تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھەيۋەتلىك تىيانشاندا ئۇلۇغۋار ئىشلار ۋۇجۇدقا چىقتى

− يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭ تۇپرىقىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى

شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر بۆلۈمى

ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)غا ئېگىزدىن نەزەر (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت، 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تارتىلغان). (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى)

بالىلار خوتەن شەھىرىنىڭ كەپتەر كوچىسىدا يۈگۈرۈپ ئوينىماقتا (5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تارتىلغان). (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سادات فوتوسى)

1

9 - ئاي، كۈز قۇياشى پارلاپ تۇراتتى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالى گۈزەل تۈسكە كىرگەنىدى.

ھەر خىل رەڭلەر كىشىلەرنى مەھلىيا قىلاتتى، مېۋىلەرنىڭ شېرىن تەمى قەلبلەرنى مەستخۇش قىلاتتى، كېلىپ - كېتىپ تۇرۇۋاتقان كىشىلەر ھەمىشە كېلىشىۋالغاندەكلا ھاياجان بىلەن: شىنجاڭ ياخشى جاي! دېيىشەتتى.

شۇنداق، شىنجاڭ ياخشى جاي! شىنجاڭدا تۇرمۇش تىنچ - خاتىرجەم، يۇرت - ماكان ئامان - ئېسەن؛ شىنجاڭنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، ئىستىقبالى چەكسىز.

بۈگۈنكى شىنجاڭ ۋەتىنىمىزنىڭ بىپايان زېمىنىدىكى گۈللەپ ياشناۋاتقان بىر پارچە مۇنبەت تۇپراق، شۇنداقلا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى چاقناپ تۇرغان بىر مەرۋايىت.

بۈگۈنكى شىنجاڭدا، بىپايان تۇپراق ياساندى يېپيېڭى تۈسكە كىرىپ، ئىشلىرىمىز ياشناپ چوقۇم رەڭدار بۇلۇتتەك بولغۇسى.

بۇ خىل يېپيېڭى كەيپىيات يول باشلاش كۈچىدىن كەلگەن.

ۋاقىتنى 2014 - يىلى 5 - ئايغا قايتۇرساق، 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت تارىخىي يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىنى پىلانلاپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ زور ئىشى ئىكەنلىكىنى، جەزمەن ئۇزاق كەلگۈسى پىلان ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىك ۋەزىيىتى يارىتىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىك ئىشلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. يىغىندا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى قىلىپ بېكىتىلىپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى بېيىتىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇلۇپ، 1 مىليون 660 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بىپايان تۇپراق ئۈچۈن تارىخىي يۆنىلىش بەلگىلەپ بېرىلدى، بۇ، شىنجاڭنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە چوڭقۇر ئۇزاق تەسىر كۆرسەتتى.

يۈكسەك بۇرچ باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىشقا رىغبەتلەندۈردى.

2014 - يىلىدىكى ئاشۇ باھاردا سەپەرگە ئاتلىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى 25 مىليون تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مەردانە مۇساپىسىدە، بوران - چاپقۇنغا قارىماي ئالغا ئىلگىرىلىدى.

يۆنىلىش يولنى بەلگىلەيدۇ، يول تەقدىرنى بەلگىلەيدۇ. بۈگۈنكى شىنجاڭدا جەمئىيەت مۇقىم، ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان، مىللەتلەر ئىتتىپاق، دىنلار ئىناق، ئېكولوگىيە ياخشى، چېگرا مۇداپىئەسى مۇستەھكەم بولۇپ، ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم ياشاۋاتىدۇ، تۈرلۈك ئىشلار گۈللىنىپ راۋاجلىنىۋاتىدۇ. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولۇشقا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، توختىماي ئالغا بېسىشقا تېخىمۇ رىغبەتلەندۈرمەكتە.

ھەيۋەتلىك تىيانشاندا يېڭى دەۋرنىڭ ئۇلۇغۋار ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلماقتا.

2

بىر خىل غەمخورلۇق بار بولۇپ، ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر؛ بىر خىل چوڭقۇر ھېسسىيات بار بولۇپ، ئۈمىدكە تولغان.

بۇ يىل 7 - ئايدا، جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونىدىكى شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلامدا قېلىپ خىزمەت قىلىشنى تاللىغان ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، غەربىي رايوندا يىلتىز تارتىپ، چېگرانى گۈللەندۈرۈش قەتئىي ئىرادىسىنى بىلدۈردى. باش شۇجى ئىنتايىن مەمنۇن بولدى، ئۇ قايتۇرغان جاۋاب خېتىدە مۇنداق يازدى: «سىلەر 118 نەپەر ساۋاقداشنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلىمىغا بېرىپ خىزمەت قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ چوڭ ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان، ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىگە ئالالايدىغان غەربىي قىسىم قۇرغۇچىلىرىدىن بولۇش ئىرادىسىگە كەلگەنلىكىڭلاردىن خەۋەر تاپتىم، مەن سىلەرنىڭ كىشىلىك ھاياتتىكى بۇ تاللىشىڭلارنى قوللايمەن».

باش شۇجىنىڭ سۆزى مېغىزلىق، مۇھەببىتى ھەقىقىي بولۇپ، بۇ، ھەم ياشلاردىن كۈتكەن سەمىمىي ئۈمىدى، تېخىمۇ مۇھىمى، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ۋە غەمخورلۇق قىلغانلىقى.

يىراقنى كۆزلىمىگەنلەر بىر مەزگىللىك ئىشنىمۇ ياخشى قىلالمايدۇ؛ پۈتۈن ۋەزىيەتنى كۆزلىمىگەنلەر كونكرېت ساھەدىكى ئىشنىمۇ ياخشى قىلالمايدۇ. شىنجاڭ دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى مۇھىم بىخەتەرلىك توسۇقى، شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق چوڭ ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك، شىنجاڭ خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە.

ھەربىر ئىش - ھەرىكەتكە چىن ھېسسىيات سىڭگەن. باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇشۇ تۇپراقنىڭ ۋە مۇشۇ يەردىكى خەلقنىڭ غېمىنى يېمەكتە. ئۆزى شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈش، خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشتىن 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىش، 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتنىشىشقىچە؛ شىنجاڭدىكى ئاساسىي قاتلام مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلىپ كۆرۈشۈشتىن شىنجاڭدىكى كادىرلار، ئاممىغا كۆپ قېتىم جاۋاب خەت قايتۇرۇشقىچە... باش شۇجى ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلدى، پۈتۈن زېھنىنى سەرپ قىلدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىر قاتار ئالاھىدە سىياسەت، تەدبىرلەرنى چىقىرىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىدى. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى قىلىپ بېكىتىشتىن شىنجاڭنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قىلىپ بېكىتىشكىچە؛ مەركەز مالىيەسى ھەر يىلى شىنجاڭغا نەچچە يۈز مىليارد يۈەن يۆتكىمە چىقىم قىلىپ بېرىشتىن پۈتۈن مەملىكەتتىكى 19 ئۆلكە، شەھەر ھەر يىلى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش بويىچە 10 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىشقىچە؛ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇشتىن بىر قاتار خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى سىجىل يولغا قويۇشقىچە... پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىش دەرىجىسى مىسلىسىز يۇقىرى، شىنجاڭنى قوللاش سالمىقى مىسلىسىز زور، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈشى، كۆيۈنۈشى مىسلىسىز چوڭقۇر بولدى، شىنجاڭنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلماقچى بولسىمۇ ھەل قىلىنمىغان بىر مۇنچە قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشغا، ئىلگىرى ۋۇجۇدقا چىقارماقچى بولسىمۇ ۋۇجۇدقا چىقىرىلمىغان بىر مۇنچە چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىغا ياردەم بەردى.

شەرق شامىلى خۇددى قۇياش ئەلچىسىدەك ئوت - چۆپ، گۈل - گىياھلارنى سىيپاپ ئۆتۈپ، بارلىق مەۋجۇداتنى ئويغاتتى. پارتىيەنىڭ ئىللىق نۇرى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىغا چۆمۈپ، باش شۇجىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما تولۇپ تاشقان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە غەيرەتكە ئايلاندۇرۇپ، قەتئىي ھالدا يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش قەتئىي ئېتىقادى ۋە جانلىق ئەمەلىيىتىگە ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭ تۇپرىقىدا جۇشقۇن، كۆتۈرەڭگۈ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش مېلودىيەسىنى ياڭراتتى.

3

شادلىق ناخشىسى ئېيتىلدى، لەرزان ئۇسسۇل ئوينالدى، مېۋە - چېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپقا تارالدى. 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئىچكىرى رايونلاردىن كەلگەن 71 ساياھەتچى كۇچا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ كېلىشىگە، ئۇلارنى مېھماندوست شىنجاڭلىقلار جەلپ قىلىۋالدى. بۇنداق قىزغىنلىق، جۇشقۇنلۇق پەقەت كۆڭلى خاتىرجەم ھەم يېقىملىق كىشىلەرگىلا مەنسۇپ.

ھالبۇكى، قايسىبىر چاغلاردا، شىنجاڭدا زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرى كۆپ يۈزبېرىپ، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىپ، ھەر مىللەت خەلققە چوڭقۇر ئېغىر ئاپەت ئېلىپ كەلدى، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا ئېغىر خەۋپ ئېلىپ كەلدى. تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 1990 - يىلىدىن 2016 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردا جەمئىي نەچچە مىڭ قېتىم زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)سىنى سادىر قىلىپ، نۇرغۇن بىگۇناھ ئاممىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، نەچچە يۈز جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىسى خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولدى، مال - مۈلۈك زىيىنىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ.

مۇقىملىق بولمىسا، ھەر قانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ، خەلقنىڭ بەختى، خاتىرجەملىكىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ بېكىتىلىشى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ ۋەزىيىتى ۋە پۈتۈن مەملىكەت چوڭ ۋەزىيىتىگە ئاساسەن چىقارغان مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈمى، باش نىشاننى ياخشى ئىگىلىگەندىلا، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتىكى ئاساسىي يېتەكچىلىك ھوقۇقى ۋە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلىگىلى بولىدۇ.

باش نىشان بايراق كۆتۈرۈپ يۆنىلىشنى بەلگىلەيدىغان پىروگرامما، شۇنداقلا ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم ئېتىقاد. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى زور سىياسەت، فاڭجېنلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر يۈرگۈزۈپ، شىنجاڭ جەمئىيىتى چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

زوراۋانلىق، تېررورلۇق بىر كۈن يوقىتىلمىسا، دۆلەتتە بىر كۈنمۇ ئامان - ئېسەنلىك بولمايدۇ. كەسكىن، مۇرەككەپ كۈرەش ۋەزىيىتى ئالدىدا، ئاپتونوم رايون پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، «بىرىكمە مۇشت» ئېتىپ، قانۇن قورالى ئىشلىتىپ كۈرەشنى قانات يايدۇرۇپ، جىنايەتكە زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى بوشاشتۇرماي ساقلاپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرى كۆپ يۈزبېرىش، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى بەرپا قىلدى.

بالايىئاپەتنى تۈگىتىشكە ماھىر كىشى ئاۋۋال بالايىئاپەت يۈزبېرىشنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈپ تاپىدۇ، كېسەلنى داۋالاشقا ماھىر كىشى ئاۋۋال كېسەلنى مەنبەدىن تۈگىتىدۇ. ئاپتونوم رايون ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەم زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بەردى، ھەم مەنبەدىن تۈزەشنى قانات يايدۇرۇشقا ئەھمىيەت بەردى، قانۇنچىلىق تەشۋىق - تەربىيەسىنى كۈچەيتىش، قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ پەيدا بولۇش تۇپرىقى ۋە شارائىتىنى ئەڭ زور چەكتە يوقاتتى.

كىشىلەر قەلبى ئەڭ چوڭ سىياسى. ئاپتونوم رايون تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش جەريانىدا، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقى، غەمخورلۇقىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدۇردى، ئەڭ زور چەكتە كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلدى ۋە مۇجەسسەملىدى، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئامما ئۇلىنى پۇختىلىدى.

باھاردىن مېھرىنى ئۈزەلمىگەن كاككۇك يېرىم كېچىدە ھەسرەتلىك سايرايدۇ، باھار شامىلىنى سايراپ چىللىيالمايدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ. تاش - تۆمۈردە ئىز قالدۇرغۇدەك بىر قاتار پۇختا تەدبىرلەر شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە گۇۋاھ بولۇپ، باش نىشاننىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تېخىمۇ تۈرتكە بولدى. بۈگۈنكى شىنجاڭدا ۋەزىيەت كونتروللۇقىمىزدا، چوڭ ۋەزىيەت مۇقىم، ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى ياخشى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئۇدا ئۈچ يىل توققۇز ئاي زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈزبەرمىدى، جىنايى ئىشلار دېلولىرى، ئامانلىق دېلولىرى، خەۋپسىزلىككە خەۋپ يەتكۈزۈش دېلولىرى، ئاممىۋى بىخەتەرلىك ۋەقەلىرى زور دەرىجىدە ئازايدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تىنچ - ئامانلىققا، خاتىرجەملىككە بولغان ئارزۇسى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

بۇلۇت يېرىلىپ قۇياش كۆرۈندى، ھاۋا ئوچۇق ۋە سۈزۈك بولدى. تىنچ، ئىناق جەمئىيەت كەيپىياتىدا، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۆڭلى ئارامىغا چۈشتى، تەبەسسۇمى كۆپەيدى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى تېخىمۇ ئاشتى. مۇقىم جەمئىيەت مۇھىتى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئەڭ مۇھىم شارائىت، ئەڭ كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى، تېخىمۇ مۇھىمى، ئەبەدىي ئەمىنلىككە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ۋاقىتنى قولغا كەلتۈردى، تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈردى.

4

چاق غەربكە قاراپ توختاۋسىز ئىلگىرىلىدى، كۈمۈش قاناتلار ياۋروپا - ئاسىيانى راۋان تۇتاشتۇردى. ھەر كۈنى قورغاستا، قەشقەردە، ئالاتاۋ پورتىدا، سانسىزلىغان تاۋارلار شىنجاڭ ئارقىلىق بۇ بىپايان قۇرۇقلۇقتا ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ. ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭدا جەمئىي 3700 قېتىمدىن ئارتۇق جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتناپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىشى %80تىن يۇقىرى بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، 17 دۆلەت، 25 خەلقئارا (رايون) شەھەر، 88 دۆلەت ئىچىدىكى شەھەر بىلەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئاچتى ھەم جۇڭگودىكى ئەڭ زىچ تارماق لىنىيە ئاۋىياتسىيە تورىنى قۇرۇپ چىقتى.

يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون ئورنىنىڭ بېكىتىلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇردى، «بىر پورت» «ئىككى رايون» «بەش چوڭ مەركەز» «پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىلىشى دۇنياغا تىنچلىقنى سۆيىدىغان، گۈللىنىش يولىدا چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان، گۈللەنگەن جۇڭگونىڭ پۈتۈن دىققەت بىلەن شىنجاڭدىن غەربكە نەزەر سېلىپ، پۈتۈن دۇنيا بىلەن دوست بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.

دېڭىز بىپايان كۆرۈنمەس چېتى، مەنزىلگە قاراپ ماڭىمىز تېخى. بۈگۈنكى شىنجاڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش چوڭ دولقۇنىدا مەۋج ئۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا مەزمۇت قەدەم تاشلىماقتا.

مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات خۇددى ھارۋىنىڭ ئىككى چاقىغا، قۇشنىڭ ئىككى قانىتىغا ئوخشايدۇ. مۇقىملىق بولمىسا، تەرەققىياتتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ؛ تەرەققىيات بولمىسا، مۇقىملىقنىڭ تىرىكى بولمايدۇ. 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا جەزمەن مۇقىملىقنى چۆرىدەپ تەرەققىياتنى كۆزلەپ، تەرەققىيات ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، دەپ تەكىتلەندى.

مۇقىملىق، تەرەققىياتتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپە ئالدىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش بىلەن بىللە، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «1+3+3+ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى چوڭ كېمىسىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

چەت - يىراقتىكى بىپايان چۆل - دالىدا، شىنجاڭنىڭ پاكىز ئېنېرگىيە كەسپى دۇنيانىڭ پاكىز ئېنېرگىيە سىستېمىسىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان بىر ھالقىغا ئايلاندى، شۇنداقلا دۇنيا توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش ساھەسىنىڭ باشلامچىسى بولۇپ شەكىللەنمەكتە؛ شىنجاڭنىڭ چەكسىز كەتكەن ئەلا سۈپەتلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدا، پاختا يىغىش ماشىنىلىرى ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىپ، پاختا يىغىش، تايلاش، توشۇش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن مەشغۇلاتنى ئىشقا ئاشۇردى؛ تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن خاس باغ - ئورمان ئۆستۈرۈش رايونىدا، «شىنجاڭنىڭ چوڭ مېۋە پەتنۇسى» كۆزنى قاماشتۇرىدىغان بولۇپ، 360 گىرادۇسلۇق «شېرىن تەم» بارلىققا كەلدى؛ «شىنجاڭنىڭ ئىچىنى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇش، شىنجاڭغا كىرىپ چىقىشنى تېزلىتىش» چۆرىدىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىستېرېئولۇق قاتناش سىستېمىسى تېز سۈرئەتتە شەكىللىنىپ، شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىش يولىنىڭ رولى كۈنسايىن گەۋدىلەندى؛ «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» «قار - مۇزلۇقنىڭ ئۆزىمۇ بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيە مۇستەھكەم تۇرغۇزۇلدى، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭى ۋە يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ھەر تەرەپلىمە تەرتىپكە سېلىش، تۈزەش ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى، بارغانسېرى كۆپ «كۆكيار» تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنى يېشىل تۈسكە كىرگۈزدى، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئېكولوگىيە بوشلۇقى سىجىل كېڭەيدى...

بۈگۈنكى شىنجاڭ تۇپرىقىدا، ھەممە يەر جانلىق ئىجادىيەت بىلەن تولدى، ھەممە يەردە كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان ئىلگىرىلەش بولدى. 2014 - يىلىدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يىلىغا ئوتتۇرىچە %7.7 ئېشىپ، 2019 - يىلى 1 تىرىليون 359 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يەتتى. شەھەر - بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى كىشى بېشى كىرىمى يىلىغا ئوتتۇرىچە %8.3 ئېشىپ، 2019 - يىلى 34 مىڭ 664 يۈەنگە يەتتى. يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى كىشى بېشى كىرىمى يىلىغا ئوتتۇرىچە %8.5 ئېشىپ، 2019 - يىلى 13 مىڭ 122 يۈەنگە يەتتى. تەرەققىيات ئىسترېلكىسى سىجىل يۇقىرىغا قاراپ ئۆرلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ماددىي ئاساسى پۇختىلانماقتا.

جەمئىيەت مۇقىملىقىنىڭ «بارومېتىرى» بولغان ساياھەتچىلىك شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈك كەسپىگە ئايلانماقتا. 2019 - يىلى شىنجاڭ چېگرا ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن 213 مىليون ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، 363 مىليارد 262 مىليون يۈەن ساياھەت كىرىمى ياراتتى، بۇ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا 2014 - يىلىدىكىنىڭ 4.3 ھەسسىسى ۋە 5.6 ھەسسىسىگە توغرا كەلدى؛ تاماق ئۈستىلىدىكى ئەڭ ئاددىي شىنجاڭ نېنى مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرنىڭ بەختى بىلەن باغلاندى، ئاپتونوم رايون يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدىن نانچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتتى، ئۆزگىچە توقاچ نانلار شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشتىكى چوڭ كەسىپكە ئايلانماقتا. ساياھەتچىلىك، نانچىلىق كەسپىنى ۋەكىل قىلغان شىنجاڭنىڭ 3 - كەسپىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى 2014 - يىلىدىكى %36.5تىن 2019 - يىلىدىكى %66.7كە ئۆستى.

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، شۇنداقلا مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان شىنجاڭلىقلارنىڭ ئارزۇسى ۋە ئۈمىدى بۇ تۇپراقتا جۇش ئۇرۇپ بارلىققا كەلدى.

5

كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدە ئېگىز قىيساڭلاردىن كۆل ھاسىل بولدى. بەش يىل قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق، 2020 - يىلى 5 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور سۇچىلىق تۈرى − شىنجاڭ ئاراتاش سۇچىلىق تۈگۈن قۇرۇلۇشىنىڭ توسما ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى تاماملاندى. دۆلەت 14 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ يەكەن دەرياسىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى يولغا قويۇپ، يەكەن دەرياسىدا مىڭ يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن سۇ ئاپىتىنى بىر يولىلا تۈگەتتى. يەكەن دەرياسى ئېقىن رايونىدىكى نەچچە مىليون ئامما شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئەندىشە قىلىپ يۈرىدىغان، ئەۋلادمۇئەۋلاد كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىدىغان جاپالىق تۇرمۇش بىلەن خوشلاشتى.

يەكەن دەرياسىنى تۈزەش نەچچە مىليون ئادەمنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتتى، شۇنداقلا ئادەمنى ئاساس قىلىدىغان، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنى نامايان قىلدى.

دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تۈپ تەدبىرىدە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئاساس. 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىياتىغا قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولۇش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك».

خەلق تۇرمۇشىغا ئەھمىيەت بەرگەندىلا، ئاندىن خەلق رايىنى ئەمىن تاپقۇزغىلى بولىدۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ نېگىزى كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشتە، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا بوشاشماي چىڭ تۇرۇشتا. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۇقرالارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى خەلق تۇرمۇشىنى سىنايدىغان ئەڭ مۇھىم ئۆلچەم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ئىدىيەسىگە خەلق تۇرمۇشى ھېسسىياتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، ئىللىقلىققا تولغان خەلق تۇرمۇشى جاۋاب قەغىزىنى تىرىشىپ يېزىپ چىقتى.

خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، خەلق تۇرمۇشىدا ئالدىن ھەرىكەتلىنىشتە چىڭ تۇرۇلدى. 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك مالىيە چىقىمى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ %70ىدىن كۆپرەكى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ياخشىلاشقا ئىشلىتىلدى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت، ئەمىن ئۆي قاتارلىقلار مۇھىم نۇقتا قىلىنغان خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرى سىجىل ئالغا سىلجىتىلىپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ھەقىقىي تۈردە خەلق رايى قۇرۇلۇشى قىلىپ قۇرۇپ چىقىلدى.

بۈگۈنكى كۈندە، ئەڭ خەتەرلىك ئېگىزلىكلەردىمۇ ئاسفالت يوللار جاھاننىڭ چېتىگە تۇتىشىپ تۇرىدۇ؛ ئەڭ يىراق كەنتلەردىمۇ دوۋيىن، ۋېيبو ئوينايدىغان ئۆسمۈرلەر بار؛ كوئېنلۇن تېغى ئېتىكىدە قۇربان تاغىنىڭ ئەۋلادلىرى يېرىم كۈندىلا بېيجىڭغا بارالايدۇ؛ پامىر ئېگىزلىكىدە مۇز تاغقا كەلگەن يېڭى مېھمانلارنىڭ ئايىغى، كۈلكە - چاقچاقلىرى ئۈزۈلمەيدۇ...

بۈگۈنكى كۈندە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كېڭەيتىلىپ كىرىم ئاشۇرۇلغاچقا، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ئۈمىدكە تولدى، ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ ئۈچ يىللىق ھەقسىز مائارىپى كەنتلەردىكى بالىلارنىڭ پەللىدىن چىقىش سىزىقىنى يېڭىلىدى، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش ئەر - ئاياللار، ياشانغانلار، بالىلارنىڭ ھاياتىغا «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» بولدى، توقىغانسېرى زىچلاشقان ئىجتىمائىي كاپالەت تورى ھەممە ئائىلىنىڭ بەختىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلماقتا...

بۈگۈنكى كۈندە، پارتىيە رايى، خەلق رايى خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلاشقان تەرەققىيات داۋامىدا ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملەندى، ۋەتەننى سۆيۈش، شىنجاڭنى سۆيۈش ئاكتىپ كۈچى شىنجاڭ تۇپرىقىدا تارقالماقتا، بۇ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشتىكى ئەڭ تۈپ كاپالەت، ئەڭ كۈچلۈك تىرەك، ئەڭ قۇدرەتلىك كۈچ.

2019 - يىلى 9 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، تاشقى دۇنيا تەرىپىدىن «قۇملۇق قەبىلىسى» دەپ ئاتالغان كېرىيە ناھىيەسىنىڭ دەريا بويى يېزىسى دەريا بويى كەنتى تەكلىماكاننىڭ ئىچكىرىسىدىن پۈتۈنلەي يورۇق، پاكىز، تۈرلۈك يانداشما ئەسلىھەلەر مۇكەممەل بولغان يېڭى ئولتۇراقلىشىش نۇقتىسىغا كۆچتى. شۇنىڭ بىلەن، شىنجاڭنىڭ «13 - بەش يىل»دا نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش ۋەزىپىسى پۈتۈنلەي تاماملىنىپ، 159 مىڭ 100 ئادەم يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپ، كۆچۈپ چىقالايدىغان، مۇقىم تۇرالايدىغان، بېيىيالايدىغان يېڭى تۇرمۇشنى باشلىدى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ياڭراق بۇرغىسى چېلىنغاندىن بۇيان، كەڭ قۇملۇقلاردىن ئېگىز تاغلارغىچە، يايلاقلاردىن دەريا جىلغىسىغىچە، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر دىققەتنى ئېغىر نامراتلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، «كەشتە تىكىش ماھارىتى»نى تولۇق ئىشقا سېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا بىرمۇ ئائىلە چۈشۈپ قالماسلىق، بىرمۇ ئادەمنى قالدۇرۇپ قويماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، شىنجاڭدا جەمئىي 2 مىليون 923 مىڭ 200 ئادەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 3107 نامرات كەنت نامراتلىقتىن چېكىندى، 25 نامرات ناھىيە قالپىقىنى ئېلىۋەتتى. نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى 2013 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى %19.4تىن %1.24كە تۆۋەنلىدى، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەر ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىندى.

2020 - يىلى يىڭى يىل كىرىشى بىلەنلا، شىنجاڭ قالپىقى ئېلىۋېتىلمىگەن ئون نامرات ناھىيەگە قارىتا ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ناھىيە، كەنتلەر بويىچە دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە ئاجىز ھالقىلارنى نىشانلاپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلىدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتىكى 100 مېتىرغا كۈچەپ يۈگۈرۈش داۋامىدا، شىنجاڭ پۈتۈن كۈچنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇپ، قەتئىي بەل قويۇۋەتمەسلىكتەك چىدامچانلىق، تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە قوشۇننى قايتۇرماسلىقتەك ئىرادە ۋە جاسارەت بىلەن ئەڭ ئاخىرقى نامراتلىق قورغىنىغا ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغىدى.

ھازىر، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ئاتلانماقتا. مىڭ يىللىق ئارزۇ رېئاللىققا ئايلىنىۋاتقاندا، شىنجاڭ تۇپرىقىدىمۇ ھەيۋەتلىك ئابىدە تىكلەندى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان بىر سىياسىي پارتىيەنىڭ خەلق ئۈچۈن ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاشتەك مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە نەتىجىسى تارىخ تەرىپىدىن مەڭگۈ ئەستە ساقلىنىدۇ.

6

كېرىيە ناھىيەسى توغراغاز يېزىسىنىڭ توغراغاز كەنتىدە، تۈپتۇز بىر ئاسفالت يول يىراققا تۇتىشىدۇ، يولنىڭ ئۇ بېشىدا دەل قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيى بار. تىزىپ قويۇلغان تارىخىي سۈرەتلەر، ھۆججەت - ئەمەلىي بۇيۇملار ئىتتىپاقلىق ھېكايىسىنى بايان قىلماقتا، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش نۇرىنى جۇلالاندۇرماقتا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈشتەك ئوتتەك ھېسسىياتىغا گۇۋاھ بولماقتا ئىدى.

60 نەچچە يىل ئىلگىرى، قۇربان تاغىنىڭ «ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بېرىپ ماۋ جۇشىنى يوقلىماقچى بولغانلىق» ھېكايىسىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. 2017 - يىلى باش شۇجى شى جىنپىڭ قۇربان تاغىنىڭ ئەۋلادلىرىغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنى «پارتىيەنى قىزغىن سۆيىدىغان، ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدىغان، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيىدىغان ئۈلگىلەردىن بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى».

باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىگە ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلۈپ تۇردى، مەيلى شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا بولسۇن، ياكى ئاساسىي قاتلام مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلغاندا بولسۇن، مەيلى قۇربان تاغىنىڭ ئەۋلادلىرىغا جاۋاب خەت قايتۇرغاندا بولسۇن، ياكى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتناشقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا بولسۇن، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ئىناقلىقىغا باش شۇجى باشتىن - ئاخىر چوڭقۇر كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش» تارىخىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىنى پىلانلاپ، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «شىنجاڭدىكى مەسىلىلەر ئىچىدە كەلگۈسىگە ئەڭ مۇناسىۋەتلىك بولغىنى يەنىلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەسىلىسى. مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا قانچىكى ئۇرۇنغانسېرى، بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى شۇنچە كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىرلىكتە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش پولات سېپىلىنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك».

باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، ئاپتونوم رايون جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى سىجىل چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر خىل شەكىلدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئېجىل - ئىناق ئۆتۈشى، بىر ياقىدىن باش چىقىرىشى، ئىناق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مەركەزداش چەمبىرىنى سىزغانسېرى چوڭايتتى.

بۈگۈنكى كۈندە، چىن مۇھەببەتكە تولغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ناملىق پويىزلار تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا توختىماي ئۆتۈشۈپ تۇرماقتا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاساسىي قاتلام ئاممىسى بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى، ھال - ئەھۋال سوراپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش جەريانىدا مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇپ قالدى.

بۈگۈنكى كۈندە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچىلار تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا يۇلتۇز بولۇپ چاقنىدى، قۇربان نىياز، جۇاڭ شىخۇا، يوۋ لياڭيىڭ... مەنىۋى كوئوردىناتلار ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلىق سۆزلىرىنى سۆزلەشكە، ئىتتىپاقلىق ئىشلىرىنى قىلىشقا، بىر نىيەت بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىق ئۇلىنى مۇستەھكەملەشكە يېتەكلىمەكتە.

بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش» ئىدىيەسى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەتتە ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش»تىن ئىبارەت قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئۇزاققىچە مەۋج ئۇرماقتا.

ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەردىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قۇياش نۇرى، ھاۋاغا ئوخشاش كەم بولسا بولمايدۇ، ئۇ باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى ۋە تۈپ كاپالىتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ ئامما خىزمىتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقىدۇر». 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى قانۇن بويىچە قوغداپ، دىنىي سورۇنلاردا «يەتتىنى كىرگۈزۈش، ئىككى بولۇش، توققۇزنى سەپلەش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارغا بولغان يېتىشتۈرۈش، قوغداش، كۆيۈنۈشنى كۈچەيتتى... دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەپ، دىن ساھەسىدىكى كەڭ زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇيۇشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلدى.

شىنجاڭنىڭ كەڭ، بىپايان تۇپرىقىدا، ھەر مىللەت ئامما ئۇرۇق - تۇغقاندەك يېقىن ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولدى، ھەرخىل دىن سىڭىشىپ، تەڭ مەۋجۇت بولۇپ، ئېجىل - ئىناق ئۆتمەكتە.

7

ئاددىي، قەدىمىي تۇرالغۇلار، خۇش پۇراق تارىلىپ تۇرىدىغان قەھۋەخانىلار، ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئىتى ھەمدە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە مەنزىرىلەر قويۇق بولغان مەززىلىك تائاملار كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان سېھرىي كۈچ تارقىتىپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن تۈركۈم - تۈركۈم سومكا ئېسىۋالغان ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى − بۈگۈنكى كۈندە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مۇھىم بازار قەشقەردە، قوغداش خاراكتېرلىك ئۆزگەرتىلگەن كونا شەھەر رايونى ئۈستى بېشىدىكى چاڭ - توزاننى قېقىپ چۈشۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ئەڭ قىزىق ساياھەت مەنزىلگاھلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

قەدىمىي شەھەر يېڭى ھاياتىي كۈچكە تولدى، بۇ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ بەخت - سائادىتى، تېخىمۇ مۇھىمى جەمئىيەت مۇقىملىقىنىڭ پايدىسى، بۇنىڭدىن مەنپەئەتلەنگىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد مۇشۇ يەردە ياشاپ كەلگەن كىشىلەر.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن، قەشقەر كونا شەھىرى تېخىمۇ گۈزەل تۈسكە كىردى.

شىنجاڭ بىر تاختا شاھمات، جەنۇبىي شىنجاڭ شاھمات كۆزى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئاساسىي بازا. شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا بۇ شاھمات كۆزىنى جانلاندۇرۇش ئاچقۇچ.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، دۆلەت قاتلىمىدا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەپ، بىر قاتار ئالاھىدە مالىيە، سېلىنما، پۇل مۇئامىلە، ئىختىساسلىقلار سىياسىتى قاتارلىقلارنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا مايىللاشتۇردى، بۇنىڭ سالمىقى مىسلىسىز بولۇپ، كۆيۈنۈشنىڭ چوڭقۇرلۇقى مەڭگۈ ئەستە ساقلىنىدۇ.

مەسىلە قانچە مەركەزلەشكەنسېرى، قىيىنچىلىق قانچە گەۋدىلىك بولغانسېرى، ئادەتتىن تاشقىرى ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچلۈك ئىرادە بولۇشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى.

− قانۇن بويىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقىغا ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلدى؛

− ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە كۈچىنى تەقسىملەش، مۇھىم، زور ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى يانداش مەبلىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە مۇھىم، زور خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرى سېلىنمىسىنى جەنۇبىي شىنجاڭغا مايىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇردى. 2014 - يىلىدىن 2018 - يىلىغىچە، ئاپتونوم رايون مالىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا 497 مىليارد 400 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %17.1 ئاشۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى؛

− ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، تۇرالغۇ، ئىچىدىغان سۇ، توك ئىشلىتىش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىنى زور كۈچ سەرپ قىلىپ ھەل قىلدى. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى پائال يولغا قويۇپ، شەھەر - يېزا بىر گەۋدە قىلىنغان ھەقسىز ئۈچ يىللىق ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى، نامرات نوپۇسنىڭ خەتەرلىك ئۆيلەردە ئولتۇرۇش، قىرتاق، تۇزلۇق سۇ ئىچىش تارىخى كەلمەسكە كەتتى... ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنىڭ زور دەرىجىدە ياخشىلىنىشى خەلق رايىغا ئۇيغۇنلاشتى، خەلقنىڭ قەلبىنى مۇجەسسەملىدى؛

− دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلار ۋە ئالاھىدە نامرات كىشىلەر توپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئەڭ قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى قەتئىي يەڭدى. «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» مەسىلىسىنى چىڭ كۆزلەپ، تۈرلۈك نامراتلارنى يۆلەش تەدبىرلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىرادە، ئەقىل جەھەتتىن قوش يۆلەپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش بىلەن جەڭ قىلىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يەڭدى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى 2013 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى %29.1تىن 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى %2.21كە تۆۋەنلىدى، كوئېنلۇن تېغى ئاستىغا كۆمۈلگەن 1000 يىللىق نامراتلىق يىلتىزى پۈتۈنلەي يۇلۇپ تاشلاندى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى كۆز ئالدىمىزدىلا.

جەنۇبىي شىنجاڭ تۇپرىقىغا نەزەر سالساق، گىرەلىشىپ كەتكەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللاردا ئاپتوموبىللار ئۇچقاندەك ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن كەسىپلەر باغچە رايونىدا ماشىنا - ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئاۋازى گۈرۈلدەپ تۇراتتى، گۈللىنىپ روناق تاپقان چېگرا پورتىدا ئادەملەر ئۆتۈشۈپ تۇراتتى... ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بۇ يەردە جاراڭلىق دەۋر مېلودىيەسىنى ياڭراتماقتا.

جەنۇبىي شىنجاڭ تۇپرىقىغا نەزەر سالساق، زامانىۋىلاشقان مەكتەپ قورۇسىدا كىتاب ئوقۇۋاتقان جاراڭلىق ئاۋاز ئاڭلىنىپ تۇراتتى، رەتلىك سېلىنغان نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش نۇقتىلىرىدا چىرايلاردىن كۈلكە يېغىپ تۇراتتى، ئىشىك ئالدىدىكى توقۇمىچىلىق زاۋۇتلىرىدا ھەر مىللەت ئامما بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ گۈزەل تۇرمۇشنى بارلىققا كەلتۈرمەكتە.

جەنۇبىي شىنجاڭ تۇپرىقىغا نەزەر سالساق، كەنتتىكى قىزلار بارغانسېرى مودا بولۇپ كەتتى، ئاز سانلىق مىللەت ئامما پۇتۇڭخۇانى بارغانسېرى راۋان سۆزلەيدىغان بولدى، يېزا - كەنتلەرنىڭ مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى بارغانسېرى موللاشتى، دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ تۇرمۇش شەكلى بارغانسېرى زامانىۋىلاشتى... مەدەنىي يېڭى كەيپىيات قەدىمىي تۇپراقنى سىيپاپ ئۆتۈپ، گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان كەنت - مەھەللىلەرنى بارلىققا كەلتۈرمەكتە.

تاغلارنىڭ ئەجدادى بولغان كوئېنلۇن تېغى كۆز يەتكۈسىز بولۇپ، تالاي قېتىم دۇنيانىڭ گۈللىنىشى - خارابلىشىشىنى كۆردى، ئوخشاشلا 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيانقى جەنۇبىي شىنجاڭ تۇپرىقىنىڭ يېپيېڭى قىياپىتىگە گۇۋاھ بولدى. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى بۇ تۇپراقنىڭ تەقدىرىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتىپ، بۇ تۇپراقتىكى ئەمگەكچان، ئاق كۆڭۈل خەلققە ھەقىقىي بەخت ئاتا قىلماقتا.

جەنۇبىي شىنجاڭ مۇقىم بولسا شىنجاڭ مۇقىم بولىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭ گۈللەنسە شىنجاڭ گۈللىنىدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە، جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ شاھمات كۆزىنى چىڭ تۇتقاندا، زىددىيەتنىڭ ئاساسىي تەرىپىنى چىڭ تۇتقىلى بولىدۇ، ھالقىلىق بىر ئۇرۇق ياخشى مېڭىلسا، شاھماتتا ئۇتقىلى بولىدۇ.

8

داشى كەنتى، بىر ياڭراق ئىسىم، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، غېمىنى يەيدىغان بىر كەنت.

2014 - يىلى 4 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە داشى كەنتىنىڭ كەنت تەلىمى «يانچۇقى تومپىيىش، روھى كۆتۈرەڭگۈ بولۇش» توغرىسىدا مەخسۇس سۆزلىدى، 2014 - يىلى 9 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ داشى كەنتىگە مۇنداق جاۋاب خەت قايتۇردى: «كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ماگنىتقا ئوخشاش يۇرتداشلارنى زىچ ئۇيۇشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، داشى كەنتىنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 2014 - يىلىدىكى 25 مىڭ يۈەندىن كۆپىيىپ 2019 - يىلىدىكى 33 مىڭ يۈەنگە يەتتى، 360 ئائىلىلىك ئامما يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، 300 نەچچە ئائىلە پىكاپ سېتىۋالدى... داشى كەنتى پارتىيە تەشكىلاتى باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا يېتەكلىدى، يۇرتداشلارنىڭ كۈنلىرى كۈندىن - كۈنگە ياخشىلاندى.

شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىشتا مۇھىم بولغىنى ئاساسىي قاتلام. پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمىتى ۋە جەڭگىۋارلىقىنىڭ ئاساسى. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى مۇستەھكەم، كۈچلۈك بولغاندىلا، مۇقىملىق ئاندىن مۇستەھكەم تىرەككە ئىگە بولىدۇ، تەرەققىيات ئاندىن پۈتمەس - تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە بولىدۇ. 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىشنى شىنجاڭنى مۇقىم، ئەمىن قىلىشتىكى ئۇزاق مۇددەتلىك پىلان ۋە ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرى قىلىپ، تىرىشىپ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان، مۇقىملىقنى قوغدايدىغان، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىدىغان كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك».

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، يېزا - كەنت دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىغا سىجىل كۈچەپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش بىلەن بىللە، ئاجىز، چېچىلاڭغۇ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تەرتىپكە سېلىشنى ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە بايرىقىنى ھەربىر ئاساسىي قاتلام بازىسىدا ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى، تەرەققىيات ئاساسى، مۇقىملىق ئاساسىنى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەملىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى نەچچە ئون مىڭلىغان كەنت، مەھەللىدە «ئىككى كومىتېت» رولىنى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك جارى قىلدۇرماقتا، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مۇلازىمەت ئېڭى تېخىمۇ كۈچەيمەكتە، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ قويۇقلاشماقتا، كادىرلار، ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قىلىشتىكى كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھى تېخىمۇ ئاشماقتا.

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كۈچلۈك ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيىتىگە موھتاج، جەزمەن سىياسىيدا كۈچلۈك، ئىقتىداردا كۈچلۈك، ئىستىلدا كۈچلۈك يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى تاۋلاپ چىقىش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشنى ئىستىل جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىن باشلاپ، تىرىشىپ سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان كادىرلار قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقتى.

ئاچقۇچلۇق پەيتتە مەسئۇلىيەتچانلىقنى نامايان قىلدى، بوران - چاپقۇنغا قارىماي جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش روھىنى نامايان قىلدى. شىنجاڭدىكى كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىدا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئاتاكىدا ئالدىغا ئۆتۈپ، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلقنى ئويلايدىغان ھېسسىياتى، زىددىيەتكە بىۋاسىتە يۈزلىنىش جاسارىتى، مەن قىلمىسام كىم قىلىدۇ دەيدىغان غەيرىتى بىلەن يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، يېڭى كەيپىياتنى ئۇرغۇتۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

7 - ئايدىكى تومۇزدا، ئۈرۈمچىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يېڭىدىن يۈزبەردى، ۋەزىيەت كەسكىن بولۇپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىپىسى ئېغىر ھەم مۈشكۈل بولدى. «مەن پارتىيە ئەزاسى، مەن ئالدى بىلەن باراي» «يۇقۇم يوقىتىلمىغىچە مەن چېكىنمەيمەن»، پارتىيە ئەزاسى ئاۋانگارتلار ئەترەتلىرى، پارتىيە ئەزاسى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترەتلىرى ۋىرۇس بىلەن ھايات - ماماتلىق كۈچ سىنىشىشنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇستەھكەم تۈۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇردى. سىياسىيدا مۇستەھكەم، كۈچلۈك، بوران - چاپقۇننىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان مۇشۇنداق يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى بىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشىمىزغا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشىمىزغا ئىشەنچ ئاتا قىلدى، تېخىمۇ مۇھىمى بىزنىڭ مەردانە قەدەملەر بىلەن ئەبەدىي ئەمىنلىككە ئاتلىنىشىمىزغا ئۈمىد ئاتا قىلدى.

ھەيۋەتلىك تاغلارنىڭ جەزمەن ئاساسىي چوققىسى بولىدۇ. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەنىڭ پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتىكى رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا. بىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈچلۈك كادىرلار قوشۇنى قۇرۇپ، پۇختا ئاساسىي قاتلام تەشكىلات سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئەسقاتىدىغان ئامما خىزمىتى مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرسەك، «يۆلەنچۈك» تۇرغۇزۇپ، «تۈۋرۈك»نى تىكلەپ، «تۇراقلاشتۇرغۇچ»نى مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىيەلەيمىز.

9

«مەن نۇرغۇن جايلارغا باردىم، ئەڭ گۈزەل جاي يەنىلا بىزنىڭ شىنجاڭ...» مۇشۇ جايدا تۇغۇلۇپ، مۇشۇ جايدا چوڭ بولغان شىنجاڭلىقلار ناخشىسى ئارقىلىق يۇرتىنى مەدھىيەلەشنى ياخشى كۆرىدۇ، يېقىملىق مېلودىيە ئىچىدە چوڭقۇر مۇھەببەت بار، تېخىمۇ قىزغىن ئارزۇ - ئۈمىد بار.

«خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز»، 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، 2000دىن ئارتۇق كۈن كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆتۈپ كەتتى، قارىماققا ئادەتتىكىدەك بىلىنسىمۇ، ئەمما ئاجايىپ ئۆتتى.

بۇ قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان مەردانە مۇساپە. گەرچە مەنزىل يىراق، قىيىنچىلىقلار قاتمۇقات بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىشەنچىسى ئەزەلدىن تەۋرىنىپ باقمىدى.

بۇ ئېگىلمەس - سۇنماس كۈرەش مۇساپىسى. گەرچە بوران - چاپقۇنلار كۈچلۈك، يوللار ئەگرى - توقاي بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلىشىدە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش قەدىمى ئەزەلدىن توختاپ قالمىدى.

تارىخ ئەزەلدىن ئىرادىسى مۇستەھكەملەر، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغانلار، جان تىكىپ ئېلىشىدىغانلارنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭ تۇپرىقىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى ھەممىنى شادلاندۇردى، تىنچلىق، ئاسايىشلىق ئېلىپ كەلدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا يېڭى كەيپىياتنى بارلىققا كەلتۈردى، ھەر مىللەت خەلقنى پۈتمەس - تۈگىمەس بەخت - سائادەتكە ئېرىشتۈردى.

تەستە قولغا كەلگەن بۇ چوڭ ياخشى ۋەزىيەت باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بايراق كۆتۈرۈپ يۆنىلىشنى بەلگىلىگەنلىكى، رولچى بولۇپ يول باشلىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، سەمىمىي غەمخورلۇقىنىڭ نەتىجىسى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، بىز قەتئىي تەۋرەنمەي باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرساق، ئەمەلىيلەشتۈرسەك، قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرساق، ئەمەلىيلەشتۈرسەك، شىنجاڭ چوقۇم ئىناق، مۇقىم جەمئىيەت ۋەزىيىتىگە ئىگە بولىدۇ، ھەر مىللەت ئامما چوقۇم خاتىرجەم ياشايدىغان گۈزەل يۇرت - ماكانغا ئىگە بولىدۇ.

تەستە قولغا كەلگەن بۇ چوڭ ياخشى ۋەزىيەت پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى، شەخسىيەتسىز ياردەم بەرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلقنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، بىز جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، قىيىن كۈنلەردە بىللە بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلساق، چوقۇم بارلىق قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلار ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىيەلەيمىز.

ئۆتكەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى پەقەتلا مۇقەددىمە.

«ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇتلەق نامراتلىقتىن تەلتۆكۈس قۇتۇلۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاخىرقى پەيتىدە، «13 - بەش يىل» تاماملىناي دەپ قالغان، «14 - بەش يىل» باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان ئاچقۇچلۇق پەيتتە، شىنجاڭ يەنە يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا.

مۇشۇ پەيت، مۇشۇ دەقىقىدە، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ سەلتەنەتلىك مۇساپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىزنى چاقىرماقتا. بۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەڭ ئالىي مەنپەئىتى ۋە تۈپ مەنپەئىتى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئۈمىدى، بەختى. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش ئۇلۇغ يۈرۈش قىلىش داۋامىدا، ھەر مىللەت تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرى جاسارەت بىلەن نەتىجە ياراتماقتا، توختىماي ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرمەكتە.

بىز «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايلى. گەرچە شىنجاڭ پايتەخت بېيجىڭدىن يىراق بولسىمۇ، لېكىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبى باشتىن - ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان بولۇش، چىڭ تۇتاشقان بولۇشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پەيتنى قولدىن بەرمەي، گۈزەل دەۋرنى قەدىرلەپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى بارغانسېرى گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.