تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

داۋاملىق ئىلگىرىلەش ئۈرۈمچىنىڭ تومۇر سوقۇشىنى ھېس قىلىش

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز جاڭ ۋەندې، جاڭ شىنجۈن، چىن پېڭ، نېي نىڭ، جامبولات ماناربېك): 9-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا ئادەم ۋە ئاپتوموبىل ئېقىمى بارغانسېرى كۆپەيدى.

ئۈرۈمچى ساي تېز سۈرئەتلىك يولى خۇڭسەن باغچىسى ئەتراپىدىكى يول بۆلىكىدە، يولغا چىققان ئاپتوموبىللار كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى. مۇخبىر جاڭ ۋەندې فوتوسى

ئۈرۈمچى شەھىرى جۇڭشەن يولىدا، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرى ماسكا تاقاپ سىرتلارغا چىقتى. مۇخبىر چىن پېڭ فوتوسى

  ئىلگىرىكى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى مۇقىم، تەرتىپلىك ھالدا ئىزىغا چۈشتى، شەھەرنىڭ كۈچلۈك تومۇر سوقۇشى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلدى.

ئۈرۈمچى شەھىرى دوستلۇق جەنۇبىي يولىدا، ئاپتوموبىللار ئۆچرەتتە تۇرۇپ قىزىل چىراغدىن ئۆتۈشنى كۈتمەكتە. مۇخبىر جاڭ ۋەندې فوتوسى

ئۈرۈمچى شەھىرى جۇڭشەن يولى ئەتراپىدىكى كوچىلاردا پىيادىلەر كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى. مۇخبىر چىن پېڭ فوتوسى

  شۇ كۈنى سائەت 11:00لەردە ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھاۋا سالقىن بولدى.

ئۈرۈمچى شەھىرى بېيجىڭ شىمالىي يولى ئوققازان زاۋۇتى BRT بېكىتى يول بۆلىكىدە، ئاپتوموبىل تەرتىپ بىلەن قاتناپ، شەھەر ئاھالىلىرى تەرتىپلىك ھالدا بېكەتكە كىرىپ ئاپتوموبىلغا چىقماقتا. مۇخبىر جاڭ شىنجۈن فوتوسى

  مۇخبىرلار ئايرىم -ئايرىم ھالدا ئۈرۈمچى شەھىرى جۇڭشەن يولى، شىسەن يولى، بېيجىڭ يولى، دوستلۇق يولى، ساي تېز سۈرئەتلىك يولى قاتارلىق يول بۆلەكلىرىدە يولدىكى ئاپتوموبىل ئېقىمىنىڭ كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەنلىكىنى كۆردى.

ئۈرۈمچى شەھىرى شىسەن يولى كۆتۈرمە كۆۋرۈكى ئۈستىدە، ئاپتوموبىل ئېقىمى بارغانسېرى كۆپەيدى. مۇخبىر جاڭ ۋەندې فوتوسى

ئۈرۈمچى شەھىرى خەلق يولىدا، ئاپتوموبىللار بارا-بارا كۆپەيدى. مۇخبىر جامبولات ماناربېك فوتوسى

ئۈرۈمچى شەھىرى شىسەن يولىدا، ئىككى شەھەر ئاھالىسى يۈك-تاقلىرىنى كۆتۈرۈپ ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا چىقىشقا تەييارلانماقتا، شۇ كۈنى ئاممىۋى ئاپتوبۇستىكى يولۇچىلار ئېقىمى كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى. مۇخبىر جاڭ ۋەندې فوتوسى

  داۋاملىق ئىلگىرىلەش، ئۇيقۇدىن ئويغانغىنى پەقەت بۇ شەھەرلا ئەمەس، بەلكى بۇ شەھەرنىڭ مېھىر- مۇھەببىتى ۋە ئىللىقلىقىمۇ ئۇيقۇدىن ئويغاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.