تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئانارگۈلى تىيانشاننىڭ ھەممە يېرىدە ئېچىلدى

− يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان (4)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي

«شىنجاڭ مەسىلىسىدە ئەڭ قىيىن، ئەڭ ئۇزاققا مۇناسىۋەتلىك بولغىنى يەنىلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەسىلىسى.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇردى، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇردى؛ مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى باشتىن - ئاخىر ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزدى؛ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە باشتىن - ئاخىر تولۇق ھۆرمەت قىلدى ۋە ئۇنى قوغدىدى، ھەر مىللەت ئاممىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىتتىپاقلاشتۇردى ۋە ئۇلارغا تاياندى.

2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئىناق ئۆتۈپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئىناق تەرەققىي قىلدى، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنىڭ ھەممە يېرىدە ئېچىلدى.

«مەركەزداش چەمبەر» سىزغانسېرى چوڭايدى

«ياسىن، ئاناڭنىڭ پۇتى يەنە ئاغرىۋاتامدۇ؟ ئاغرىق توختىتىش مەلھىمىنىڭ ئۈنۈمى قانداق بولدى؟» 9 - ئايدا، ھاۋا بارا - بارا سوۋۇشقا باشلىدى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تېخنىك ئىشچىلار مائارىپى يېتەكچىلىك مەركىزىنىڭ كادىرى ۋاڭ جۈەن كۇچا شەھىرىنىڭ ئالاقاغا بازىرى ئويتوغراق كەنتىدىكى قوشماقلاشقان تۇغقىنى ياسىن ھاپىزدىن خاتىرجەم بولالماي ئۇنىڭ بىلەن سىنلىق سۆزلىشىپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ يېقىنقى تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

«ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ياخشى، ئانامنىڭ سالامەتلىكىمۇ خېلى ياخشى بولۇپ قالدى، كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە رەھمەت. ھازىر باغدىكى مېۋىلەرنى يىغىپ بولدۇق، پاختا تېرىپمۇ ئازراق پۇل تاپتۇق، بۇ يىل ئائىلىمىزنىڭ كىرىمى ياخشى بولىدۇ.» ياسىن مۇنداق دېدى: ۋاڭ جۈەننىڭ ياردىمى ۋە يۆلىشى بىلەن، ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشىدا ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش بولدى، بۇلتۇر يەنە ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىردۇق.

ۋاڭ جۈەن بىلەن ياسىن ئائىلىسىنىڭ ھېكايىسى بىزنىڭ يېنىمىزدىلا يۈزبەرگەن. بۇنىڭغا ئوخشاش ھېكايىلەر تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا كۈندە دېگۈدەك يۈزبېرىپ تۇرىدۇ.

2016 - يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما تاماقتا، يېتىپ قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولۇش جەريانىدا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇردى، بېرىش - كېلىش قىلىش، ناخشا - ئۇسسۇل، كۈلكە - چاقچاقلار ئىچىدە ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇردى.

قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش ئارقىلىق كەڭ كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر «كەنتتە تۇرۇش»تىن «ئائىلىلەردە تۇرۇش»قىچە، يەنە «قەلبكە ئورناش»قىچە بولغان ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەت ئورناتتى؛ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھەممە جايدا تۇغقىنى بار بولدى، ناھىيەدە تۇغقىنى بار، شەھەردە تۇغقىنى بار، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەردە تۇغقىنى بار، پايتەخت بېيجىڭدىمۇ تۇغقىنى بار بولدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ «مەركەزداش چەمبىرى» سىزغانسېرى چوڭايدى.

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم، زور ئەمەلىيىتى بولۇپ، باشقا مۇھىم تەدبىرلەر بىلەن بىرلىكتە مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

− پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلدى. مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇلدى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، مىللىي رايون ئاپتونومىيە قانۇنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، مىللەتلەر بىردەك باراۋەر بولۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ باراۋەر پۇقرالىق ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىندى، قانۇن بويىچە سايلانغان ئاز سانلىق مىللەت خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %69.81ىنى ئىگىلىدى. زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى ۋە كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى يېتىشتۈرۈلۈپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى كادىرلار ئومۇمىي سانىنىڭ %50.3ىنى ئىگىلىدى.

− مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەشۋىق - تەربىيەسى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى. پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتى تەشۋىقاتى سىجىل كۈچەيتىلدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش مېخانىزمى تاكامۇللاشتۇرۇلدى، مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەربىيەسى خەلق مائارىپى، كادىرلارنى تەربىيەلەش، جەمئىيەت تەربىيەسىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا كىرگۈزۈلدى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى تەربىيەسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى تەربىيەسى يەنىمۇ كۈچەيتىلدى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇشقا، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىشكە يېتەكلەندى.

− مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك رايون پائال بەرپا قىلىندى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتى پۇختا قانات يايدۇرۇلۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشنىڭ ئورگانلارغا كىرىشى، كارخانىلارغا كىرىشى، مەھەللىلەرگە كىرىشى، يېزا - بازارلارغا كىرىشى، مەكتەپلەرگە كىرىشى، تۇەن - مەيدان، ليەندۈيلەرگە كىرىشى، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىغا كىرىشى، مەنزىرە رايونلىرى ۋە كۆزنەك ئورۇنلارغا كىرىشىگە سىجىل تۈرتكە بولۇنۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى نەمۇنىلىك ئورۇنلار پائال بەرپا قىلىندى، مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك رايونلار تەدرىجىي بەرپا قىلىندى.

بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىدىكى ئۈلگىلىك ئوبلاست (ۋىلايەت، شەھەر)تىن توققۇزى، مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىدىكى ئۈلگىلىك ئورۇندىن 59ى، مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى تەربىيە بازىسىدىن 14ى بارلىققا كەلدى.

تۈرلۈك تەدبىرلەر تۈگىمەس كۈچنى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ چەكسىز جۇشقۇنلۇقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلارنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشقا پائال ئاتلىنىشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە.

ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، گۈزەل يۇرت - ماكان ئورتاق قۇرۇلدى

20 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدا، كېرىيە ناھىيەسىدىكى دېھقان قۇربان تۇلۇم قەددىنى رۇسلاپ ئازادلىققا ئېرىشكەندىكى مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، كۆپ قېتىم «ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بېرىپ ماۋ جۇشىنى يوقلاش»نى ئويلىغان، كېيىن ماۋ جۇشىنىڭ ئىككى قېتىم قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن، كىشىلەر سەمىمىي ھالدا ئۇنى «قۇربان تاغا»دەپ ئاتىغان. ۋاقىت 21 - ئەسىرگە كەلگەندە، قۇربان تاغىنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەشتەك ئالىيجاناب روھى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشماقتا.

2016 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، قۇربان تاغىنىڭ 90 ياشقا يېقىنلاشقان قىزى توختىخان قۇربان نەۋرىسى رۇقىيەم مەتسەيدىگە خەت يازدۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭغا يۇرتىدا يۈزبەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى دوكلات قىلدى. 2017 - يىلى 1 - ئايدا، ئۇلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋالدى. بىر ئائىلە كىشىلىرى بۇ خەتنى ئەڭگۈشتەر دەپ قارىدى.

«ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ داۋاملىق قۇربان تاغىغا ئوخشاش يۇرتداشلار بىلەن بىللە، پارتىيەنى قىزغىن سۆيۈش، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈشنىڭ نەمۇنىلىرىدىن بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن».

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى ئىزچىل قۇربان تاغىنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ قەلبىگە ئورنىدى، شۇنداقلا پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىگە ئورنىدى.

بىڭتۇەننىڭ ئايال ئىشچى - خىزمەتچىسى يوۋ لياڭيىڭ گۇما ناھىيەسىدىكى دېھقان مەمەتتۇرۇپ مۇساق بىلەن خىزمەت، تۇرمۇشتا چوڭقۇر ئاچا - ئىنىلىك مېھرى ئورنىتىپ، قول تۇتۇشۇپ بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قىلدى.

قۇربان نىياز ئون نەچچە يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، بالىلارنىڭ قەلبىگە كىچىكىدىن تارتىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى چاچتى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئۇنىڭغا ئىسلاھات ئاۋانگارتى دېگەن نام بېرىپ، ئۇنى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتكۈچى» دەپ ئاتىدى.

چۆچەك شەھىرىنىڭ شىنچېڭ كوچىسى خاردۆڭ مەھەللىسىدە 14 مىللەتتىن بولغان 932 ئائىلىلىك ئاھالە ئولتۇراقلاشقان، ئىككىدىن ئارتۇق مىللەتتىن بولغان ئائىلە 274 بولۇپ، كۆپ مىللەتلىك ئائىلە %29.4نى ئىگىلەيدۇ، قوشنىلارنىڭ مۇناسىۋىتى ئىناق - ئىتتىپاق بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىسى ھەر كۈنى يۈزبېرىپ تۇرىدۇ.

...

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كونكرېت، كىچىك ئىشلاردا ئىپادىلىنىدۇ، ئۇ قولۇم - قوشنىلارنىڭ بىر ۋاق تامىقىدا، بىللە مەكتەپكە بېرىش يولىدا، بىرلىكتە تەر تۆكۈپ ئىشلىگەن ئېتىزلىقلاردا ئىپادىلىنىدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى خۇشال - خۇرام جەم بولغاندا بىرلىكتە ئېيتقان ناخشىدا ئىپادىلىنىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسرايدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەيدۇ. كۆپچىلىك بۇ مۇنبەت تۇپراقتا ئۆزئارا ھەمدەم بولدى، بىللە ئولتۇراقلىشىپ، بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئىشلەپ، بىللە كۆڭۈل ئاچتى، بۇ كۆك ئاسماننى ئورتاق قوغدىدى، گۈزەل يۇرت - ماكاننى ئورتاق قۇردى.

دىن ساھەسىدە ئېجىل - ئىناقلىق ئىلگىرى سۈرۈلدى

«بىزنىڭ بۇ 100 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە مەسچىت بۇلتۇر قايتىدىن رېمونت قىلىندى. مەسچىتكە يەنە ھاۋا تەڭشىگۈچ، سۇ ئىچىش ئۈسكۈنىسى، ئاياغ قاپلاش ئۈسكۈنىسى، سۇ چۈشۈرۈلىدىغان ھاجەتخانا، مۇنچا قاتارلىق ئەسلىھەلەر سەپلەندى.» خوتەن شەھىرى جامە مەسچىتىنىڭ خاتىپى ئوبۇلھەسەن تۇرسۇننىياز مەسچىتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى تىلغا ئالغىنىدا، چېھرىدە رازىمەنلىك تەبەسسۇمى جىلۋىلەندى.

بۇلا ئەمەس، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى، كۆيۈنۈشىنىمۇ ئوبۇلھەسەن ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى: «بىزگە بېرىلىدىغان تۇرمۇش ياردەم تولۇقلىمىسى ئۆستۈرۈلدى، يەنە داۋالىنىش سۇغۇرتىمىز، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىمىز بار بولدى، ھەر يىلى بىر قېتىم ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتىمىز. بىز ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كەڭ ئاممىنى يۇقىرى ئۆرلەشكە، ياخشىلىققا ئىنتىلىشكە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك».

«يەتتىنى كىرگۈزۈش، ئىككى بولۇش» «توققۇزنى سەپلەش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، دىنىي سورۇن ۋە دىنىي پائالىيەت شارائىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دىن ساھەسىدىكى كەڭ زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ۋە ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىش، دىن ساھەسىدە ئېجىل - ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىرلىرىنىڭ بىرى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ ئامما خىزمىتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقىدۇر.

ئاپتونوم رايونىمىز پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكلىدى.

− پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلدى. «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىن ئىشلىرى نىزامى» قاتارلىق قانۇن - نىزام ۋە سىياسەتلەر تۈزۈپ چىقىلىپ، شىنجاڭنىڭ دىن خىزمىتىگە ئائىت قانۇن - نىزام، سىياسەت سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، دىنىي تەشكىلاتلار، دىنىي مەكتەپلەر، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى، دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتى قانۇن بويىچە قوغدالدى، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىندى، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجى ۋە نورمال دىنىي پائالىيىتىگە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىندى.

− ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارغا غەمخورلۇق قىلىش، ئۇلارنى تەربىيەلەش كۈچەيتىلدى. دىنىي زاتلارنىڭ تۇرمۇش ياردەم تولۇقلىمىسى ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلدى، داۋالىنىش، كۈتۈنۈش، ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈش قاتارلىق كاپالەت تەدبىرلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، خىزمەت، تۇرمۇش جەھەتتىكى قىيىنچىلىقى ياخشى ھەل قىلىندى. سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك، دىن جەھەتتە بىلىملىك، ئەخلاق - پەزىلەت جەھەتتە ئاممىنى قايىل قىلالايدىغان، ئاچقۇچلۇق پەيتتە رول ئوينىيالايدىغان ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار قوشۇنى تىرىشىپ بەرپا قىلىندى.

− قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر قانۇن بويىچە تۈزىتىلدى. «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» سىجىل ئالغا سىلجىتىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ پەيدا بولۇش، يامراش ۋە تارقىلىش، سىڭىپ كىرىش تۇپرىقى ئەڭ زور دەرىجىدە پاكىز تازىلاندى.

ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىققا ئەھمىيەت بېرىش، كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىياتنى كۆزلەش ئارزۇسى بارغانسېرى كۈچىيىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىش، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچى قوزغىتىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.