تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

قىزىلگۈلنىڭ خۇش پۇرىقى ئونمىڭلىغان ئائىلىگە تارالدى

خوتەندە 65 مىڭ مو يەردىكى قىزىلگۈل 12 مىڭ دېھقان ئائىلىسىنىڭ كىرىمنى مۇقىم ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى

قىزىلگۈلنىڭ خۇش پۇرىقى ئونمىڭلىغان ئائىلىگە تارالدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل

5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، دېھقانلار كېرىيە ناھىيەسى ئويتوغراق يېزىسىنىڭ خاس قىزىلگۈل ئۆستۈرۈش ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىدا قىزىلگۈل ئۈزمەكتە. (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى)

بۇ يىل 3 - نۆۋەتلىك قىزىلگۈل مەنزىرىسى مەدەنىيەت - ساياھەت بايرىمىدا، 24 ياشلىق ئارزۇگۈل مەتتۇردى يان تېلېفون ئېكرانىغا قاراپ گۈلقەنتلىرىنى قىزغىنلىق بىلەن تونۇشتۇردى، ناھايىتى تېزلا بۇ گۈلقەنت، قىزىلگۈل چايلىرى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تېز يوللانما ئارقىلىق يەتكۈزۈلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خوتەن ۋىلايىتى قىزىلگۈل كەسپىگە تايىنىپ، يېتىشتۈرۈش، ئۆستۈرۈش، ئۈزۈشتىن يىغىپ سېتىۋېلىش، پىششىقلاش، سېتىشقىچە بولغان بىر پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈردى، خۇش پۇراق قىزىلگۈل دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشتىكى بەخت كەسپىگە ئايلاندى.

نۆۋەتتە، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قىزىلگۈل تېرىلغۇ كۆلىمى 65 مىڭ موغا يېقىن بولۇپ، شۇ جايدىكى 12 مىڭ ئائىلىلىك دېھقاننىڭ كىرىمنى مۇقىم ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. «قىرتاق» تەمنى يەتكۈچە تېتىشتىن ئىنچىكە پىششىقلاش، ئېچىشنىڭ «تاتلىق» تەمىنى تېتىشقۇچە، يەنە شۇ جايدىكى نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا تىرەك بولۇشقىچە، قىزىلگۈل كەسپىدە «ئۈچ تاقلاپ سەكرەش» مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، كەسىپ ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىش يولى ئېچىلدى.

تاشلىۋېتىلگەن قىزىلگۈل

كېرىيە ناھىيەسى ئارال يېزىسى بەشتوغراق كەنتىنىڭ بۇرۇندىنلا قىزىلگۈل ئۆستۈرۈش ئەنئەنىسى بار بولۇپ، ئۆيلەرنىڭ ئالدى - كەينىگە، ئېتىز قىرلىرىنىڭ ھەممىسىگە قىزىلگۈل ئۆستۈرۈلىدۇ. ھەر قېتىم گۈل ئېچىلىدىغان پەسىل يېتىپ كەلگەندە، ھەممە ئائىلىلەر ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىك − گۈلقەنت ياسايدۇ. بىر نان، بىر چەينەك چاي ۋە كىچىك بىر تەخسە گۈلقەنت شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ تاماق ئۈستىلىدىكى مەززىلىك تەم ھېسابلىنىدۇ.

كەنت ئاھالىسى ھەنىپە ئابدۇغېنىنىڭ بوۋا - مومىسى، ئاتا - ئانىسى قىزىلگۈل ئۆستۈرەتتى، ئۇمۇ ھازىر قىزىلگۈل ئۆستۈرىدۇ. ھەنىپە مۇنداق دېدى: بۇ گۈلقەنتلەرنى كېيىنكى يىلغىچىمۇ يەپ بولالمايمىز، ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلەرنىڭ ئۆيلىرىدىمۇ ئۆستۈرۈلىدىغان بولغاچقا، باشقىلارغا سوۋغا قىلاي دەپمۇ سوۋغا قىلغىلى بولمايدۇ.

گۈلقەنت ياساپ ئېشىپ قالغان گۈللەرنى كەنت ئاھالىلىرى بازارغا ئاپىرىپ ساتاتتى. چۈشتىن بۇرۇن ئۈزگەندە رەڭگى چىرايلىق قىزىلگۈللەرنىڭ چۈشتىن كېيىن رەڭگى ئاستا - ئاستا ئۆڭۈپ كەتكەچكە، سېتىش تەسكە توختايتتى. گۈل سېتىۋالىدىغانلار ئاز، مىقدارىمۇ ئاز بولغاچقا، ھەر كىلوگىرامىنىڭ سېتىۋېلىش باھاسى بىر يۈەنگە يەتمەيتتى. ئۈمىدسىزلەنگەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بەزىلىرى سېتىپ چىقىرالمىغان گۈللەرنى كېرىيە دەرياسىغا تۆكۈۋېتەتتى، بەزىلىرى قىزىلگۈلنىڭ ھەممىسىنى بىراقلا يۇلۇۋېتەتتى.

1997 - يىلىدىن بۇيان، قىزىلگۈل شۇ جاينىڭ خاس كەسپى سۈپىتىدە زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىلدى، ھەنىپە ۋە كەنت ئاھالىلىرى قىزىلگۈلنى ئېتىزلىققا «تەكلىپ» قىلىپ، ئۇنىڭغا «قۇملۇق قىزىلگۈلى» دەپ نام قويدى. «ھازىر ئوخشىمايدۇ، بازارغا ئېلىپ بارمىساقمۇ بولىدۇ، ناھايىتى نۇرغۇن كىشى ئېتىزغا كېلىپ سېتىۋالىدۇ، يېڭى گۈل ۋە قۇرۇتۇلغان غۇنچىسىنى ياخشى باھادا ساتقىلى بولىدۇ» دېدى ھەنىپە.

بازىرى ئىتتىك قىزىلگۈل

قىزىلگۈلدىكى ئۆزگىرىش كۆلەملەشتۈرۈپ ئۆستۈرۈش، ئىنچىكە تۈجۈپىلەپ پەرۋىش قىلىش ۋە گۈلچىلەرنىڭ تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنىڭ ئۆسۈشىدىن كەلدى. بۇ نۇقتىدا شېنخۇا شىنجاڭ خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ئارال يېزىسى غادراڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى گو يۇڭ ئەڭ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە.

غادراڭ كەنتىدىكى ئائىلىلەرنىڭ ھەممىسى قىزىلگۈل ئۆستۈرىدۇ، لېكىن دېھقانلارنىڭ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى ئوخشاش بولمىغاچقا، ھەر مو يەردىن قىلىنغان كىرىم پەرقىمۇ ناھايىتى چوڭ ئىدى. شۇڭا شېنخۇا شىنجاڭ خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ تېخنىك خادىملىرىنى تەكلىپ قىلىپ، كەنتتە 25 مو يۇقىرى ھوسۇللۇق ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى بەرپا قىلىپ، نەق مەيداندا ئوقۇتۇش ۋە مەركەزلەشتۈرۈپ دەرس ئۆتۈش ئارقىلىق، كەنتكە قىزىلگۈل ئۆستۈرۈش تايانچلىرىنى يېتىشتۈرۈپ بەردى.

«بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن كەنتتە 2000 مو يەرگە قىزىلگۈل ئۆستۈرۈلدى، مو بېشى كىرىمى 3000 يۈەندىن ئاشتى، قىزىلگۈل كەنتنىڭ يېتەكچى كەسپىگە ئايلاندى» دېدى گو يۇڭ.

سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئەنئەنىۋى كىچىك ھەم تارقاق قىزىلگۈل كەسپى تەدرىجىي ھالدا «كارخانا + بازا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى +دېھقان ئائىلىسى»دىن ئىبارەت زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات شەكلىگە قاراپ تىپ ئۆزگەرتىپ، كەسىپ تەرەققىيات سەۋىيەسى ۋە ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ناھىيە بويىچە قىزىلگۈل ئۆستۈرۈش كۆلىمى 46 مىڭ موغا يېتىپ، يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 7000 توننىدىن ئېشىپ، «كېرىيە قۇملۇق قىزىلگۈلى» مەملىكەت بويىچە داڭلىق، ئالاھىدە، سۈپەتلىك، يېڭى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تىزىملىكىگە تاللاپ كىرگۈزۈلدى.

سىپىرەمخان مەتتوختى غادراڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بولۇپ، ئائىلىسىدىكىلەر بەش مو يەردە قىزىلگۈل ئۆستۈردى. «ئىلگىرى تېخنىكا بىلمەيتتىم، گۈل شاخلىرىنى چاتاشقىمۇ كۆزۈم قىيمايتتى. قىزىلگۈل ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەشكە قاتناشقاندىن كېيىن، مەن قەتئىي ھالدا تېخنىكا تەلىپى بويىچە ئوغۇتلايدىغان، گۈل شاخلىرىنى چاتايدىغان بولدۇم. گۈل ئۆستۈرۈپ 15 مىڭ يۈەن، گۈل ئۈزۈپ 4000 يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلدىم، ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشقا ئورۇنلىشىپ ئايدا 2000 يۈەن كىرىم قىلىمەن، بۇ يىل قىزىلگۈلدىنلا 40 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىمەن.» سىپىرەمخاننىڭ چېھرىدىن كۈلكە جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.

ئۆزگەرگەن قىزىلگۈل

خوتەن شەھىرىگە جايلاشقان شىنجاڭ خوتەن ياڭگۇاڭ قۇملۇق قىزىلگۈل چەكلىك شىركىتىنىڭ كۆرگەزمىخانىسىغا كىرگەن كىشىلەر نەپىس ئورالغان قىزىلگۈل مەھسۇلاتلىرىنى قولىدىن چۈشۈرگىسى كەلمەيدۇ.

«گۈلقەنت، قىزىلگۈل چېيى، قىزىلگۈل جەۋھەر مېيى، قىزىلگۈل ساپ شەربىتى... بىز تەتقىق قىلىپ ئاچقان مەھسۇلاتلار بەش چوڭ تۈر بولۇپ، 100 خىلدىن ئاشىدۇ. قاراڭ، بۇ يېڭى قىزىلگۈلدىن ئېلىنغان قىزىلگۈل سۈيى، بىزنىڭ خېرىدارلىرىمىز پۈتۈن مەملىكەتكە تارقالغان، سېتىلىش مىقدارى بەك ياخشى.» شىنجاڭ خوتەن ياڭگۇاڭ قۇملۇق قىزىلگۈل چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لى يۈچىڭ پەخىرلەنگەن ھالدا شۇنداق تونۇشتۇردى.

قىزىلگۈلنىڭ تۈرلۈك يارقىن مەھسۇلاتلارغا ئۆزگىرىشىدە تايىنىلغىنى ئىنچىكە پىششىقلاش.

2009 - يىلى، شىنجاڭ خوتەن ياڭگۇاڭ قۇملۇق قىزىلگۈل چەكلىك شىركىتىنىڭ 2000 كىلوگىرام قىزىلگۈل جەۋھەر مېيى ئېلىش ھەم 7000 توننىلىق ھاۋا تەڭشەپ سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتى تۈرى قىزىلگۈلنى ئىنچىكە پىششىقلاش يولىنى ئاچتى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ شىركەت تەرەققىي قىلىپ مەركەزلىك ئۆستۈرۈش، پىششىقلاش، سېتىش، تەتقىق قىلىپ ئېچىش بىر گەۋدىلەشكەن قىزىلگۈلنى ئىنچىكە پىششىقلاش كارخانىسىغا ئايلاندى.

قىزىلگۈل بىلەن بىللە ئۆسۈپ يېتىلىپ، پورەكلەپ ئېچىلغانلاردىن يەنە شىنجاڭ كېرىيە گۇيمى بىيو پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى بار. شۇ جايدىكى قىزىلگۈل كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى يېتەكلەيدىغان باشلامچى كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ شىركەت كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، قوشۇلما قىممەتنى ئۆستۈرۈشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، تەتقىق قىلىپ ئېچىش سالمىقىنى زورايتىپ، قىزىلگۈلدىن ئىنچىكە پىششىقلانغان يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلارنى شەكىللەندۈردى، نۆۋەتتە مەھسۇلات تۈرى 65تىن ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلماقتا.

باشلامچى كارخانىلارنىڭ تۈرتكە بولۇشىدىن باشقا، كېرىيە ناھىيەسى يەنە قىزىلگۈل دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن 14نى قۇرۇپ، كۆلەملەشتۈرۈپ ئۆستۈرۈش، ئىلمىي پەرۋىش قىلىش ئارقىلىق، يەرلىك قىزىلگۈلنى خاسلىققا ئىگە قىزىلگۈل مەھسۇلاتلىرىغا «ئۆزگەرتىپ»، شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ قىزىلگۈل كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى جەڭگىۋار قوشۇنغا ئايلاندى.

داۋاملاشتۇرۇپ ئوقۇش

ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزىلگۈل ئۆستۈرۈش تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدىكى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسى، خوتەن شەھىرى، خوتەن ناھىيەسى، قاراقاش ناھىيەسى، لوپ ناھىيەلىرىگە نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان. 2022 - يىلىغا بارغاندا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە خۇش پۇراق زىرائەت (ئۈستىقۇددۇس، قىزىلگۈل، ۋەنشۇجۈ، زىرە قاتارلىقلار) تېرىلغۇ كۆلىمىنى 350 مىڭ مودىن 450 مىڭ موغىچە يەتكۈزۈش پىلانلاندى. 2025 - يىلىغا بارغاندا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە خۇش پۇراق زىرائەت تېرىلغۇ كۆلىمى 400 مىڭ مودىن 500 مىڭ موغىچە يەتكۈزۈلۈپ، خۇش پۇراق زىرائەت ئۆستۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش بازىسى قۇرۇپ چىقىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.