ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش يەنىمۇ تەتقىق قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى
نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك
چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەتقىق قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممە بىر نىيەتتە جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىپ نورماللاشتى. تەستە قولغا كەلگەن بۇ ياخشى ۋەزىيەتنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى قىلچە بوشاشتۇرماي چىڭ تۇتۇش ئالدىنقى شەرتىدە، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ئىلمىي، ئىنچىكە ياخشى تۇتۇش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، «تۆت بالدۇر» تەدبىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مېخانىزمى ۋە ئاممىۋى سەھىيە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆزىتىش - ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق مەيدان - سورۇنلار، نۇقتىلىق ئورۇنلار، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ مۇداپىئەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پورتلاردا سەھىيە كارانتىن قىلىش، سوغۇق زەنجىر يېمەكلىكلىرىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ۋە ئەشيا ئوبوروتى ھالقىلىرىدا دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى زۆرۈر مۇداپىئەنى ياخشى ئىشلەشكە تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، كۈز، قىش پەسلىدىكى ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەييارلىقىنى ئىنچىكە ياخشى ئىشلەش كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، سېلىنما تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، 1 - ، 2 - ، 3 - كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىستېمال قىزىق نۇقتىلىرىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، ساياھەتچىلىكنىڭ زور تەرەققىياتى، تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىپ كارخانىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، تېرىقچىلىق مەزگىلىگە دەخلى يەتكۈزمىگەن ئاساستا، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى ياخشى تۇتۇپ، كەسىپنىڭ ئايلىنىشى، بازارنىڭ ئايلىنىشى، ئىقتىساد، جەمئىيەت ئايلىنىشىنىڭ راۋان بولۇش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلار ۋە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەشتىكى باشلامچى كارخانىلار، نامراتلارنى يۆلەش سېخلىرى ۋە نامرات ئاھالىلەرگە دەل جايىدا ياردەم بېرىش - يۆلەشنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىش، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنى كۆزىتىش - ئۆلچەش، ھەرىكەت ھالىتىدە ياردەم بېرىش - يۆلەش، نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر يۈرگۈزۈپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قىلچە بوشاشتۇرماي ياخشى تۇتۇپ، ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئامما خىزمىتىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەپ، مۇقىملىق پايدىسىنى سىجىل قويۇپ بېرىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشقا بولغان رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈش پۇرسىتىنى تۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك كادىرلار خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسى ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلق ئاممىسى ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېھتىياجىغا ياردەم بېرىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىدىغان، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىدىغان، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىيدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.
شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.