تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېڭى كەيپىياتنى خۇشاللىق بىلەن كۆرۈش

− يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان (7)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ شىنخۇڭ

9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى سەھەر سائەت 8دە، پەيزاۋات ناھىيەسى قوشئاۋات يېزىسى يۆگۈمەچلىك كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى رىزۋانگۈل مامۇت ئورنىدىن تۇردى، ئۇ ۋە ئېرى كۆپ قىسىم سەھەر تۇرغان كەنت ئاھالىلىرىگە ئوخشاش ناشتىدىن كېيىنلا بىر كۈنلۈك ئالدىراشلىقىنى باشلىۋەتتى. رىزۋانگۈل كەنتتىكى قول ھۈنەر بۇيۇملىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشلەشكە، ئېرى باغنى پەرۋىش قىلىشقا ماڭدى.

رىزۋانگۈل بارغانسېرى شۇنى كۈچلۈك ھېس قىلدىكى، بۇ بىرقانچە يىلدا، يۆگۈمەچلىك كەنتىدە ئويلاپمۇ باقمىغان ئۆزگىرىشلەر بولدى، ھەتتا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەشغۇلات ۋاقتىمۇ ئۆزگىرىپ، ئەسلىدىكىدىن بىر سائەتتىن ئارتۇق بالدۇر ئورنىدىن تۇرىدىغان بولدى، سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلىدىغانلار كۆپەيدى، تۇرمۇش رىتىمى تېزلەشتى، تام تۈۋىدە ئاپتاپسىنىپ ئولتۇرىدىغان ھالەت يوقىدى...

رىزۋانگۈل ھېس قىلغان ئۆزگىرىشلەر پەقەتلا يۈزەكى ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، ئەمەلىيەتتە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ بۇ بىرقانچە يىلدىكى چوڭقۇر قاتلاملىق ئۆزگىرىشلىرى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ ھەم خۇش قىلىدۇ.

شىنجاڭ بىر تاختا شاھمات، جەنۇبىي شىنجاڭ شاھمات كۆزى.

2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى دۆلەت قاتلىمىدا يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەپ، ئالاھىدە سىياسەتنى يولغا قويۇپ، كونا قائىدە - تۈزۈملەرنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىش كېرەك.

پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچى، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۈچى ئىشقا سېلىنغان ياردەم بېرىش - يۆلەش ھەرىكەتلىرى شۇ ھامان قانات يايدۇرۇلدى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرى تېز باشلاندى، يۆلەش سالمىقى مىسلىسىز بولدى، سىياسەتتە ئېتىبار بېرىش سالمىقى مىسلىسىز بولدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى ئورنىغا قويۇپ پىلانلاش، ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇردى. مەخسۇس جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتتى.

يول ئۇزۇن، توسالغۇ كۆپ بولسىمۇ، ماڭساقلا مەنزىلگە جەزمەن يېتىمىز. بۈگۈنكى كۈندىكى جەنۇبىي شىنجاڭدا جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم بولۇپ، ئىقتىساد تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاق - ئىناق بولۇپ، دىنلار ئىناق، رايىش بولۇپ، مەدەنىيلىك يېڭى كەيپىياتى ئەۋج ئېلىپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك كۈچىيىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە يېڭى مەنزىرە نامايان بولدى.

كىشىلەر خاتىرجەم بولدى، كۆڭۈل ئارامىغا چۈشتى، بىرىكمە كۈچ يېتەرلىك بولدى

جەنۇبىي شىنجاڭ مۇقىم بولسا، شىنجاڭ مۇقىم بولىدۇ.

بۇ بىرقانچە يىلدا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، باشتىن - ئاخىر مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان مەركىزىي خىزمەت، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر قولدا زوراۋان - تېررورچىلارغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىشنى تۇتۇپ، بىر قولدا قەلبلەرنى ئەڭ زور چەكتە ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، مۇجەسسەملەشنى تۇتۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرى كۆپ يۈزبېرىش، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىش ھالىتىنى مەنبەدىن توسۇپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئاساس پۇختا بولمىسا، يەر - جاھان تەۋرەپ قالىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نەچچە يۈز مىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جەنۇبىي شىنجاڭغا بېرىپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشتىكى شىنجاڭ تەجرىبىسى ئۈستىدە پائال ئىزدەندى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىشنى شىنجاڭنى مۇقىم، ئەمىن قىلىشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك پىلانى ۋە ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرى قىلدى.

كېمىنىڭ كۈچى يەلكەندە، ئادەمنىڭ كۈچى قەلبتە.

ئاساسنى مۇستەھكەملەپ، ئۇلنى چىڭىتىدىغان، ئىجادىي، ئەمەلىي تەدبىرلەر جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلام قورغىنىنى مۇستەھكەملەپ، تەشكىلاتنىڭ ئاخىرقى ئۇچىنى جانلاندۇرۇپ، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇردى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى خۇددى ماگنىتقا ئوخشاش پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇردى. پارتىيە بايرىقى شىنجاڭ تۇپرىقىدا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەربىر ئاساسىي قاتلام بازىسىدا ئېگىز جەۋلان قىلدى.

ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە.

باش شۇجى شى جىنپىڭ 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭدىكى مەسىلىلەر ئىچىدە كەلگۈسىگە ئەڭ مۇناسىۋەتلىك بولغىنى يەنىلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەسىلىسى.

2016 - يىلى 10 - ئايدىن بۇيان، شىنجاڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى ئىجادىي قانات يايدۇردى، ئاپتونوم رايوندىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ھەر مىللەت ئاساسىي قاتلام ئاممىسى بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا پورەكلەپ ئېچىلدى.

كۆڭلۈم خاتىرجەم بولىدىغان جاي مېنىڭ يۇرتۇم.

بۇ بىرقانچە يىلدا، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك پايدىسىز ئامىللار تەدرىجىي يوقىتىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما خاتىرجەم بولدى، كۆڭلى ئارامىغا چۈشتى، بىرىكمە كۈچ يېتەرلىك بولدى. جەنۇبىي شىنجاڭ مەبلەغ سېلىشتىكى ماگنىت مەيدانىغا، كەسىپنى گۈللەندۈرىدىغان مۇنبەت تۇپراققا، ئېسىل ساياھەت ئورنىغا، پۇقرالارنىڭ شادلىق باغچىسىغا ئايلاندى.

ساياھەت جانلاندى، خاسلىق گەۋدىلەندى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ كۈچەيدى

تەرەققىيات بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى.

2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولدى.

شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار بەس - بەستە كۆل، قارلىق تاغ، قۇملۇق، توغراقلىق قاتارلىق ئۆزگىچە خاس تەبىئىي مەنزىرىلەردىن پايدىلىنىپ، ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى. ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىش كونا شەھەرنى يېڭى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلدى، سۈپەتلىك ماركىلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش خوتەن كەچلىك بازىرىنى سىرتقا يۈزلەندۈردى... جەنۇبىي شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدىكى خاس يارقىن نۇقتىلار گەۋدىلەندى، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقىمۇ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

نان شىنجاڭنىڭ خاس يېمەك - ئىچمەكلىرى ئارىسىدىكى ئېسىل يېمەكلىك نام كارتىسى. جەنۇبىي شىنجاڭدا نۇرغۇن ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە نان مەدەنىيىتى كەسىپ باغچىسى قۇرۇلدى. نان جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم تۇتقىغا ئايلانماقتا.

2014 - يىلى شىنجاڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مىليون كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش يىرىك پىلانىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، دۆلەت ئىچىدىكى زور بىر تۈركۈم داڭلىق توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كارخانىلىرى قەشقەر، ئاقسۇ، خوتەن قاتارلىق جايلارغا مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇرۇپ، يەرلىك ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە، يەنە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى ياراتتى.

كونا كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى، يېڭى كەسىپلەر يېتىلدۈرۈلدى. «يانچۇق تېگى» پاسسىپ ۋەزىيىتى بۇزۇپ تاشلاندى، يادرولۇق رايون كۈچىدى، تېپىلغۇسىز تارىخىي پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ ۋەزىيەتكە بېقىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان يېڭى بوشلۇق ئاچتى.

تۇرمۇش ياخشىلاندى، قىياپەت يېڭىلاندى، خەلقنىڭ قەلبى ئىللىدى

جەنۇبىي شىنجاڭ دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەخسۇس جەنۇبىي شىنجاڭ ئۈچۈن مالىيە، سېلىنما، پۇل مۇئامىلە، ئىختىساسلىقلار، كەسىپ، كادىر، ئىشچى - خىزمەتچىلەر تەمىناتى قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى تۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت بۇ ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مالىيە كۈچىنى تەقسىملەش، مۇھىم، زور ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ يانداش مەبلىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە مۇھىم، زور خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرى سېلىنمىسىنى جەنۇبىي شىنجاڭغا مايىللاشتۇردى: 2014 - يىلىدىن 2018 - يىلىغىچە، ئاپتونوم رايون مالىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا جەمئىي 497 مىليارد 400 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى 2013 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى %29.1تىن %2.21كە تۆۋەنلىدى.

داۋالاش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ پايدىسىدا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ئۇدا بەش يىل ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشتىن بەھرىمەن بولدى، كېسەلنى «بالدۇر بايقاش، بالدۇر دىياگنوز قويۇش، بالدۇر داۋالاش» ئىشقا ئاشتى، ساغلام تۇرمۇش ئىدىيەسى تەدرىجىي كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.

ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى، ھەر يىلى يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىدىن يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 1 مىليون 650 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى. ھازىر، جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى ئائىلىلەردىن كېلىپ ئىشلەۋاتقان ئەر - خوتۇن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ھەممىلا يەردە بار، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزا - كەنتلىرىدە نامراتلارنى يۆلەش سېخلىرى ئارقا - ئارقىدىن قۇرۇلدى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بەزى نامرات ئامما سالاھىيىتىنى ئالماشتۇرۇشنى تاماملاپلا قالماي، يەنە سېخ، زاۋۇت قاتارلىق كەسىپ سورۇنلىرىدىكى كەسپىي تايانچلارغا ئايلاندى.

نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشنى نۇقتىلىق يولغا قويغان رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، كۆچۈرۈلگەن نامرات نوپۇس 35 مىڭ 200 ئائىلە، 139 مىڭ 500 ئادەم بولۇپ، شىنجاڭدىكى كۆچۈرۈش ۋەزىپىسىنىڭ %87ىنى ئىگىلىدى. بۈگۈنكى كۈندە، كىچىك شەھەر - بازار، كەسىپلەر باغچە رايونى قاتارلىقلارغا تايىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان، كۆچۈرۈلگەن ئاممىنىڭ تۇرالغۇ شارائىتى ياخشىلىنىپلا قالماي، باراۋەر ئاممىۋى مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولدى، يەنە مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

مىننەتدار قەلب جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان كۈچكە ئايلاندى. جەنۇبىي شىنجاڭ ئۆزگەردى، ئۆزگىرىش يېزا - كەنتلەرنىڭ قىياپىتىدە، ئۆزگىرىش كىشىلەرنىڭ تەبەسسۇمىدا، ئۆزگىرىش ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىدىيەسىنىڭ چوڭقۇر قېتىدا ئەكس ئەتتى. كىشىلەر چىرايلىق كىيىم - كېچەكلەرنى كىيىدىغان بولدى، چىرايلىق گىرىم قىلىپ يۈرىدىغان بولدى، جاراڭلىق كىتاب ئوقۇش سادالىرى ياڭرايدىغان بولدى، سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغانلار كۆپەيدى، ئۇرۇق - تۇغقانلار دائىم بېرىش - كېلىش قىلىدىغان بولدى، ھەممە دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىدىغان بولدى، شادلىققا تولغان ناخشىغا تەڭكەش قىلىپ ئۇسسۇل ئوينايدىغان بولدى...

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.