تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا يېڭى يول ئېچىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك خۇنەننىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈش كېرەك

شى جىنپىڭ خۇنەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا يېڭى يول ئېچىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك خۇنەننىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈش كېرەك

9 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىن 18 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خۇنەندە تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ چېنجوۋ شەھىرىنىڭ رۇچېڭ ناھىيەسى ۋىنمىڭ ياۋزۇ يېزىسى شاجوۋ ياۋزۇ كەنتىدە كەنت ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەر بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرماقتا. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يۆ يۆۋېي فوتوسى)

9 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىن 18 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خۇنەندە تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 9 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ چاڭشا شەھىرىدىكى شەنخې ئەقلىي ئىقتىدارلىق جابدۇق پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا جابدۇق ياساش تەرتىپىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش - ياساش ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چاڭشا، 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا خۇنەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، ئىلغار ياسىمىچىلىقى، يادرولۇق رىقابەت كۈچىگە ئىگە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونلىرىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا يېڭى يول ئېچىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش داۋامىدا يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشى ۋە چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىقنى نامايان قىلىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ خۇنەن يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈش كېرەك.

9 - ئايدىكى خۇنەن تۇپرىقى مول ھوسۇل شادلىقىغا تولغانىدى. 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىن 18 - كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ خۇنەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى دۇ جياخاۋ، ئۆلكە باشلىقى شۈ داجېنىڭ ھەمراھلىقىدا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ چېنجوۋ، چاڭشا قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، يېزا، كارخانا، كەسىپلەر باغچە رايونى، مەكتەپ قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى پىلانلاش توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن چېنجوۋ شەھىرىنىڭ رۇچېڭ ناھىيەسى ۋىنمېڭ ياۋزۇ يېزىسى شاجوۋ ياۋزۇ كەنتىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. 1934 - يىلى قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەردە بۇ يەردىن ئۆتكەندە تەسىرلىك «يېرىم يوتقان» ھېكايىسىنى قالدۇرغان. شى جىنپىڭ «يېرىم يوتقان ئىللىقلىقى» مەخسۇس تېمىلىق كۆرگەزمىخانىسىغا كىرىپ، شۇ جاينىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، قىزىل ساياھەت ۋە قىزىل تەربىيەنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «يېرىم يوتقان» ھېكايىسىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببىتى ۋە خەلقنى كۆزلەش ماھىيىتى تولۇق نامايان قىلىنغان. ئۇزۇن سەپەردە، يولداش ماۋ زېدۇڭ: جۇڭگودا ئىشچىلار، دېھقانلار، ئەسكەرلەر ھەمدە بارلىق جاپاكەش ئاممىنىڭ چىقىش يولى كوممۇنىستىك پارتىيە تەشەببۇس قىلغان جۇڭخۇا سوۋېت ھاكىمىيىتى قىزىل ئارمىيەسىدە، بىز چوقۇم غەلىبە قىلىمىز، دەپ كۆرسەتكەن. بۈگۈن، بىز يول ئىشەنچىنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ قەسىمى ۋە ۋەدىسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلق ئاممىسى بىلەن قىيىن كۈنلەردە بىللە بولۇپ، قان بىلەن گۆشتەك يۇغۇرۇلۇپ، تەقدىرداش بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەرنى داۋاملىق ياخشى مېڭىشىمىز كېرەك.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ كەنت مۇلازىمەت مەركىزى، داۋالاش ئۆيىگە بېرىپ، ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى مۇلازىمەت خىزمىتى ۋە ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتى ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كەنت خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش مەركىزىنى ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى مۇھىم بازا قىلىپ ياخشى قۇرۇپ، مۇلازىمەت ئىشلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تولۇقلاپ، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنىڭ دەللىكى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا، كەنتتە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجىلارنى داۋاملىق تاللاپ ئەۋەتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي ساپاسى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شاجوۋ ياۋزۇ كەنتى يېزا - كەنت ساياھىتى ۋە ئالاھىدە، سۈپەتلىك مېۋە - چېۋە ئۆستۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، 1500 مو كېلىدىغان شاجوۋ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ساياھىتى ئۈلگە بازىسى قۇردى. شى جىنپىڭ ئاپتوموبىل بىلەن بازىغا كېلىپ، نامراتلارنى يۆلەش كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ۋە كىرىمنى ئاشۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھام بېرىپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىككە تۈرتكە بولۇپ، دېھقانلارغا پەن - تېخنىكا مۇلازىمىتى قىلىشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، بازار رىقابىتىگە قاتنىشىش ۋە ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ ئارقىدىن ۋىنمىڭ ياۋزۇ يېزىلىق 1 - باشلانغۇچ مەكتەپكە كېلىپ، ئاشخانا، زاپاس ساقلاش ئۆيىگە كىرىپ، ئوقۇغۇچىلار تامىقىنىڭ ئوزۇقلۇقىنى تەڭشەش ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى كۆزدىن كەچۈردى. 4 - يىللىقتىكى ساۋاقداشلار ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئاڭلاۋاتاتتى، باش شۇجىنىڭ كىرگەنلىكىنى كۆرۈپ، تەڭلا شى جىنپىڭ بوۋىسىدىن ئەھۋال سورىدى. شى جىنپىڭ ساۋاقداشلارغا مۇنداق دېدى: سىلەر بۈگۈن كىچىك كۆچەت، كەلگۈسىدە كۆككە تاقاشقان چوڭ دەرەخ بولۇپ يېتىلىپ چىقىسىلەر، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسى سىلەردە ئەمەلگە ئاشىدۇ. ساۋاقداشلارنىڭ قىزىل گېنغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، بىلىم ۋە ماھارەتنى ياخشى ئۆگىنىپ، تىرىشىپ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىدىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر كەڭ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆيۈنۈپ، مائاش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، داۋالىنىش، داۋاملاشما تەربىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

بۇ يىل 52 ياشقا كىرگەن كەنت ئاھالىسى جۇ شياۋخۇڭ «يېرىم يوتقان» ھېكايىسىنىڭ باش قەھرىمانى شۈ جيېشيۇنىڭ نەۋرىسى. شى جىنپىڭ ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ يوقلىدى، ھال سورىدى. جۇ شياۋخۇڭ باش شۇجىغا بۇ بىر قانچە يىلدا خوتۇنى بىلەن بىللە كەنت تەشكىللىگەن كۆكتات ئۆستۈرۈش، ئاشپەزلىك ماھارىتى قاتارلىق تەربىيەلەشلەرگە قاتناشقانلىقىنى، ئۆگەنگەن ماھارىتىگە تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى، يەنە مەنزىرە رايونىغا تايىنىپ پۇقراۋى قونالغۇ ئاچقانلىقىنى ئېيتتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈرەش نىشانى خەلقنى قەددىنى رۇسلاپ ئازاد بولۇش، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش. جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىش كېرەك. ئۇ جۇ شياۋخۇڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قىزىل ھېكايىنى ياخشى سۆزلەش، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش جەھەتتە ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

شى جىنپىڭ جۇ شياۋخۇڭ ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ، كەنت قىياپىتىنى پىيادە كۆزدىن كەچۈردى. يامغۇردىن كېيىنكى شاجوۋ كەنتىدە يوپۇرماقلار تۆكۈلۈپ، ھەممىلا يەر قىزىل رەڭگە پۈركەنگەنىدى. خەۋەرنى ئاڭلاپ يېتىپ كەلگەن كەنت ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەر «باش شۇجى ياخشىمۇ سىز!» دەپ ئۈنلۈك تەنتەنە قىلىشتى، شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە ئارقا - ئارقىدىن قول ئىشارىسى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، يۇرتداشلارغا مۇنداق دېدى: «يېرىم يوتقان» ھېكايىسىدىن خەلق ئاممىسى كومپارتىيەنى تونۇدى، پارتىيەنى ئۆز ئادىمى دەپ بىلدى. دەل خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشى ۋە ھىمايىسى بولغاچقا، پارتىيەمىز شانلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. شاجوۋ كەنتى «يېرىم يوتقان» ھېكايىسى يۈزبەرگەن جاي، بۈگۈن مەن بۇ يەرگە مەخسۇس يۇرتداشلارنى يوقلاپ كەلدىم. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئۈزلۈكسىز تۈردە تەربىيەنى قوبۇل قىلىشىم، تاۋلىنىشىم كېرەك. پارتىيەمىزنىڭ خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى بىر جۈملە شوئار بولۇپلا قالماي، بەلكى قەتئىي بوشاشمايدىغان ئەمەلىي ھەرىكەت. بىز پات يېقىندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىمىز، ئۇنىڭدىن كېيىن ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، پۇقرالارنى تېخىمۇ باياشات، تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىمىز.

9 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ چاڭشا شەھىرىنى تەكشۈردى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. شەنخې ئەقلىي ئىقتىدارلىق جابدۇق پاي چەكلىك شىركىتى جابدۇق ياسىمىچىلىقى ساھەسىدىكى باشلامچى كارخانا بولۇپ، مەھسۇلاتلىرى پۈتۈن يەر شارىغا سېتىلىدۇ. شى جىنپىڭ شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كېلىپ، جابدۇق ياساش تەرتىپىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش - ياساش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، ئۇلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھىنى تەرىپلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش كارخانىنىڭ جېنى، كارخانىنىڭ داۋان ئېشىپ ئۆتكەللەردىن ئۆتۈپ، تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنىڭ ئاساسى. ئاچقۇچلۇق يادرولۇق تېخنىكىنى جەزمەن ئۆز قولىمىزدا چىڭ تۇتۇپ تۇرۇشىمىز كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي ياسىمىچىلىق ۋە ئەمەلىي ئىقتىسادنى كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش، زورايتىش كېرەك. بىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى يارىتىشنى تەكىتلىشىمىز ئىشىكنى تاقىۋېلىپ قۇرۇلۇش قىلىش بولماستىن، بەلكى ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق كېڭەيتىشتۇر.

مالەنشەن سىنلىق مەدەنىيەت ئىجادىيىتى كەسىپلەر باغچىسى رەقەملىك سىنلىق ئىجادىيەتنى باشلامچى قىلغان بولۇپ، 3000دىن كۆپرەك تۈرلۈك مەدەنىيەت ئىجادىيىتى كارخانىسى توپلانغان. شى جىنپىڭ كەسىپلەر باغچىسىغا كېلىپ، باغچە رايونىنىڭ كارخانىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە مەزمۇن ئىشلەپچىقىرىش، تېخنىكا - تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىلدۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەكشۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەدەنىيەت بىلەن پەن - تېخنىكىنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ھەم يېڭى مەدەنىيەت كەسىپ ھالىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، مەدەنىيەت كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتتى، ھەم نۇرغۇن يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى توپلىدى، بۇ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپ، زور ئىستىقبالى بار. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى تەرەققىياتنى پىلانلاشتا مەدەنىيەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. جەمئىيەت ئۈنۈمىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، توغرا يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ ۋە يېتىشتۈرۈپ، جەمئىيەت ئۈنۈمى بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈمنىڭ ئورگانىك بىرلىكىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەدەنىيەت كەسپىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يۆلۇ بىلىم يۇرتى چاڭشا يۆلۇ تېغى ئېتىكىگە، خۇنەن داشۆسى مەكتەپ قورۇسىغا جايلاشقان بولۇپ، شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قۇرۇلغان مىڭ يىللىق مەكتەپ. شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ تەكشۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. بىلىم يۇرتىدا، شى جىنپىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى نەق مەيدان ئوقۇتۇشىنى قانات يايدۇرۇۋاتقان ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: دەرسخانا ئوقۇتۇشى بىلەن ئەمەلىي ئوقۇتۇشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، مول تارىخ، مەدەنىيەت بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ كۈرەش مۇساپىسىغا زىچ باغلاپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئىچكى قائىدىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، تارىخ ۋە خەلقنىڭ نېمە ئۈچۈن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە سوتسىيالىزمنى تاللىغانلىقىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئىشەنچ»نى يەنىمۇ چىڭىتىش كېرەك.

بىلىم يۇرتىدىن چىققاندا مەيدان ئوقۇغۇچىلار بىلەن لىق تولغانىدى، كۆپچىلىك تەڭلا تەنتەنە قىلىشتى. شى جىنپىڭ كۈلۈمسىرىگىنىچە كۆپچىلىككە قول ئىشارىسى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، ساۋاقداشلارغا مۇنداق دېدى: ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، ساۋاقداشلار تارىخنىڭ كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ئۆتكۈزۈۋالىدىغان ئاساسىي قوشۇن. كۆپچىلىكنىڭ دەۋر مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماي، گۈزەل ياشلىق دەۋرىنى قەدىرلەپ، تىرىشىپ ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىپ، توغرا بولغان دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، كىشىلىك ھايات يولىدا ياخشى مېڭىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆز ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى بېغىشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ خۇنەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى، خۇنەننىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، خۇنەننىڭ مۇنبەت، گۈزەل، بەختلىك يېڭى خۇنەن قۇرۇش مۇساپىسىدە، يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرىدۇ، لېكىن پۇرسەت ۋە خىرىسنىڭ ھەممىسىدە يېڭى تەرەققىيات ئۆزگىرىشى بار. ئۆزگىرىشنى توغرا تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ئىلمىي ئۇيغۇنلىشىپ، ئۆزگىرىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنتىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، كەسىپ ئاساسىنى كۈچەپ مۇستەھكەملەپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىش، ئاھالە ئىستېمالىنى گۈللەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. كەسىپ زەنجىرىنى چۆرىدەپ يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنى چۆرىدەپ كەسىپ زەنجىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. نىشان يېتەكچىلىكى ۋە مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ زور جاسارەت، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىر ئارقىلىق، چوڭقۇر قاتلاملىق تۈزۈلمە - مېخانىزم توسالغۇلىرىنى تۈگىتىش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ، تاشقى سودىدا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپىنى پۇختا زىممىگە ئېلىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈپ، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك چىڭىتىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنغا خىلاپ ھالدا تېرىلغۇ يەرنى قالايمىقان ئىگىلىۋېلىشتەك تۈرلۈك قىلمىشلارنى قەتئىي توسۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىدىكى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئەۋزەل، خاس كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈپ، زورايتىپ، يېزىلاردىكى 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى قوزغىتىش كېرەك. «تۆتنى تاشلىماسلىق»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش كېرەك. كەڭ كۆلەمدە قوغداشنى ئورتاق تۇتۇش، كەڭ كۆلەمدە ئاچماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، دۇڭتىڭخۇ كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئاسراش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ياخشى ئىشلەپ، چاڭجياڭ دەرياسى غول - تارماق ئېقىنى بويىدىكى بۇلغىنىشنى تۈزەش، قىرغاقنى تۈزەش، بېلىقچىلىقنى تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، بېلىقچىلارنى كەسىپ ئۆزگەرتىپ ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش كېرەك. تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقنى سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسى ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنىڭ دائىرىلىك، مەنبەلىك بۇلغىنىشىنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تەرتىپكە سېلىش - تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەنسىرەۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» تۈرلۈك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ياخشى بېجىرىش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر، دېھقان ئىشلەمچىلەر، شەھەر - بازارلاردىكى قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى گەۋدىلىك ياخشى ئىشلەش كېرەك. پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەربىيەسىنى ھەر دەرىجىلىك، ھەر تۈرلۈك مەكتەپ دەرسلىكلىرىگە سىڭدۈرۈش كېرەك. دىققەتنى «كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇش، كېسەل كۆرسىتىش قىممەت بولۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۆلچەملەشكەن كەنت داۋالاش ئۆيى ۋە شەھەر، مەھەللە سەھىيە ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى سەھىيە ۋە كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەشۋىق - تەربىيەسىنى ياخشى قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى توغرا بولغان ۋەتەن قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، تارىخ قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق بولغان سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خۇنەن قىزىل رەڭلىك مۇنبەت تۇپراق، زور تۈركۈمدىكى كوممۇنىستلار بۇ مۇنبەت تۇپراقتا يەر - جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان قەھرىمانلىق مەردانە ناخشىسىنى يېزىپ چىقتى. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىنقىلابىي ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەش، مەنىۋى كالتسىينى تولۇقلاش، ئىدىيە رولىنى چىڭ تۇتۇشقا تەربىيەلىشى، يېتەكلىشى كېرەك. ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ، دائىم ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈپ، خىزمەتنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك تۇتۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك. «يولۋاس»نىمۇ، «چىۋىن»نىمۇ تەڭ يوقىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇش تۈزۈلمە - مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. كۈرەش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈرەش ماھارىتىنى كۈچەيتىپ، قاتتىق جەڭ قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، غەلىبىلىك جەڭ قىلىشقا ماھىر بولۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىشلاردا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، چېن شى، خې لىفېڭ ۋە مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.