تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

بادام پىشتى دېھقانلار شادلاندى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى رايىدە

بادام

8 - ئاينىڭ باشلىرىدا، يەكەن ناھىيەسى ئارال يېزىسىنىڭ بۆلۈمە كەنتىدىكى 1000 مولۇق بادام ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىدا، باداملار تولۇق پىشقانىدى، ئالتۇن رەڭلىك باداملار بۇ يىللىق مول ھوسۇلدىن بېشارەت بېرىپ تۇراتتى.

كەنت ئاھالىسى گۈلنىسا روزى 15 مو باداملىقىغا قاراپ كۆڭلىدىكى خۇشاللىقىنى باسالمىغان ھالدا: «ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن كۆپ مېۋە بەردى، بۇ يىل قانداقلا بولمىسۇن 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپقىلى بولىدۇ» دېدى.

يەكەن ناھىيەسى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ بادام ئۆستۈرۈش بازىسى، ھازىر بادام ئۆستۈرۈلگەن كۆلەم 923 مىڭ مو بولۇپ، پۈتۈن ناھىيە بويىچە ئومۇمىي باغ كۆلىمىنىڭ %66.4ىنى، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي باداملىق كۆلىمىنىڭ %95تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ، بادام ئۆستۈرگەنلەر 120 مىڭ ئادەمدىن ئاشىدۇ.

پەن - تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىندى ھوسۇل ئاشتى

8 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، يەكەن ناھىيەسىنىڭ چارەك بازىرى شەھەر مەھەللە كەنتىدىكى بادام مول ھوسۇل باغچىسىدا، تېخنىكلار كەنت ئاھالىلىرىگە بادام پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسىنى ئۆگەتتى، كەنت ئاھالىسى ئابدۇقادىر يۈسۈپ تېخنىكلارنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى.

ئابدۇقادىر ئائىلىسىنىڭ ئالتە مو باداملىقى بار بولۇپ، ئىلگىرى ئىلمىي پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسى كەمچىل بولغاچقا، بادام ھوسۇلى يۇقىرى ئەمەس ئىدى، كىرىمىمۇ ياخشى ئەمەس ئىدى. «بىز پەرۋىش قىلىشنى بىلمىگەچكە، ھوسۇل ئاشمىغانىدى، ئالدىنقى بىرنەچچە يىلدا بىر مو يەردىن چىقىدىغان بادام 70 كىلوگىرامغىمۇ يەتمەيتتى، بۇ يىل ئوخشىمايدۇ، مو بېشى ھوسۇلىنىڭ 100 كىلوگىرامدىن ئېشىشىدا گەپ يوق» دېدى ئابدۇقادىر ئىشەنچ بىلەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەكەن ناھىيەسى يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى، ئورمانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، پەن - تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ، 34 خىل سورت ئىچىدىن ناچار شارائىتقا تاقابىل تۇرۇشچانلىقى كۈچلۈك، ھوسۇلدارلىقى يۇقىرى ئالتە خىل سورتنى تاللاپ يېتىشتۈرۈپ كېڭەيتتى. تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەش ئارقىلىق بادام ئۆستۈرىدىغان ئائىلىدىكىلەرگە كۈزدە ئوغۇتلاش، ئەتىيازدا قوشۇمچە ئوغۇتلاش، مېۋىلىك دەرەخلەرنى شەكىلگە كەلتۈرۈپ چاتاش قاتارلىق تېخنىكىلارنى ئىگىلەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە مەبلەغ سېلىنمىسىنى زورايتىپ، بۇ يىلىلا 160 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ بادامچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇردى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 10 مىليون يۈەندىن كۆپرەكى ياردەم پۇل مەبلىغى بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ھەسەل ھەرىسى باققۇچىلارنى جەلپ قىلىپ، 150 مىڭ ساندۇق ھەسەل ھەرىسى ئەكېلىپ چاڭلاشتۇرۇپ، مېۋىلەش نىسبىتىنى ئۆستۈردى.

نۆۋەتتە، يەكەن ناھىيەسى بادامنى ئاساس قىلغان 1 مىليون 360 مىڭ مو باغنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، 211 ئۆلچەملىك باغ ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى قۇرۇپ، باغ ھوسۇلىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.

«ھەربىر ئۆسۈش پەسلى ۋە پەرۋىش پەسلىدە، بىز كەنت ئاھالىلىرىنى نەق مەيداندا تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردۇق، ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولدى. 2018 - يىلى پۈتۈن ناھىيە بويىچە بادام ئومۇمىي ھوسۇلى 54 مىڭ توننا، 2019 - يىلى ئومۇمىي ھوسۇل 72 مىڭ توننا بولدى، 2020 - يىلى ئومۇمىي ھوسۇلنىڭ 86 مىڭ توننىغا يېتىپ، مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 390 مىليون يۈەن ئەتراپىدا ئېشىپ، كىشى بېشى كىرىمىنىڭ تەخمىنەن 550 يۈەن ئېشىشى مۆلچەرلەندى» دېدى يەكەن ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسىنىڭ مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى جاڭ چياڭ.

سۈپەتلىك ماركىلىق مەھسۇلات سېتىلدى پايدا ئاشتى

شەھەر مەھەللە كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى روزىگۈل ئابدۇقادىر باداملىقىدىكى ئۆزگىرىشلەر تىلغا ئېلىنغاندا، سەل ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە، ئائىلىمىز ئۆستۈرگەن بادامنىڭ ھوسۇلى يۇقىرى، سۈپىتى ياخشى، سېتىلىش باھاسىمۇ يۇقىرى».

روزىگۈل ئالتە مو يەرگە بادام ئۆستۈرگەن بولۇپ، ئىلگىرى بادام پىشقاندىن كېيىن، ئۆزى خېرىدار ئىزدەيتتى، بەزىدە سېتىشقا ئالدىراپ، ئامالسىز تۆۋەن باھادىلا سېتىۋېتەتتى.

«2018 - يىلىدىن بۇرۇن بىر كىلوگىرام بادامنى ئەڭ يۇقىرى بولغاندىمۇ 25 يۈەنگىلا ساتقىلى بولاتتى، بەزىلىرىنى ساتالمىساق ئېلىپ قېلىپ ئۆزىمىز يەيتتۇق ياكى ئۇرۇق - تۇغقانلارغا ئاپىرىپ بېرەتتۇق. بۇ بىرنەچچە يىلدا سىياسەت ياخشى بولغاچقا، بادامنى دەرىجىگە ئايرىپ ساتتۇق، بۇلتۇر ھەر كىلوگىرام بادامنى 30 يۈەندىن ساتتۇق» دېدى روزىگۈل كۈلۈپ تۇرۇپ.

تولۇق سېتىۋېلىش ئارقىلىق دېھقانلارغا «خاتىرجەم قىلىش كۇمىلىچى» بېرىش بىلەن بىللە، يەكەن ناھىيەسى يەنە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سۇپىسىغا تايىنىپ، شاڭخەيدىكى تۆت ئورۇندا يەكەننىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاسىتە سېتىش دۇكىنى تەسىس قىلدى ھەم كۆپ نۇقتا، كۆپ لىنىيە ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سىرتقا كەڭ كۆلەمدە سېتىشنى ئىشقا ئاشۇردى. شۇ جاي بەرپا قىلغان «يەكەن بادىمى» سۈپەتلىك ماركىسى «دۆلەت جۇغراپىيەلىك بەلگە قوغدىلىدىغان مەھسۇلاتى»غا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلتىماس قىلىنىپ، بازار رىقابەت كۈچى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈلدى.

ئىنچىكە پىششىقلاندى چەت ئەللەرگىچە سېتىلدى

8 - ئاينىڭ ئاخىرى، يەكەن ناھىيەسىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلەر باغچە رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ شياۋفېڭ يېزا ئىگىلىكىدە يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچىلار بىر تۈركۈم بادام يېغى زاكازىنى ئالدىراش تەييارلاۋاتاتتى.

«بىز 2018 - يىلى رويخەتكە ئالدۇرۇپ بۇ يەرگە ماكانلاشتۇق، بۇلتۇر ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىدۇق، نۆۋەتتە پىششىقلاۋاتقان مەھسۇلاتلىرىمىزدىن بادام يېغى، بادام ئوزۇقلۇق تالقىنى، بادام سوقمىقى قاتارلىقلار بار. 20 يېزا - بازاردا سېتىۋېلىش نۇقتىمىز بار، زاۋۇتتىكى 200گە يېقىن ئىشچى - خىزمەتچىنىڭ ھەممىسى شۇ جايدىكى دېھقانلار» دېدى شىنجاڭ شياۋفېڭ يېزا ئىگىلىكىدە يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلى جاڭ چياڭ.

بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭ شياۋفېڭ يېزا ئىگىلىكىدە يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىگە ئوخشاش بادامنى چوڭقۇر پىششىقلايدىغان بۇنداق كارخانىلار يەكەن ناھىيەسىدە بارغانسېرى كۆپەيدى. يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا، يەكەن ناھىيەسى ئۆستۈرۈش، سېتىۋېلىش، چوڭقۇر پىششىقلاشنى بىر گەۋدە قىلغان بادامچىلىق كەسىپ زەنجىرىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، بادامچىلىق كەسپىنى يىرىكلىكتىن ئىنچىكە پىششىقلاشقا ئۆزگەرتتى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ناھىيە بويىچە بادام يېغى، بادام سۈتى، بادام شاكىلاتى قاتارلىقلارنى چوڭقۇر پىششىقلاش كارخانىلىرى كىرگۈزۈلۈپ، 68 كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى تەشكىللەپ قۇرۇلۇپ، 262 باغۋەنچىلىك كەسپى كەنتى، 120 مىڭ دېھقان ئائىلىسىنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

2019 - يىلى، يەكەن ناھىيەسى سەيمى يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى 3500 توننا بادام سېتىۋېلىپ، سۈت تەملىك بادام، تۇزدا قورۇلغان كاۋاۋىچىن تەملىك بادام، بادام سۈتى قاتارلىق ئون نەچچە خىل مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقاردى، سېتىش سوممىسى 120 مىليون يۈەنگە يەتتى. ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇقاھار ئادىل مۇنداق دېدى: «ھازىر بىز ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى سۇپىسى ئارقىلىق مەھسۇلاتلىرىمىزنى تيەنجىن، جېجياڭ قاتارلىق جايلارغا ساتىمىز، سېتىلىش مىقدارى ئاشتى، پايدىمىزمۇ كۆپەيدى. بۇ يىل سېتىۋېلىش مىقدارىنى 5000 توننىغا كۆپەيتىپ، 100 ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشنى پىلانلىدۇق».

ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە يەكەن ناھىيەسىدە ئىشلەپچىقىرىلغان بادام تالقىنى، بادام سۈتى، بادام ھارىقى قاتارلىق نەچچە ئون خىل ھاسىلىي مەھسۇلات ياپونىيە، پاكىستان، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە سېتىلغان.

داۋاملاشتۇرۇپ ئوقۇش

شىنجاڭ دۆلىتىمىزدىكى بىردىنبىر بادام ئىشلەپچىقىرىلىدىغان رايون، بادام ئۆستۈرۈشنىڭ رايون خاراكتېرلىكى كۈچلۈك، ئۆلچەملەشكەن بازا قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەكەن ناھىيەسى، يېڭىسار ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردا بادام ئەۋزەللىك رايونى قۇرۇلۇشىنى مۇستەھكەملەش، يۈكسەلدۈرۈش كېرەك. سوغۇققا چىداملىق سورتلارنى تاللاپ يېتىشتۈرۈشنى زورايتىپ، خوتەن ۋىلايىتىدىكى بىر قىسىم ناھىيە، شەھەرلەردە سىناق تەرىقىسىدە كېڭەيتىپ ئۆستۈرۈش كېرەك. 2022 - يىلىغا بارغاندا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە بادام ئۆستۈرۈلگەن كۆلەم 1 مىليون 100 مىڭ مو ئەتراپىغا، ھوسۇلى 100 مىڭ توننا ئەتراپىغا يېتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.