مېڭ چىڭتاۋ
ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئىشقا ئاشۇرۇش بىر دۆلەت ياكى رايوننىڭ ھازىر بار بولغان كەسىپ قۇرۇلمىسى ۋە كەسىپ سىياسىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. قانۇندا، ئەمگەكچىلەر باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىش، كەسىپ تاللاش، ئەمگەك ھەققى ئېلىش، ئارام ئېلىش، دەم ئېلىش، ئەمگەك بىخەتەرلىكى، ساقلىقنى ساقلاش مۇھاپىزىتىگە ئېرىشىش، كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى قوبۇل قىلىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ۋە پاراۋانلىقتىن بەھرىمەن بولۇش، ئەمگەك تالاش - تارتىشىنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل ئەمگەك قىلىش ھوقۇق - مەنپەئىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. لېكىن بۇ ھوقۇق - مەنپەئەتلەردىن بەھرىمەن بولۇش بىر تەرەپتىن، ھازىر بار بولغان كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشقان نوپۇسنى سىغدۇرۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلىشىغا موھتاج، يەنە بىر تەرەپتىن، دۆلەتنىڭ مۇۋاپىق كەسىپ سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى مۇناسىپ قوللاش شارائىتى بىلەن تەمىنلىشىگە موھتاج. كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ھەم دۆلەتنىڭ نىسپىي ئارقىدا قالغان رايونلار، بولۇپمۇ نامرات رايونلارنىڭ تەرەققىياتىغا قارىتىلغان بىرخىل كەسىپ سىياسىتى مايىللىقى، شۇنداقلا نامرات نوپۇسنىڭ مۇمكىنلىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، نامرات نوپۇسنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىر. كۆپ يىللاردىن بۇيان، مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت مۇھىم ئامىل ئەۋزەللىكى ۋە قۇرۇلمىسىنى ئاساس قىلىپ، بازار ئىگىلىكى قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىپ، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭدىكى نامرات نوپۇسنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى.
كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش شۇ جاينىڭ مۇھىم ئامىل ئەۋزەللىكىگە ھەم ئۇنىڭ قۇرۇلمىسىغا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا نامرات نوپۇسنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلاشتى. ھۆكۈمەتنىڭ ئارىلىشىش سىياسىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئىقتىسادنىڭ ئىچكى تەرەققىيات پىرىنسىپى ئاساسىدا تۈزۈلگەن بولىدۇ، يەنى ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ ئىچكى مۇھىم ئامىل ئەۋزەللىكى ھەم ئۇنىڭ قۇرۇلمىسىغا ھۆرمەت قىلىنىپ، نامرات رايونلارنىڭ تەرەققىياتى، بازار ئېھتىياجى، كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش نامرات نوپۇسنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلۈپ، سېلىشتۇرما ئەۋزەللىككە ئۇيغۇن كېلىدىغان كەسىپ تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ. شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار ئۆزىنىڭ مۇھىم ئامىل ئەۋزەللىكىگە ئاساسەن، نامرات رايونلاردىكى دېھقان - چارۋىچىلار توپىغا يۈزلىنىپ، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى؛ تەبىئىي ئەۋزەللىكى بار رايونلاردا ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىپ، ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا - كەنت ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نامرات ئائىلىلەرنى كىرىمنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلىدى؛ نوپۇس نىسپىي زىچ توپلاشقان رايونلاردا توقۇمىچىلىق، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى قۇراشتۇرۇش قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «باش ئىشتاب + ھەمراھ زاۋۇت» «باش ئىشتاب + ئائىلە مەيدانى» قاتارلىق كۆپ خىللاشقان كەسىپ شەكلى ئارقىلىق، نامرات ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا قولايلىق ياراتتى؛ مەبلىغى كەمچىل رايونلار ۋە ئاھالىلەرگە قارىتا پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىپ، ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى؛ زامانىۋى تور تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئالاقە تورى + نامراتلارنى يۆلەش، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، توردىكى، تور سىرتىدا سېتىش يوللىرىنى جىپسىلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ داڭلىق، ئەلا، خاس مەھسۇلاتلىرىنىڭ شىنجاڭدىن چىقىشى، پۈتۈن مەملىكەتكە تارقىلىشى، دۇنياغا يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئەمگەكچىلەرنى پايدىغا ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، بولۇپمۇ كۆپ خىل كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى نامرات نوپۇسنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى كۆپەيتتى. تارىخىي تەرەققىيات شۇنى كۆرسەتتىكى، نوپۇس كۆلىمى، كەسىپ قۇرۇلمىسى بىلەن ھوقۇق - مەنپەئەتنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسى ئوتتۇرىسىدا زىچ مۇناسىۋەت مەۋجۇت. ئۇششاق دېھقان ئىگىلىكىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان كەسىپ قۇرۇلمىسى ئادەتتە غايەت زور نوپۇس كۆلىمىنى كۆتۈرەلمەيدۇ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى نوپۇسنىڭ كەڭ كۆلەمدە كۆپىيىشى كۆپ ھاللاردا سانائەت ۋە 3 - كەسىپنىڭ زور تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ بارلىققا كەلگەن. 2 -، 3 - كەسىپنىڭ تەرەققىياتى زور مىقداردىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ئېھتىياجىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ، ھالبۇكى، يېزا ئىگىلىكى كۆتۈرۈشكە ئامالسىز قالغان ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ كۆپىنچىسى نامرات نوپۇس بولۇپ، ئۇلار دەل 2 -، 3 - كەسىپنىڭ تەرەققىياتىنى ئادەم كۈچى بايلىقى بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇ ئىككىسى تەبىئىي ھالدا بىر - بىرىنى تولۇقلاشچانلىققا ئىگە. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، 2 -، 3 - كەسىپتە ئىشقا ئورۇنلاشقان ئەمگەكچىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ۋە ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسى يېزا نوپۇسىدىكىلەرنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ تەرەققىياتى شەكىللەندۈرگەن بازار تېخىمۇ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى، تېخىمۇ كەڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش تاللىشى ۋە تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەش بوشلۇقى بىلەن تەمىنلەيدۇ. شىنجاڭ رايونى بازار تەرەققىياتىنىڭ ئۆزگىرىش يۈزلىنىشىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلاشتى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ كۆلىمى، مەھسۇلات قىممىتى ھەمدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سالمىقى سىجىل ئاشتى، بۇنىڭ بىلەن، كۆپ مىقداردىكى يېزا ئىگىلىك ئەمگەك كۈچلىرى يېزا ئاھالىسىدىن شەھەر - بازار ئاھالىسىگە ئايلىنىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىمنى ئاشۇرۇش ۋە ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتەك كۆپلىگەن پايدىغا ئېرىشتى. شىنجاڭ كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتە نامرات رايونلاردىكى دېھقان - چارۋىچىلار توپىنى نۇقتىلىق نىشانلاپ، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەبىئىي بايلىق ئەۋزەللىكى ئۈستۈنلۈكىدىن پايدىلىنىپ، كەسىپ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق كەسىپلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، سانائەت ۋە 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى. مەملىكەت بويىچە «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»تىكى ئېغىر نامرات رايونغا تەۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست شەھەر - بازار، كارخانا، كەسىپ باغچىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قۇرۇش ۋە يېزا - كەنتلەرنىڭ 1 -، 2 -، 3 - كەسىپلىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ئارقىلىق نامرات دېھقان - چارۋىچى ئائىلىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشى، نامرات نوپۇسنىڭ يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى كەڭ يول بىلەن تەمىنلىدى. مەسىلەن، «جۇڭگونىڭ بادام ماكانى» قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەكەن ناھىيەسى بادامنى چۆرىدەپ كەسىپلەرنى بىرىكتۈرۈشكە زور كۈچ سەرپ قىلىپ، بادام ئۆستۈرۈش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، بادام پىششىقلاش كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، بادام ئۆستۈرگۈچى ئائىلىلەرنىڭ دېھقانلار ئارامگاھى، پۇقراۋى قونالغۇ قاتارلىق ساياھەت تۈرلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا مەدەت بەردى، يېتەكلىدى، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ھەل قىلىش، ھوسۇلنى ئاشۇرۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇشتىكى ئۇنىۋېرسال ئېففېكتى كۆرۈنەرلىك بولدى.
كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى كەسپىي مائارىپ تەربىيەسى بىلەن بىرلەشتۈرۈش نامرات نوپۇسنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. كەسىپ تەرەققىياتى بىلەن كەسپىي مائارىپ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، كەسىپ تەرەققىياتى كەسپىي مائارىپقا ماددىي ئاساس سالىدۇ، كەسپىي مائارىپ كەسىپ تەرەققىياتىنى ئىختىساسلىقلار مەدىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ كارخانىلار كەسپىي مائارىپقا قاتنىشىدۇ، كەسپىي مائارىپ كەسىپلەرنىڭ يۆتكىلىشىنى ئادەم كۈچى تىرىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇ ئىككىسى بىۋاسىتە تەمىنلەش - ئېھتىياج بويىچە ئۇدۇللىشىدۇ. كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئىچكى تەرەققىيات مېخانىزمى، كەسپىي مائارىپ ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش، ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش، تېخنىكا جەھەتتىن يۆلەشنى بىرلەشتۈرۈپ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى يېتىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئىككىسى ماسلىشىپ نامرات نوپۇسنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. مەسىلەن، جياڭسۇ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كەسپىي مائارىپىغا نىشانلىق ياردەم بەردى، قىزىلسۇ ئوبلاستى ئىختىيارىي خاراكتېرلىك قورال(بازار قورالى)نى قوللىنىپ جەمئىيەت بايلىقىنى جانلاندۇردى، بازار سۇبيېكتلىرىنى كەسپىي مائارىپ بويىچە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشكە قاتنىشىشقا قوزغىتىپ، ھۆكۈمەت، ساھە كارخانىسى، كەسپىي مەكتەپتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ يۇغۇرۇلۇشى جەريانىدىكى ھوقۇق - مەنپەئىتى، مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، «كەسىپكە ئۇدۇللاشتۇرۇپ كەسىپ تەسىس قىلىش، كارخانىلار بىلەن بىرلىشىپ كەسىپ قۇرۇش، كەسىپنى ياخشى ئېچىپ كەسىپنى ئىلگىرى سۈرۈش»تىن ئىبارەت مەكتەپ باشقۇرۇش مېخانىزمى ئۈستىدە پائال ئىزدەندى، تاراتقۇ شىركىتى، كىيىم - كېچەك شىركىتى، ئاپتوموبىل رېمونت زاۋۇتى قاتارلىق كارخانىلار مەكتەپتە زاۋۇت قۇردى، شۇ جايدىكى كەسىپلەرنىڭ خاس رىقابەت كۈچى ئەۋزەللىكى روشەنلەشتى، نامرات نوپۇسنىڭ ئۆزىگە تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئېڭى ئۈنۈملۈك كۈچەيدى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئۆستى.
كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ۋە قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش بىلەن بىرلەشتۈرۈش تېخىمۇ كۆپ نامرات نوپۇسنى تەرەققىياتقا قاتناشتۇردى، تەرەققىيات پايدىسىدىن بەھرىمەن قىلدى. كەسىپ قۇرۇلمىسى بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىش قۇرۇلمىسىنىڭ زىچ مۇناسىۋىتى بار، كەسىپلەرنى تەڭشەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق كەسىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش دۆلىتىمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى جەريانىدا يەكۈنلەپ چىققان بىر مۇھىم تەجرىبە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ رايونى كۆپ خىل شەكىل، كۆپ خىل يول ئارقىلىق، سودىگەر چاقىرىپ، مەبلەغ جەلپ قىلدى، بولۇپمۇ نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ياردىمىدىن پايدىلىنىپ، 40 نەچچە سانائەت باغچىسى، كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇپ، شىنجاڭ سىرتىدىكى 5000دىن ئارتۇق كارخانىنى مەبلەغ سېلىپ ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ زامانىۋى سانائىتىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇردى. ھۆكۈمەت خىزمەت فۇنكسىيەسىنى پائال ئۆزگەرتىپ، كەسىپلەرنى تەڭشەشنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا بولغان ئىجابىي ئېففېكتىنى جارى قىلدۇرۇپ، زامانىۋى كارخانا تۈزۈمى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولدى، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى پۇرسەت بىلىپ، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نامراتلىقنى ئازايتىش، نامراتلارنى يېتەكلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىچكىرى رايونلاردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەردىكى كارخانىلارغا يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ دائىملىشىشى، شىنجاڭ ئىچىدە رايون ئاتلاپ يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ دائىملىشىشى، ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ دائىملىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، نامرات نوپۇسنى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ئورتاق قاتنىشىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە پايدىسىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، 2014 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىدىن يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2 مىليون 763 مىڭ ئادەم قېتىمدىن كۆپرەك يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. مەسىلەن، 2019 - يىلىدىن بۇيان، خوتەن ۋىلايىتى ئاياغ، پايپاق تىكىش، ئېلېكتىرونلۇق قۇراشتۇرۇش، ئويۇنچۇق ياساش قاتارلىق 400دىن ئارتۇق كارخانىنى كىرگۈزۈپ، 100 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئىشقا ئورۇنلاشقان نامرات ئەمگەك كۈچى 50 مىڭغا يېقىن بولغان؛ بۇ يىل «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىپ - تىزگىنلەپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە مەدەت بېرىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى چىقىرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باج ھەققىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە كۈچ قوشۇپ، نامرات ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئىشىك ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردى.
كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى مەركەز قىلىش ئارقىلىق كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، نامراتلىقنى تۈگىتىش، ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمنى ئاشۇرۇش، ھوقۇق - مەنپەئەتنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ ياخشى ئايلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ماھىيەتتە بازارنى يۆنىلىش قىلغان، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى مەركەز قىلغان، كەسىپ تەرەققىياتىنى پىشاڭ قىلغان ئىچكى تەرەققىيات مېخانىزمى بولۇپ، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىش ئارقىلىق، نامراتلىقنىڭ يۈزبېرىش سەۋەبىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، نامرات شەخس ياكى ئائىلە بىلەن نامرات رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. شىنجاڭ رايونى ئاپتونوم رايون بويىچە بىرتۇتاش پىلانلاش ئارقىلىق، ھەرقايسى ناھىيەلەرنى ئۆز ناھىيە تەۋەسىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ دادىل يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ناھىيە - يېزا بازار - ئائىلە ھەمكارلىشىپ كۈچ چىقىرىدىغان كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلدى: ھەرقايسى ناھىيەلەر يېتەكچى كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، كاپىتال جۇغلاش ئىقتىدارىنى ئاشۇردى؛ كەنت، بازارلار ئاممىۋى سېلىنمىنى كۆپەيتىپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ياخشىلاپ، كەسىپ مۇھىتىنى يېتىلدۈردى؛ نامرات ئائىلىدىكىلەر پائال ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئادەم كۈچى كاپىتالىنى ئاشۇردى. مەسىلەن، قاراقاش ناھىيەسى «ناھىيەدە باشلامچى كارخانا بولۇش، يېزىدا كۆلەملىك كارخانا بولۇش، كەنتتە نامراتلارنى يۆلەش سېخى بولۇش، ئائىلىدە ھۈنەرخانا بولۇش»تىن ئىبارەت تەرەققىيات سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى، ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ مۇھىم ئامىل ئەۋزەللىكى ۋە ئۇنىڭ قۇرۇلمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئەلالاشتۇردى، ھەرقايسى سانائەت باغچە رايونلىرى، توقۇمىچىلىق باغچە رايونلىرى ۋە كىچىك، ئۇششاق كەسىپلەر باغچىلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى كۆپ مىقداردىكى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىش ئورۇنلىرىنى ياراتتى، كەسىپ تەرەققىياتى نامرات نوپۇسنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى، ناھىيە نامرات رايونلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، نامرات دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتەك ياخشى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىغا ماڭدى.
ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: (چۇڭچىڭ شەھەرلىك جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ شىنەن سىياسىي قانۇن داشۆسى شۆبە مەركىزى)
(«خەلق گېزىتى»نىڭ 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان)