تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بەختلىك خەلق تۇرمۇشىنىڭ يېڭى يۆگىمە رەسىمىنى سىزىش

− يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان ⑶

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى چۇنشيا

ئالتۇن كۈزدىكى 9 - ئايدا، شىنجاڭ مول ھوسۇل پەسلىنى كۈتۈۋالدى: كەڭرى كەتكەن كېۋەزلىكلەردە كۈمۈش رەڭ دولقۇن مەۋج ئۇراتتى، كۆز يەتكۈسىز ئېتىزلىقتىكى بۇغداي دانلىرى ئامبارغا كىرگۈزۈلدى، مەي باغلاپ پىشقان مېۋىلەر شاخلارغا لىق تولدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالى مول ھوسۇل قاينىمىغا چۆمدى.

كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ توققۇزاق بازىرى ئاياغمەنگەن كەنتىدە، ئابدۇقېيۇم روزى ھويلىسىدا ئالدىراش يۈرەتتى، باقمىچىلىق رايونىدا چارۋا ماللار قوتانغا لىق تولغانىدى، گۈللۈكتە گۈللەر ھۈپپىدە ئېچىلغانىدى. ئۆيدىكى ئۆي جاھازلىرى، ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى پاكىز، رەتلىك بولۇپ، ئۆي ئىگىسىنىڭ ئىشچانلىقى، قولىدىن ئىش كېلىدىغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى.

ئالتە يىل ئىلگىرى، يەنە مۇشۇ دېھقان ھويلىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن يۇرتداشلارغا مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ سىلەرنى يوقلاپ كېلىشىم، پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان - ئالمىغانلىقىنى، رولىنى جارى قىلدۇرغان - قىلدۇرمىغانلىقىنى دەلىللەش ئۈچۈندۇر. ئومۇمەن خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىشلار پارتىيەمىزنىڭ كۈرەش قىلىش نىشانى. مەن سىلەرنىڭ پارتىيەنىڭ سىياسىتىنىڭ ياردىمىدە تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشۈڭلارغا تىلەكداشمەن».

سەمىمىي غەمخورلۇق قەلبلەرنى ئىللىتتى، سەمىمىي تاپشۇرۇق كىشىلەرنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا ئەمەلىيلەشتۈردى، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈشتە ئەمەلىيلەشتۈردى، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈردى.

ئالتە يىلدىن بۇيان، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەر ھەربىر ئائىلە، ھەربىر قورۇدا نامايان بولدى. ئاياغمەنگەن كەنتىدە، تۈپتۈز ئاسفالت يوللار ئىشىك ئالدىغىچە تۇتاشتۇرۇلدى، ھەممە ئائىلىلەر تۇرۇبا سۈيى، تەبىئىي گاز ئىشلىتەلەيدىغان بولدى، ھەممە ئادەمنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسى بار بولدى، كەنتتە يەسلى بار بولدى. «ئائىلىمىزنىڭ يىللىق كىرىمى 100 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ، كۈنلىرىمىز گۈزەل، قەلبىمىز تېخىمۇ گۈزەل» دېدى ئابدۇقېيۇم خۇش تەبەسسۇم بىلەن.

خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ بەخت ئاساسىنى مۇستەھكەملەش

9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، شىنجاڭ جۇڭتەي توقۇمىچىلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدە، چارلاش ئىشچىسى ئابدۇلئەخەت مەتتۇرسۇن كۆڭۈل قويۇپ خىزمەت قىلىۋاتاتتى. 2017 - يىلى ئۇ خوتۇنى بىلەن جۇڭتەي توقۇمىچىلىقىغا يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتى، بۈگۈنكى كۈندە ئىككىيلەننىڭ كىرىمىنى قوشقاندا، ئېيىغا 10 مىڭ يۈەنگە يېقىنلىشىدۇ.

دېھقاندىن ئىشچىغىچە، پارچە - پۇرات ئىش قىلىشتىن مۇقىم خىزمەت قىلىشقىچە، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتىن بېيىشقىچە پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى ئائىلىمىزنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتتى، دېدى ئابدۇلئەخەت.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى. 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى، شىنجاڭنى مۇقىم، ئەمىن قىلىش ئىستراتېگىيەسى يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ، ئىش ئورۇنلىرىنى كۆپەيتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى تېزلىتىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

ئاپتونوم رايونىمىز باشتىن - ئاخىر ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ يوللار ئارقىلىق يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەرنى 24 سائەت ئىچىدە ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈردى، شەھەر - يېزىلاردىكى تۈرلۈك ئەمگەكچىلەرنى قاپلىغان كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى... بىر قاتار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى ئەمگەكچىلەرنىڭ كۈرەش قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، كىشىلىك ھاياتىنى نۇرلاندۇرۇشىغا سەھنە ھازىرلاپ بەردى.

«ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش، ياخشىلاش كېرەك.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت خەلق رايىنى ئەڭ چوڭ سىياسىي دەپ بىلىپ، شۇ دەرىجىلىك مالىيە چىقىمىنىڭ %70تىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ياخشىلاشقا ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي بايلىق سېلىنمىسى، كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدىغان ئەمەلىي نەپ ئارقىلىق خەلق قەلبىنى ئىللىتتى، خەلق قەلبىنى خاتىرجەم قىلدى، خەلق قەلبىنى مۇجەسسەملىدى.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تېخىمۇ يېتەرلىك بولدى. 2014 - يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر - بازارلىرىدا يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 450 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقان يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى 2 مىليون 700 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، 2019 - يىلى ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق مۇشۇ قاراردا ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %90تىن ئاشتى.

مائارىپ تېخىمۇ ئادىللاشتى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خاراكتېرلىك مائارىپ خىراجىتىنىڭ يىللىق سېلىنمىسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 50 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپى، مەجبۇرىيەت مائارىپى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچى مائارىپى، كەسپىي مائارىپ، ئالىي مائارىپ پۇختا قەدەم بىلەن راۋاجلاندى، شەھەر - يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى.

ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ سۈپىتى ئۆستى، دائىرىسى كېڭەيدى. شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

داۋالاش تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولدى. 1002 ناھىيە، يېزا يىراق مۇساپىلىك داۋالاش قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، يېزا - بازارلىق شىپاخانىلار، كەنت داۋالاش ئۆيلىرىنىڭ ئۆلچەملىشىش نىسبىتى %100كە يېتىپ، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى قىيىن بولۇش، كېسەل كۆرسىتىش قىممەت بولۇش مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىندى.

تۇرالغۇ ئۆي ئولتۇراقلىشىشقا تېخىمۇ باب كەلدى. 2014 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر - بازارلاردا 1 مىليون 715 مىڭ 300 يۈرۈش كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 675 مىڭ 600 نامرات ئائىلىنىڭ تۇرالغۇ ئۆي بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسنىڭ خەتەرلىك ئۆيدە ئولتۇرۇش تارىخىغا ئۈزۈل - كېسىل خاتىمە بەردى.

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا نەزەر سالساق، بالىلار بېقىلىدىغان بولۇش، ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ئىشلىگەنلەر ھەق ئالالايدىغان بولۇش، ئاغرىقلار داۋالىنالايدىغان بولۇش، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ئۆيسىزلەرنىڭ تۇرىدىغان جايى بولۇش، ئاجىزلارنىڭ يار - يۆلىكى بولۇشتەك خەلق تۇرمۇشى يۆگىمە رەسىمى ئىللىق، گۈزەل نامايان بولىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت مىخ قېقىش روھى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق تۇرمۇشى خىزمىتى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كىچىك غەلىبىلەر ئارقىلىق چوڭ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مۇقىم بەختىگە تىرەك بولماقتا.

خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىنچىلىقلارنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ھەل قىلىش

«سالامەتلىكىمىزنى تەكشۈرتۈپ تۇرىمىز، كېسەل بولساق بالدۇر داۋالىتىمىز، ئاز پۇل خەجلەيمىز. مېنىڭ بۇ ياشىنىپ قالغان تېنىم تېخى مەزمۇت.» يەكەن ناھىيەسىنىڭ مىشا بازىرى كىسىمچى كەنتىدىكى 74 ياشلىق تۇرسۇن تالىپ مۇنداق دېدى: مەن سالامەتلىك تەكشۈرتكەندە قان بېسىمىمنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا يېيىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، كېسىلىمنى خېلى ياخشى كونترول قىلىۋاتىمەن.

ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقى بولمىسا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بولمايدۇ. 2016 - يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرتۈشىنى يولغا قويدى. «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» «ئەڭ يىراقتىكى بىر ئائىلە كىشىلىرى»نى قاپلاشتىن باشلاپ، سالامەتلىك تەكشۈرتۈش تۈرلىرى ئايرىم تۈزۈلدى، شىنجاڭ تارىخىدا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان بۇ ئىجادىيەت سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل، يۇقۇملۇق كېسەل، يەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ مۇداپىئە سېپىنى قۇرۇپ، ساغلام شىنجاڭنىڭ ئۇل تېشىنى مۇستەھكەملىدى.

بۇنداق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئىجادىيىتى شىنجاڭدا يەنە ناھايىتى كۆپ −

يېزىلاردىكى مەجبۇرىيەت ئەمگىكى ۋە «بەش بىرتۇتاش بولۇش» ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، دېھقانلارنىڭ يۈكى يېنىكلەپ، مىليونلىغان دېھقاننىڭ چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشتى؛

يېزىلاردا 4408 يەسلى يېڭىدىن سېلىندى، ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىلدى، قۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق قۇرۇپ، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن 1 مىليون 558 مىڭ بالىنىڭ يەسلىگە كىرىشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كىرگۈزۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، دېھقانلار ئەمدى بالىلىرىنىڭ يەسلىگە كىرەلمەسلىكىدىن غەم قىلمايدىغان بولدى؛

پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپى، مەجبۇرىيەت مائارىپىدا دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىدا ئوقۇتۇشنىڭ تولۇق قاپلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى، كىچىكىدىن باشلاپ پۇتۇڭخۇادا راۋان سۆزلىيەلەيدىغان بالىلار سانسىزلىغان ئاتا - ئانىلارنىڭ پەخرىگە ئايلاندى؛

......

تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلىنماقچى بولسىمۇ ھەل قىلىنمىغان بىرمۇنچە قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى، ئىلگىرى ۋۇجۇدقا چىقىرىلماقچى بولسىمۇ ۋۇجۇدقا چىقىرىلمىغان بىر مۇنچە چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقاردى، ھەر مىللەت ئامما كىچىك ئىشلاردىنمۇ ئەمەلىي نەپ ۋە بەختنى ھېس قىلدى.

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ غەم - ئەندىشىسى، ھال - ئەھۋالىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، تۆۋەن چەككە كاپالەتلىك قىلىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئەڭ ئاساسىي، ئەڭ تەخىرسىز خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، ھەربىر كىشىنى خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ نۇرىدىن بەھرىلەندۈردى.

نامراتلاردىن ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلدى، 60 ياشتىن ئاشقان نامرات كىشىلەرنىڭ تارقىتىشقا تېگىشلىك كۈتۈنۈش سۇغۇرتا پۇلى تولۇق تارقىتىلدى. «ھەر ئايدا كۈتۈنۈش پۇلىمىز بار، كۈتۈنۈشىمىز كاپالەتكە ئىگە بولدى» دېدى قاغىلىق ناھىيەسى كۆكيار يېزىسى ئۇسۇلۇش كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابدۇكېرەم قادىر.

ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياردەم بېرىشكە تېگىشلىكلىرىگە تولۇق ياردەم بېرىلدى. ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپىدىن ئالىي مائارىپقىچە بولغان «پۈتۈن مۇساپىنى يوچۇقسىز جىپسىلاشتۇرۇش»تەك ياردەم بېرىش سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، «بىرمۇ ئوقۇغۇچىنى ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن ئوقۇشسىز قويماسلىق» دېگەن ۋەدە ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. «دۆلەتنىڭ ياردەم بېرىش سىياسىتىگە رەھمەت، بۇ مېنىڭ ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشۇمغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى» دېدى شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى خۇرشىدە مەمەت.

نامرات نوپۇسنىڭ ئېغىر كېسىلى، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسىلىنىڭ داۋالاشقا تېگىشلىكلىرى تولۇق داۋالاندى. ئاپتونوم رايونىمىز ئېغىر كېسەللەرنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاغرىقلارنىڭ ئېغىر كېسەللىرىنى قۇتقۇزۇش - داۋالاشنىڭ قاپلىنىش نىسبىتىنى %99.14كە يەتكۈزدى. «ئەمدى كېسەل سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىشتىن ئەنسىرىمەيدىغان بولدۇق» دېدى ئاتۇش شەھىرى ئۈستۈن ئاتۇش بازىرى تاقۇت كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى رەخمىتۇللا نەجمىدىن.

بۇ يىلقى يۇقۇمغا قارىتا، ئاپتونوم رايونىمىز قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا 8 مىليارد 880 مىليون يۈەن قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش مەبلىغى ئاجرىتىپ، ھەقىقىي تۈردە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا بولغان غەمخورلۇقىنى كەم - كوتسىز پۇختا ئەمەلىيلەشتۈردى، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈردى.

ھۆكۈمەت خەلقنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ ساداسىغا ئىنكاس قايتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، «خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش»نى پۇقرالارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىدا گەۋدىلەندۈردى.

خەلق تۇرمۇشى ئىمتىھانىغا ئىزچىل ياخشى جاۋاب بېرىش

«بۇ يىل كۈتۈنۈش پۇلى ئايدا نەچچە يۈز يۈەن ئۆستى، تۇرمۇشىمىز باياشات، تېنىمىز ساغلام بولغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئېرىم ئىككىمىز ساياھەتكە چىقىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل تاغ - دەريالىرىدىن ھۇزۇرلانماقچى بولۇۋاتىمىز» دېدى 9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كارخانىدىن پېنسىيەگە چىققان ئىشچى جاڭ شياۋفاڭ.

كۈتۈنۈش پۇلى يەنە ئۆسۈپتۇ! بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى ئۇدا 16 - يىلى تەڭشەپ ئۆستۈرۈشى، شۇنداقلا ئۇدا 5 - يىلى بىرتۇتاش لايىھەنى يولغا قويۇپ، ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەپ ئۆستۈرۈشى ھېسابلىنىدۇ. جاڭ شياۋفاڭغا ئوخشاش پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پېنسىيەگە چىققان 1 مىليون 477 مىڭ كىشى بۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىپ، ئاخىرقى ئۆمرىدىكى تۇرمۇشىنى تېخىمۇ خاتىرجەم ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ.

تېخىمۇ ياخشى مائارىپ، تېخىمۇ مۇقىم خىزمەت، تېخىمۇ ئىشەنچلىك ئىجتىمائىي كاپالەت، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك داۋالاش سەھىيە مۇلازىمىتى... ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىپ، خەلق تۇرمۇشى ئىمتىھانىغا ئىزچىل ياخشى جاۋاب بېرىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈردى.

ئائىلە دوختۇرى، سېسترالار بىلەن توردا كېلىشىش، باشقا جايدا داۋالىنىشنى توردا راسچوت قىلىش... «ئالاقە تورى + داۋالاش - ساغلاملىق»تىن ئىبارەت يېڭى تىپتىكى مۇلازىمەت ئەندىزىسى كىشىلەرنىڭ داۋالىنىش تەسىراتىنى ئۆستۈرمەكتە. «ھەممە كىشىنىڭ ئائىلە دوختۇرى، ساغلاملىق ئارخىپى بار بولدى، بۇ خىل تەمىناتنى ئىلگىرى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتۇق» دېدى قاراماي شەھەر ئاھالىسى لى سۇرۇڭ.

تور دەرسخانىسى، چىراي تونۇتۇپ مەكتەپكە كىرىش، كومپيۇتېردا پىروگرامما تۈزۈش... مائارىپنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ «تور سىمى» شەھەر - يېزىلاردىكى دەرسخانىلارنى تۇتاشتۇردى. «توردا ئوقۇتۇش چەت، يىراق جايلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىمۇ سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈردى» دېدى شايار ناھىيەلىك 3 - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى چېن شىن.

ئاغرىپ قالغانلارغا قارايدىغان ئادەم بار، ئۈچ ۋاخ تاماقنى ئېتىدىغان ئادەم بار، كىيىمنى يۇيىدىغان ئادەم بار... بۇ يىل جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستىدىكى 207 يېزىدا بەخت چوڭ قورۇسى قۇرۇلۇپ، قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىش مەسىلىسى ھەل قىلىندى. «ئۆستەڭلەرنى تولدۇردى دەريا سۇلىرى، سۇغاردى ئېتىز - دالا، باغلارنى؛ دېڭىزدەك چوڭقۇر ۋەتەن مېھىر - شەپقىتى، ئىللىتتى مىڭلىغان - ئون مىڭلىغان قەلبلەرنى...» قاراقاش ناھىيەسىنىڭ قاراساي بازىرى باغچى كەنتىدىكى توختىخان ئابدۇللا موماي ناخشا ئېيتىپ پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى.

خەلق ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەنمەكتە. 2014 - يىلىدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى شەھەر - بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم يىلىغا %8.3 ئېشىپ، 2019 - يىلى 34 مىڭ 664 يۈەنگە يەتتى؛ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم يىلىغا %8.5 ئېشىپ، 2019 - يىلى 13 مىڭ 122 يۈەنگە يەتتى. ھەر مىللەت ئامما دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، ۋەتەن بىلەن تەڭ تەرەققىي قىلىش داۋامىدا، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتى.

خەلق تۇرمۇشى خەلق قەلبىگە تۇتاشقان، خەلق قەلبى خەلق كۈچىنى مۇجەسسەملىگەن. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، بىرلىكتە ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.