تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقىرى سۈپەتنى چىڭ كۆزلەش يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش

− يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان (2)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شى شىن

ئاقما لىنىيەدە ماشىنا ئادەم تېز سۈرئەتتە مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى، ئىشچى كومپيۇتېر ئېكرانى ئالدىدا ماشىنا ئادەمنى باشقۇرۇۋاتاتتى، ئەشيا ئوبوروت سىستېمىسى ئاپتوماتىك يەتكۈزۈۋاتاتتى... سانلىق مەلۇمات توپلاش، جەرياننى كونترول قىلىشتىن مەھسۇلاتنىڭ پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكىنى باشقۇرۇشقىچە، جولاڭ شىنجاڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا چەكلىك شىركىتى يىپ ئېگىرىش ماشىنىلىرى ئەقلىي ئىقتىدارلىق زاۋۇتى تۈرى «ئالاقە تورى + ياسىمىچىلىق»نىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق زاۋۇت شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى، شۇنداقلا كىشىلەرنى شىنجاڭ ياسىمىچىلىقىغا بولغان تېخىمۇ كۆپ ئارزۇ ۋە ئۈمىدكە ئىگە قىلدى.

2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىنى پۇختا ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى»نى ياخشى قىلىش، «ئۈچ تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەت»نى ياخشى ئىشلەش داۋامىدا، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولدى.

باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈلگەن بىر ئىلمىي ئىدىيە

ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا، سانائەت ئاساسىي جەڭ مەيدانى، ياسىمىچىلىق تۈپ تىرەك.

بۇ يىل 1 - ئايدىن 7 - ئايغىچە، گەرچە يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.8 ئاشتى، ئېشىش سۈرئىتى ئوتتۇراھال، يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش ئارىلىقىنى ساقلاپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.4 پىرسەنت پوئېنت ئۆسۈپ، تاشقى دۇنياغا ئاكتىپ، كۈچلۈك تەرەققىيات سىگنالى تارقاتتى.

ۋەزىيەت قانچە ئالاھىدە بولغانسېرى، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى شۇنچە مۇقىملاشتۇرۇپ، كىرىزىس ئىچىدە يېڭى پۇرسەت يېتىلدۈرۈپ، ئۆزگىرىش داۋامىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

شىنجاڭدا، ئەنئەنىۋى سانائەت ياسىمىچىلىقى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئالاقە تورى تېخنىكىسى بىلەن خىمىيەلىك رېئاكسىيە ھاسىل قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتكۈل كەسىپ زەنجىرىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولماقتا. بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق مال تونۇشتۇرۇش، تور مائارىپى، ئالاقە تورى ئارقىلىق داۋالاش، توردا ئىش بېجىرىش قاتارلىق يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىلەر يېڭى كەسىپ ئېكولوگىيەسىنى بەرپا قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى قايتىدىن بەرپا قىلماقتا.

ئالتە يىلنى ئەسلەيدىغان بولساق، تاشقى مۇھىتتا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش تەسىرى گەۋدىلىنىۋاتقان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭ باشتىن - ئاخىر يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان قىممەت يۆنىلىشى ۋە ئىدىيەۋى روھ قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈردى.

شىنجاڭ بىر باش نىشاننى پۇختا تۇرغۇزۇپ، مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتتىن ئىبارەت ئىككى ئاچقۇچلۇق نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، مۇرەككەپ خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش قابىلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، خەۋپ - خەتەر، خىرىسنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، مۇقىملىق پايدىسىنى قويۇپ بېرىپ، تەرەققىيات ئارقىلىق خەلق رايىنى مۇجەسسەملەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن ئىبارەت شاھمات ۋەزىيىتىدە پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلماقتا.

− يېڭىلىق يارىتىش بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى. يېڭى تېخنىكا، يېڭى مەھسۇلات، يېڭى كەسىپ ھالىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، ئىقتىسادىي قۇرۇلما ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتى، ساياھەتچىلىك، سودا، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى زامانىۋى مۇلازىمەت كەسىپلىرى تېز تەرەققىي قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان يېڭى موتورغا ئايلاندى.

− ماسلاشتۇرۇش ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى. مالىيە، سېلىنما، پۇل مۇئامىلە، ئىختىساسلىقلارغا ئائىت بىر قاتار ئالاھىدە سىياسەتلەر جەنۇبىي شىنجاڭغا مايىللاشتۇرۇلۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئاساسى پۇختىلاندى، شۇنداقلا جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭنىڭ رايونلار ماسلىشىپ تەرەققىي قىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

− يېشىل بولۇش ئومۇمىي ھالەتكە ئايلاندى. «ئۈچ يۇقىرى» تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشى قاتتىق چەكلىنىپ، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق ئېچىشتا «بىر قوللۇق» تەستىقلاش تۈزۈمى قاتتىق ئىجرا قىلىنىپ، ئېكولوگىيە تۆۋەن چېكى قىزىل سىزىقى قەتئىي ساقلىنىپ، يېشىل رەڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى ئەڭ يارقىن رەڭگە ئايلاندى.

− ئېچىۋېتىش مۇقەررەر يولغا ئايلاندى. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىگە تېز سىڭىشىشتە ئۆزگىچە رايون ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلدى.

− ئورتاق بەھرىلىنىش تۈپ مەقسەتكە ئايلاندى. خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، شۇ دەرىجىلىك مالىيە چىقىمىنىڭ %70تىن كۆپرەكى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ياخشىلاشقا ئىشلىتىلىپ، تەرەققىيات خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈشتە، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى.

مۇقىملىق چۆرىدىلىپ تەرەققىيات كۆزلەندى، تەرەققىيات ئارقىلىق مۇقىملىق ئىلگىرى سۈرۈلدى، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ «سۈپىتى» تېخىمۇ ئاشۇرۇلدى. 2014 - يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ GDPسى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %7.7 ئاشتى، 2017 - يىلى تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، 2019 - يىلى 1 تىرىليون 359 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يەتتى.

«ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى ئىدىيە ھەرىكەتنىڭ باشلامچىسى. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بولغان، نېگىزگە مۇناسىۋەتلىك بولغان، يىراق كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان يۆنىلىش بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك خاراكتېرىگە، پىروگرامما خاراكتېرىگە، يېتەكلەش خاراكتېرىگە ئىگە» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شۈ بىن.

ئورۇنلاشتۇرۇش ئەلالاشتۇرۇلغان بىر تەرەققىيات ئاساسىي لىنىيەسى

كەلپىن ناھىيەسىدىكى چەپىتى نان يېقىش ھۈنىرى ۋارىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يۇرچى يېزىسى تومئېرىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى غۇلام مۇتەللىپ نان يېقىش ھۈنىرىگە ئاللىقاچان پىشىپ كەتكەنىدى. ھالبۇكى، سانائەتلىشىشنىڭ ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتكەنلىكى يەنىلا ئۇنىڭ نانغا بولغان تونۇشىنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى.

«ئىلگىرى بىر ئائىلە كىشىلىرى تونۇردىن نېرى كېتەلمەي، بىر كۈن جاپا تارتىپ ئاران 150 نان ياقاتتۇق، ئايدا 2000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلاتتۇق. ھازىر ئاقما لىنىيە مەشغۇلاتى قىلىپ ھەر كۈنى 700گە يېقىن نان يېقىپ، ئايدا 8000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىدىغان بولدۇق» دېدى غۇلام.

كەسىپلەشتۈرۈش يولى ئارقىلىق، ناندىن ئىبارەت 1000 يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ خاس يېمەكلىكتە تۈرلۈك ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتىدۇ، ئىشىك ئالدىدىكى تونۇرغا نان يېقىش ئۇسۇلىدىن كەسىپلەشتۈرۈش يولىغا مېڭىش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان، خاس كەسىپنى زورايتىدىغان، كۈچەيتىدىغان يېڭى تۈۋرۈككە ئايلاندى.

كەسىپ زەنجىرىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كۆلەم ئېففېكتىدىن پايدىلىنىپ يېڭى رىقابەت ئەۋزەللىكى شەكىللەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى كەسىپلەر توپىنى يېتىلدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش − بۇ دەل تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ تېگىشلىك مەزمۇنى.

بۇ ئالتە يىلدا، شىنجاڭنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلغان تەرەققىيات يولى كۈنسېرى ئايدىڭلاشتى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قۇرۇلمىسى، كەسىپ قۇرۇلمىسى، مۇھىم ئامىل قۇرۇلمىسى، ئېشىش شەكلى مىسلىسىز ئەلالىشىپ قايتا تەشكىللەندى.

باشلامچى كۈچەيتىلىپ، «كونا ئىسىم كارتىسى» تېخىمۇ تونۇتۇلدى −

ئەنئەنىۋى بولسىلا قالاق بولامدۇ؟ بۇ يىل 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، 69 يىللىق تارىخقا ئىگە باۋگاڭ گۇرۇھى شىنجاڭ «1 - ئاۋغۇست» پولات - تۆمۈر چەكلىك شىركىتىنىڭ ئوكسىگېنلىق دومنا پېچىغا ئوت يېقىلدى، ھەمدە 1 - باسقۇچلۇق سانائەت سىنىقىنى باشلاپ، دۇنيا پولات - تۆمۈر كەسپىدىكى تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەرگە رەسمىي جەڭ ئېلان قىلدى. بۇ شىركەتنىڭ باش مۇدىرى شياۋ گودۇڭ پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى : 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر شىركىتى پائال ھەم تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ تەلىپى بويىچە، كارخانا ئىسلاھاتى بىلەن تىپنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، تۈپتىن ئۆزگىرىش ھاسىل قىلماقتا.

زەنجىر تولۇقلىنىپ، كەسىپ يېگانە ئارىلى ھالىتى تۈگىتىلدى −

بۇ نەچچە يىلدا، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى شىنجاڭ ئىچىدىكى سېتىۋېلىش تورى ۋە شىنجاڭ سىرتىدىكى سېتىش تورىدىن ئىبارەت «ئىككى تور» قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭ ئىچىدە 11 ساقلاش، پىششىقلاش، سودا، يىغىش - تەقسىملەش مەركىزى قۇرۇپ، ياڭاق، چىلان، ئۆرۈك قاتارلىقلار ئىشلەپچىقىرىلىدىغان باغ - ئورمانچىلىق ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىنى قاپلاپ، بازا، پىششىقلاش، سودا، سوغۇق ساقلاش زەنجىرى بويىچە ئامباردا ساقلاش، ئەشيا ئوبوروتىدا تەقسىملەپ يەتكۈزۈشتىن تېرمىنالدا سېتىشقىچە بولغان پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى توپلاشقان تەرەققىيات سۇپىسى بەرپا قىلدى. شىنجاڭ سىرتىدىكى سېتىش تورى 3348گە يېتىپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشتا ئەنئەنىۋى يولدىن مەھەللىدە بىۋاسىتە سېتىش، مۇستەقىل تىجارەت قىلىشتىن پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ھەمكارلىشىپ تىجارەت قىلىشقا يۈزلىنىشتەك ئۆزگىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

...

تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ سىجىل چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ ئۈچ كەسىپ تەرەققىيات ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى −

1 - كەسىپنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇپ، كېۋەزنى ئەلالاشتۇرۇپ، چارۋىچىلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باغۋەنچىلىكنى كۈچەيتىپ، خاس كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ سىستېمىسى، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى ۋە تىجارەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلەتتى.

2 - كەسىپتە مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نېفىت، خىمىيە سانائىتى قاتارلىق ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى پائال يېتىلدۈردى.

3 - كەسىپنى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇلازىمەت كەسپىنى زورايتىش، ئەلالاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بەردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ساياھەت كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، ساياھەت بازىرىنى سىجىل جانلاندۇردى، 2014 - يىلى پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 50 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتمەسلىكتىن 2019 - يىلى 200 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي»سۈپەتلىك ماركىسى تېخىمۇ جاراڭلىق ئاتالدى.

ئەنئەنىۋى كەسىپلەر سۇمۇرغدەك ئوتتا تاۋلاندى، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ يېڭى موتورىنى ئۈزلۈكسىز قوزغاتتى، 3 - كەسىپنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى 2014 - يىلىدىكى %36.5تىن 2019 - يىلىدىكى %66.7 كە ئۆستى.

ئېچىۋېتىش، ئىلگىرىلەشنىڭ بىر پارچە ھەيۋەتلىك يۆگىمە رەسىمى

يېقىندا ئاياغلاشقان شيامېن خەلقئارا مەبلەغ سېلىش سودا يەرمەنكىسى ۋە يىپەك يولى مەبلەغ سېلىش يىغىنىدا، شياڭگاڭ فۇجيەن سودىگەرلەر تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭ جيەنباڭ ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جېڭ ۋۇفاڭ گۇچۇڭ ناھىيەسىدە 2 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، كۆمۈر يەتكۈزۈش كارىدورى قۇرۇلۇشى قىلىشنى قارار قىلدى. «بۇ يەرنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتى ياخشى، تەرەققىيات ئىستىقبالى ياخشى ئىكەن، بىزنىڭ تېخىمۇ چوڭ بازارنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىشەنچىمىز بار» دېدى جېڭ ۋۇفاڭ.

ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى جەلپ قىلىش كۈچى، رىقابەت كۈچىگە ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە.

ئالتە يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ دادىللىق بىلەن پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز قايتا ئورنىتىپ، پۇل مۇئامىلە، مالىيە - باج، جەمئىيەت ئىشلىرى قاتارلىق كۆپ ساھەدىكى ئىسلاھاتنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادچانلىق كۈچىنى زور دەرىجىدە قوزغاتتى.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغا قەدەر، شىنجاڭدىكى ھەر خىل بازار سۇبيېكتلىرى (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 1 مىليون 977 مىڭغا يېتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا يېڭى قان قوشۇپ، ئۆسۈپ يېتىلىش ئۈمىدىگە تولدى.

يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشى بىلەن شىنجاڭ تېخىمۇ كەڭ تەرەققىيات بوشلۇقىغا ئېرىشتى.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئۈرۈمچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى تۈگۈن نۇقتا شەھىرى تەستىققا ئېرىشىپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يىغىلىش مەركىزى ئۈلگە قۇرۇلۇشى قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇردى؛ ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق - پورت رايونىدىكى 34 نۇقتىلىق تۈردە قۇرۇلۇش باشلىنىپ، 1 مىليارد 286 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملاندى؛ قورغاس جۇڭگو تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرى ئىمپورت - ئېكسپورت پورتى، گىرىم بۇيۇملىرى ئىمپورت - ئېكسپورت پورتى، دورا ئېكسپورت پورتىنىڭ ۋىۋىسكا يوپۇقى رەسمىي ئېچىلىپ قۇرۇلدى... تېپىلغۇسىز مۇھىم، زور پۇرسەت ئالدىدا، شىنجاڭ «بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى»نى يېتەكچى قىلىپ، ئېچىۋېتىش، ئىلگىرىلەش تەرەققىياتىنىڭ يۆگىمە رەسىمىنى سىزىپ چىقتى.

ئالتە يىلدىن بۇيان، «شىنجاڭ ئىچىنى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇش، شىنجاڭغا كىرىپ چىقىشنى تېزلىتىش» چۆرىدىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىستېرېئولۇق قاتناش سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى؛ شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىش يولىنىڭ رولى كۈنسايىن گەۋدىلىنىپ، ۋاقىت ۋە بوشلۇق جەھەتتە دۇنيا بىلەن زىچ باغلاندى، شۇنداقلا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئاساسى ۋە زاپاس كۈچى مۇستەھكەملەندى.

4G تورى شەھەر - يېزىلارنى قاپلىدى، 5G تورى قۇرۇلۇشى مۇقىم قەدەمدە ئالغا سىلجىتىلدى، ئەڭ چەت ياقىدىكى يېزا - كەنتلەر، ئەڭ يىراقتىكى چارۋىچىلىق مەيدانلىرىدىكى دېھقان - چارۋىچىلارمۇ سىن ئارقىلىق دۇنيادىكى خېرىدارلار بىلەن ئالاقىلىشەلەيدىغان بولدى... بۈگۈنكى شىنجاڭ ئۇچۇر يېگانە ئارىلىلىق ھالىتىنى تۈگىتىپ، تەرەققىيات چوڭ دولقۇنىغا قوشۇلدى.

دولقۇن ئۆرلەپ كۆرۈندى دەريا يۈزى بىپايان، ئوڭ شامالدا كېمىلەر يەلكەن ئاچتى بەخىرامان. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىدە، شىنجاڭ تېخىمۇ تەشەببۇسكار قىياپەت، تېخىمۇ مەزمۇت قەدەم بىلەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ يېڭى زېمىنىغا قەدەم قويدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.