تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىرىشىپ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك

شى جىنپىڭ تەمىنات - سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپى خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىرىشىپ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك

لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بەردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا تەمىنات - سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپى خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تەمىنات - سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپى پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتى، ئۇ ئۇزاق تارىخقا، شەرەپلىك ئەنئەنىگە ئىگە بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان بىر مۇھىم كۈچ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەمىنات - سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى سىستېمىسى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىتىش، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش، پارتىيەنىڭ يېزىلاردىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملەشنى چۆرىدەپ، تەمىنات - سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنى داۋاملىق ياخشى باشقۇرۇشى كېرەك. تەمىنات - سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى چوڭ ۋەزىيىتىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈزۈلمە - مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت ساھەسىنى كېڭەيتىپ، تېزدىن دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئۇنىۋېرسال سۇپىغا ئايلىنىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانلار ئاممىسى بىلەن زىچ ئالاقە باغلىشىدىكى كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتىگە ئايلىنىپ، تىرىشىپ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەمىنات - سودا ھەمكارلىق ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تەمىنات - سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپى دۆلەتنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار ئۈچۈن بىۋاسىتە مۇلازىمەت قىلىشىدىكى مۇھىم ۋاسىتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تەمىنات - سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىقلار ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. تەمىنات - سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش مەقسىتىنى باشتىن - ئاخىر ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمىتى، يېزا زامانىۋى ئوبوروتى، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ياخشى تۇتۇپ، مۇھىم يېزا ئىگىلىك ئەشيالىرى ۋە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىتىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك!

جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەمىنات - سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ 7 - قېتىملىق قۇرۇلتىيى 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە لى كېچياڭنىڭ تەستىقىي يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خۇ چۈنخۇا يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش تەمىنات - سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭىدىن تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى، تېخىمۇ كەڭ بوشلۇق ئېچىپ بەردى. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش مەقسىتىنى پۇختا ئىگىلەپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش سىستېما قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتنى پۇختا، كۈچلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، تېز تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تەمىنات - سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ يېڭى تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقى جى بىڭشۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ياڭ چۈەنتاڭ يىغىنغا قاتناشتى.

ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، مەملىكەتلىك تەمىنات - سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى سىستېمىسىدىكى ۋەكىللەر قاتارلىق 600دىن ئارتۇق كىشى يىغىنغا قاتناشتى.

بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەمىنات - سودا ھەمكارلىق باش كوپىراتىپى 6 - نۆۋەتلىك كېڭىشىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە نازارەتچىلىك ھەيئىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ، «جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەمىنات - سودا ھەمكارلىق باش كوپىراتىپىنىڭ نىزامنامىسى»غا قاراپ چىقىلىدۇ ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ، باش كوپىراتىپنىڭ 7 - نۆۋەتلىك كېڭىشى ۋە نازارەتچىلىك ھەيئىتى سايلاپ چىقىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.