تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كۈچلۈك تەدبىر، قاتتىق چارە قوللىنىپ كوئىنلۇندا جەڭ قىلىش

− يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان (5)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ليۇ شياڭ

ئالتۇن كۈزدىكى 9 - ئاي مول ھوسۇل پەسلى، قاغىلىق ناھىيەسى سايباغ يېزىسى گۈلباغ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى گۈلنار مەمەتتۇرسۇننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر دائىم بىللە ئولتۇرۇپ ياڭاق ساتقان، ئىشلەمچىلىك قىلىپ تاپقان كىرىمىنى ھېسابلاپ، ھەميېنىنىڭ قانچىلىك تومپايغانلىقىغا قاراپ باقاتتى.

كىچىككىنە ياڭاق گۈلنار ئائىلىسىدىكىلەرنى بۇلتۇر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى − ئۇلار ياڭاق ئۆستۈردى، كارخانىلار ھەممىسىنى سېتىۋالدى، سېتىش غېمىدىن خالاس بولدى؛ ياڭاق ئاقلىدى، كەنت قۇرغان زاۋۇتتا ئىشلىدى، كۆپ ئىشلەپ كۆپ كىرىم قىلدى. گۈلنار مۇشۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيانقى ھەر قېتىملىق كىرىمىنى ئائىلە ھېسابات دەپتىرىگە ئېنىق خاتىرىلەپ ماڭدى.

كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىچىك ھېساباتلىرى بىرلەشتۈرۈلسە شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى چوڭ ھېساباتى بولىدۇ.

شىنجاڭ ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمال چېگرا رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، تەرەققىياتى نىسبەتەن ئارقىدا قالغان، نامرات نوپۇس بىرقەدەر كۆپ. بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ نامراتلىق دەرىجىسى ئېغىر، نامرات نوپۇس «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»تىكى نامرات نوپۇسنىڭ يېرىمىغا يېقىننى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، يېڭىش ئەڭ قىيىن بولغان قاتتىق قىيىنچىلىق.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بۇ يىللاردا شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بۇرغىسى ياڭرىتىلىپ، ھەل قىلغۇچ جەڭنىڭ دۇمبىقى قاتتىق چېلىندى. دىققەت نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە مىسلىسىز يۈكسەكلىك ۋە سالماق بىلەن، جاسارەت بىلەن جەڭگە ئاتلىنىپ، شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئىستىھكامنى ئېلىپ، نامراتلارنى يۆلەش، روناق تاپقۇزۇشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈم ۋە مۇھىم ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

دۆلەتنىڭ ئىشلىرىنى ۋەزىپە قىلىش، پۇقرالارنىڭ ئويلىغىنىنى ئويلاش. «تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە قوشۇننى قەتئىي قايتۇرمايمىز» دېگەن تەنتەنىلىك ۋەدە ۋە «بىرنىمۇ سەپتىن چۈشۈرۈپ قويمايمىز» دېگەن جاراڭلىق قەسەملەرنىڭ تۈرتكىسىدە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

دۆلەتنىڭ ئۇلى بولغان ئاۋام - پۇقرالار ئۈچۈن جاپاغا چىداپ ئىشلەش

گۇما ناھىيەسى قوشتاغ بازىرى چىغلىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى كېرەم يۈسۈپنىڭ ئىلگىرى كۆپىنچە ۋاقتى ئاددىي سوقما تاملىق ئۆيىدە سىرتتىكى ئاللىبۇرۇن ئاق تاشلىنىپ قالغان ئېتىزلىققا قاراپ يېتىش بىلەن ئۆتەتتى، ئۇنىڭدا كۆتۈرەڭگۈ روھتىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى.

كېرەم ئىلگىرى سانى ناھايىتى كۆپ بولغان نامرات كىشىلەر توپىنىڭ بىر ئەزاسى ئىدى. شىنجاڭ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى كۆپ ساندىكى نامرات ناھىيەلەر كۆز يەتكۈسىز تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېتىگە ياكى تاغلار ئارىسىغا جايلاشقان، مۇھىتى جاپالىق، قاتنىشى قولايسىز بولۇپ، مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئېغىر نامرات رايونلار ئىدى.

2014 - يىلى، شىنجاڭدا نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى %19.4 بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى %32.4 بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسى ئىنتايىن مۈشكۈل ئىدى.

ئالەم بىپايان بولسىمۇ، ئاۋام - پۇقرالارلا دۆلەتنىڭ ئۇلى. سانلىق مەلۇماتلاردىن نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا بولغان تەشنالىقى چىقىپ تۇراتتى.

مەسىلە قانچە مەركەزلەشكەنسېرى، قىيىنچىلىق قانچە گەۋدىلىك بولغانسېرى، ئادەتتىن تاشقىرى ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچلۈك ئىرادە بولۇشى كېرەك.

«نامراتلارنى يۆلەش مەبلەغ سېلىنما سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق رايونلىرى، چېگرا رايونلار، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىغا مايىللاشتۇرۇپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، مەنبەدىن يۆلەش، ئائىلىلەرگىچە يۆلەش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى دۆلەت قاتلىمىدا يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەپ، ئالاھىدە سىياسەتنى يولغا قويۇپ، ئادەتتىكى قائىدە - تۈزۈملەرنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تۈپ مىزانغا ئايلاندى. مالىيە، سېلىنما، پۇل مۇئامىلە، ئىختىساسلىقلارغا ئائىت بىر قاتار ئالاھىدە سىياسەتلەر جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا مايىللاشتۇرۇلدى، يۆلەش سالمىقى مىسلىسىز بولدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى سۈپىتىدە ئالغا سىلجىتتى ھەم مەخسۇس جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتتى.

2015 - يىلىدىن 2018 - يىلىغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا چۈشۈرۈلگەن نامراتلارنى يۆلەش مالىيە مەخسۇس مەبلىغى پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئومۇمىي مەبلەغ كۆلىمىنىڭ %80تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى، ئېغىر نامرات ناھىيەلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ چۈشۈرۈلگەن نامراتلارنى يۆلەش مالىيە مەخسۇس مەبلىغى %85تىن كۆپرەكنى ئىگىلىدى. بۇ يىل بۇ ئىككى تۈردىكى نامراتلارنى يۆلەش مالىيە مەخسۇس مەبلىغى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %90.57، %91.22نى ئىگىلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشقا پۇختا ئاساس سېلىندى.

ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىگە ئەمەل قىلىپ، دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلار ۋە ئالاھىدە نامرات كىشىلەر توپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، «يەتتە بىر تۈركۈم»، «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتتى.

كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ جاپاغا چىداپ ئىشلەش؛ بوران - چاپقۇنلارغا قارىماي يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىش. ھەر دەرىجىلىك كادىرلار دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ، دېھقانچە سۆزلىشىپ، دېھقانلارنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى، ئۈن - تىنسىز تۆھپە قوشۇپ ئۆزگىرىش ياسىدى، سانسىزلىغان نامرات ئائىلىلەرنىڭ تەقدىرى ئۆزگەردى.

كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش، قورغاننى ئېلىشقا قەسەم بېرىش

پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ جامباز يېزىسى يىپەكچى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مۇسا ھاشىمنىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە، سۇ تۇرۇبىسى ئۇلانغان كۈنى، ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ تاقەتسىزلىك بىلەن جۈمەكنى ئېچىپ بىر ئىستاكان سۇ ئېلىپ، ئېغىزىغا ئېلىپ يۇتماستىن، بىر ھازا تۇرغۇزۇپ، ئاندىن غۇرتتىدە يۇتۇپ «پاھ، تاتلىق ئىكەن!» دېگەنىدى.

كۆپ يىللاردىن بۇيان پەيزاۋات ناھىيەسىدە ياشاۋاتقان پۇقرالارنىڭ بىر يۇتۇم پاكىز سۇ تاپمىقى تەس ئىدى. فىتورلۇق ئارسېن ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن تۇزلۇق سۇ تۈرلۈك كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ سالامەتلىكىگە تەھدىت سالغانىدى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ئاخىرىغا بارغانسېرى، مۇشۇنداق خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

جەڭ دۇمبىقى چېلىندى! بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي نامرات رايونلاردىكى پۇقرالارنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان بۇ ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلدى.

بۇ يىل يازدا، پەيزاۋات ناھىيەسىنى ئاساس قىلغان ئەڭ ئاخىرقى 15 مىڭ 300 كىشى پاكىز، تاتلىق «خاتىرجەم سۇ» ئىچەلەيدىغان بولدى، نەچچە ئەۋلاد كىشىنى قىيناپ كەلگەن ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىندى.

«ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»كە توغرىلىنىپ، ئەڭ چوڭ كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى چوقۇم جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك سوئال.

2019 - يىلى 5 - ئايدا، ئاقتۇ ناھىيەسى قىزىلتو يېزىسى قاپقا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى سىدىق ساتىۋالدى ئائىلىسىدىكىلەر لىق ئائىلە سەرەمجانلىرى بېسىلغان يۈك ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ، پامىر ئېگىزلىكىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى ئۆيىدىن ئايرىلىپ، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش نۇقتىسى بولغان «سىلۇ جيايۈەن» ئولتۇراق رايونىغا كۆچۈپ كىردى.

ئاتا - بوۋىلارنىڭ تاغلىرى ئېگىز، داۋانلىرى تىك، مۇھىتى ناچار تاغلىق رايوندىن ئۈزۈل - كېسىل چىقىش ئارزۇسى سىدىققا كەلگەندە ئاخىرى رېئاللىققا ئايلاندى.

يېڭى ماكانغا كېلىپ، يېڭى تۇرمۇشنى باشلاش. سىدىق پادىچى قامچىسىنى تاشلاپ مەھەللە تەشكىللىگەن ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشكە قاتناشتى، ئۆي بېزەش تېخنىكىسىنى ئۆگەندى، ئايلىق كىرىمى 3000 يۈەنگە يېقىنلاشتى. بالىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشىمۇ ئاسانلاشتى، ئۆيدىن چىقىپلا مەكتەپكە كىرىش، ئۈچ يىللىق ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپىدىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىغىچە بولغان ھەقسىز مائارىپ سىدىقنى ئۇدۇللا ياخشى دەۋرگە ئۇلاشتۇردى.

بۇلتۇر قىش كىرىشتىن بۇرۇن، شىنجاڭدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم نامرات دېھقان - چارۋىچى «بىر جاينىڭ سۇ، تۇپرىقىنىڭ شۇ جاينىڭ كىشىلىرىنى بېقىشى تەس» بولغان ئېگىزلىكتىكى تاغ ۋە قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدىن بوستانلىق، تۈزلەڭلىككە كۆچۈرۈلۈپ، دۆلەت ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت تولۇقلىما بېرىپ سالغان بىخەتەر ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى، «13 - بەش يىللىق» نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش ۋەزىپىسى مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇندالدى، 40 مىڭ 146 ئائىلىدىكى 169 مىڭ 400 كىشى خۇشال ھالدا يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى.

كۆچۈرۈلىدىغان ئاممىنىڭ نامرات كەپىسىدىن كۆچۈشىگە ياردەم بېرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر يەنە كارخانىلارنى ماكانلىشىشقا پائال جەلپ قىلدى، كەنت ئاھالىلىرىنى يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، كۆچۈرۈلگەن نامرات ئاھالىلەرنى مۇقىم ئولتۇراقلىشىش، بېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

مىڭ يىللىق ئارزۇنى بۈگۈنكى كۈندە ئەمەلگە ئاشۇرۇش، قورغاننى ئالمىغۇچە قەتئىي يانماسلىق. تولىمۇ جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، نامرات ئاممىنى «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»، نامرات كەنتلەردە «بەشنى راۋانلاشتۇرۇش، يەتتە بولۇش» ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى − نامرات ئامما يېمەك - ئىچمەكتىن غەم قىلمايدىغان، كىيىم - كېچەكتىن غەم قىلمايدىغان بولدى، مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئاساسىي داۋالىنىش، تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولدى، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى %95تىن ئاشتى؛ نامرات نوپۇسنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەللىك سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى %100كە يەتتى؛ نامرات نوپۇسنىڭ خەتەرلىك ئۆيلەردە ئولتۇرۇشى ئۈزۈل - كېسىل تارىخقا ئايلاندى. ئۇل ئەسلىھەلەردىمۇ ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، بارلىق نامرات كەنتلەرگە قاتتىقلاشتۇرۇلغان يول تۇتاشتۇرۇلدى، ئېنېرگىيە توك يەتكۈزدى.

تۇرمۇش ياخشىلاندى، ئىشەنچ تولۇپ تاشتى. سەھرالاردىكى بەخت تەبەسسۇملىرى، سەمىمىي رەھمەت ئېيتىشلار بىر ئىللىق ئېقىم بولۇپ مۇجەسسەملىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا خەلق رايى ئاساسى سېلىندى.

كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئومۇمىي ھۇجۇم قىلىش، قەتئىي غەلىبە قىلىش

بۈگۈنكى كۈندە، كېرەمنىڭ ئۆيىنىڭ سىرتىدىكى ئاق تاشلىۋېتىلگەن يەرگە سېرىق، يېشىل ئارىلاش ئۈچقات ئۆستۈرۈلدى، ئەسلىدىكى «سوقما تاملىق» كونا ئۆيلەرنىڭ ئورنىنى يېپيېڭى ئەمىن ئۆيلەر ئالدى.

بۇلتۇر بىر جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكى كارخانىسى گۇما ناھىيەسىگە ماكانلاشتى، 2000 مودىن ئارتۇق يەرگە جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكىنى تېرىش تېزلا باشلاندى. چىغلىق كەنتى 200 نەچچە مو يەرگە سىناق تەرىقىسىدە ئۇچقات تېرىدى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بەنزىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كېرەم خاس تېرىقچىلىق قوشۇنىغا قوشۇلدى.

سىناق تەرىقىسىدە تېرىلغان يەرنىڭ مو بېشى مەھسۇلاتى 100 كىلوگىرام بولدى، كېلەر يىلى مەھسۇلاتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ، ھەر كىلوگىرامىنىڭ سېتىۋېلىش باھاسى 200 يۈەندىن يۇقىرى بولىدۇ. «گەپ كەتمەيدۇ، بۇنىڭغا تايىنىپلا مەن بۇ يىل قەتئىي قەد كۆتۈرىمەن!» دېدى كېرەم قاقاھلاپ كۈلۈپ تۇرۇپ، ئۇ كۆپ يىللاردىن بۇيان يوقىتىپ قويغان كۈلكىسىنى بىر قېتىمدىلا تولۇقلىۋالغاندەك قىلاتتى.

نامراتلىق مىڭ خىل، جاپا ھەرخىل بولىدۇ. نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىق يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلاشتا، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاساس.

2018 - يىلى، شىنجاڭ «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئېغىر نامرات رايونلىرىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى (2018 - يىلىدىن 2020 - يىلىغىچە)»نى ئومۇميۈزلۈك قوزغىتىپ يولغا قويۇپ، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈش، مەبلەغ جەھەتتىن قوللاش قاتارلىق جەھەتلەردە ئېغىر نامرات رايونلارغا مايىللىشىپ، تۈرلۈك ياردەم بېرىش - يۆلەش كۈچلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان مەبلەغنى بىرتۇتاش پىلانلاپ بىرىكتۈرۈپ، كەسىپ ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشقا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە كۈچ سەرپ قىلىپ، نامرات دېھقانلارنىڭ پايدىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشىغا تۈرتكە بولدى.

قىسقىغىنا ئىككى يىلدا قاغىلىق گۆش كەپتىرى، چىرا نەسىللىك توشقىنى، يەكەن سەبدەرگۈلى، كېرىيە قىزىلگۈلى... نامرات رايونلار بەس - بەستە كەسىپ يېڭى نام كارتىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا، «قان ئىشلەش» ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، شىنجاڭدا جەمئىي 737 مىڭ 600 ئائىلىدىكى 2 مىليون 923 مىڭ 200 كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 3107 نامرات كەنت نامراتلىقتىن چېكىندى، 25 نامرات ناھىيە قالپىقىنى ئېلىۋەتتى، نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى %1.24كە تۆۋەنلىدى.

تاغلار باغرىغا يۇلتۇزلاردەك تارقالغان، ھۇجۇم قىلىش ئەڭ تەس بولغان قورغانلارلا قېپقالدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئاخىرقى پەيتىدە، بۇ يىل ئاپتونوم رايون بويىچە قېپقالغان 165 مىڭ 800 نامرات نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، 559 نامرات كەنتنى نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈش، ئون نامرات ناھىيەنىڭ قالپىقىنى ئېلىۋېتىشنى جەزمەن ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

كۆپنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملىگەندىلا، ھەممە ئىشتا غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ؛ كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملىگەندىلا، ھەممە ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ. بۇ يىل 1 - ئايدا، شىنجاڭ ئون نامرات ناھىيە، 559 نامراتلىقتىن چېكىنمىگەن نامرات كەنتكە قارىتا ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ناھىيە، كەنتلەر بويىچە دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، دەرىجىمۇدەرىجە نازارەت قىلدى.

ھەرقايسى جەڭ مەيدانلىرىدا كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىش چۆرىدىلىپ، ئېغىر نامراتلىققا ئەڭ ئاخىرقى ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغىتىلدى.

يېرىم يىلدىن كۆپرەك تىرىشىش ئارقىلىق، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىنغان ناھىيەلەردە 1538 نامراتلارنى يۆلەش تۈرى يولغا قويۇلۇپ، مەبلەغ سېلىش ئومۇمىي سوممىسىنى 18 مىليارد يۈەندىن ئاشۇرۇش پىلانلاندى، «ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» ۋە ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ئومۇمىي جەھەتتىن ھەل قىلىندى، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىنغان ناھىيە ۋە كەنتلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تۆۋەن چېكى ۋەزىپىسىگە چېتىلىدىغان نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرىنىڭ ھەممىسى پۈتتى.

قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز چوڭ سانلىق مەلۇماتتىن پايدىلىنىپ «قىزىل، قىزغۇچ، سېرىق، يېشىل» تۆت خىل رەڭلىك سىگنال چىرىغى ئارقىلىق دەرىجىگە ئايرىپ ئالدىن سىگنال بېرىشنى بېكىتىپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىش خەۋپ - خەتىرى بايقالغاندىن كېيىن، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئالدىن ھەل قىلدى، ئاجىز ئەمگەك كۈچلىرى ۋە ئەمگەك كۈچى يوق ئائىلىلەرگە ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىش ئورۇنلىرىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىش، سىياسەت ئارقىلىق تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش شەكلى ئارقىلىق ياردەم بەردى، يۆلىدى.

ھەمنەپەس بولغانلار غەلىبە قىلىدۇ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولغانلار يېڭىدۇ. ئەڭ ئاخىرقى پەيتكە كەلگەنسېرى ئىدىيە جەھەتتە «كىرىچنى چىڭىتىش»، ھەرىكەت جەھەتتە «يانى تولۇق تارتىش» كېرەك. ھەل قىلغۇچ جەڭدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ئىشەنچى بىلەن، شىنجاڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئاخىرقى غەلىبىگە قاراپ ئاتاكىغا ئۆتتى!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.