تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

كەسىپلەر ساياھەتنى چۆرىدەپ ئۆزگەرتىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى رېن جياڭ

جامبۇلاق بوشلۇق بۇغدايلىقى (8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان). (يەن يوۋسەي فوتوسى)

«بىر كەسىپ گۈللەنسە كۆپ كەسىپ جانلىنىدۇ»، ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش شىنجاڭنىڭ ئەڭ يوشۇرۇن كۈچكە ۋە سېلىشتۇرما ئەۋزەللىككە ئىگە ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ساياھەت ئۇنىۋېرسال كەسىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. «ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش» ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇلغان ئىككى يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار ساياھەتنى بۆسۈش تېمىسى قىلىپ، ساياھەتنى غول لىنىيە قىلىپ، تۈرلۈك كەسىپلەرنى پىلانلىدى ۋە ئورۇنلاشتۇردى، ھەم «ئۆزگەرتىش»نى تېزلىتىپ، «تەڭشەش»نى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپلەرنى ساياھەتنى چۆرىدەپ ئۆزگەرتىپ، كەسىپ ھالقىپ يۇغۇرۇش، كەسىپ ھالقىپ بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، كەسىپ بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، زور بىر تۈركۈم يۇغۇرما يېڭى كەسىپ ھالىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ساياھەتچىلىكنى باشلامچى قىلغان، كەسىپ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ۋەزىيەتنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈردى.

«ساياھەت + يېزا ئىگىلىكى» 1 - كەسىپنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشى، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىلىشىنى بازار يېڭى يولى بىلەن تەمىنلىدى.

7 - ئاينىڭ باشلىرى، باغراش ناھىيەسى تاۋۇن جۆگۈن يېزىسى خار ئىنگىن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى جاۋ شىبياۋنىڭ مېۋە، كۆكتات ئۈزۈش بېغىدا ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، «باغ ئېچىلىشى بىلەنلا نۇرغۇن ئادەم كېلىپ مېۋە، كۆكتات ئۈزدى، ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر كۈندە 800دىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدۇق.» جاۋ شىبياۋ باغراش ناھىيەسى بېنپاۋ بەسەي تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش ئەزاسى. باغراش ناھىيەسى يېزا ئىگىلىكى ئارقىلىق ساياھەتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ساياھەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلەتتى. ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋەزىيەتكە قاراپ ھەرىكەتكە كېلىپ، 40 نەچچە مو كۆكتاتلىقنى مېۋە - كۆكتات ئۈزۈش بېغىغا ئۆزگەرتتى، بۇ يىل يەنە كۆلەمنى 100 نەچچە موغا كېڭەيتىپ، يېشىل ئورگانىك مېۋە، كۆكتات تۈرىنى 125 خىلغا يەتكۈزۈپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

باغراشقا ئوخشاش، نۇرغۇن جاي ئۆز جايىنىڭ ئەۋزەل بايلىقىنى تۇتقا قىلىپ، خاس كەسىپ شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمىنى تېزلەتتى، بارغانسېرى كۆپ كەنت ساياھەتنى راۋاجلاندۇرۇش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىرلەشتۈرۈلگەن چوڭ ۋەزىيەتكە تەرتىپلىك قاتناشتى، ئىشلەپچىقىرىش، ئىستىراھەت، ھېس قىلىش بىر گەۋدە قىلىنغان بىر تۈركۈم خاس يېزا ئىگىلىك ساياھەت - ئېكسكۇرسىيە بازىلىرى بارلىققا كەلدى. شىنجاڭدىكى 56 كەنت پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يېزا - كەنت ساياھىتىدىكى نۇقتىلىق كەنت بولۇپ باھالىنىپ، سانى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى؛ 70 كەنت ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا - كەنت ساياھىتىدىكى نۇقتىلىق كەنت بولۇپ باھالاندى، بۇ يىل يەنە 160 كەنت ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا - كەنت ساياھىتىدىكى نۇقتىلىق كەنت بەرپا قىلىشنى ئىلتىماس قىلدى، ھەرقايسى جايلارنىڭ يېزا - كەنت ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قىزغىنلىقى سىجىل ئاشتى.

«سانائەت + ساياھەت» ئاممىۋىلىشىشقا يۈزلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىدىكى يېڭى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى.

2018 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئۈرۈمچى شەھىرى نۇرغۇن داڭلىق يېمەكلىك پىششىقلاش كارخانىسىنى كىرگۈزۈپ، نان مەدەنىيىتىنى كۆرگەزمە قىلىش، نان ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، سېتىش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسى بەرپا قىلدى. نۆۋەتتە، بۇ يەر ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مۇھىم يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش بازىسى ۋە سانائەت ساياھىتى مەنزىرە نۇقتىسىغا ئايلاندى، ئەڭ كۆپ بولغاندا ھەر كۈنى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 20 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ماس قەدەمدە بىر تۈركۈم نانچىلىق كەسىپلەر باغچىلىرى بارلىققا كېلىپ، سودا كوچىسى، ساياھەت تاۋارلىرى يىغىلىش - تارقىلىش ئورنى بىلەن ئۆزئارا سىڭىشىپ بىللە مەۋجۇت بولۇپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپلەرنى تۇتاشتۇرۇپ يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرىدىغان «مەرۋايىت مارجان»غا ۋە چوقۇم ساياھەت قىلىدىغان نۇقتىغا ئايلاندى.

ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى كۆكتوقايدا، تاشلاندۇق كان ئازگىلى ئېكولوگىيەلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق، بىرلا ئۆزگىرىپ توردا كەڭ تارقالغان سانائەت ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسىغا ئايلاندى؛ شىنجاڭ شياۋچۇ يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىدە، ھەرقايسى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ بولۇپ، ساياھەتچىلەر يەنە قەدىمكىگە تەقلىد قىلىنغان دۇكانلاردا سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرسا، ئاچچىقسۇ تەملىك ۋە جياڭيۇ تەملىك ماروژنى قاتارلىقلارنى تېتىپ كۆرۈپ، يېمەكلىكلەردىن قانغۇچە ھۇزۇرلانسا بولىدۇ... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز مول ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، يېمەكلىك پىششىقلاش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق پىششىقلاش، ئۈزۈم ھارىقى قاتارلىق كەسىپ بايلىقلىرىغا تايىنىپ، سانائەت كارخانىلىرىنى سانائەت ساياھىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا پائال يېتەكلىدى ھەم ئۇلارغا مەدەت بەردى، سانائەت ساياھىتىدىكى بىر تۈركۈم ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىلىرىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، سانائەت ساياھىتىنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسىدىكى قىممىتىنى جارى قىلدۇردى ھەم ئامما بەھرىمەن بولىدىغان ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى يېڭىلىق يارىتىپ ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت تەسىراتىنى بېيىتىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يېڭى تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتتى.

«ساياھەت +» مۇھىم ۋاسىتە قىلىنغان پۈتۈن رايون ساياھىتى ئۈچ كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولدى.

بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئۈرۈمچى ناھىيەسى شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالاپ، دامياۋ كەنتى سەھرا ساياھىتى ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى تۈرىنى قۇردى. بۇ تۈر ئۈرۈمچى نەنسەننىڭ ساياھەت بايلىقىغا تايىنىپ، «يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئۈچ كەسىپنى يۇغۇرۇش»نى نىشان قىلىپ، دامياۋ كەنتىنى «ئېكولوگىيە، ساغلاملىق - كۈتۈنۈش، ساياھەت» بىر گەۋدە قىلىنغان «ساياھەت +» كەسىپ بازىسىغا ئايلاندۇرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى ناھىيەسى چوڭ نەنسەن خەلقئارا ساياھەت رايونى ۋە پۈتۈن رايون ساياھىتىدىن ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىشنى زىچ چۆرىدەپ، ساياھەت قۇرۇلۇشى سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق، ساياھەت بازىرىنى تەرتىپكە سېلىش، ساياھەت مۇلازىمەت مۇھىتىنى ياخشىلاشنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتىنى ئىشقا ئاشۇردى. 2019 - يىلى، بۇ ناھىيە كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 15 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، ساياھەت كىرىمى 20 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يەتتى.

«ساياھەت + تەنتەربىيە» «ساياھەت + قاتناش» «ساياھەت + مېتېئورولوگىيە» «ساياھەت + ساغلاملىق - كۈتۈنۈش» «ساياھەت + مائارىپ» قاتارلىق ئەندىزىلەر مەيدانغا كېلىپ، ساياھەت يېڭى كەسىپ ھالىتى ئۈزۈلمەي بارلىققا كېلىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ نوقۇل مەنزىرە نۇقتىسى، مەنزىرە رايونى قۇرۇلۇشىدىن ئۇنىۋېرسال ساياھەت مەنزىلگاھى مۇلازىمىتىگە ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، «ھەممىلا جاي ساياھەتكە باب كېلىش، ھەممىلا ساھەدە ساياھەت بولۇش، ھەممىلا ۋاقىتتا ساياھەت قىلغىلى بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇردى. ئىگىلىنىشىچە، 2019 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزدا ساياھەتچىلىك، ئېلېكتىرونلۇق سودا، سودا ئەشيا ئوبوروتى مۇھىم نۇقتا قىلىنغان 3 - كەسىپ تېز تەرەققىي قىلىپ، ئىقتىسادقا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %63.3كە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ساياھەتچىلىكتە 345 مىليارد 265 مىليون يۈەن كىرىم يارىتىلغان.

ئېسكۇرسىيە - ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى، يېزا - كەنت ئىستىراھەت باش تېما باغچىسى، پۇقراۋى قونالغۇ ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى قاتارلىقلار يۇلتۇزلاردەك تارالدى، سانائەت ساياھىتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، مەدەنىيەت ئۆرپ - ئادەت باغچىسى، كەچلىك بازار قاتارلىق كوچا - رايون كەسىپلەشكەن مەيدان - سورۇنلارنى كۆرۈپ ئۈلگۈرگىلى بولمايدۇ، مەنزىرە رايونى، شەھەر رايونى، دېھقانچىلىق رايونى ئۆزئارا تۇتىشىپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى تەدرىجىي ياخشى ھالەتكە قەدەم قويدى... «شىنجاڭنى ساياھەت ئىقتىسادى كۈچلۈك رايون، دۇنيادىكى مۇھىم ساياھەت مەنزىلگاھى قىلىپ بەرپا قىلىش ئۈچۈن، كەسىپنى جەزمەن ساياھەتنى چۆرىدەپ ئۆزگەرتىپ، شۇ ئارقىلىق كەسىپ ئەندىزىسىنى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازار كۆلىمى ۋە سۈپىتىنى ماس قەدەمدە ئۆستۈرۈپ، ساياھەت ئىستېمالى ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىكى ئالاقىدار زات.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.