تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەبەدىي ئەمىنلىككە قاراپ مەردانە قەدەم تاشلاش

− يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان (1)

9- ئاينىڭ 12- كۈنى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدا شەھەرگە كىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، تەرەپ - تەرەپتىن ساياھەت - ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا كەلگەن ساياھەتچىلەر قىزغىن كۈتۈۋېلىندى. (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى)

[ئىستون سۆزى]

ئالتە يىل ئىلگىرى، 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىستراتېگىيە ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىنى پىلانلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى دەپ بېكىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېيىتتى ۋە راۋاجلاندۇردى. ئالتە يىلدىن بۇيان، تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرى باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ بىپايان تۇپرىقىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولدى. بۈگۈندىن باشلاپ، شىنجاڭ گېزىتى «تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەر» مەخسۇس ئىستونى ئېچىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئېكولوگىيەنى قوغداش، پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە يۈز بەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى، قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى جانلىق نامايان قىلىدۇ.

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى ياڭ

«شىنجاڭ تەسەۋۋۇرىمدىكىدىنمۇ گۈزەل ئىكەن، <شىنجاڭ ياخشى جاي> دېگەن نام بىكارغا تارقالماپتۇ!» 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، سىچۇەن ميەنياڭدىن كەلگەن ساياھەتچى ليۇ رۇڭ كۈز پەسلىدىكى بوغدا كۆلىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىپ، توختىماي ماختاپ كەتتى.

خۇددى ساياھەتچىلەر كۆرگەندىكىدەك، كۈز تۈسىگە چۆمگەن، گۈللەپ ياشنىغان «بىپايان شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرە رەسىمى» كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولدى: پورتتا جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرى ئۇچقاندەك قاتنايتتى؛ نانچىلىق كەسپى باغچىسىدا توقاچ نان كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش ئۈمىدىنى زىممىسىگە ئالدى؛ قوش تىل يەسلىسىدە بالىلارنىڭ جاراڭلىق كۈلكە سادالىرى ياڭرىدى؛ نامراتلارنى يۆلەش سېخىدا نامرات ئامما نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقا قاراپ ئەڭ ئاخىرقى ھۇجۇمنى قوزغىدى...

ۋاقىت ئۈن - تىنسىز ئۆتۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئىللىق ئەسلىمىلەر تۈنۈگۈنكىدەكلا ئەستە ساقلانغان: ئالتە يىل بۇرۇنقى باش ياز پەسلىدە، 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىستراتېگىيە ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىنى پىلانلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى دەپ بېكىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېيىتتى ۋە راۋاجلاندۇردى.

يىللار ساقلاپ تۇرمايدۇ، پەقەت ئەسلىي مەقسەت - بۇرچلا مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ: چەكسىز كۈز مەنزىرىسىدە، بىز كۈرەش ئىزلىرىمىزغا نەزەر سالساق، ھوسۇلنىڭ شېرىن تەمىنى تېتىيمىز. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پىلانلاپ بەرگەن ئىلمىي يولنى بويلاپ، توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى.

بۈگۈنكى شىنجاڭغا نەزەر سالساق، ئىجتىمائىي مۇقىملىق كېمىسى دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلماقتا، ئەبەدىي ئەمىنلىك يەلكىنى ئېگىز چىقىرىلىپ، مەردانە ناخشا ياڭرىتىپ ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.

باش نىشان بايرىقى ئېگىز جەۋلان قىلدى

2014 - يىلىدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %7.7 ئاشتى، 2017 - يىلى 1 تىرىليون يۈەنلىك ئۆتكەل بۆسۈپ ئۆتۈلدى، 2019 - يىلى 1 تىرىليون 359 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يەتتى؛ ساياھەت بازىرى قىزىپ، 2014 - يىلى پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 50 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتمەسلىكتىن، 2019 - يىلىغا كەلگەندە 200 مىليون ئادەم قېتىملىق ئۆتكەل بۆسۈپ ئۆتۈلدى...

تارىخنى دائىم ئەسلەپ تۇرغاندىلا، ئاندىن تېخىمۇ ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ. مۇشۇنداق كۆزنى چاقنىتىدىغان ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات نەتىجىلىرى تىزىملىكىنىڭ ئارقىسىغا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىدە كەلگۈسىنى كۆزلىگەنلىكى مۇجەسسەملەنگەن.

قەدىمدىن بۇيان چېگرا رايون مۇقىم بولسا، دۆلەت ئەمىن تاپقان؛ چېگرا رايون قالايمىقان بولسا، دۆلەت خەۋپ ئىچىدە قالغان. شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق چوڭ ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك.

ياخشى تەدبىر بولغاندا، ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغىلى بولىدۇ.

«شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ چوڭ ئىشى، جەزمەن ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ كەلگۈسى پىلان تۈزۈش، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش، ئەبەدىي ئەمىنلىك ۋەزىيىتى يارىتىش، ئەبەدىي ئەمىنلىك ئىشلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش كېرەك.» «ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى.» 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ چوڭ ۋەزىيىتىگە ئاساسەن مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈم چىقىرىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى تارىخىي ئورنىنى بېكىتتى. باش نىشاننىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى يەنىمۇ بېيىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

نىشان خۇددى ماياكقا ئوخشاش يۈرۈش مۇساپىسىگە يول باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر مەيدان قاينام - تاشقىنلىققا تولغان ئۇلۇغ ئەمەلىيەت باشلىنىپ، پىلانلىنىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتنىڭ «چوڭ شاھمات تاختىسى» ۋەتەننىڭ غەربىي شىمال بۇرجىكىدە كەڭ يېيىلدى.

باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئالتە يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر قاتار ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مۇھىم، زور باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم بولۇش، ئىقتىساد تەكشى، مۇقىم، ساغلام راۋاجلىنىش، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش، مىللەتلەر ئىتتىپاق - ئىناق بولۇش، دىنلار ئېجىل - رايىش بولۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ياخشى بولۇش، چېگرا رايون مۇستەھكەم، تىنچ بولۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك كۈچىيىشنى ئىشقا ئاشۇردى، تۈرلۈك ئىشلار ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلدى.

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى كومپاس، رول، ئۆلچىگۈچ بولۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى چىگىش، مۇرەككەپ شارائىتتا توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشقا، زىددىيەت، خەۋپ - خەتەر ئىچىدە غەلىبىسېرى ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەيدىغان قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال. بۇ بىرقانچە يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ئەڭ زور، ئەڭ تۈپ ئۆزگىرىش زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرى كۆپ يۈزبېرىش، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىشتىن، جەمئىيەتنىڭ سىجىل ئىناق، مۇقىم بولۇشىدا بولدى. بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلاندى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئۇدا ئۈچ يىل توققۇز ئاي زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈزبەرمىدى، جىنايى ئىشلار دېلولىرى، ئامانلىق دېلولىرى، خەۋپسىزلىككە خەۋپ يەتكۈزۈش دېلولىرى، ئاممىۋى بىخەتەرلىك ۋەقەلىرى زور دەرىجىدە ئازايدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە بولغان ئىشەنچىسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

كىشىلەر قەلبى مۇقىم بولدى، كۆڭۈل ئارامىغا چۈشتى، بىرىكمە كۈچ ئاشتى! تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىش ئارزۇسى شۇنچە كۈچلۈك بولدى؛ قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇش جۇشقۇنلۇقى شۇنچە كۆتۈرەڭگۈ بولدى!

ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلى پۇختا قۇرۇلدى

«گۈزەللىكتە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان قاناس كۆلى، خۇددى شېئىرلاردا تەسۋىرلەنگەندەك جىمجىت ئاق قېيىنزارلىق... شىنجاڭنىڭ بۇنداق گۈزەللىكىنى باشقا جايدا ئۇچراتقىلى بولمايدىكەن.» 9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىن قاناس كۆلىگە يېتىپ كەلگەن خۇنەنلىك ساياھەتچى ۋاڭ يۈشيا «مېيپىيەن» ئالبومىغا مۇنداق يازدى: «شىنجاڭنىڭ بىخەتەر ياكى بىخەتەر ئەمەسلىكىنى ئەمدى مەندىن سورىماڭلار، سۈرەتتىكى ئاشۇ تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇرىدىغان چىرايلارغا قاراپ باقساڭلارلا بىلىسىلەر».

شۇ دەقىقىدە، ئۈرۈمچى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردىكى خەلققە قولاي ساقچى پونكىتىدا، پونكىت باشلىقى يىن شىنشىڭ تەۋەلىك رايونىنىڭ ئامانلىق ئەھۋالىنى چارلاپ كۆرۈۋاتاتتى. 2018 - يىلى 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسى تىجارەت باشلىغاندىن بۇيان، ھەر كۈنى 100 مىڭ ئادەم قېتىم ئەتراپىدا ساياھەتچى كۈتۈۋالدى، بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى 200 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، تەۋەلىك رايونىدا جىنايى ئىشلار ۋە ئامانلىق دېلولىرى «يۈزبەرمەسلىك» ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

«سىرتتىن كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچى شىنجاڭنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇشى دەل جايىدا، جەمئىيەت مۇھىتى بىخەتەر، مۇقىملىق ۋەزىيىتى ئادەمنى خاتىرجەم قىلىدىكەن، دېيىشتى. ھەر قېتىم بۇنداق گەپنى ئاڭلىغىنىمدا، بىر شىنجاڭلىق بولۇش سۈپىتىم بىلەن كۆڭلۈم يايراپ كېتىدۇ.» دېدى يىن شىنشىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ.

مۇقىملىقنى قوغداش دانا تەدبىر، كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىللىقى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر يۈرگۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداش پولات سېپىلىنى پۇختا قۇردى.

داغدۇغىلىق يېڭى دۇنيا يارىتىش، تۈمەن چاقىرىملىق شەرق شامىلى بىلەن قالدۇق بۇلۇتلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاش. كەسكىن، مۇرەككەپ كۈرەش ۋەزىيىتى ئالدىدا، ئاپتونوم رايونىمىز پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى بوشاشتۇرماي ساقلاپ، قانۇن قورالى ئارقىلىق كۈرەش قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، جىنايەتكە زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرى كۆپ يۈزبېرىش، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتتى؛ جەمئىيەت قاتلىمىدىن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، مۇقىملىقنى قوغداشتا ئاسماندا تور، يەردە قاپقان قۇردى؛ چېگرانى باشقۇرۇش - كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، چېگرا ئاھالىلىرى چېگرا باشقۇرۇش، چېگرا قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چېگرانى مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ يىمىرىلمەس مۇداپىئە لىنىيەسىگە ئايلاندۇردى؛ دائىملاشقان مۇقىملىقنى قوغداش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ئىككى يۈرۈش بەنزە» خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى بوشاشتۇرمىدى، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى توختاتمىدى.

بالايى - ئاپەتنى تۈگىتىشكە ماھىر كىشى ئاۋۋال بالايى - ئاپەت يۈزبېرىشنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈپ تاپىدۇ. كېسەلنى داۋالاشقا ماھىر كىشى ئاۋۋال كېسەلنى مەنبەدىن تۈگىتىدۇ. ئىدېئولوگىيە ساھەسى چىڭ تۇتۇلۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى؛ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئەسەبىي ئىدىيە بىلەن بۇرمىلانغان قەلبلەر قۇتقۇزۇۋېلىندى.

پۈتۈن ھېسسىيات بىلەن خەلققە نەپ يەتكۈزۈپ بەخت - سائادەت ئاشۇرۇلدى، قەلب ۋە كۈچ مۇجەسسەملىنىپ ئىتتىپاقلىق ئىلگىرى سۈرۈلدى. بىر قولدا زوراۋان - تېررورچىلارغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىش تۇتۇلۇپ، بىر قولدا ئەڭ زور چەكتە ئىتتىپاقلىق تۇتۇلۇپ، قەلب مۇجەسسەملەندى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت، خاتىرجەم ئولتۇراقلاشتۇرۇش قاتارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرى ئاممىغا مۇقىم بەخت ئېلىپ كەلدى.

...

بىر قاتار ئۈنۈملۈك ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرلىرى جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى تۈپتىن ھەل قىلىش ئۈچۈن ۋاقىت ۋە تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈردى.

مۇقىملىق پايدىسى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلدى

9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)، دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا جېڭۋېي خەلقئارا گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭ يېڭى ماتېرىيال كەسىپلەر باغچە رايونى ئىچىدىكى 100 مىڭ توننىلىق ئىنچىكە مىس سىم ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى تەرتىپلىك ئايلىنىپ، ئىنچىكە مىس سىم مەھسۇلاتلىرى ئۈزلۈكسىز ئىشلەپچىقىرىلىۋاتاتتى. بۇ تۈر يادرولۇق تەتقىق قىلىپ ئېچىش تېخنىكىسىغا ئىگە بولۇپ، مەھسۇلاتنىڭ ئىقتىدارى خەلقئارادا ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرىدۇ، يەرلىكنى ھەم ئەتراپتىكى بازارلارنى تەمىنلىگەندىن سىرت، يەنە «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر ۋە رايونلارغا ئېكسپورت قىلىنىدۇ.

بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، جېڭۋېي گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى ۋاڭ ۋېنيىن بۇ تۈرنىڭ بارلىققا كېلىپ چېچەكلەپ مېۋە بېرىشكىچە بولغان جەريانىنى ئەسلىگىنىدە يەنىلا قاتتىق ھاياجانلىنىدۇ، «تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشتىن بۇلتۇر 11 - ئاينىڭ 26 - كۈنى باغچە رايونى ئېچىلىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگىچە پەقەت بىر يىللا ۋاقىت كەتتى! بىز شىنجاڭنى توغرا تاللاپتۇق!»

ۋاڭ ۋېنيىن سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: رەسمىي ھەمكارلىشىشتىن ئىلگىرى كۆڭلۈمدە: ئۈرۈمچى بىخەتەرمۇ - ئەمەسمۇ؟ بۇ يەرنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتى قانداقراق؟ مەبلەغ سېلىپ، كەسىپنى گۈللەندۈرۈشكە ماس كېلەمدۇ - كەلمەمدۇ؟ دېگەن ئۈچ سوئال بار ئىدى، كەلگەندىن كېيىن مەندىكى گۇمانلارنىڭ ئورنىنى ھەيرانلىق ئىگىلىدى، «شىنجاڭدا مۇقىملىق پايدىسى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلىپتۇ، يەنە <بىر بەلباغ، بىر يول> پۇرسىتى بار ئىكەن، بىزنىڭ كەلمەسلىككە سەۋەبىمىز يوق!»

ئالتە يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىپ بەردى. مۇقىملىق پايدىسى سىجىل قويۇپ بېرىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى، ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم ياشاپ، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. مۇقىملىق ئېلىپ كەلگەن «كۆپەيتكۈچى ئېففېكتى» ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچلۈك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشماقتا.

− پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدىغان، جەمئىيەت ماسلىشىدىغان، ئامما قاتنىشىدىغان، قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە بولغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئەندىزىسى «جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشى»نى شىنجاڭدا جانلىق نامايان قىلدۇردى.

− تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشنى مەقسەت قىلغان ئىسلاھات تەدبىرلىرى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، شىنجاڭ كۈنسېرى مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى بەخت تۇپرىقىغا ئايلاندى.

− ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىپ، باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى.

يېڭى - كونا مەنزىرىلەر ئۆزئارا قاتلىنىپ ھاسىل قىلدى يۆگىمە رەسىم، خۇددى ئۇستا رەسسام يېشىللىققا پۈركەنگەن تاغ چوققىسىنى سىزغاندەك. كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، 25 مىليون تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.