بۇ 9-ئاينىڭ 2-كۈنى تارتىلغان باغراش كۆلى ليەنخەي دۇنياسى مەنزىرە رايونىدىن بىر كۆرۈنۈش (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت).
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى باغراش ناھىيەسى «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيەنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، باغراش كۆلىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، قايدۇ دەرياسى ئېكولوگىيەلىك مەنزىرە بەلبېغى قۇرۇلۇشىنى زورايتىپ، مۇھىتنى تۈزەش ۋە ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ناھىيە بازىرىدىكى ئۈچ توغرىسىغا، ئالتە ئۇزۇنىسىغا كېلىدىغان سۇ سىستېمىسىنىڭ جايلىشىشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «سۇ شەھەردە ئاقىدىغان، شەھەر سۇدا ئەكس ئېتىدىغان، ئادەملەر سۇ بويىدا ماڭىدىغان» گۈزەل مەنزىرىنى شەكىللەندۈردى.
9-ئاينىڭ 2-كۈنى، باغراش ناھىيەسىدىكى بېلىقچىلار باغراش كۆلىدە بېلىق تۇتماقتا (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت).
9-ئاينىڭ 2-كۈنى، بىر سۇ قۇشى باغراش كۆلى يۈزىنى سىيپاپ ئۇچۇپ ئۆتمەكتە.
بۇ 9-ئاينىڭ 2-كۈنى تارتىلغان باغراش كۆلى سۇلۇق يېرىدىن بىر كۆرۈنۈش (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت).
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى