ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىن يىغىنى ئېچىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى
ئىستىلنى ياخشىلاپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىش ۋە ئۇنىڭدا غەلىبە قىلىش كېرەك
چېن چۈەنگو قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى
شۆھرەت زاكىر رىياسەتچىلىك قىلدى، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى
شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىن يىغىنى ئېچىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى لى پېڭشىن پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدا كونكرېت ئورۇنلاشتۇرما قىلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ياڭ شىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ئىنتىزام، ئىستىلنى چىڭىتىش توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
چېن چۈەنگو سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل، ئېغىر. ئىشەنچنى چىڭىتىش، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈش ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ھازىرقى ئەڭ مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، كاللىنى سەگەك تۇتۇپ، پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىنى قەتئىي يېڭىپ، «تۆت بالدۇر» تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتى»نى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تېخىمۇ ئىنچىكە، تېخىمۇ پۇختا ياخشى تۇتۇش كېرەك.
چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەسىلە يۆنىلىشى، ئۈنۈم يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كەم - كوتسىز ھالدا تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىپ ۋە ئۇنىڭدا غەلىبە قىلىپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. بىرىنچىدىن، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەپ چىڭ تۇتۇش، پۇختا تۇتۇش، ئىنچىكە تۇتۇش كېرەك. پۈتۈن شىنجاڭ بىر تاختا شاھمات بولۇش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ، ئۇرۇش ۋاقتى ھالىتىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى بىرتۇتاش قوماندانلىق قىلىدىغان، يۇقىرى - تۆۋەن ھەمكارلىشىدىغان، ئاخىرغىچە ئىزچىللاشتۇرىدىغان، ئايلىنىشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قوماندانلىق سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بۇيرۇق ئېنىق بولۇش، ئىجرا جايىدا بولۇش، ماسلىشىش كۈچلۈك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىككىنچىدىن، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەپ چىڭ تۇتۇش، پۇختا تۇتۇش، ئىنچىكە تۇتۇش كېرەك. بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش، كەسپىي ئالدىنى ئېلىش بىلەن ئامما ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ئورۇن ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ كۆزلەپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكىلىنى ئالدىغا سۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش كېرەك. قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى تەسىس قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، دوختۇرخانىغا كىرگەندە ئالدىن تەكشۈرۈش، ئايرىپ دىياگنوز قويۇشنى كۈچەيتىپ، «قاراۋۇل» ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش؛ كۈندىلىك داۋالاش مۇلازىمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، مۇداپىئە ئېڭىنى كۈچەيتىپ، دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىش يۈزبېرىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش؛ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىلغاپ تەكشۈرۈش رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش؛ مەھەللە ۋە يېزا باشقۇرۇش تورىنى زىچ توقۇپ، پۇختا توقۇپ، چوڭقۇر، ئىنچىكە ھالدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئائىلىلەرگىچە، ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشتە مۇسبەت چىققانلارنى پۈتۈن جەريانلىق يېپىق ھالقىلىق باشقۇرۇشنى قاتتىق يولغا قويۇپ، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈشنى ئىلمىي قانات يايدۇرۇپ، ئايرىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق ئايرىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش نۇقتىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى چىڭىتىپ، تۇرمۇش كاپالىتى، ساغلاملىقنى سەييارە تەكشۈرۈش ۋە پىسخىكىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىش؛ «تۆتنى مەركەزلەشتۈرۈش» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاغرىقلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇش - داۋالاش؛ مۇھىتنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋر ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەپ چىڭ تۇتۇش، پۇختا تۇتۇش، ئىنچىكە تۇتۇش كېرەك. خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تۈرلۈك سىياسەتلىرى ۋە تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئاشلىق» «كۆك - تاق» مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توشۇش «يېشىل يولى» ئېچىپ، كۆكتات، مېۋە - چېۋە، گۆش، تۇخۇم، سۈت، ئاشلىق قاتارلىق ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش زۆرۈر لازىمەتلىكلىرى تەمىناتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتى ۋە پىسخىكىلىق يېتەكلەشنى مېھىر - مۇھەببەت بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى زىيارەت قىلىش، يوقلاش ۋە زۆرۈر ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، ئويلاۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارنى ھەقىقىي ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. تۆتىنچىدىن، تەشۋىقات، يېتەكچىلىكنى كۈچەپ چىڭ تۇتۇش، پۇختا تۇتۇش، ئىنچىكە تۇتۇش كېرەك. يۇقۇم مۇداپىئە بىلىملىرىنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇپ، سىياسەت، تەدبىرلەرنى تەشۋىق قىلىش، يېشىپ چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئاۋامنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭى ۋە ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش؛ يۇقۇم ئۇچۇرى ۋە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، جەمئىيەت ۋە ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە پائال ئىنكاس قايتۇرۇش؛ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدە بارلىققا كەلگەن ئىلغار تىپلار ۋە تەسىرلىك ئىش ئىزلارنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىش، قەلبنى ئىللىتىش، خەلقنى مايىل قىلىشنى تېخىمۇ ياخشى قىلىش كېرەك.
چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قانچە ئەڭ كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا كەلگەنسېرى، ئىستىلنى ياخشىلاشنى شۇنچە قاتتىق تۇتۇش، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى شۇنچە قاتتىق تۇتۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ تەۋەلىك مەسئۇلىيىتى، پارتىيە، ھۆكۈمەتلەردىكى بىرىنچى قول رەھبەرلەرنىڭ بىرىنچى مەسئۇل كىشىلىك مەسئۇلىيىتى، ئىش تەقسماتى بويىچە مەسئۇل بولىدىغان رەھبەرلەرنىڭ بىۋاسىتە مەسئۇلىيىتى، ئورۇنلارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى، ساھە، تارماقلارنىڭ ئاساسلىق باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى، ئائىلە ۋە شەخسلەرنىڭ ئۆزىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەرىجىمۇدەرىجە تۇتۇش، قاتلاممۇقاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈگىتىپ، بىر قېتىمدىلا ئۈزۈل - كېسىل تاماملاپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، قاراڭغۇ رايون قالدۇرماسلىق، قاراڭغۇ بۇلۇڭ قالدۇرماسلىق، بوشلۇق قالدۇرماسلىقنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. روشەن يۆنىلىش تۇرغۇزۇپ، ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغانلارنى تەقدىرلەپ، مۇكاپاتلاپ، دادىل ئىشلىتىش؛ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالمىغان، قىلىدىغاننى قىلمىغان، ئىستىلى تۇراقسىز، خىزمەتتە كۆپتۈرمىچىلىك قىلغان، يۈزەكى ئىشلەپ مەسئۇلىيەتتىن قاچقان، مەسئۇلىيەتنى بىر - بىرىگە ئىتتىرىپ قۇرۇق تالاش - تارتىش قىلغانلارغا قارىتا، ئىنتىزام بويىچە، قانۇن بويىچە كەسكىن تۈردە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈپ، جاۋابكارلىققا تارتىپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى چوڭ جەڭدە، چوڭ سىناقتا ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە، لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.