تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولۇپ، قىلچە بوشاشماي، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىن يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دوختۇرلار بايرىمى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولۇپ، قىلچە بوشاشماي، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

شۆھرەت زاكىر رىياسەتچىلىك قىلدى، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىن يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دوختۇرلار بايرىمى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، يۇقۇم ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلدى، تەتقىق قىلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو دوختۇرلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەرنى بايراملىق تەبرىكلىگەنلىكى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىغانلىقى، كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەرنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن جاپالىق تىرىشچانلىقى، قوشقان مۇھىم، زور تۆھپىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكى، تېببىي خىزمەتچىلەرنى ساغلام جۇڭگو قۇرۇش، خەلقنىڭ ساغلاملىقى، بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇرغانلىقى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ داۋالاش - سەھىيە ئىشلىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، تېببىي خىزمەتچىلەرگە بولغان ئالاھىدە غەمخورلۇقى ۋە كۆيۈنۈشىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە كەڭ دائىرىدە دوختۇرلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، سەھىيەگە ئەھمىيەت بېرىدىغان ياخشى كەيپىياتنى يارىتىپ، تېببىي خىزمەتچىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇلارنى ئاسراپ، ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي مۇداپىئەلىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ، غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەرنى ھاياتلىقنى قەدىرلەيدىغان، ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىدىغان، ئۆزىنى بېغىشلايدىغان، چەكسىز مېھىر - مۇھەببەت يەتكۈزىدىغان ئالىيجاناب روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغداش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا تېخىمۇ ياخشى رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، گوۋۇيۈەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنىڭ قوللىشى ۋە يېتەكلىشىدە، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى قاتارلىق ھەرقايسى مىنىستىرلىق، كومىتېتلار ۋە قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنىڭ پائال ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ھالىتى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى، كېڭەيدى، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدە باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. لېكىن جەزمەن شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈش كېرەككى، يۇقۇم ۋەزىيىتى يەنىلا مۇرەككەپ ۋە كەسكىن، قايتا كۆرۈلۈش خەۋپ - خەتىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، سەللا بوشاڭلىق قىلىنسا، ئەجىر يوققا چىقىشى، ئېغىر بەدەل تۆلىشىمىز مۇمكىن. تەستە قولغا كەلگەن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش جەڭ نەتىجىسىنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، ئىرادىنى ساقلاپ، چىشنى چىڭ چىشلەپ، قىلچە بوشاشماي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قىلچە بوشاشماي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ئىدىيەدە بوشاشماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ھازىر، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش يەنىلا كەسكىنلەشكەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىدا تۇرماقتا، بىخۇدلۇق ئىدىيەسى، ئۇرۇشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتى، تەلەي سىناش پىسخىكىسى، بوشىشىپ كېتىش روھىي ھالىتىدىن يۈكسەك ھوشيار بولۇپ ۋە ئۇنى يېڭىپ، خەۋپ ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، داۋاملىق تۈردە تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قىلچە بوشاشماي چىڭ تۇتۇش، پۇختا تۇتۇش، ئىنچىكە تۇتۇش كېرەك، تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە، مۇۋەپپەقىيەت قازاندۇق دېيىشكە قەتئىي بولمايدۇ.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قىلچە بوشاشماي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە تەدبىردە بوشاشماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. «تۆت بالدۇر» تەدبىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىپ، تىزگىنلەپ، قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىپ، تىزگىنلەپ، نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش، جەڭ مېۋىسىنى كېڭەيتىش كېرەك. مەھەللە، يېزىلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئاساسىنى پۇختىلاپ، باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئامما خىزمىتىنى مېھىر - مۇھەببەت ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن چوڭقۇر، ئىنچىكە ياخشى ئىشلەپ، ئاساسىي تۇرمۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىق مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك؛ مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش نۇقتىلىرىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىلمىي، دەل، توغرا تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سالامەتلىكنى سەييارە تەكشۈرۈش جايىدا بولۇش، مۇلازىمەت كاپالىتى جايىدا بولۇش، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش، تازىلاش جايىدا بولۇش، پىسخىكىلىق يېتەكلەش جايىدا بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ قىزىتما ئامبۇلاتورىيەلىرىنى باشقۇرۇش - يۈرۈشتۈرۈشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، «قاراۋۇل»لۇق رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، ئالدىن كېلىشىپ نومۇر ئېلىش ۋە ئالدىن تەكشۈرۈپ ئايرىپ دىياگنوز قويۇشنى ياخشى ئىشلەپ، دوختۇرخانىدا گىرەلەشمە يۇقۇملىنىش يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك؛ «تۆتنى مەركەزلەشتۈرۈش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ پەنگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، داۋالاشنى بىرخىللاشتۇرۇپ، قېلىپلاشتۇرۇپ، داۋالاپ ساقايتىش نىسبىتىنى سىجىل ئۆستۈرۈش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قىلچە بوشاشماي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ئىستىلدا بوشاشماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. قانچىكى ئەڭ كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق باسقۇچتا، شۇنچىكى بىرلا غەيرەتكە كېلىدىغان ئىرادە ۋە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىدىغان غەيرەت بولۇشى، شۇنچىكى قاتتىق، ئىنچىكە، چوڭقۇر، پۇختا ئىستىل ۋە ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەيدىغان ھەرىكەت بولۇشى كېرەك. ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ھالەتنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، يۈزەكى ئىش قىلىش، قۇرۇق شوئار توۋلاش، مەسئۇلىيەتنى بىر - بىرىگە ئىتتىرىپ قۇرۇق تالاش - تارتىش قىلىشتىن قەتئىي ساقلىنىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي توسۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئەمەلىي جايدىن قول سېلىپ، ئىنچىكە نۇقتىلارغا كۈچەپ، خىزمەتنىڭ قاراتمىلىق، دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك بولۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، قاتلاممۇ قاتلام كۈچەپ، ئاخىرغىچە چىڭ تۇتۇپ، ھەقىقىي تۈردە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى ياخشى ئادا قىلىش، تەدبىرلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قىلچە بوشاشماي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە مەسئۇلىيەتتە بوشاشماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. پۈتۈن شىنجاڭ بىر تاختا شاھمات، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات بولۇشى، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، ھۆكۈمەتلەر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ھازىرقى ئەڭ مۇھىم خىزمەت دەپ بىلىشى، بىرىنچى قول رەھبەر ئۆزى تۇتۇپ، باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار بۆلۈپ ھۆددىگە ئېلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرىنچى سەپتە قوماندانلىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى، بىرىنچى سەپتە ئاتاكىغا ئۆتۈپ جەڭ قىلىشى كېرەك؛ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى جەڭگىۋار قورغانلىق ۋە ئاۋانگارت نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە بايرىقىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇشى كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە كادىرلارنى تەكشۈرۈش، پەرقلەندۈرۈش، باھالاش، ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغانلارنى زور كۈچ بىلەن تەقدىرلەش، مۇكاپاتلاش، دادىل ئىشلىتىش، ئۆستۈرۈپ مۇھىم ئورۇنغا قويۇش كېرەك؛ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالمىغان، قىلىدىغاننى قىلمىغان، ئىستىلى تۇراقسىز، خىزمەتتە كۆپتۈرمىچىلىك قىلغان، يۈزەكى ئىشلەپ مەسئۇلىيەتتىن قاچقان، مەسئۇلىيەتنى بىر - بىرىگە ئىتتىرىپ قۇرۇق تالاش - تارتىش قىلغانلارغا قارىتا، ئىنتىزام بويىچە، قانۇن بويىچە كەسكىن تۈردە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش، جاۋابكارلىققا تارتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.