تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ دەۋر زەپەر مارشىنى ياڭرىتايلى

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، 9 - تۈركۈمدە مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى خۇلاسىلەش، تەقدىرلەش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىندا ئۈچ يىلدىن بۇيان شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ چەكسىز مېھىر - مۇھەببەت پۈتكەنلىكى، چېگرا رايونغا ئۆزىنى بېغىشلاپ پائال نەتىجە ياراتقانلىقى يۈكسەك تەرىپلەندى ھەم ئۇزاق مەزگىلدىن بۇيان شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەن، مەدەت بەرگەن مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرىغا سەمىمىي مىننەتدارلىق بىلدۈرۈلدى.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە بولغان تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى. ئۈچ يىلدىن بۇيان، كەڭ شىنجاڭ تۇپرىقىدا، 9 - تۈركۈمدە مەركەز ئورۇنلىرىدىن شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلار شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى بۇرچ دەپ قاراپ، شىنجاڭنى ئۆزىنىڭ يۇرتى دەپ بىلىپ، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشنىڭ قىزغىن ئەمەلىيىتىگە ھەقىقىي ھېسسىياتى بىلەن ئاتلىنىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، جاپالىق ئەجرى ۋە يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىش ئارقىلىق قالتىس كىشىلىك ھاياتىنى زىننەتلەپ، كىشىلىك ھاياتىدىكى تولىمۇ قىممەتلىك پەيتلەرنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بېغىشلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەرگە ئايلاندى. 9 - تۈركۈمدە مەركەز ئورۇنلىرىدىن شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلار جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى كۈچلۈك قوغداپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچلۈك كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە كۈچلۈك ياردەم بېرىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە مول نەتىجە يارىتىش، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك ئىشلارغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشۇپ، كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بېغىشلاپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنىڭ تەرەققىيات قىياپىتىنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى.

نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن بولغان، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولغان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىكىدىن بولغان، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە تۈرتكىسىدىن بولغان، شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ شەخسىيەتسىز تۆھپىسى ۋە جاپالىق تىرىشچانلىقىدىن بولغان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغانلىقىدىن بولغان. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كەڭ كادىرلار، ئىختىساسلىقلار سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ ۋە ئىشىنىشكە ئەرزىيدۇ، ئۇلارنىڭ شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش جەريانىدا چېنىقىپ يېتىلىپ نامايان قىلغان مۇتلەق سادىق بولغان سىياسىي پەزىلىتى، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىدىغان قەيسەر ئىرادىسى، جاسارەت بىلەن ئىسلاھ قىلىدىغان يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلقنى ئويلايدىغان چاكارلىق ھېسسىياتى، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان پۇختا خىزمەت ئىستىلى كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ دەۋر زەپەر مارشىنى ياڭراتتى.

دىيالېكتىك ماتېرىيالىزمدا مۇنداق كۆرسىتىلگەن: تاشقى ئامىل شەيئىلەر ئۆزگىرىشىنىڭ شەرتى، ئىچكى ئامىل شەيئىلەر ئۆزگىرىشىنىڭ ئاساسى. شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدە ئاچقۇچ يەنىلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىپ، سۇبيېكتلىق ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلاردىن تىرىشىپ ئۆگىنىش بىلەن بىللە، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش كۆتۈرەڭگۈ، جۇشقۇن روھىنى تولۇق نامايان قىلىپ، ئەمگەكچان بىر جۈپ قولى بىلەن بەختلىك تۇرمۇش يارىتىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئۇلۇغۋار پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئورۇنلار ۋە شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ شەخسىيەتسىز ياردىمىنى گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى غايەت زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇشىغا تايىنىشتا.

بېلىق سۇنىڭ قەدرىنى بىلگەندەك، بەختنىڭ مەنبەسىنى بىلىش كېرەك. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ مول نەتىجىلىرىنى مەڭگۈ قەدىرلەيدۇ، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىغا مەڭگۈ مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئورۇنلار ۋە شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ چوڭقۇر قېرىنداشلىق مېھرىنى مەڭگۈ ئەستە چىڭ ساقلايدۇ ھەم بۇ مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.