شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8 - ئاينىڭ 10 - كۈنى لۇكاشېنكوغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ يەنە بىر قېتىم بېلارۇسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق كۆرسەتتى: لۇكاشېنكو يەنە بىر قېتىم بېلارۇسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان پەيتتە، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن زۇڭتۇڭ لۇكاشېنكونى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ۋە ياخشى تىلەك تىلەيمەن. مەن جۇڭگو - بېلارۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ لۇكاشېنكو بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، جۇڭگو - بېلارۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى بىرلىكتە ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىدا يېڭى ۋەزىيەت ئېچىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە يېڭى بەخت - سائادەت يارىتىشنى خالايمەن.