تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېشىللىق تەڭكەش مۇزىكىسى كۆكتە ياڭرىدى

− يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان (6)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ليۇ دۇڭلەي

مەيىن شاماللىق، ئوچۇق ھاۋالىق كۈندە، سۇلار دولقۇنلاپ تۇرغان سايرام كۆلىدە كۆك ئاسماندىكى لەيلەپ يۈرگەن توپ بۇلۇتلار ئەكس ئەتكەن بولۇپ، خۇددى ئاسمان بىلەن زېمىن ئارىسىدا نەپەسلىنىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى؛ كۈزنىڭ ھاۋاسى ساپ ۋە سالقىن بولۇپ، ئۇزۇن شاخلاردا ساڭگىلاپ تۇرغان خۇڭچىپو ئالمىلىرى سەھەر ۋە گۇگۇمدا ئۆزىگە شىرنە يىغىپ، ئۈزگىلى كەلگەنلەرنى خۇش چىراي كۈتۈۋېلىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى... 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، شىنجاڭ مەۋقەنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك سىجىل تەرەققىيات چوڭ پىلانىغا قويۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقنى سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كۆپ ساھە، كەڭ دائىرە، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ يېشىللىق تەڭكەش مۇزىكىسىنى كۆكتە ياڭراتتى. ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ جۇڭخۇا زېمىنىدا مەغرۇر قەد كۆتۈردى.

ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەم قۇرۇش

1000 چاقىرىملىق تەكشى ئېتىز ئورمان تورى بىلەن زىچ قاپلانغان بولۇپ، دېھقانلار ئۆيلىرى، ئېتىزلىقتىكى گىرەلىشىپ كەتكەن كىچىك يوللار ياپيېشىل دەرەخلەر بىلەن ئورالغانىدى. خوتەن بوستانلىقىدا كېتىۋېتىپ، يىراققا نەزەر سالغاندا ھەممە يەر ياپيېشىل كۆرۈنەتتى. تۈپتۈز ئۆسكەن ئاق تېرەكلەر خۇددى قاراۋۇلغا ئوخشاش تىك تۇرۇپ، يېزا - كەنتلەردىكى ئېقىن سۇلارنى قوغداپ تۇراتتى، شەھەرنىڭ زۇمرەتتەك سۈيى، گۈل - چېچەكلىرىنى ئوراپ تۇراتتى. دەشت - باياۋاندىكى پايانسىز قۇملۇقتا بوستانلىق ياشناپ تۇراتتى. بۈك - باراقسان ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى شىنجاڭنىڭ ھەربىر بوستانلىقىنى قوغداپ تۇرماقتا ئىدى.

ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭنىڭ ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشىدا جەمئىي 70 مىليون موغا يېقىن كۆچەت تىكىلدى. «13 - بەش يىل»دىن بۇيان، شىنجاڭ ئىھاتە ئورمىنىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بەردى. بىز يېڭىلاش، ئۆزگەرتىش، ئورمان يېتىشتۈرۈش، شالاڭلىتىش - زىچلاشتۇرۇش، چاتقالنى تەكشىلەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنىدىكى چېكىنگەن ئورمان بۆلەكلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى قايتىدىن ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلدۇق» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى ئېكولوگىيەنى قوغداش - ئەسلىگە كەلتۈرۈش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى ياڭ جيەنمىڭ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش پۈتۈن مەملىكەتنىڭ چوڭ ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك.

مەركەز شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر بىلەن شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى مىسلىسىز كۆلەم ۋە سالماق بىلەن قوللاۋاتقاندا، شىنجاڭمۇ جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ دۆلەتنىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتىنىڭ ھەربىر ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىزچىللاشتۇردى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش دەل بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم تەركىبىي قىسمى.

بۈگۈنكى كۈندە، ئېتىز - ئېرىق ئىھاتە ئورمىنى، چوڭ تىپتىكى بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ، قۇمنى تۇراقلاشتۇرىدىغان غول ئورمان بەلبېغى ۋە تەبىئىي چۆل ئورمىنىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، كۆپ ئورمان تۈرى، كۆپ بەلباغ شەكلى، دەرەخ - چاتقال - ئوت، تور - دائىرە - بەلباغ بىرلەشتۈرۈلگەن بىر ئۇنىۋېرسال ئىھاتە ئورمىنى سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى. دۆلەتنىڭ ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى سىستېمىسىنىڭ ئەڭ غەربىي بۆلىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭدا باراقسان ئۆسكەن تۇتاش ئورمان بەلبېغى ئىچكى موڭغۇل، گەنسۇ ئىھاتە ئورمىنى سىستېمىسى بىلەن تۇتىشىپ، پۈتكۈل جۇڭگونى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ، جۇڭخۇا زېمىنىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى «يېشىل سەددىچىن سېپىلى»نىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتماقتا.

شىنجاڭ «تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، تەبىئىي ئەسلىگە كېلىشنى ئاساس قىلىش» فاڭجېنىنى پائال يولغا قويدى، ئېكولوگىيەنى كەڭ كۆلەمدە ئەسلىگە كەلتۈرۈش تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنى قاپلىدى. 690 مىليون مو ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش بويىچە ياردەم پۇل - مۇكاپاتلاش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 11 مىليون مو يەرنى قاشالىدى؛ سۇلۇق يەرنى قوغداش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، 60 مىليون مودىن ئارتۇق سۇلۇق يەر ئۈنۈملۈك قوغدالدى ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى سىجىل ياخشىلىنىۋاتقان شىنجاڭ قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەر بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگونىڭ كەلگۈسى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئېكولوگىيە بوشلۇقىنى كېڭەيتمەكتە.

ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىش

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز. بۇ بىر جۈملە سۆزگە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2 - شى 31 - تۇەنىنىڭ ئىشچى - خىزمەتچىسى جوۋ چياڭنىڭ تەسىراتى چوڭقۇر. 2001 - يىلى، كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ ناچارلىشىشى سەۋەبىدىن جوۋ چياڭ ۋە تۇەن - مەيداندىكى كۆپلىگەن ئىشچى - خىزمەتچى ئامالسىز يۇرتىدىن ئايرىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ زور دەرىجىدە ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، جوۋ چياڭ يۇرتىغا قايتىپ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللاندى، تۇرمۇشى كۈندىن - كۈنگە ياخشىلاندى.

ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىش كىشىلەرنى خاتىرجەم ياشايدىغان يۇرت - ماكاندىن بەھرىمەن قىلىشتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى جەزمەن ئاۋۋال يولغا قويۇش كېرەك. «ئاپتونوم رايونىمىز ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم <ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىت ئاسراش نىزامى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، قىزىل چەك، تۆۋەن چەك تەلىپىنى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈردى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇھىت ۋە بايلىق قوغداش خىزمىتى كومىتېتى قانۇنچىلىق باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى سۇڭ جىمىڭ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئومۇم ئەڭ مەنپەئەتلىنىدىغان خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيە قىزىل چېكى، تۆۋەن چېكىنى قاتتىق ساقلاپ، مۇھىت ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، تۈزۈمنى ئىجرا قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈزۈمنى قاتتىق چەكلىمە ۋە تېگىشكە بولمايدىغان يۇقىرى بېسىملىق سىمغا ئايلاندۇردى.

نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىدىن بىرلىشىپ مۇداپىئەلىنىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، ھەرقايسى جايلارنىڭ ھاۋارايى ئەلا بولۇش قېتىم سانى ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى، يۇلتۇزلار قايتىدىن كۆرۈش دائىرىسىگە قايتتى؛ دېھقانچىلىق دورىسى، خىمىيەۋى ئوغۇت ئىشلىتىش مىقدارى مەنپىي ئېشىپ ھەم سىجىل ساقلىنىپ، يېزىلاردىكى يەرلەرنىڭ بۇلغىنىشى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەندى؛ «ئۈچ يۇقىرى» تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشى قاتتىق چەكلىنىپ، سانائەتتە ئاساسلىق بۇلغىما چىقىرىش سىجىللىقى سىجىل تۆۋەنلىدى؛ يېشىل كان قۇرۇلۇشى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، زېمىننىڭ «جاراھىتى» ياخشىلاندى؛ دەريا - كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىپ ۋە يولغا قويۇپ، 78 دەريانىڭ ئەلا سۇ سۈپىتى كەسمە يۈزىنىڭ نىسبىتى %98.8كە يېتىپ، سۈيى سۈزۈك، قىرغاقلىرى يېشىل گۈزەل مەنزىرە قايتا نامايان بولدى.

يېشىللىق ئىدىيەسى ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش

ئالتۇن كۈزدىكى كۆكياردا، خۇش پۇراق زېمىنغا تارالغان بولۇپ، مېۋىلەر شاختا ساڭگىلاپ تۇراتتى. بۇ يىللاردا، ئاقسۇ ئېكولوگىيە ئورمىنى ۋە ئىقتىسادىي ئورمان ئۇنىۋېرسال سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداشنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىدا چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى. يېشىل دەل - دەرەخلەر بىلەن ئورالغان ئاقسۇ شىنجاڭدىكى ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان شەھەرلەرنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشىگە ئايلاندى.

سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، كۆكيارنى ۋەكىل قىلىپ شىنجاڭ تۈزۈلمىدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بايلىقىنى ئەڭ زور چەكتە بىرىكتۈرۈپ، سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە سۇ بايلىقى ئومۇمىي مىقدارىنى قاتتىق تىزگىنلەش ئالدىنقى شەرتىدە، باغ - ئورمانچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتتى، شىنجاڭنىڭ باغ - ئورمانچىلىقىنىڭ شۆھرىتى جۇڭگو ۋە چەت ئەلگە تارالدى.

22 مىليون مو خاس باغ - ئورمانچىلىق بوستانلىقنى مۇستەھكەملەيدىغان ئېكولوگىيە توسۇقىنى ھاسىل قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى مېۋىلىك چوڭ باغقا ئايلاندى. باغ - ئورمانچىلىقتىكى سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ سىجىل ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا، باغ - ئورمانچىلىقتىن قىلىنغان كىرىم دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى كىرىمىنىڭ %30ىنى ئىگىلىدى، قىسمەن ناھىيە، شەھەرلەردە %50كە يېتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشىدىكى كۈچلۈك موتورغا ئايلاندى.

يېشىللىق ئىدىيەسى سانائەتنىڭ سىجىل تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجە ئۆستۈرۈشىنىمۇ ئىلگىرى سۈردى. سانائەت كېرەكسىز سۈيىنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈپ قويۇپ بېرىشتىن دەۋرىي پايدىلىنىشقىچە، سۇ بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسىنى ئومۇميۈزلۈك كىرگۈزۈشتىن ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئېچىشقىچە، دېلەن سۇچىلىق تېخنىكىسى پاي چەكلىك شىركىتى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سانائەت باغچە رايونلىرى ۋە سانائەت كارخانىلىرىنىڭ كۆپ ساھەدىكى سۇ بۇلغىنىشنى تۈزەش ھەم سۇ بايلىقىدىن قايتا پايدىلىنىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئەمدى داۋانچىڭنىڭ مەخسۇس مەنزىرىسى ئەمەس، بۈگۈنكى كۈندە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋەكىللىكىدىكى پاكىز ئېنېرگىيە كەسپى يەر شارىۋى پاكىز ئېنېرگىيە كەسىپ سىستېمىسىدىكى مۇھىم بىر ھالقىغا ئايلاندى.

بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر سۈيى سۈزۈك، ئاسىمىنى كۆك بولغان دۇنيادا يۈزبەردى. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلار تۇتاش كەتكەن شىنجاڭ كىشىلەر ئەڭ ياقتۇرىدىغان ساياھەت مەنزىلگاھىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. قاناس، نارات قاتارلىق كىلاسسىك ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى پەسەيمىدى، ئالاھىدە ساياھەت، قار - مۇز ساياھىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. 2019 - يىلى، 200 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچى سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ، شەھەر، يېزا، كەنتلەردە شىنجاڭنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدى، 363 مىليارد 200 مىليون يۈەن ساياھەت كىرىمى سانسىزلىغان كەسىپكارلارنىڭ كىرىمنى بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش قەدىمىگە تۈرتكە بولماقتا.

يىلان باغرى تاغ يولى كۆكتىكى ئاق بۇلۇتلارغا تۇتاشقان، توختىماي ئېقىۋاتقان ئۆستەڭ سۈيىنىڭ ئىككى قىرغىقى باھار مەنزىرىسىگە تولغان. شىنجاڭدىن ئىبارەت جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئالتىدىن بىر كۆلىمىنى ئىگىلەيدىغان بۇ بىپايان تۇپراقتا يېشىللىق تەڭكەش مۇزىكىسىنىڭ يېڭى ئاۋازى يەنە ياڭرىدى. تېخىمۇ گۈزەل شىنجاڭ مۇقەررەركى تېخىمۇ مول، جانلىق ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.