− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەنخۇيدا تەكشۈرۈشتە بولغانلىقى توغرىسىدا
خەلق گېزىتى مۇخبىرلىرى دۇ شاڭزې، جۇ سىشيۇڭ، شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ شياۋسۇڭ
8 - ئايدىكى چاڭجياڭ - خۇەيخې تۇپرىقى ئوتتەك قىزىپ كەتكەنىدى.
8 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىن 21 - كۈنىگىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەنخۇيغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈردى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم خېفېيدا چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى.
بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە ئىككى چوڭ مۇھىم نۇقتا بار: بىرى، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە دەريا، كۆللەرنى تىزگىنلەش، يەنە بىرى، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش.
كەلكۈن مەزگىلى كىرگەندىن بۇيان، چاڭجياڭ دەرياسى، خۇەيخې دەرياسى، چاۋخۇ كۆلى قاتارلىقلارنىڭ سۇ ئورنى بىر مەھەل ئېھتىيات سۇ ئورنىدىن ئېشىپ كەتتى. ئەنخۇينىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئۈچ سەپ بويىچە جەڭ قىلىندى، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسى مۈشكۈل بولدى. قانداق قىلىپ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشنى كۈچەيتىش، خۇەيخې دەرياسى ۋە چاۋخۇ كۆلىنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاسراش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارغا شى جىنپىڭ ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، بولۇپمۇ ئاپەت رايونىدىكى ئاممىنى ئەسلەپ تۇردى، «بۇ مەن ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى».
چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇھىم، زور دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە كۆتۈرۈلگەندىن بۇيان، قانداق ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە ئالدىدا قانداق قىلغاندا يېڭى پۇرسەت يېتىلدۈرگىلى، يېڭى ۋەزىيەت ياراتقىلى بولىدۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئەڭ يېڭى ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. «چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى، ئوتتۇرا ئېقىنىدىكى رايونلارنىڭ ھەممىسىنى كۆردۈم ھەم سۆھبەت يىغىنى ئاچتىم، بۇ قېتىم تۆۋەن ئېقىنغا بېرىپ كۆرۈپ كېلىمەن، سۆھبەت يىغىنىمۇ ئاچىمەن».
دۆلەت ئىچى - سىرتى ۋەزىيىتى چىگىش، مۇرەككەپ، ئەنخۇي سەپىرىدە، مۇھىمى ئىككى چوڭ تېمىغا جاۋاب بېرىلگەنلىكىدە:
كىم ئۈچۈن، كىمگە تايىنىش كېرەك؟ «خەلق» دېگەن سۆزنىڭ ۋەزنى ئىنتايىن ئېغىر. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ھەرقانداق ۋاقىتتا بىز ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىشىمىز، خەلقتىن ئىبارەت بۇ يىلتىزنى ئۇنتۇماسلىقىمىز، مەڭگۈ خەلققە سادىق مۇلازىمەتچى بولۇشىمىز كېرەك».
يەرشارىۋى بازار تارىيىۋاتقان تاشقى مۇھىتقا يۈزلىنىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىنىڭ تېز ئۆزگىرىشىگە يۈزلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئەڭ مۇھىمى جەزمەن كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىش، بوران چىقىپ دولقۇن كۆتۈرۈلسىمۇ، بېلىق تۇتۇش سۇپىسىدا مەزمۇت ئولتۇرۇش».
بىرىنچى، سۇ ئاپىتىنى تىزگىنلەش، سۇچىلىقنى گۈللەندۈرۈش
2020 - يىلى مۇقەررەر ئالاھىدە يىل بولىدۇ، يۇقۇم ۋە كەلكۈن گىرەلىشىپ كېلىپ، ئارقا - ئارقىدىن چوڭ سىناقلارغا دۇچ كەلدۇق. پۈتۈن مەملىكەت بويىچە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋەزىيىتىدىكى ئەڭ كۈچەيدىغان پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇق بەردى.
ئەنخۇي كەلكۈن ئەڭ ئېغىر بولغان ئۆلكىلەرنىڭ بىرى. تەۋەسىدىكى چاڭجياڭ دەرياسى، خۇەيخې دەرياسى غول ئېقىنىنىڭ پۈتۈن لىنىيەسىدە سۇ ئورنى ئېھتىيات سۇ ئورنىدىن ئېشىپ كەتتى، چاۋخۇ كۆلى 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان يۇقىرى سۇ ئورنىغا دۇچ كەلدى. ۋاڭجيابا چۈشۈرگىسى ئارىدىن 13 يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم چۈشۈرگىنى ئېچىپ كەلكۈن سۈيىنى ساقلىدى، چاۋخۇ كۆلىدىكى ئاساسلىق توسما ئېغىزلىرىدىمۇ چۈشۈرگىنى ئېچىپ كەلكۈننى بۆلۈش يولغا قويۇلدى. كۈز كىرگەندىن كېيىن، ئىزچىل سۇغا چىلىشىپ تۇرغان كۆل توسمىلىرىنىڭ خەتەر يوشۇرۇن خەۋپى كۆپىيىدۇ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن.
بۇ قېتىم باش شۇجىنىڭ ئەنخۇيگە بېرىشى، ئاپەت رايونىنىڭ ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، ئاپەت رايونىدىكى ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالىنى كۆرۈش ئۈچۈندۇر. خۇەيخې دەرياسى ساھىلى، چاڭجياڭ دەرياسى بويى، چاۋخۇ كۆلى توسمىسى... پىژغىرىم ئىسسىقتا، ئۇ توختىماستىن كۆپ جايلارغا باردى.
بىرىنچى بېكەت، ۋاڭجيابا چۈشۈرگىسى، بۇ چۈشۈرگىنىڭ مىڭ چاقىرىملىق خۇەيخې دەرياسىدىكى «بىرىنچى چۈشۈرگە» ۋە خۇەيخې دەرياسىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈشتىكى «بارومېتىرى» دېگەن نامى بار. ۋاڭجيابا چۈشۈرگىسىنىڭ تۆۋىنى 180 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان مېڭۋا كەلكۈن سۈيىنى ساقلاش رايونى. بۈگۈنكى كۈندە، كەلكۈن سۈيى يېنىپ، دەريا سۈيى تىنچ ئاقماقتا ئىدى، بۇ 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىكى كىشىنى ساراسىمىگە سالىدىغان ئەھۋال بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولغانىدى.
شۇ جايدىكى مەسئۇل يولداش باش شۇجىغا چۈشۈرگىنى ئېچىپ كەلكۈن سۈيىنى ساقلاش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى.
قارا يامغۇر شارقىراپ يېغىپ، دەريا سۈيى ئۆركەشلەپ ئاقتى. ۋاڭجيابا چۈشۈرگىسى ئېھتىيات سۇ ئورنىدىن كاپالەت سۇ ئورنىغا چۈشۈرۈلۈشىگىچە پەقەت 51 سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىندى. 7 - ئاينىڭ 19 - كۈنى كەچقۇرۇن، ئۇلار چۈشۈرگىنى ئېچىپ كەلكۈن سۈيىنى ساقلاش ۋە ئاممىنى چېكىندۈرۈش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالدى. بوران - چاپقۇندا، ئامما قوي - كالىلارنى ھەيدەپ، ئۆي بېساتلىرىنى كۆتۈرۈپ، ياشانغانلارنى يۆلەپ، بالىلارنى يېتىلەپ ماڭدى... بۇيرۇق چۈشۈرۈلگەندىن باشلاپ مېڭۋا كەلكۈن سۈيى ساقلاش رايونىنىڭ بىخەتەر بولمىغان رايونىدىكى 2000 دىن ئارتۇق ئاممىنىڭ ھەممىسىنى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇشقىچە، پەقەت يەتتە سائەتلا ۋاقىت كەتتى.
ۋاڭجيابا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش كۆرگەزمە زالىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خەرىتىسىنى تەپسىلىي كۆردى. 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، ۋاڭجيابا چۈشۈرگىسى ئىلگىرى 16 قېتىم چۈشۈرگىنى ئېچىپ كەلكۈن سۈيىنى قويۇپ بەرگەن. 2007 - يىلىدىن بۇيان، بۇ يەر ئىزچىل تىنچ - ئامان بولۇپ كەلگەنىدى، بۈگۈنكى كۈندە بىر كېچىدىلا چېكىندۈرۈلىدىغان بولدى! مېڭۋالىقلار ۋاڭجيابا روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئومۇمىيەتنى تونۇپ، چوڭ ۋەزىيەتنى كۆزلەپ، شەخسىي مەنپەئىتىنى قۇربان قىلىپ كوللېكتىپنى ئويلاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، جىددىي يۆتكىلىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا مۇھىم، زور تۆھپە قوشتى.
«گەرچە خېلى كۆپ ئامما ئاپەتكە ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، بىر تۈركۈم مۇھىم، زور سۇچىلىق ئەسلىھەلىرى ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇردى، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى بارغانسېرى مۇكەممەللەشتى، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، ۋاسىتە ۋە بايلىقمۇ بارغانسېرى موللاشتى، ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇش نەتىجىسىدە، ئەمدى جىددىيلەشمەيدىغان بولدۇق.» باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەلەپ قىلدى: «70 يىلدىن بۇيانقى خۇەيخې دەرياسىنى تىزگىنلەش تەجرىبىلىرىنى ياخشى خۇلاسىلەپ، <14 - بەش يىل> مەزگىلىدىكى خۇەيخې دەرياسىنى تىزگىنلەش لايىھەسىنى ئەستايىدىل پىلانلاش كېرەك».
كەلكۈن ئۆتۈپ كەتكەن ئېتىزلار تېخى قۇرۇماي تۇرۇپ، مېڭۋا جانلىنىشقا باشلىدى، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈشتىن تېخى دېمىنى ئېلىۋالمىغان يۇرتداشلار ئالدىراش بولۇپ كەتتى.
يېقىن ئەتراپتىكى خۇڭلياڭ چامادان - سومكا چەكلىك شىركىتى شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى بىلەن قۇرۇلغان نامراتلارنى يۆلەش سېخى ئىدى. ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلاشقان خىزمەتچى جاڭ لى ھەر ئايدا 2000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپالايدۇ، يەنە ئائىلىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايدۇ. كەلكۈن كەلگەندە، ئۇ «تاماق قاچىسى»نىڭ سۇدا غەرق بولۇشىدىن ئەندىشە قىلغانىدى. پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە، نامراتلارنى يۆلەش سېخى ناھايىتى تېزلا ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى.
باش شۇجى ئاپەت سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش مەسىلىسىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتى، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ياردەم پۇلىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەردىن يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، كارخانىلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما، نامرات ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
نامراتلارنى يۆلەش سېخىدىن ئايرىلىپ، ئۇ مېڭۋا كەلكۈن سۈيى ساقلاش رايونىنىڭ ساۋجى بازىرى لىمىن كەنتىدىكى شىتيەنپو مەھەللىسىگە قاراپ ماڭدى. يۇرتداشلارنىڭ ئېتىزلىقتا ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، باش شۇجى ئاپتوموبىلدىن چۈشتى.
كۆلچەكتە بىر نەچچە كەنت ئاھالىسى چيەنشى ئۈزۈۋاتاتتى؛ كەلكۈن سۈيى يانغان يەرلەردە يۇرتداشلار لاڭخا تولۇقلاپ تېرىۋاتاتتى. باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، يۇرتداشلار ھاياجانلانغان ھالدا ئۇنى ئورىۋېلىشتى.
«مەن بۇ قېتىم ئاپەت رايونىدىكى يۇرتداشلارنى مەخسۇس يوقلاپ كەلدىم، ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش ئەھۋالىنى كۆرۈپ باقاي...» باش شۇجىنىڭ سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپلا، كۆپچىلىك بەس - بەستە دوكلات قىلىشتى: «باش شۇجى خاتىرجەم بولۇڭ! باش تومۇزدا لوبۇ، ئوتتۇرا تومۇزدا كۆكتات تېرىيمىز، تومۇزدا قارا بۇغداي تېرىيمىز، قەيەردە كەلكۈن سۈيى يانسا، بىز شۇ يەرگە ئىز قوغلاپ بارىمىز، ئۇرۇقنى شۇ يەرگە تېرىپ، ئىمكانقەدەر زىياننى قايتۇرۇپ كېلىمىز».
شى جىنپىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى، تەر مەڭزىنى بويلاپ ئايىغى ئاستىدىكى تۇپراققا چۈشتى. «يۇرتداشلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنىڭ نورماللاشقانلىقىنى، ئۈمىدكە تولغانلىقىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم خاتىرجەم بولدى».
«يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى يولغا قويۇشتا، جەزمەن كەلكۈن سۈيىنى ئاققۇزۇش - ساقلاش ئىقتىدارىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلىش كېرەك. شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇپ، يېتەرسىزلىكتىن ساقلىنىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۇرتداشلارنى تەدرىجىي كۆچۈپ چىقىشقا يېتەكلەپ ۋە ئىلھاملاندۇرۇپ، ساقلانما مىقدارنى كېمەيتىپ، ئېشىش مىقدارىنى كونترول قىلىپ، چوڭ تەكرارلاش قىلماي، كەلكۈن سۈيىنى ساقلاش رايونىدىكى نوپۇسنىڭ قايتا كۆپەيمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك».
كەلكۈن سۈيىنى ساقلىغاندا، شىتيەنپو مەھەللىسى كەلكۈندە 20 نەچچە كۈن قاپسىلىپ قالدى.
باش شۇجى كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا مۇنداق سورىدى: «بۇنداق چوڭ كەلكۈن كەلگەندە، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشى قانداق ئۆتتى؟»
«ئىلگىرى كەلكۈن كەلگەندە، مەھەللىنىڭ شەرقىدە سۇ توشۇپ ئىچسەك، غەربىدە تەرەت قاچىسىنى چايقايتتۇق.» «ئەسلىدىكى تىرانسفورموتورنىڭ ھەممىسى مەھەللىنىڭ ئاستىدا ئىدى، كەلكۈن كەلسىلا توك توختاپ قالاتتى.» يۇرتداشلار ئۇ بىر ئېغىز، بۇ بىر ئېغىزدىن سۆزلىدى، «بۈگۈنكى كۈندە توك توختاپ قالمايدۇ، سۇ ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ، كېمىلەردە توشۇپ تۇرىدۇ، كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەكتىن غەم قىلمايمىز»...
باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، يۇرتداشلارنىڭ ھەممىسى كېلىپ ئورىۋېلىشتى. باش شۇجى ھاياجانلانغان ھالدا كۆپچىلىككە مۇنۇلارنى دېدى: «يۈگۇڭ تاغنى يۆتكىدى، دايۈ سۇنى تىزگىنلىدى، جۇڭخۇا مىللىتى تەبىئىي ئاپەت بىلەن نەچچە مىڭ يىل كۈرەش قىلىپ، قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلىدى، بىز يەنە داۋاملىق كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. بۇ كۈرەش تەبىئەت بىلەن قارشىلىشىش ئەمەس، بەلكى تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىپ، تەبىئەت قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىپ، تەبىئىي ئاپەتكە پائال تاقابىل تۇرۇش، تەبىئەت بىلەن ئىناق ئۆتۈشتۇر».
«ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى بەرپا قىلىشتا تەبىئىي ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنىمۇ زامانىۋىلاشتۇرۇش كېرەك. <14 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈشتە، بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى ئويلىشىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلە ۋە كەمتۈكلۈكلەرنى يەكۈنلەپ، خىزمەتلىرىمىزنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىشىمىز كېرەك».
باش شۇجى مائەنشەن شەھىرىگە كېلىپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ سۇ ئەھۋالى، سۇ ۋەزىيىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، دەريا بويىنى تۈزەش ۋە بېلىقچىلارنى بېلىقچىلىقتىن چېكىندۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.
شۆجياۋا ئېكولوگىيە باغچىسى چاڭجياڭ دەرياسى بويىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىلگىرى ئىنتايىن گەۋدىلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەن، ئۇنىۋېرسال تەرتىپكە سېلىش - تۈزەش ئارقىلىق، پۇقرالارنىڭ دەريا بىلەن يېقىندىن ئۇچرىشىدىغان، سۇ بىلەن يېقىندىن ئۇچرىشىدىغان، يېشىللىق بىلەن يېقىندىن ئۇچرىشىدىغان ئېكولوگىيەلىك دەريا بويى ۋە شەھەر ئېكولوگىيە مېھمانخانىسىغا ئايلاندى. باش شۇجى بۇنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدى.
«چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا، دەسلەپتىلا مەن كەڭ كۆلەمدە قوغداشنى ئورتاق تۇتۇش، كەڭ كۆلەمدە ئاچماسلىقتا چىڭ تۇرۇشنى تەكىتلەپ، ئالدى بىلەن كۆپچىلىككە سوغۇق سۇ سېپىپ قويدۇم، بۇنىڭدا دەل قىلىدىغاننى قىلىش، قىلمايدىغاننى قىلماسلىقتىن ئىبارەت پەلسەپىۋى ئىدىيە گەۋدىلەندۈرۈلدى. ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا ئالدىنقى شەرت بېكىتىش كېرەك، ئالدى بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشى ئاسراش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئاساسى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتتۇر. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ياخشى ئاسرالمىسا، ئەڭ ئاخىرىدا ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىستىقبالىنى نابۇت قىلىدۇ».
«چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاسراش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە، بىرى بۇلغىنىشنى تۈزەش، بىرى قىرغاقنى تۈزەش، بىرى بېلىقچىلىقنى تۈزەش كېرەك. چاڭجياڭ دەرياسىدا بېلىق تۇتۇشنى مەنئى قىلىش بىر چوڭ ئىش، 300 مىڭدىن ئارتۇق بېلىقچىنىڭ تىرىكچىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تۆلەيدىغان بەدەل كىچىك ئەمەس، لېكىن پۈتۈن ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداشقا سېلىشتۇرغاندا يەنىلا ئەرزىيدۇ. چاڭجياڭ دەرياسى سۇ جانلىقلىرىنىڭ كۆپ خىللىقى بىز بۇ بىر ئەۋلادنىڭ قولىدا يوقىلىپ كەتسە بولمايدۇ».
باش شۇجى ئالاھىدە مۇنداق تەكىتلىدى: چاڭجياڭ دەرياسىدا بېلىق تۇتۇشنى مەنئى قىلىش بېلىقچىلارنى قىرغاققا تاشلاپ قويۇپلا كارى بولماسلىق دېگەنلىك ئەمەس، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئىنچىكە، پۇختا ئىشلەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرى ۋە ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورۇنلىرىنى كۆپرەك ئېچىپ، بېلىقچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلىشالايدىغان، بېيىيالايدىغان قىلىش كېرەك».
چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ ئۈچ ئۆلكە، بىر شەھەرنىڭ مەسئۇللىرىغا مۇنداق دېدى: «چاڭجياڭ دېلتىسى رايونى چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ باشلامچىسى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا ئالدىدا مېڭىپلا قالماي، يەنە ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە بەرپا قىلىشتىمۇ ياخشى باشلامچى بولۇشى كېرەك».
چاۋخۇ كۆلى ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى يەنە بىر ئاساسلىق جەڭ مەيدانى. سۇ ئورنى ئېھتىيات سۇ ئورنىدىن ئۇدا ئېشىپ كەتكەچكە، خېفېي غايەت زور خەۋپ - خەتەرگە دۇچ كەلدى. خېفېي شەھىرى چاۋخۇ كۆلى ئەتراپىدىكى ئېكولوگىيەلىك سۇلۇق يەر كەلكۈن سۈيىنى ساقلاش رايونىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، يۇقىرىدا توسۇپ، تۆۋەندىن ئاققۇزۇپ، پاسىل ئايرىپ، توسمىنى مۇستەھكەملەپ، خېفېي شەھىرىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش بېسىمىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتتى.
خېفېي شەھىرى فېيدۇڭ ناھىيەسىدىكى شىباليەن توسمىسى ئېكولوگىيەلىك سۇلۇق يەر كەلكۈن سۈيى ساقلاش رايونىنىڭ چاۋخۇ كۆلى چوڭ توسمىسى لوجياتۇەن بۆلىكىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ چاۋخۇ كۆلىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە توسمىنى مۇستەھكەملەش، توسمىنى چارلاش، خەۋپ - خەتەرنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېكولوگىيەلىك سۇلۇق يەر كەلكۈن سۈيى ساقلاش رايونىنىڭ ئورنىنى بەلگىلەش ۋە پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، پىلە قۇرتىدەك يۈتۈپ ئىگىلىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئېكولوگىيەلىك سۇلۇق يەر كەلكۈن سۈيى ساقلاش رايونىنىڭ كەلكۈن سۈيىنى ئاققۇزۇش - ساقلاش ئىقتىدارى ۋە ئېكولوگىيەنى قوغداش ئىقتىدارىنى ياخشى قوغداش كېرەك. «چاۋخۇ كۆلى ئەنخۇي خەلقىنىڭ گۆھىرى، خېفېيدىكى ئەڭ گۈزەل، جەلپكار جاي. چوقۇم چاۋخۇ كۆلىنى ياخشى تۈزەپ، ئېكولوگىيەلىك سۇلۇق يەرنى ياخشى قوغداپ، چاۋخۇ كۆلىنى خېفېينىڭ ئەڭ ياخشى نام كارتىسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك».
چوڭ توسمىدا جەڭ بايرىقى لەپىلدىدى، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇم خالتىلىرى كۆز يەتكۈسىز ئىدى، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بىرىنچى سېپىدىكى خادىملار ۋە داۋاملىق بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرۇۋاتقان قىسىمدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر رەتلىك تىزىلدى. ئۇلارنىڭ كەينىدە 800 چاقىرىملىق چاۋخۇ كۆلى ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى.
قۇربان بولغان ئۈچ يولداشنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى سەپنىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇردى. چېن لۇ، گەن لېي، تيې كېيەنلەر دەل مۇشۇ يازدا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جەريانىدا تەسىرلىك قەھرىمانلىق ناخشىنى پۈتتى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ قايغۇلۇق ھېسسىياتتا، قۇربان بولغان ئۈچ يولداشنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ بىرمۇ بىر ئەھۋال سورىدى.
ئۇ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنۇلارنى دېدى: «سىلەرنىڭ ئۇرۇق - تۇغقىنىڭلار بىزنىڭمۇ ئۇرۇق - تۇغقىنىمىز، ۋەتەن ۋە خەلقنىڭ ئۇرۇق - تۇغقىنى، ئۇلار بىزنىڭ قەلبىمىزدىكى قەھرىمان. ھەر قېتىملىق خەتەرلىك پەيتتە ھامان قەھرىمانلار كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، بۇ جۇڭخۇا مىللىتى ئۇلۇغ روھىنىڭ ئىپادىسى. سىلەر خىزمەت، تۇرمۇشۇڭلارنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇڭلار، سالامەتلىكىڭلارنى ئاسراڭلار، ئەڭ ياخشى شەكىلدە ئۇلارنى تەسەللى تاپقۇزۇڭلار».
باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپچىلىكتىن سەمىمىي ھال سورىدى ھەم پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان يولداشلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى. ئۇ كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «كەلكۈن يەنىلا داۋاملىشىۋاتىدۇ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىرىنچى سەپتە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان يولداشلارغا، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ يېمەك - ئىچمىكى، ئارام ئېلىشىغا جەزمەن كۆڭۈل بۆلۈشى، كۆيۈنۈشى كېرەك، بەزى يولداشلارنىڭ بەدىنىگە قاپارتما چىقىپ كەتتى، بەزىلىرىنىڭ پۇتلىرى ياللۇغلىنىپ يىرىڭداپ كەتتى، ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك».
ئىككىنچى، ھەل قىلغۇچ قەدەمنى ياخشى تاشلاپ، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش
دۆلەت زېمىنىنىڭ %4ىنى ئىگىلەيدىغان، نوپۇسى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %10ىگىمۇ يەتمەيدىغان جايدا تۆتتىن بىر قىسىمغا يېقىن ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدار يارىتىلدى. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىقتىساد ساھەسىدە چاڭجياڭ دېلتىسى رايونى ئىقتىساد ئەڭ جانلانغان، ئېچىۋېتىش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك رايونلارنىڭ بىرى.
8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى.
باش شۇجى چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىدىكى مەسئۇل يولداشلارغا ئاساسىي مەقسەتنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:«ھازىرقى دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتتە، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئورنى ۋە رولىنى چوڭقۇر تونۇپ، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى تەلەپكە بىرلەشتۈرۈپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى ئاچقۇچلۇق سۆزنى چىڭ كۆزلەپ، نىشان يۆنىلىشى، مەسىلە يۆنىلىشىنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ ئۈزلۈكسىز نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك».
«بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» تارىخنىڭ چوڭقۇر جۇغلانمىسىدا پىلانلىنىپ پىشىپ يېتىلدى، يېڭى دەۋردىكى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش داۋامىدا تاللاپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئىلگىرى چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىدا خىزمەت قىلغان باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەسلەپ مۇنداق دېدى:«مەنمۇ ئىلگىرى چاڭجياڭ دېلتىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىسى توغرىسىدا چوڭقۇر ئويلانغان ۋە ئۇنىڭغا پائال تۈرتكە بولغانىدىم».
ئەينى چاغدا شاڭخەي - جياڭسۇ - جېجياڭنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش چوڭ ۋەزىيىتى تەدرىجىي ئايدىڭلاشقان بولۇپ، تۇنجى قېتىملىق چاڭجياڭ دېلتىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سۆھبەت يىغىنىدا شى جىنپىڭ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان جېجياڭ ئۆلكىسى «ساھىبخان»لىقنى ئۈستىگە ئالغانىدى. قوشنا ئۆلكە ئەنخۇيمۇ كەلگۈسىگە نەزەر سېلىشنى باشلىغانىدى. ئەنخۇي ئۆلكىسىدىكى مەسئۇل يولداش يۇمۇرلۇق قىلىپ مۇنۇلارنى دېدى: «ئەينى چاغدا بىز سىرتتىن ئاڭلىغۇچى ئىدۇق. باش شۇجىنىڭ تەستىقلىشى ۋە تۈرتكىسىدە، بىز سىنىپقا قوشۇلغان ئوقۇغۇچىغا ئايلاندۇق، ھازىر رەسمىي ئوقۇغۇچى بولدۇق».
كۈلكە ساداسى ئىچىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوبرازلىق ۋە تەسىرلىك قىلىپ مۇنۇلارنى دېدى: «ئەينى چاغدا ئاساسلىقى قېرىندىشىمغا ياردەم قىلىشنى ئويلاشقان. ئەنخۇينى ئېلىپ ئېيتساق، قوشۇلۇپ كىرگەندىن كېيىن، خۇددى يەر تېرىغانغا ئوخشاش، تۇپراق ۋە نەملىك ياخشىلاندى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەلا سورتلۇق ئۇرۇق بولغاچقا، زىرائەتلەرمۇ بولۇق ئۆستى».
رايون ئەمەلىيىتىدىن دۆلەتنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىغا ئايلانغۇچە، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش توسالغۇسىز غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلىدى. 2018 - يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى. بىر يىلدىن كېيىن، «چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانى تېزىسى» ئېلان قىلىندى.
يىلدا بىر چوڭ ئىش پۈتتۈرۈلدى، يىلدا بىر چوڭ قەدەم تاشلاندى. بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنى چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يەنە بىر قېتىملىق «سۈرئەتنى تېزلىتىش» سەھىپىسىنى ئاچتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پىلانلىغاندا ئىككى چوڭ ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ قاراش كېرەك، بىرى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت، بىرى دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى «بىر قۇتۇپ، ئۈچ رايون، بىر ئېگىزلىك» دەپ بېكىتتى، يەنى، «پۈتۈن مەملىكەت تەرەققىياتىنىڭ كۈچلۈك، جانلىق ئېشىش قۇتۇپى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈلگىلىك رايونى، باشلامچىلىق بىلەن زامانىۋىلىشىشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرغان يېتەكچى رايون، رايونلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى يېڭى ئېگىزلىك».
«ھازىر يەرشارىۋى بازار تارىيىۋاتقان تاشقى مۇھىتتا، بىز جەزمەن كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى - خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك. بۇ، دۆلەت ئىچى - خەلقئارا ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىش ئارقىلىق چىقىرىلغان مۇھىم، زور ھۆكۈم، شۇنداقلا ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما» دېدى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن.
2 - پەسىلدە چاڭجياڭ دېلتىسى ياخشى نەتىجە قەغىزى تاپشۇردى. ئۈچ ئۆلكە، بىر شەھەرنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1 - پەسىلدىكى %5.7 تۆۋەنلەشتىن %0.2 ئېشىشقا ئۆزگەردى، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدە ئىگىلىگەن سالمىقى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى %23.9تىن %24.2كە ئۆرلىدى، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە مەملىكەت بويىچە ئالدىدا ماڭدى. چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى ۋەزىيىتى شەكىللەنمەكتە.
شاڭخەي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى سۆز قىلغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق سورىدى:«ھازىر ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ تەييارلىق سۈرئىتى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟»
«كارخانا كۆرگەزمە ئورنىنى ئالدىنقى نۆۋەتتىكىدىن يەنە 60 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېڭەيتتۇق، يۇقۇمنىڭ تەسىرى بولسىمۇ، لېكىن ھېچكىم جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ چوڭ بازاردىن ۋاز كېچىشنى خالىمايدۇ».
جياڭسۇ، جېجياڭ، ئەنخۇينىڭ مەسئۇللىرىمۇ ئىمپورت - ئېكسپورت سودىسى ۋە تاشقى مەبلەغ سېلىنمىسىنىڭ داۋاملىق ئېشىش ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى، ئۇلار ئورتاق تەسىراتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: چەت ئەللەرنىڭ چاڭجياڭ دېلتىسىنىڭ ئىستىقبالى بار، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئىستىقبالى بار دەپ قارايدىغان مۆلچەرى ئۆزگەرمىدى.
بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك بولۇش چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئىككى ئاچقۇچلۇق سۆز.
بىر گەۋدىلەشتۈرۈشتىكى مەقسەت مەمۇرىي توسۇقنى بۇزۇپ تاشلاپ، سىياسەتلەرنىڭ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، مۇھىم ئامىللارنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە راۋان يۆتكىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش، بۇ، ھەرقايسى جايلارنىڭ سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ مۇۋاپىق ئىش تەقسىماتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ مۇجەسسەملەشكە پايدىلىق.
«ئۈزۈك يول» ئىلگىرىكى كونا، چوڭ، قىيىن مەسىلە ئىدى. ياندىشىپ تۇرىدىغان ئىككى ناھىيە ئايرىم - ئايرىم ئىككى ئۆلكىگە تەۋە بولۇپ، ھەرقايسىسىنىڭ يىرىك پىلانى ئوخشاش بولمىغاچقا، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قۇرۇش تەسكە توختىغانىدى، قاتناش باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئايلىنىپ ماڭسا 40 مىنۇت كېتەتتى، قاتناش باشلانغاندىن كېيىن بەش مىنۇتتا بارغىلى بولىدىغان بولدى. بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنىڭ يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور.
يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى باشلامچىلىق بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇشتا چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنىڭ شارائىتى ئەڭ تولۇق، ئىقتىدارى ئەڭ تولۇق، پۈتۈن مەملىكەتتە ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. بۇمۇ ھەم دۆلەت چاڭجياڭ دېلتىسىغا تاپشۇرغان ئېغىر مەسئۇلىيەت.
يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا ئاچقۇچ يېڭىلىق يارىتىپ تۈرتكە بولۇش.
«يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىنكى خېلى ئۇزاق مەزگىل ئىچىدە، شاڭخەينىڭ مەھسۇلاتلىرى ۋە تېخنىكىسى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىغا ئىنتايىن زور دەرىجىدە تىرەك بولدى. بۈگۈنكى كۈندە، شاڭخەي ۋە چاڭجياڭ دېلتىسى رايونى ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى يۇقىرى سەۋىيەلىك تېخنىكا تەمىناتى بىلەن تەمىنلەپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇشى كېرەك» دېدى باش شۇجى شاڭخەي ۋە چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىدىن زور ئۈمىد كۈتۈپ.
مەلۇم بىر ئۆلكە، شەھەردىكى مەسئۇل يولداش ئۆز جايىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ «كۈتۈلمىگەن ھاسىلات»ىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى خەلقئارالاشقان چوڭ كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىش پۇرسىتى بولمىغان ئۆلكە ئىچىدىكى كىچىك كارخانىلار ھازىر بەس - بەستە دۆلەت ئىچىدىن كەلگەن <زەيتۇن شېخى>نى تاپشۇرۇۋالدى، تەرەققىيات پۇرسىتى ئىلگىرىكىدىن كۆپەيدى».
باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى: «يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا، بىزنىڭ ئاساسىي قوشۇنىمىز، جىتۇەنجۈنىمىز بار، بەزىدە ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ <يېڭى تەدبىر>ىگە تايىنىشىمىزغىمۇ توغرا كېلىپ قالىدۇ، شۇڭا ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىغا مەدەت بېرىشىمىز كېرەك».
ئالدىنقى كۈنى، ئۇ ئەنخۇي يېڭىلىق يارىتىش سارىيىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. بۇ يەرگە يېڭى تېخنىكا، يېڭى ماتېرىيال، يېڭى مەھسۇلات، يېڭى كەسىپلەر توپلانغان. ئەمدىلا چاڭجياڭ دېلتىسىغا سىڭىشكەن ئەنخۇينىڭ بۇ يىللاردىن بۇيانقى يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسى گەۋدىلىك بولدى. «ئەنخۇينىڭ ئەگىم يولدا يانداپ ئۆتۈپ كېتىش، ھالقىما تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، <14 - بەش يىل> مەزگىلىدە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر قاتارىدا داۋاملىق ئالدىغا مېڭىشىدىكى ئاچقۇچ يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىشتا. يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىنى داۋاملىق پۇختىلاپ، قەتئىي بوشاشماسلىق، ئۇزاققىچە بوشاشماسلىق كېرەك».
مائەنشەن شەھىرى ئەنخۇينىڭ چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا سىڭىپ كىرىشىدىكى ئالدىنقى سەپ بازىسى بولۇپ، پولات سەۋەبلىك قۇرۇلغان، پولات سەۋەبلىك گۈللەنگەن. ماگاڭ بۇ شەھەرنىڭ يارقىن نام كارتىسى.
60 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ماگاڭ دۆلىتىمىز پولات - تۆمۈر ساھەسىدە نۇرغۇن «بىرىنچى»لەرنى ياراتتى، شەرەپلىك تارىخقا ئىگە، لېكىن يېڭى دەۋردە ماگاڭنىڭ تەرەققىياتىمۇ نۇرغۇن يېڭى خىرىسقا دۇچ كەلدى. 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ماگاڭ ۋە باۋۋۇ گۇرۇھى ئىستراتېگىيەلىك قايتا تەشكىللىنىشنى يولغا قويۇپ، نامىنى جۇڭگو باۋۋۇ ماگاڭ گۇرۇھىغا ئۆزگەرتىپ، بىر سەكرەپلا دۇنياۋى پولات - تۆمۈر كارخانىسىغا ئايلاندى.
ئەلا سۈپەتلىك قېتىشما تاياقچە ماتېرىيال سېخىدا، تۆمۈر ئۇچقۇنلىرى چاچراپ تۇرغان بولۇپ، سېخ ئىچى ئالدىراشلىققا تولغانىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ماگاڭدىن جۇڭگو ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ كۈچلۈك ئېلاستىكلىقى ۋە رايون ھەمكارلىقىنىڭ غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى:
«سىلەرنىڭ دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلار ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەريانىدا، بولۇپمۇ چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدا، پۇرسەتنى تۇتۇپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، چاڭجياڭ دېلتىسى بىلەن ئورگانىك جىپسىلىشىپ، يەنىمۇ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. پۇرسەت سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا».
باش شۇجى ئەنخۇيدىكى مەسئۇل يولداشلارغا مۇنداق تاپىلىدى: تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شەھەر ئۇل ئەسلىھەسى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ۋە تىجارەت - سودا مۇھىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چاڭجياڭ دېلتىسىدىكى مەركىزىي شەھەرلەر بىلەن تۇتىشىدىغان قاتناش تورىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشنى قولايلاشتۇرۇش، ئازادىلەشتۈرۈش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، مەبلەغ، تېخنىكا، كەسىپ، ئىختىساسلىقلار قاتارلىقلارنى چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىغا يۆتكىلىشكە تېخىمۇ ياخشى جەلپ قىلىش ۋە ئۇنى ئۈستىگە ئېلىش كېرەك.
سۆھبەت يىغىنى ئۈچ سائەتتىن كۆپرەك داۋاملاشتى. كۆپچىلىك نەتىجىلەر ئۈستىدە پاراڭلاشتى، مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى، ئورتاق تونۇش ئۈستىدە ئىزدەندى، ياخشى تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، قايتقۇسى كەلمەي قالدى. باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى چاڭجياڭ دېلتىسىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.
«چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا بىر كۈندىلا ئۇتۇق قازانغىلى بولمايدۇ، بىزدە ھەم تارىخىي سەۋرچانلىق بولۇشى، ھەم مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەيدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بولۇشى، ھەم ئۇزاق كەلگۈسىنى پىلانلىشىمىز، ھەم ھازىر ئىشلىشىمىز كېرەك. ئۈچ ئۆلكە، بىر شەھەر ۋە ئالاقىدار تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، دادىل بۆسۈش ھاسىل قىلىشى كېرەك. ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، <14 - بەش يىل> مەزگىلىدىكى چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە تېخىمۇ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك».
ئۈچىنچى، مەڭگۈ خەلققە سادىق مۇلازىمەتچى بولۇش
يېقىنقى 100 يىللىق قاينام - تاشقىنلىق كۈرەش مۇساپىسىدە، پارتىيەمىزنىڭ كىچىكلىكتىن زورىيىپ، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىشىدىكى تۈپ سەۋەب شۇكى، جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇردى ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى باشتىن - ئاخىر ساقلىدى.
تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىلدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەيلى قايسى جايغا بارسۇن، ئەڭ كۆپ سۆزلىگىنى پۇقرالارنىڭ ئىشى بولدى. ۋاڭجيابا چۈشۈرگىسى ۋە مېڭۋا كەلكۈن يىغىش رايونىدا، ئۇ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىغا ئەڭ كۆڭۈل بۆلدى؛ مائەنشەن شۆجياۋا ئېكولوگىيە باغچىسىدا، ئۇ بېلىق تۇتۇشتىن توختىتىلغان بېلىقچىلارنىڭ قىرغاققا چىققاندىن كېيىن مۇقىم تۇرالايدىغان، بېيىيالايدىغان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى قايتا - قايتا تاپىلىدى.
ئۇنىڭ چاۋخۇ كۆلى ساھىلىدىكى چاڭجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈش ئۇرۇشى خاتىرە سارىيىغا كىرىشى تېخىمۇ ئالاھىدە مەنىگە ئىگە.
71 يىل ئىلگىرى، ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان چوڭ ئۇرۇشى چاڭجياڭ دەرياسى بويىدا باشلىنىش ئالدىدا تۇراتتى. گومىنداڭ ئارمىيەسى خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ دەريادىن ئۆتۈشىنى توسۇش ئۈچۈن، قىرغاقتىكى كېمىلەرنى چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىغا مەجبۇرىي سۆرەپ ئاپاردى، يۆتكەشكە ئۈلگۈرەلمىگەنلىرىنى شۇ جاينىڭ ئۆزىدە بۇزۇۋەتتى ياكى دەرياغا، كۆلگە چۆكتۈرۈۋەتتى. خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، يېرىم ئاي ئىچىدىلا، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى 10 مىڭدىن ئارتۇق كېمە، 20 مىڭدىن ئارتۇق كېمىچىنى توپلىدى، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى باش قاتۇرۇپ پىلانلىغان چاڭجياڭ مۇداپىئە سېپىنى بىر يولىلا بۆسۈپ ئۆتتى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ ناھايىتى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «خۇەيخەي ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى پۇقرالارنىڭ كىچىك ھارۋىسىغا تايىنىپ قولغا كەلتۈرۈلگەن، چاڭجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى پۇقرالارنىڭ كىچىك كېمىسىگە تايىنىپ قولغا كەلتۈرۈلگەن. ھەرقانداق ۋاقىتتا بىز ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىشىمىز، خەلقتىن ئىبارەت بۇ يىلتىزنى ئۇنتۇماسلىقىمىز، مەڭگۈ خەلققە سادىق مۇلازىمەتچى بولۇشىمىز كېرەك».
ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا، باش شۇجى خەلقنىڭ كۈچىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى. «خۇبېي - خېنەن - ئەنخۇي سوۋېت رايونىدا قىزىل بايراقنىڭ 28 يىلغىچە لەپىلدەپ تۇرالىشى، يېڭى 4 - ئارمىيەنىڭ چاڭجياڭ - خۇەيخې رايونىدا دۈشمەن بىلەن ئاخىرغىچە كۈرەش قىلالىشى، ليۇ بوچېڭ، دېڭ شياۋپىڭ قوشۇنىنىڭ 1000 چاقىرىم يول يۈرۈپ دابيېشەن تېغىدا پۇت تىرەپ تۇرالىشى، يىلتىز تارتالىشى، خۇەيخەي ئۇرۇشىدا توسالغۇسىز يۈرۈش قىلالىشى، مىليونلىغان كىشىلىك ھەيۋەتلىك قوشۇننىڭ دەريادىن ئۆتۈپ يولۋاستەك جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىيەلىشىدىكى تۈپ سەۋەب شۇكى، پارتىيەمىز خەلق بىلەن بىر نىيەتتە بولدى، ئارمىيە بىلەن خەلق ئىتتىپاقلىشىپ بىر تەنگە ئايلاندى».
«يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشى شۇنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ بەردىكى، پارتىيەمىز باشتىن - ئاخىر خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزسىلا، خەلققە تايىنىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزسىلا، ھەممىدە غەلىبە قىلالايدۇ».
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خېفېي، 8 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى)