تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىشەنچنى چىڭىتىپ، سىجىل كۈچەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىن يىغىنى ئېچىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قايتا ئورۇنلاشتۇردى، قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

ئىشەنچنى چىڭىتىپ، سىجىل كۈچەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

شۆھرەت زاكىر رىياسەتچىلىك قىلدى شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 13 - كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىن يىغىنى ئېچىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قايتا ئورۇنلاشتۇردى، قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لى يىفېي، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى لى پېڭشىن يىغىندا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قەتئىي بوشاشماي ياخشى تۇتۇش توغرىسىدا كونكرېت ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

چېن چۈەنگو سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يۇقۇم يۈز بەرگەندىن بۇيان، بىز باشتىن - ئاخىر ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىش، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈش ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردۇق. جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ھالىتى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى. لېكىن جەزمەن شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، ھازىر يۇقۇم ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەڭ كۈچەيدىغان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ. بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلار ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىشەنچنى چىڭىتىپ، سىجىل كۈچەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسى، ئۇرۇشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتى، تەلەي سىناش پىسخىكىسى، بوشىشىپ كېتىش روھىي ھالىتىنى قەتئىي توسۇپ، «تۆت بالدۇر» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتى»نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قىلچە بوشاشماي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جەڭ نەتىجىلىرىنى كېڭەيتىش كېرەك.

بىرىنچىدىن، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاشقا سىجىل كۈچەش كېرەك. ئۇرۇش ۋاقتى ھالىتىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، قەتئىي بەل قويۇۋەتمەي، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، ھايات - ماماتلىق جەڭ قىلىشتەك جاسارەت، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتەك ئىرادە، شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئىستىھكامنى ئېلىشتەك جان تىكىپ ئېلىشىش غەيرىتى بىلەن، پەيتنى قولدىن بەرمەي، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ، كېسەل ئالۋاستىسى بىلەن ئېلىشىپ، باشتىن - ئاخىر كىرىچنى چىڭىتىپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىش كېرەك.

ئىككىنچىدىن، ئىلمىي، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە سىجىل كۈچەش كېرەك. بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاش تەدبىرلىرىنى كەم - كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىلمىي پوزىتسىيە، ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن دەل جايىدا، ئىنچىكە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كېرەك. ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈچلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە چۆكۈشىنى ئالغا سىلجىتىپ، مەھەللە، يېزىلاردا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئائىلىلەرگىچە، ئادەمگىچە دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرىنچى مۇداپىئە سېپىنىڭ توسۇپ زەربە بېرىش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش؛ مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش نۇقتىلىرىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ساغلاملىقنى سەييارە تەكشۈرۈش، مۇلازىمەت كاپالىتى، پىسخىكىلىق يېتەكلەشنى ياخشى ئىشلەش؛ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش بويىچە ئىلغاپ تەكشۈرۈشنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، تەرتىپنى قېلىپلاشتۇرۇپ، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىققانلارنى پۈتۈن جەريانلىق يېپىق ھالقىلىق باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئۆستۈرۈش؛ قىزىتما ئامبۇلاتورىيەلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۇنجى دىياگنوز قويغۇچى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىش يۈزبېرىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش؛ شەھەر - يېزىلارنىڭ مۇھىت تازىلىقىنى تەرتىپكە سېلىش - تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، يېڭى دەۋر ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، ئاغرىقلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا سىجىل كۈچەش كېرەك. ئاغرىقلارنى مەركەزلەشتۈرۈش، مۇتەخەسسىسلەرنى مەركەزلەشتۈرۈش، بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈش، قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى مەركەزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك كوللېكتىپلارنىڭ ماسلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشى، كۆپ پەن مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىرلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ دۆلەتنىڭ 7 - نۇسخىدىكى دىياگنوز قويۇش - داۋالاش لايىھەسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، بىرخىللاشقان، قېلىپلاشقان داۋالاشنى ئالغا سىلجىتىش؛ ئېغىر ئاغرىقلارغا قارىتا بىر ئادەمگە بىر تەدبىر بولۇش، يېنىك ئاغرىقلار ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارغا قارىتا دەسلەپكى ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشنى كۈچەيتىش، دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىقلارغا قارىتا قايتا دىياگنوز قويۇش، قايتا تەكشۈرۈش، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يېتەكچىلىكىنى ياخشى ئىشلەش؛ داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى، مۇداپىئە ئۈسكۈنىلىرى، قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى تەڭشەپ ئاجرىتىش ۋە تەقسىملەپ يەتكۈزۈش ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، بىرىنچى سەپنىڭ ئېھتىياجىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

تۆتىنچىدىن، چىن ھېسسىيات بىلەن ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشقا سىجىل كۈچەش كېرەك. مېھىر - مۇھەببەت ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن خىزمەتنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ ئارزۇ - تەلەپلىرى، قىيىنچىلىقلىرىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، كەمتەرلىك بىلەن غەم - ئەندىشىلىرىنى تۈگىتىپ، زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش، بۆلۈپ تارقىتىش، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش ۋە ئاممىنى پىسخىكىلىق يېتەكلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى سەۋرچانلىق بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ياخشى سىرداش ۋە يۆلەنچۈك بولۇش؛ مۇداپىئە بىلىملىرى ۋە سىياسەت، تەدبىرلەرنى تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنى يۇقۇمنى توغرا تونۇشقا يېتەكلەپ، ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش؛ ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە ياخشى ئىشلەپ، «ئاشلىق» «كۆك - تاق» مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ماددىي ئەشيالارنى تەڭشەپ تەقسىملەش ۋە بازار تەمىناتىنى كۈچەيتىپ، قاتناش - تىرانسپورتىنىڭ راۋانلىقىنى ساقلاپ، تەمىنات تولۇق بولۇش، سۈپەت كاپالەتكە ئىگە بولۇش، باھا مۇقىم بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

بەشىنچىدىن، كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش، غەمخورلۇق قىلىشقا سىجىل كۈچەش كېرەك. تېببىي خادىملار يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتىكى تايانچ كۈچ، ئەمەلىي، يېقىشلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىق، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، خادىملارنى نۆۋەت بىلەن دەم ئېلىشقا مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىخەتەرلىك كاپالىتى ۋە پىسخىكىلىق يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ مۇستەھكەم تۈۋرۈكلۈك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك؛ كەڭ مەھەللە خىزمەتچىلىرى، پىدائىيلار قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدىكى خىزمەتچى خادىملارغا ياخشى كۆڭۈل بۆلۈپ، تۇرمۇش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئادىمىيەت غەمخورلۇقى قاتارلىق جەھەتلەردىكى كاپالەتنى ھەر تەرەپلىمە ياخشى ئىشلەپ، كۈچلۈك مەدەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىش كېرەك.

ئالتىنچىدىن، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشقا سىجىل كۈچەش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتا ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغىنى ئەمەلىيەتچىل بولۇش، پۇختا بولۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش. ھەر دەرىجىلىك كادىرلار مەسىلە يۆنىلىشى، ئۈنۈم يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ ئەھۋال ئىگىلەپ، مەسىلە ھەل قىلىپ، كۆڭلىدە سان بولۇش، قولىدا تەدبىر بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى؛ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈگىتىپ، دەرىجىمۇدەرىجە ئۈلگە كۆرسىتىپ، دەرىجىمۇدەرىجە يېتەكلەپ ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇقاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بېسىمنى قاتلاممۇقاتلام يەتكۈزۈپ، بىر قېتىمدىلا ئاخىرغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەت كونكرېت بولغان، ھالقىمۇھالقا گىرەلىشىپ كەتكەن «مەسئۇلىيەت زەنجىرى»نى شەكىللەندۈرۈپ، ھەرقانداق بىر جايدا قاراڭغۇ بۇلۇڭ قالدۇرماسلىق، ھەرقانداق بىر ھالقىدا سەۋەنلىك سادىر قىلماسلىق؛ مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن ئىش ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن كىشىنى ياندۇرۇپ تەكشۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالمىغان، قىلىدىغاننى قىلمىغان، ئىستىلى تۇراقسىز، خىزمەتتە كۆپتۈرمىچىلىك قىلغان، يۈزەكى ئىشلەپ مەسئۇلىيەتتىن قاچقان، مەسئۇلىيەتنى بىر - بىرىگە ئىتتىرىپ قۇرۇق تالاش - تارتىش قىلغانلارغا قارىتا، ئىنتىزام بويىچە، قانۇن بويىچە كەسكىن تۈردە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش، جاۋابكارلىققا تارتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.