتقان مەسىلە.

«قايسى يىلى رېمونت قىلىنغان» «قانچە ئادەم ناماز ئوقۇيالايدۇ» «دىن بىلىملىرىنى بىر قېتىم سۆزلەشكە قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ» ... ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ياڭخاڭ مەسچىتىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىمام مۆھتەرەم شېرىپجان قاتارلىقلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، بۇ مەسچىتنىڭ بارلىققا كېلىش تارىخى ۋە ئالاقىدار ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، 120 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە ياڭخاڭ مەسچىتىدە دىنىي پائالىيەتلەر تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلماقتا.

− باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى قوللاپ، بىڭتۇەننىڭ ئالاھىدە رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشىغا ئىلھام بەردى.

«14 - شى 47 - تۇەندىكى توققۇز پېشقەدەم جەڭچى ماڭا بىر پارچە خەت يېزىپتۇ، خەتتە ئۇلارنىڭ شىنجاڭ ۋە بىڭتۇەندىن كۈتىدىغان ئۈمىدى ئېيتىلغان بولۇپ، شىنجاڭدا يىلتىز تارتىش، شىنجاڭنى قىزغىن سۆيۈش، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىشتىن ئىبارەت پېشقەدەم ئەسكەرلەر روھى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپتۇ، بۇ مېنى ناھايىتى تەسىرلەندۈردى...»

باش شۇجى شى جىنپىڭ بىڭتۇەن 6 - شىسى كومسومول دېھقانچىلىق مەيدانىدا سۆھبەتلەشكەندە، بۇ ھېكايىنى ھاياجان بىلەن سۆزلىگەنىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قوللىشى، رىغبەتلەندۈرۈشىدە، بىڭتۇەننىڭ باشقۇرۇشىدىكى رەت - رەت شەھەر، بازارلار قەد كۆتۈردى، زور بىر تۈركۈم كەسىپلەر بىڭتۇەنگە توپلاشتى، تۈرلۈك تۈزۈملەر ئۈزلۈكسىز يېڭىلاندى ...

چوڭقۇر مۇھەببەت، غەمخورلۇق قەلبلەرنى ئىللىتتى، سەمىمىي تاپشۇرۇق كىشىلەرنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چوڭقۇر مۇھەببىتى، غەمخورلۇقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلىرىغا غايەت زور ئىلھام بېغىشلىدى. ئۇلار كۆتۈرەڭگۈ روھ، مەزمۇت قەدەملەر بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.

شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ

باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلىرىنى ئىتتىپاقلىشىپ قول تۇتۇشۇپ تەرەققىيات يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈشكە يېتەكلىدى

«تولۇن ئاي تىيانشاندىن چىقىدۇ». باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇقىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلىرى بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلدى، تيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، كونا قىياپەت يېڭىلىنىشتەك تەرەققىيات مۆجىزىلىرى بىر - بىرلەپ پۈتۈلدى.

كوئېنلۇن تېغى، قاراقۇرۇم تېغى، ھىندىقۇش تېغى... پامىر ئېگىزلىكىدىكى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ تەۋەسىدە تاغ كۆپ.

49 ياشلىق دۇرە كارمان ئىلگىرى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ داتۇڭ يېزىسى ئاق تۆگە لەڭگەر كەنتىدە تۇراتتى. كەنت جىلغىغا جايلاشقان، ئۆيلەر تاغ ئېتىكىدە بولۇپ، تاغ ئېگىز، يەر تار بولغاچقا، بىر كۈندە قۇياشنى ھېچقانچە ۋاقىت كۆرگىلى بولمايتتى.

2018 - يىلى يەرلىك ھۆكۈمەت جاپالىق، چەت، يىراق تاغلىق رايوندىكى ئاھالىلەرنى باشقا جايغا كۆچۈشكە ئىلھاملاندۇردى. ئىككىنچى يىلى، دۇرە كارمان ئائىلىسىدىكى بەش جاننىڭ ھەممىسى تاغدىن ناھىيە بازىرىغا يىراق بولمىغان يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى. 80 كىۋادرات مېتىرلىق ئىككى ياتاقلىق ئۆيگە كىرئالغۇ، گاز ئوچاق، ئىسسىنىش پار قازىنى سەپلەنگەنىدى، ئۆينىڭ سىرتىدا يەنە ئۆلچەملىك قوتان ۋە ھويلا بار ئىدى.

كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، دۇرە كارمان چېگرا قوغدىغۇچى بولدى، ئۈچ ئوغلىغىمۇ قىلغۇدەك ئىش چىقتى، پۈتۈن ئائىلىنىڭ بىر يىللىق كىرىمى 100 مىڭ يۈەنگە يېقىنلىشىپ، شۇ يىلىلا نامرات ئائىلە قالپىقىنى ئېلىۋەتتى.

دۇرە كارمان ئائىلىسىدىكى ئۆزگىرىش دەل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش داۋامىدا شىنجاڭدا يۈزبەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى.

2013 - يىلىدىن 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا جەمئىي 25 نامرات ناھىيە قالپىقىنى ئېلىۋەتتى، 3107 نامرات كەنت نامراتلىقتىن چېكىندى، نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى %19.4تىن %1.24كە تۆۋەنلىدى. 2014 - يىلىدىن 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، جەمئىي 737 مىڭ 600 ئائىلە، 2 مىليون 923 مىڭ 200 ئادەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرى نامراتلىقتىن تولۇق قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

ھەيۋەتلىك تىيانشان، گۈزەل كوئېنلۇن شىنجاڭدىكى تارىخىي زور ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، شىنجاڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇچقاندەك تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈردى.

− ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغانغا ئايلاندى، پارتىيە بايرىقى ئېگىز جەۋلان قىلدى.

شىنجاڭ بورتالا شەھىرى شويىڭپەن بازىرىدا، كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار ھەر كۈنى مۈرىسىگە خەلق رايى خاتىرە دەپتىرى، ساغلاملىق قوللانمىسى، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى چۈشەندۈرۈش قوللانمىسى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش كىچىك دورا قۇتىسى سېلىنغان «خەلق رايى سومكىسى»نى ئېسىپ، كەنتنى ئارىلاپ، ئائىلىلەرگە كىرىدۇ. كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەملىشىپ باقمىچىلىق قەرز پۇلىنى قولغا كەلتۈردى، كالا - قويلارغا سۇغۇرتا سېتىۋېلىپ، مال دوختۇرى تەكلىپ قىلدى، كېچىلەپ سۇ تۇرۇبىسىنى ئالماشتۇردى، رېمونت قىلدى... شۇ جايدىكى ئامما ئۇلارنى «سومكا ئاسقان كادىرلار» دەپ يېقىملىق چاقىرىدىغان بولدى.

شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىشتا مۇھىم بولغىنى ئاساسىي قاتلام. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «پارتىيە بايرىقىنى ھەربىر ئاساسىي قاتلام بازىسىدا ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇش» تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى سىجىل قانات يايدۇردى، ھەر يىلى تاللاپ ئەۋەتىلگەن 70 مىڭدىن ئارتۇق كادىردىن تەشكىللەنگەن 10 مىڭدىن ئارتۇق خىزمەت ئەترىتى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ، يېزا - كەنت، مەھەللىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى، ئەمەلىي ئىشلارنى بېجىردى.

«كەنتتە تۇرۇش» «ئائىلىلەردە تۇرۇش»تىن «قەلبكە ئورناش»قىچە، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بىلەن ئامما ئېجىل - ئىناق ئۆتۈش داۋامىدا ھېسسىياتى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى، ئاساسىي قاتلامنىڭ قىياپىتىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى.

− جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋەزىيىتى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى، خەلقنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى.

شىنجاڭنىڭ ئەڭ جەنۇبى چېتىدىكى خوتەن ۋىلايىتىدە، نەچچە يىللار ئىلگىرى زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو(ۋەقە)لىرى كۆپ يۈزبەرگەچكە، ساياھەتچىلەر ناھايىتى ئاز باراتتى. يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرى ئارقىلىق، بۇ جايدا جەمئىيەت مۇقىم بولدى، ساياھەتچىلىكمۇ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى.

خوتەن قەدىمىي شەھىرىنىڭ بىر قىسمى بولغان «كەپتەر كوچىسى» ھۆكۈمەتنىڭ نەچچە يۈز مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ ئۆزگەرتىشى ئارقىلىق، مەينەت، قالايمىقان، ناچار كەپىلىك رايوندىن ساياھەتتىكى «ۋاڭخۇڭ داكا جاي»غا ئايلاندى. 2017 - يىلىدىن بۇيان، نەچچە يۈز نامرات ئائىلە خوتەن كەچلىك بازىرىدا يۇلغۇن كاۋاپ، قېتىق زۇڭزىسى، پېتىرمانتا قاتارلىق مەززىلىك تائاملار تىجارىتى قىلىش ئارقىلىق، «يېمەك - ئىچمەك تىجارىتىگە تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

بۈگۈنكى شىنجاڭدا، ئۇدا ئۈچ يىل توققۇز ئاي زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو(ۋەقە)سى يۈزبەرمىدى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەندى، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، جەمئىيەتنىڭ ئامانلىق ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى.

بۇ خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەر خەلقئارا جەمئىيەتنىڭمۇ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، بۇ يىل 7 - ئايدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا، 40تىن ئارتۇق دۆلەت ئورتاق سۆز قىلىپ، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نەتىجىلىرىگە ئىجابىي باھا بەردى.

− ھەر مىللەت ئامما ئۆزئارا ھەمدەمدە بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلدى.

ھەر دۈشەنبە كۈنى، شىنجاڭ چۆچەك شەھىرى قارا دۆڭ مەھەللىسىدىكى بىر كىچىك ھويلىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئاھالە سالىقجان ئىمىن قوشنا - قولۇملىرى بىلەن دائىم ھويلىسىدا تەنتەنىلىك دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ.

«دۆلەت بايرىقىنى كۆرگىنىمدە، ئۇلۇغ ۋەتەننى ئويلىغىنىمدا، ھەمىشە سۆيۈملۈك ئانامنى ئەسكە ئالىمەن.» سالىقجان ئىمىن مۇنداق دېدى: ھازىر ھويلىمىزدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغان كىشىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپىنچىسى ئەتراپتىكى خەنزۇ مىللىتى، ئۇيغۇر مىللىتى، قازاق مىللىتى قاتارلىق ھەرقايسى مىللەت ئاھالىلەر، يەنە يىراقتىن كېلىپ قاتنىشىدىغانلارمۇ بار.

2019 - يىلى، سالىقجان ئىمىن «مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس» بولۇپ باھالاندى ھەم بېيجىڭغا بېرىپ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىغا قاتناشتى. «بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرگەن شۇ پەيتتە، قەلبىم ھەقىقەتەن ئىپتىخارلىققا تولدى» دېدى سالىقجان ئىمىن ھاياجانلانغان ھالدا.

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈندىلىك تۇرمۇشتا، خىزمەتتە، ئۆگىنىشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەكتەپ تەربىيەسى، ئائىلە تەربىيەسى، جەمئىيەت تەربىيەسىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرى، ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى سىجىل قانات يايدۇردى، كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ھەر مىللەت ئاساسىي قاتلام ئاممىسى بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشتى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، بىللە تۇرۇش، بىللە ئۆگىنىش، بىللە ئىشلەش، بىللە كۆڭۈل ئېچىش داۋامىدا جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇشتەك تەسىرلىك مەنزىرىنى نامايان قىلدى.

− ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سىجىل ياخشىلاندى، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيە كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.

دالىدىكى گۈل - گىياھلار يېنىك تەۋرىنەتتى، توپ - توپ تاغ ئۆچكىلىرى تاغ ئارىسىدا چېپىشىپ يۈرەتتى، ئېگىز تاغدىكى چىملىقلارنىڭ ھەممىلا يېرىدە تىيىن، سۇغۇر قاتارلىق كىچىك ھايۋانلارنىڭ شوخ، ئوماق سىيماسىنى كۆرگىلى بولاتتى... بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭ تىيانشان 1 - نومۇرلۇق مۇزلۇق مۇھاپىزەت رايونى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ گۈزەل ماكانىغا ئايلاندى.

شىنجاڭ دۆلىتىمىزدىكى ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق چوڭ رايونى، شۇنداقلا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئاجىز رايون. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «تىرىشىپ ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش» تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ قاتتىق بولغان ئېكولوگىيەنى قوغداش تۈزۈمى، سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى قاتارلىقلارنى يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيە قىزىل سىزىقىنى قەتئىي چىڭ ساقلىدى.

ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى نۇقتىلىق شەھەرلەرنىڭ 2019 - يىلىدىكى ھاۋا سۈپىتى ئوتتۇرىچە ئەلا بولغان كۈن سانى نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.5 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان، دەريا ئېقىنلارنىڭ ئەلا سۈپەتلىك سۇ سۈپىتى نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.2 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان، ئېنېرگىيە سەرپىياتى ۋە ئاساسلىق بۇلغىما قويۇپ بېرىش مىقدارى سىجىل تۆۋەنلىگەن.

− مائارىپ ئىشلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، تەرەققىياتنى ئۇزاق مەزگىللىك ئەقلىي كۈچ مەدىتى بىلەن تەمىنلىدى.

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق 3 - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ساۋ خېڭبىن جياڭسۇ يەنچېڭدىن كەلگەن، بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىدا تۇنجى تۈركۈم «ئون مىڭ كىشىلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش پىلانى»دىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ساۋ خېڭبىن «توختامنى ئۇزارتىش»نى تاللىدى.

2018 - يىلى 8 - ئايدا شىنجاڭغا كەلگەندىن بۇيان، ساۋ خېڭبىن مەكتەپتىكى باشقا ئوقۇتقۇچىلارنى يېتەكلەپ، چاي سەنئىتى، ساپال سەنئىتى، كەشتىچىلىك، خەتتاتلىق قاتارلىق 20 نەچچە قۇياش نۇرى كۇرۇژۇكى تەشكىللىدى. «بالىلار ئىنتايىن قىزىقتى، ھەر ھەپتىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان كۇرۇژۇك پائالىيىتىگە بالىلار ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن قاتنىشىدۇ» دېدى ساۋ خېڭبىن پەخىرلەنگەن ھالدا.

يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭدا مائارىپ ئىشلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى: دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى مائارىپى ئومۇملاشتى؛ ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى مۇستەھكەملىنىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يەسلى يېشىدىكى بالىلارنىڭ يەسلىگە «كىرىشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كىرگۈزۈش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ شەھەر - يېزىلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئالغا سىلجىتىلىپ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %99.9كە، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى %95تىن كۆپرەككە يەتتى.

− تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەتنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى، غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىغا سىڭىشتى.

نۆۋەتچى پويىز ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى تۇتاشتۇردى، يىپەك يولىدا گۈدۈك ياڭرىدى. شىنجاڭ ئالاتاۋ پورتى، قورغاس پورتلىرىدا قاتار - قاتار جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرى خۇددى «پولات - تۆمۈركارۋىنى»غا ئوخشاش قەدىمىي يىپەك يولى رىۋايىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 8 - ئايدا، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى جەمئىي 1247 قېتىم قاتنىغان، 110 مىڭ ئۆلچەملىك ساندۇق توشۇلغان. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پۈتۈن يەر شارىنى قاپلىغان، خەلقئارا تىرانسپورت ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىغان ئەھۋالدا، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قۇرۇقلۇق تىرانسپورتىدىكى «ئېغىر يۈك»نى كۆتۈرۈپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرىدىغان «ھاياتلىق يولى» ۋە «تەقدىر رىشتىسى»گە ئايلانغان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ رايون خاراكتېرلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى، غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىغا سىڭدۈرۈپ، دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سېپىگە ئايلاندى، غايەت زور تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بەردى.

گۇرۇپپا - گۇرۇپپا سانلار شىنجاڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى پۇختا تەرەققىيات قەدىمىگە گۇۋاھ بولدى − 2014 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 926 مىليارد 410 مىليون يۈەندىن 1 تىرىليون 359 مىليارد 711 مىليون يۈەنگە كۆپەيدى، شەھەر - بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى كىشى بېشى كىرىمى 23 مىڭ 214 يۈەندىن 34 مىڭ 664 يۈەنگە كۆپەيدى، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى كىشى بېشى كىرىمى 8724 يۈەندىن 13 مىڭ 122 يۈەنگە كۆپەيدى.

يول بويى بوران - چاپقۇن ئەۋجىگە چىقتى، يول بويى زەپەر مارشى ياڭرىدى.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلىرى بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، جاسارەت بىلەن ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقماقتا، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلىشىنىڭ سەلتەنەتلىك سەھىپىسىنى پۈتمەكتە.

(قاتناشقان مۇخبىرلار: پەن يىڭ، گۇەن چياۋچياۋ، فۇ شياۋبو، شاڭ شېڭ، ساۋ ديەن، گۇ يۈ)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.