تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، زامانىۋى ئوبوروت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 8 - قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، زامانىۋى ئوبوروت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك

«ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش خىزمىتىنى يولغا قويۇش چارىسى»، «سودىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» قاراپ چىقىلدى

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 8 - قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى تەتقىق قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 8 - قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە رايون ئەۋزەللىكى، بايلىق ئەۋزەللىكى، مۇھىت ئەۋزەللىكى، ئېچىۋېتىش ئەۋزەللىكى، كېيىن تەرەققىي قىلىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، پائال قاتنىشىپ، زامانىۋى ئوبوروت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك. ئىدىيەۋى تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، ئوبوروت سىستېمىسىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتىدىكى ئۇللۇق رولىنى تولۇق تونۇپ، زامانىۋى ئوبوروت سىستېمىسى بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ، ھەقىقىي تۈردە زامانىۋى ئوبوروت سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە قىلىپ چىڭ تۇتۇش، پۇختا تۇتۇش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، قاتتىق دېتال ۋە يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئوبوروت ساھەسىدىكى تۈزۈم قائىدىسى ۋە ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، زامانىۋى ئوبوروت سىستېمىسىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۇنىڭ قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتىنى تېزلىتىش كېرەك. نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋى ئۇنىۋېرسال تىرانسپورت سىستېمىسى، زامانىۋى سودا ئوبوروت سىستېمىسى، جەمئىيەت ئىناۋەت سىستېمىسى، چىقىم راسچوتى قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ئۇل ئەسلىھەلىرى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. كەم - كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئاڭلىقلىق ۋە تەشەببۇسكارلىقنى كۈچەيتىپ، كەم - كوتسىز ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم، زور تەدبىرلەرنى ۋاقتىدا كونكرېت سىياسەت ۋە قانۇن - نىزاملارغا ئايلاندۇرۇپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى شىنجاڭدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا «ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش خىزمىتىنى يولغا قويۇش چارىسى» قاراپ چىقىلدى. يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، قار - مۇزلۇقنىڭ ئۆزىمۇ بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى زور كۈچ بىلەن ئاسراپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بولغان ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش كېرەك. ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىدا قەتئىي مېڭىپ، تەرەققىيات داۋامىدا قوغداش، قوغداش داۋامىدا تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق تەرەققىي قىلىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، ئۇنىۋېرسال ئۈنۈم ئىقتىدارىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، نازارەت قىلىش، جاۋابكارلىققا تارتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى يۇقىرى سەۋىيەدە ئاسراش ئارقىلىق، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

يىغىندا «سودىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» قاراپ چىقىلدى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇش ئالدىنقى شەرتىدە، تاۋار ۋە مۇھىم ئامىللارنىڭ ھەرىكەتچان تىپتىكى ئېچىۋېتىشتىن قائىدە قاتارلىق تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشكە ئۆزگىرىشىگە تېز تۈرتكە بولۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى يېتەكچى قىلىپ، ئىمپورت بىلەن ئېكسپورت، مال سودىسى بىلەن مۇلازىمەت - سودا، سودا بىلەن قوش يۆنىلىشلىك سېلىنما، سودا بىلەن كەسىپنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز سودىسىنىڭ سىجىل، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.